tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-6-4 09:50:47

‹‹مەشرەپ››تىكى خەلقچىللىق روھ


‹‹مەشرەپ››تىكى خەلقچىللىق روھ



يۇرت – يۇرتلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى مەشرەپلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مەشرەپلرىمىز كىشىلەرگە ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى سۆيۈشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ يەنە خەلق ئىچىدىكى نىزا – ئادەۋەتلەرنى يۇيۇپ، ئاممىنى ئىناقلىققا، باياشاتلىققا، بەخت – سائادەتكە ئۈندەيدۇ. تېكىستىنى دراماتورگ ۋە شائىر مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىي يازغان، مۇزىكىسىنى ئابلەت ئابلىكىم ئىشىلىگەن، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئېيتقان ‹‹مەشرەپ›› ناملىق ناخشىدىمۇ يۈكسەك خەلقچىللىق روھ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، بۇنى ئىككى نۇقتىدىن بايقاش مۇمكىن:



    بىرىنچى، مۇزىكىدىكى خەلقچىللىق روھ.



     1) مۇزىكىلىق قۇرۇلما جەھەتتىن ئېيتقاندا، مۇزىكا بەش ئۆزگىرىشتىن تەشكىل تاپقان. بۇنى ئادەتتىكى ناخشىلاردىكى مۇزىكىلىق قۇرۇلمىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۆزگىرىشى مۇرەككەپ، دېيىشكە بولىدۇ. ناخشىنىڭ بىرىنچى بېيىتىدا ئىككى ئۆزگىرىش بار. بىرى، مۇقەددىمە قىسمىدا مۇزىكىلىق قۇرۇلما ئون ئىككى مۇقامنىڭ مۇقەددىمە قىسىملىرىغا تەقلىد قىلىنغان. يەنە بىر قىسىمىغا خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئاھاڭلىرى (ناخشىلىرى) نىڭ پۇرىقى سىڭدۈرۈلگەن.



    ئانا يۇرتۇم ئارا تۆھپە،



    مىراسى بىباھا مەشرەپ،



    بوغۇلغان دەم – نەپەسلەرگە



    شىپالىق، ساپ ھاۋا مەشرەپ.



    ناخشىنىڭ بۇ بۆلىكىدە ئەنئەنىۋى كۈيلىرىمىزدىكى يەڭگىل، ئەۋرىشىم بولۇشتەك مېلودىيەلىك ئالاھىدىلىك ئەكس ئەتكەن بولۇپ، مىللىيلىك ۋە خەلقچىللىق روھ بىلەن سۇغىرىلغان.



    كامالەت تاپتى قوينۇڭدا



    مۇقام، ئەلنەغمە، جانبازلىق،



    ئەزەلدىن زاتى ئۇيغۇرغا



    ئىجازەتسىز راۋا مەشرەپ.



    ناخشىنىڭ بۇ بۆلىكىدىكى مۇزىكىلىق قۇرۇلما ۋە ئاھاڭ بىرىنچى بۆلەكنىڭ ئىككىنچى ئۆزگىرىشىنىڭ داۋامى ۋە سەل ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن قىسمى بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا ئەنئەنىۋى كۈيلىرىمىزدىكى يەڭگىللىك، ئەۋرىشىملىك ئىپادىسىنى تاپقان.



    بېغى سەن قان – قېرىنداشلىق،



    ئىناقلىق، جان كۆيەرلىكنىڭ،



    ھوسۇل بەھرىڭ ئاداۋەتلىك،



    جاراھەتكە داۋا مەشرەپ.



    ناخشىنىڭ بۇ قىسمىدىكى مۇزىكىلىق قۇرۇلما ۋە ئاھاڭ خەلق ناخشىلىرىمىزنىڭ رىتىمى تېز ۋە شوخ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلاشقان.



    يەنە سەن كاتتا سەيناسى



    ئۇلۇغ ئىنسانىي خىسلەتنىڭ،



    سېنىڭدە ئەنئەنە رەسمىي



    يوسۇن، شەرمىي – ھايا مەشرەپ.







    يەنە يۈكسەل، قۇياشتەك



    پارلىسۇن پاك روھى مىللەتنىڭ،



    باغاش ئەتسۇن بۇ ئالەمنى



    ئېسىل نەغمە – ناۋا مەشرەپ.





    ناخشىنىڭ تۆتىنچى ۋە بەشىنچى بۆلىكىدىكى مۇزىكىلىق قۇرۇلما ناخشىنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىدىكى مۇزىكىلىق قۇرۇلمىغا قارىغاندا رىتىمى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ شوخ، تېخىمۇ ئويناق بولۇشتەك ئۆزگىچىلىك ھاسىل قىلغان.



    2) مۇزىكىلىق چالغۇ ۋە ئاكورتلاشتۇرۇش جەھەتتىن ئېيتقاندا، پۈتۈن مۇزىكىنىڭ ئومۇمىي مېلودىيەسى ئېلېكتىرونلۇق چالغۇلار بىلەن مىللىي چالغۇلارنىڭ زىچ بىرلىشىشىدە ھاسىل بولغان. بولۇپمۇ دولان راۋابىنىڭ سېھرىي كۈچى بەكرەك نامايان قىلىنغان. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ ‹‹مەشرەپ›› ناملىق ناخشىنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسىنى خەلق ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسىغا بەكرەك يېقىنلاشقان، مىللىيلىك بىلەن خەلقچىللىق بەكرەك ئەكس ئەتكەن، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ناخشىنىڭ يۈرەكنىھاياجانغا سالىدىغان مۇزىكىلىق بىرىكمىسىدىن تىڭشىغۇچى ئۆزىنى خۇددى دولان مۇقامىنى ئاڭلاۋاتقاندەك، دولان خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ.



    دېمەك، ‹‹مەشرەپ›› ناملىق بۇ ناخشىنى مۇزىكىلىق قۇرۇلما، ئاكورتلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش ئۇسلۇبى، ئورۇنلاش سەنئىتى جەھەتتىن خەلققە سۇنۇلغان ئۆلمەس مەنىۋى سوۋغا دېيىشكە بولىدۇ.



    ئىككىنچى، تېكىستتىكى خەلقچىللىق روھ.



    1) تېكىستنىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىدىن ئېيتقاندا، بەش بېيتتىن تەشكىل تاپقان بۇ تېكست ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ غەزەل شەكلىدە يېزىلغان. غەزەلنىڭ ئاھاڭدارلىقى، لىرىكىلىقى باشقا شېئىرىي شەكىللىرىگە قارىغاندا ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مۇزىكا بىرلەشسە، ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ. دېمەك، شېئىرىيتىمىزنىڭ غەزەل شەكلى ‹‹مەشرەپ›› ناملىق ناخشىنىڭ سېھرىي قۇدرىتىنى نامايان قىلىشتا مەلۇم رول ئوينىغان. ئۇنىڭدىكى شېئىرىي شەكىل، ۋەزىن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ ‹‹مەشرەپ›› تە يۈكسەك مىللىيلىك ۋە خەلقچىللىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.





    2) تېكىستنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىدىن ئېيتقاندا، مىللىيلىك بىلەن خەلقچىللىق تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان مەشرەپنىڭ خەلقىمىز قەلبىدىكى ئورنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، شۇنداقلا ‹‹ئۇيغۇر بار يەردە مەشرەپ بار، مەشرەپ بار يەردە ئۇيغۇر بار›› دېگەن ھەقىقەت تېخىمۇ نامايان قىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ مەشرەپنى ئۇلۇغلاش، مەشرەپنى قوغداش ۋە مەشرەپنى سۆيۈش ئىرادىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بولۇپمۇ مەشرەپنىڭ مېھرىبانلىق، ۋاپادارلىق، ئىلىم – مەرىپەت، قائىدە – يوسۇن، ئەدەپ – ئەخلاق ئۆگىتىدىغان مەكتەپ ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنى ئىناقلىققا، باراۋەرلىككە، سەمىمىيلىككە، چىن ئىنسانىي خىسلەتكە ئۈندەيدىغان مەشئەل ئىكەنلىكى ئوبرازلىق، ئىخچام يورۇتۇلغان.





    ناخشىنىڭ بەشىنچى بېيىتىدا شائىر تولۇپ – تاشقان ھاياجان بىلەن مەشرەپنىڭ مىللەتنىڭ يۈزىنى خۇددى قۇياشتەك يورۇق قىلىدىغان سېھرىي قۇدرىتىگە، ئۇنىڭ ئاجايىپ خىسلىتىگە مەدھىيە ئوقۇپ، مەشرەپنىڭ خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ جۇلالىشىنى، ئۆچمەس يۇلتۇزدەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان. مەسىلەن:



    يەنە يۈكسەل، قۇياشتەك



    پارلىسۇن پاك روھى مىللەتنىڭ،



    باغاش ئەتسۇن بۇ ئالەمنى



    ئېسىل نەغمە – ناۋا مەشرەپ.



    ئومۇمەن، ‹‹مەشرەپ›› ناملىق بۇ ناخشىدا خەلقىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى بىلەن چەمبەرچاس بىرىكىپ كەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىباھا ئەڭگۈشتەرىمىز ‹‹مەشرەپ››نىڭ ھاياتىي كۈچىگە مەدھىيە ئوقۇلۇپ، ئۇنىڭ سېھرىي كارامىتى كۈيلەنگەن.



ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر


شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 20:31:51


مەشرەپ پروگراممىسى ھەققىدە تەكلىپ- پىكىر بارمىكىن دېسەم \"smiley\"

بەت: [1]
: ‹‹مەشرەپ››تىكى خەلقچىللىق روھ