tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-6-4 10:25:54

«ئاياللار يېزىقچىلىقى» نىڭ سېھرى كۈچى نەدە؟


«ئاياللار يېزىقچىلىقى» نىڭ سېھرى كۈچى نەدە؟



جياڭ يۆ



ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئاياللار ئوبرازىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، يەنى سەزگۈسى، بەدىنى، بوشلۇق ئېڭى قاتارلىقلار تەبىئىي ھالدا ئەكس ئەتكەن بولىدۇ. نۇرغۇن ئايال يازغۇچى ئاياللىق تەبىئىتىگە خاس ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئەدەبىي تالانتى ئارقىلىق ئوقۇرمەننى قايىل قىلىپ كەلدى. بۇ تېمىنىڭ كۈنسېرى قىزىشىغا ئەگىشىپ، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەتتە قانداق قىلغاندا ‹‹ئايال›› تېمىسىنى ياخشى يورۇتۇش ئەدەبىي ئىجادىيەت مەنزىلىمىزدىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. ئەگەر ئەڭ دەسلەپكى ‹‹بەدەن يېزىقچىلىقى››دا ئاياللار بەدىنىگە بولغان ئويغىنىش ۋە تەپەككۇر رەڭدارلىققا ئىگە بولغان دېسەك، بەدەن ۋە سۆيگۈ – ھەۋەس ئازادلىقى ئېستېتىكا ساھەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە بايان قىلىندى. كېيىن ‹‹بەدەن يېزىقچىلىقى›› ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان، بەدەننى يۈرەكلىك تەسۋىرلەشكە تەرەققىي قىلىپ، ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ‹‹كېيىنكى مودېرنىزم››نىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ئەمما بۇنىڭدا ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشلا مەقسەت قىلىنىپ، ئويغىنىشتىكى رەڭدارلىق بەربات قىلىندى. تاكى بۈگۈنگە قەدەر، بۇنداق‹‹گۈزەللەشتۈرۈش›› بارغانسېرى يېڭىلىنىپ، ھەتتا ئېغىرلىشىپ كەتتى. ئۆز پەيزىنى يوقاتقان ‹‹بەدەن يېزىقچىلىقى››دىن ئىبارەت بۇ زەنجىرنى ئۈزۈۋېتىشكە ھەم كىشەنلەپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ ئېستېتىكا جەھەتتىكى ئازادلىقى جەمئىيەت تارىخىدىكى ئازادلىقنىڭ نۇر قايتۇرۇشىدۇر.



     ماركس: ‹‹جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئارقىلىق ئۆلچىگىلى بولىدۇ›› دېگەن ئىدى. ئەدەبىيات تارىخىدا ئادەمنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان ئاياللار ئوبرازى ئۇلارنىڭ تاشقى گۈزەللىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى قەلب گۈزەللىكى بىلەن ئادەمنى جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. ماركس ‹‹بايانلىرىم›› دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە، ئاياللاردىكى ئەڭ قىممەتلىك پەزىلەتنى يىغىنچاقلاپ ‹‹نازۇك›› دەپ ئاتىغان. بۇنداق ‹‹نازۇك››لۇققا ئاياللارنىڭ مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل ئىچكى تەبىئىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ ‹‹ئاياللىشىش››نىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ گۈزەل روھىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. ئاياللارنىڭ ‹‹نازۇك››لۇقىدىكى ئېسىل پەزىلەتلەرنى قەدىرلەش – قەدىرلىمەسلىكنى جەمئىيەتنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى دەڭسەشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››دا ‹‹تۆمۈر خوتۇن›› دېگەن گەپ ھەممىلا جايدا ئەۋج ئالدى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو جەمئىيىتى كېسەل ۋە ئاپەت گىردابىغا بېرىپ قالدى. ئەمما يېڭى دەۋرنىڭ باشلىرىدا ليۇ شىنۋۇنىڭ ‹‹سىنىپ مۇدىرى›› دېگەن ئەسىرىدىكى پېرسوناژ شى خۇيمىڭنىڭ ‹‹قىزىل كىيىمنى ئەمەس، قورالنى سۆيىمەن›› دېگەن سۆزى بۇ دەۋر بىلەن خوشلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرسە، تيې يىڭنىڭ ‹‹تۈگمىسى يوق قىزىل كوپتا››دېگەن ئەسىرىدە ئاياللار تەدرىجىي ھالدا ‹‹غەيرىي ئاياللىشىش›› دەۋرىگە قەدەم باسقانلىقى، جۇڭگو جەمئىيىتىمۇ نورمال ھالەتكە قايتىشقا باشلىغانلىقى ئەكس ئەتتى.



     ئاياللارنىڭ گۈزەل قەلبكە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكى ئەسەرنىڭ سېھرىي كۈچكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى مۇھىم ئۆلچەمدۇر. ئايال يازغۇچى ۋاڭ ئەنيى ‹‹<ئاياللىشىش> ئىنتايىن ياخشى ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ بولسىمۇ <نازۇكلۇق>. ئەمەلىيەتتە، ئەڭ ياخشى ئەر يازغۇچىلارمۇ <ئاياللىشىش>تىن ئىبارەت نازۇكلۇقنى ھازىرلىشى كېرەك. بۇنداق نازۇكلۇق ناھايىتى ئىللىق ھېسسىيات بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ يېقىملىق دېگەن ئۇقۇمغا ئوخشاشمايدۇ. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ياخشى يازغۇچىلار بۇنداق ھېسسىياتنى ھازىرلىغان بولىدۇ››دەپ قارايدۇ. ئۇ دەۋاتقان ‹‹نازۇك›› لۇق بىلەن ماركس ئېيتقان ‹‹نازۇك››لۇق بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، ھەممىسى ئادەملەرگە بولغان چىن سۆيگۈ ۋە دوستانە ھېسسىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئايال يازغۇچىلار ‹‹مۇلايىملىق››تىن ئىبارەت تەبىئىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولسىمۇ، بىراق ھەممە ئايال يازغۇچى بۇنداق ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنالمايدۇ. ئايال يازغۇچىلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئاياللارغا بولغان ماددىيلاشتۇرۇشى ۋە بېسىمىنى رەت قىلىش جەريانىدا، تەدرىجىي ھالدا گۈزەل روھىنى نامايان قىلىپ، ئاياللارنىڭ ‹‹بەدىنى››گە بولغان سەزگۈسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندا ھەقىقىي مەنىدىكى ‹‹ئاياللار يېزىقچىلىقى››نى ياراتقىلى بولىدۇ.



     يەنە بىر جەھەتتىن، ئىككى جىنىسنىڭ قارشىلىشىشىدىن ئىبارەت رادىكال ئاڭنى ئاساس قىلىپ، ‹‹ئاياللار››نى ھەددىدىن ئارتۇق تەكىتلەشمۇ ‹‹ئاياللار يېزىقچىلىقى››دىكى ناتوغرا ئۇسۇلدۇر. ‹‹ئادەم›› دېگەن سۆز ‹‹ئايال›› دېگەن سۆزدىن تېخىمۇ مۇھىم. ئەر ۋە ئايال قوشۇلغاندا مۇكەممەل ئادەم بولىدۇ. شائىرە لى چىڭچاۋ ئاياللار ھىدى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان نۇرغۇن سىلىق – سىپايە مىسرالارنى پۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما ‹‹ئەزىمەت بولغۇلۇق ھاياتلىقىدا، پەھلىۋان بولغۇلۇق ھەتتا پانىدا›› دېگەنگە ئوخشاش ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ئېيتىلىپ كەلگەن كۆتۈرەڭگۈ روھتىكى شېئىرلارنىمۇ قالدۇرغان. ئەرلەرنى ئاياللارنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىدىن تەپەككۇر قىلغاندىلا، ئەرلەرنى بېسىپ چۈشكىدەك ئېسىل ئەسەرلەرنى يازغىلى بولىدۇ. ئەر – ئايالدىن ئىبارەت ئىنساننىڭ قەلب دۇنياسىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەندىلا، بىمالال، ئەركىن ئىجاد قىلغىلى بولىدۇ. ئىقتىساد، مەدەنىيەت يەر شارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاياللىق ئېڭىغا ئىنسانىيەت ئېڭى ئارقىلىق قوماندانلىق قىلىش، ئاياللىق ئىلمىنى ئىنسانشۇناسلىق ئىلمى بىلەن كۆزىتىش، ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ، ئالاقە ۋە ئۆزئارا تولۇقلاشنى كۈچەيتىش، ئادەملەرنى ئەركىن، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاخىرقى نىشانغا ئورتاق ئىلگىرىلەش دەۋرنىڭ ‹‹ئاياللار يېزىقچىلىقى››غا قويىدىغان يېڭى مەنىدىكى چاقىرىقى. ‹‹ئادەم››نى ‹‹ئايال›› دىن ھالقىپ ياخشى تەسۋىرلىگەندىلا ‹‹ئاياللار››نى ھەقىقىي مەنىدە ياخشى تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ.



     ‹‹ئاياللار يېزىقچىلىقى››نىڭ مەۋجۇت بولۇشى بىلەن تەرەققىي قىلىشىنى ئاياللار كۆزدە تۇتۇلغان گۈزەللىكنى كۆزىتىش نۇقتىسىنى چوڭقۇر قېزىش ۋە ئاياللاردىن ئىبارەت يەككە جىنىستىن ئۈزلۈكسىز ھالقىش بەلگىلەيدۇ. ‹‹ئاياللار نازۇك بولسىمۇ، لېكىن دۇنيادا ئۇلار يېڭەلمەيدىغان قىيىنچىلىق يوق››دېگەن سۆزدە ئاياللارنىڭ سۆيگۈ – مۇھەببەتكە بولغان ‹‹نازۇك››لۇقلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. مانا بۇ ‹‹ئاياللار يېزىقچىلىقى››نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىدا تايىنىدىغان ئاساس. ‹‹ئاياللار يېزىقچىلىقى››نىڭ تۇيۇق يولدىن چىقىپ، ئۇششاق تەبىئىي تۇرمۇش ئېلمېنتلىرى، نازۇك، ئۆزگىچە بەدىئىي سېزىم ۋە ئېستېتىكىلىق كۆزىتىش نۇقتىسى ئارقىلىق كونا يۇرت – ماكانلارنى يېڭىلاپ، يېڭىچە ئىنسانىي تۇيغۇلارنى پارلىتىش بەلكىم بىز كۈتكەن ‹‹ئاياللار يېزىقچىلىقى›› بولسا كېرەك.



     ‹‹خەلق گېزىتى››دىن شۆھرەت مۇھەممىدى تەرجىمىسى



شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 10:31:14


نىمە بۇ ؟ ...زادى مۇشۇ شىنجاڭ گېزىتىنى سامسا يۆگەپ ساتسىلا بولىدۇ ...

company يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 13:33:29




دىمىسىمۇ ئالامەت تىتىقسىز ، لاۋزا . سامسا يۆگىسە سامسىنىڭ تەمىنىمۇ لاۋزا قىلىۋىتەمدىكى دەيمەن .



تىمىدا دىيىلگىنى ، ئاياللار يىزىقچىلىقىمۇ يەنى ئاپتورى ئايال بولغان ئەسەرلەرنى كۆزدە تۇتامدۇ ياكى ئاياللار تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەر كۆزدە تۇتىلىۋاتامدۇ ؟ ئىنىق ئەمەس ، تۇرۇپ ئاياللارنىڭ جەمىيەتتكى ھوقوقى ، يىزىقچىلىقتىكى ئاياللار تەسۋىرى ، تۇرۇپ جەمىيەتنىڭ مەدەنىيەتلىشىشى يىزىلغان ، ئالتە يەردىن يەتتە كۆكلەپتۇ دىگەندەك ، جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە جۆۋەندىزىم .



بىرەر تىرىم ئۇنۋان ئۇچۇن ، يازاي دىسە قورساقتىكى ئۇماچىنىڭ تاينى يوق ، ئۇنىڭدىن – بۇنىڭدىن كۆچۇرۇپ . چاپلاپ دىگەندەك ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك بىر نىمىلەرنى يىزىپ ، ئۆزنىڭ مۇناسىۋىتى ياكى پارىسىغا تاينىپ چىقارمىسا ، قايسى گىزىت قوبۇل قىلىدۇ دەيسىز .

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-6-6 09:08:01


نەقىل


  



  دىمىسىمۇ ئالامەت تىتىقسىز ، لاۋزا . سامسا يۆگىسە سامسىنىڭ تەمىنىمۇ لاۋزا قىلىۋىتەمدىكى دەيمەن .



  تىمىدا دىيىلگىنى ، ئاياللار يىزىقچىلىقىمۇ يەنى ئاپتورى ئايال بولغان ئەسەرلەرنى كۆزدە تۇتامدۇ ياكى ئاياللار تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەر كۆزدە تۇتىلىۋاتامدۇ ؟ ئىنىق ئەمەس ، تۇرۇپ ئاياللارنىڭ جەمىيەتتكى ھوقوقى ، يىزىقچىلىقتىكى ئاياللار تەسۋىرى ، تۇرۇپ جەمىيەتنىڭ مەدەنىيەتلىشىشى يىزىلغان ، ئالتە يەردىن يەتتە كۆكلەپتۇ دىگەندەك ، جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە جۆۋەندىزىم .



   بىرەر تىرىم ئۇنۋان ئۇچۇن ، يازاي دىسە قورساقتىكى ئۇماچىنىڭ تاينى يوق ، ئۇنىڭدىن – بۇنىڭدىن كۆچۇرۇپ . چاپلاپ دىگەندەك ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك بىر نىمىلەرنى يىزىپ ، ئۆزنىڭ مۇناسىۋىتى ياكى پارىسىغا تاينىپ چىقارمىسا ، قايسى گىزىت قوبۇل قىلىدۇ دەيسىز .



   



  ئەسەردە ئالاھىدە تىرناق ئىچىگە ئېلىنىپ ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېزىلىشىدىن قانداق مەقسەتنى ئىپادىلىمەكچى بولغىنىنى بىلىپ يەتمەك تەس ئەمەس! تەرجىمانغىمۇ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان جاي كەم چېغىدۇر بەلكىم! گېزىتلا ئەمەس ھەتتا ژورنالغىمۇ چىقىدىغان ئەسەرلەر تونۇشلارنىڭ يۈزى بىلەن چىقىۋاتىدۇ مۇشۇ كۈنلەردە... بىر قانچە نوپۇزلۇق گېزىت- ژورنالدىن باشقىسى.


بەت: [1]
: «ئاياللار يېزىقچىلىقى» نىڭ سېھرى كۈچى نەدە؟