yawoz يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 11:05:34

ئۇيغۇرھاپىزلىرى ۋەشىرئەلى جۇرايىف


مەن ئەدەبىيات ياكىمەدەنيەت تەتتىقاتچىسى ئەمەس .ئەمما بۇقىتىم شىرئەلى جۇرايىفنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاندىن كىين 2004يىلدىكى ئىشلار ئىسىمگە كەلدى .  مەن يەركەنتكە قايتدىغان چاغدا شىرئەلى ج نىڭ دىسكىسىنى سىتۋالدىم دادام ئاڭلامدىكىن دەپ'



ئۇيگە قايتقان كىين تاغاملارمۇ كەلدى مەن دىسكىنى قۇيۇپ باقتىم تاغام بىرئاڭلاپلا بۇئادەم ھاپىزكەنغۇ ياش ۋاقتىمىزدا كىچىلەپ ئۇخلىماي ھاپىزلارنىڭ ناىسىنى ئاڭلايتۇق  تاغام ياش ۋاختىدا خۇتەندە دىننى بىلىم ئۇگەنگەن ئىدى  



بىر نەچچە كۇندىن كىيىن تاغام ئۇز ياش قۇرامىدىكى بىرنەچچە كىشى بىلەن بىللە كەپتۇ ،شۇ دىسكىنى قۇيۇپ بىرشنى تەلەپ قىلدى قۇيۇپ بەردىم  ئۇلار ھەممىسى ھاياجانلىنىپ بۇرۇنقى ئەنجاندىن كەلگەن ياكى شۇ ئەتراپتىكى ھاپىزلارنى سۇزلەپ ئوتۇشتى بەزىلىرى ھازىرمۇ ھايات ئىكەن .



كىين  دادامنى بىر يىراق تۇققىنى تۇگەپ كەتتى سەھردە بىللە باردىم  پۇلۇ ييلگەندىن كىيىن  ساقاللىرغا ئاق ئارلىغان بىر كىشى قەسىدىنى باشلىدى



قەسىدىسنى تۇت مىسرا ئوقۇشىغا ئىمام تاقەت قىلالماي دۇئاسىنى باشلىۋەتتى قەسىنىڭ شەكلى ئۇسلۇبى شىرئەلى جۇرايىغنىڭكىگە ئوپمۇ ئۇخشاش ئىدى .



دادامدىن ئۇنىمە ئادەم دەپ سۇرسام مەلۇم سۇپى .ىشانلارنىڭ مھھىپدىن ئىكەن .دادامنىڭ مەرھۇم تۇققىنۇ شۇلار نىڭ مۇخلىسرىدىن  ئىكەن .



ئەمما ھازىرقى ئىمام دىنى زاتلار بۇنداق سۇپى ئىشانلارنى ياختۇرماۇدىغاندەك قىلىدۇ ،مەللىمىزنىڭ ئۇلماسى پاراڭ ئارلقدا بۇ ئىشلارنى بىدئەد دىدى .



  



  



بۇتىمىنى يىزىشتىكى مەخسەت  ئۇيغۇرلاردا ھاپىزلار ھازىرغىچە مەۋجۇت بۇلسىمۇ( يەكەن خۇتەنلەردە )لىكىن سەنئەت پەللىسىگە كۆتۇرۇلمىگەن ،



بۇ ھەقتە بىر پارچە تەتتىقات  ۋەماقالەرنىمۇ كۆرۇپ  باقمىدىم . تەتتىقات جەھەتتە بۇشلۇقمۇ قانداق دىگەنلەردىن  ئىبارەت .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 20:28:09


سىز بۇ ھەقتە خېلى ئىزدىنىپسىز، كىچىكىمىزدە ھېيتگاھتا پۈتۈن- پۈتۈن جەڭنامىلەرنى سۆزلەيدىغانلار پات- پات پەيدا بولاتتى. بىز « مەدداھ» دەپ ئاتايتتۇق...



مەدداھلىق بىلەن ھاپىزلىق بىرمۇ ئايرىممۇ؟

yasin88 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 21:43:41


خوتەندىمۇ بولىدىغان بىر - ئىككىسى ، بىراق بىر نەچچە يىل بوپ قالدى ئۇ كىشىلەرنىمۇ كۆرمىگىلى !



شاھ مۇھەممەد (شامەممەت)   دەپ بىر ئاكىمىز بولىدىغان ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئاڭلاڭمەنغۇ !



بىر ۋاقىتتا ، شۇ شامەممەت  دىگەن ئاكىمىزنى  باش پىرسۇناژ قىلىپ بىر سەنئەت پىلىمىنى كۆرگەن يادىمدا ، شۇنىڭغا قاراپ ئۇ كىشىنى خېلى داڭقى بار كىشىكەن دەپ ئويلىغانتىم !



مەندە بىر سىن ھۆججىتى بولىدىغان ، كۆرۈشنى خالايدىغانلار بولسا يوللاپ قوياتتىم !

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-5-4 21:33:55

ئىمتىياز كۆرىشى مەۋجۇت.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 17:20:52

yasin88 يوللىغان ۋاقتى  2011-6-5 21:43 static/image/common/back.gif
خوتەندىمۇ بولىدىغان بىر - ئىككىسى ، بىراق بىر نەچچە يى ...

بولسا كورۇپ باقساق
ئېمايلىم:
qq.com@1770979785

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 17:24:54

ئۇيغۇرلاردا ھاپىزلار ھازىرغىچە مەۋجۇت بۇلسىمۇ( يەكەن خۇتەنلەردە )لىكىن سەنئەت پەللىسىگە كۆتۇرۇلمىگەن .....
..........................................................................................................................................................................

ئەلۋەتتە سەنئەت دەرىجىسگە كۆتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى دەل تەسەۋۋۇف ئەقىدىسىنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 20:35:33

باشقۇرغۇچىلار      ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىننى ناخشا-مۇزىكىلىرى دىگەن يازمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسا ، شۇ يازمىدا خىلى تەپسىلى بايان قىلىغان ئىدى
بەت: [1]
: ئۇيغۇرھاپىزلىرى ۋەشىرئەلى جۇرايىف