tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-6-3 11:59:41

تەكلىماكان نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا


تەكلىماكان نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا





ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل





«تەكلىماكان» تارىم ئويمانلىقىدىكى چوڭ قۇملۇقنىڭ نامى بولۇپ، بۇ قۇملۇق سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىن قالسىلا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمى كۆلۈمى (ئەتراپىدىكى پارچە قۇملۇقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندا) 337 كۋادرات كېلومېتىربولۇپ، مەملىكىتىمىزئومۇمى قۇملۇقىنىڭ 60% تىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن ئاقما قۇملۇق كۆلۈمى 277 كۋادرات كېلومېتىربولۇپ، مەملىكىتىمىزئومۇمى قۇملۇقىنىڭ %50 تىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ قۇملۇقنىڭ نامى «تەكلىماكان» ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا ھەر خىل قاراشلار بار. بىر قەدەر بىرلىككە كەلگىنى ۋە ئومۇملاشقىنى: بۇ جاي ئەسلىدە بۈك- باراقسان تەبىئى بوستانلىق بولۇپ، قەدىمقى دەۋىردە بۇ يەردە گۈللەنگەن، ئاۋات شەھەرلەر بولغان. كېيىن قۇم ئاپىتى تۈپەيلى، كىشىلەر بۇ يەرلەرنى تاشلاپ كېتىپ، شەھەرلەرنى قۇم بېسىپ كەتكەن. شۇڭا بۇ يەر «تىگى- تەكتى يۇرت- ماكان» دېگەن مەنىدە «تەكتى ماكان» دەپ ئاتىلىپ كېيىنچە فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساپ «تەكلىماكان» بولۇپ قالغان، دېگەن قاراش.

لېكىن ھەرقايسى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ تارىخى خاتىرىلەر ۋە تارىخى ماتېرىياللارنى ۋاراقلايدىغان بولساق، بۇ قۇملۇقنىڭ نامى «تەكلىماكان» توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق. خەن دەۋرىدىن بۇيانقى تارىخى خاتىرىلەرنىڭ غەربى دىيار توغرىسىدىكى بايانلار باپلىرىدا، تارىم ۋادىسى، جۈملىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرى قىسمىدىكى شەھەر- راباتلار توغرىسىدا بىر قاتار مەلۇماتلار بېرىلگەن، ئايرىم تارىخى خاتىرىلەردە بۇ يەردە قۇملۇقنىڭ بارلىقى توغرىدا ئازىراقلا مەلۇمات بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ قۇملۇقنىڭ نامى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. غەربى يۇرت توغرىسىدىكى خەرىتىلىك تەزكىرىلەردە تارىم ۋادىسىدىكى تاغلار، دەريا- ئېقىنلار، شەھەرلەر خەرىتىگە ئېلىنغان بولسىمۇ، بۇ قۇملۇق خەرىتىگە ئېلىنمىغان. خەن دەۋرىدىكى سەيياھ جاڭچەن غەربى دىيارغا ئىككىنچى قېتىم ئەلچىلىككە كەلگەندە، تۆت مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بېلەن بۇ قۇملۇقتىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئاران تۆت يۈزگە يېقىن كىشى ھايات چىقالىغان. تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن سەيياھ شۈئەن زاڭ بۇ قۇملۇق ئەتراپى ۋە قۇملۇق ئىچكىرىسىدىكى ھەرقايسى شەھەر- راباتلارنى كېزىپ چىققان. ماركىپولو جۇڭگۇغا قىلغان سەپىرىدە بۇ قۇملۇقتىن ئۆتكەن. لېكىن ئۇلار بۇقۇملۇقنىڭ ئىسمى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرمىغان. يوقارقىلاردىن باشقا يەنە ئاز بولمىغان سەيياھلار بۇ قۇملۇقنى كۆرگەن ياكى كېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسىنىڭ خاتىرىسىدە «تەكلىمان قۇملۇقى» دېگەن ئىسىم ئۇچرىمايدۇ. ھەتتا مەخمۇت قەشقىرىئىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدىمۇ بۇ قۇملۇق توغرۇلۇق مەلۇمات يوق. ئۇ سىزىپ چىققان خەرىتىدە قۇملۇق ئورنى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئىسمى يېزىلمىغان. بىرقانچە جايدىكى زور قۇم دۆۋىلىرى (قۇم تاغ)نىڭ نامى ئىزاھلانغان بولسىمۇ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ نامى ئىزاھلانمىغان. فېڭ چېڭجۈن 1930- يىلى تۈزگەن «غەربى دىيار يەر ناملىرى» ناملىق كىتابتا: ، تاكلا ماكان تاكلاماكان، تۈرۈكچە قۇم دېڭىزى، شىنجاڭدىكى چوڭ چۆلنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئىزاھلىغان. بۇ كىتاپتا، نۇرغۇن يەر ناملىرىنىڭ ھەرقايسى تارىخى خاتىرىلەر ۋە تارىخى كىتاپلاردىكى ھەرخىل ئاتىلىشى ئىزاھلانغان بولسىمۇ، تەكلىماكان سۆزىنىڭ تارىخى خاتىرىلەردىكى ئاتىلىشى ئىزاھلانمىغان. بۇنىڭدىن بۇ ئىسىمنىڭ يېقىنقى دەۋىردە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ.

ئۇنداقتا، «تەكلىماكان» دېگەن بۇ ئىسىم قايسى دەۋىرلەردە بارلىققا كەلگەن؟ بۇ مەسىلىدە يەنىلا «تەكلىماكان» دېگەن ئىسىم تۇنجى بولۇپ تىلغا ئېلىنغان كىتاپقا مۇراجەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شىۋىتسىيىلىك مەشھۇر ئېكىسپىدىتسىيىچى دوكتور سېۋىن ھېدىن 1893- يىلىدىن 1896- يىلىغىچە تارىم ۋادىسىنى مەزكەز قىلىپ كەڭ كۆلەملىك ئېكىسپىدىتسىيە پا’ئالىيىتى ئېلىپ باردى. ئۇ غەربى دىيار ئېكىسپىدىتسىيىسىدىن كېيىن يازغان ئەسەرلىرىدە «يىپەك يولى» دېگەن ئاتالغۇنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە «تەكلىماكان» دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئالدى ھەم شۇ نام بېلەن خەرىتىگە كىرگۈزدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ چوڭ قۇملۇق «تەكلىماكان قۇملۇقى» دەپ ئاتالدى. شۇنىمۇ ئىزاھلاپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، سېۋىن ھېدىندىن ئىلگىرى، يەنى 1870 – 1873- يىللىرى، 1876 – 1877- يىللىرى، 1879 – 1880- يىللىرى ۋە 1883 – 1885- يىللىرى جۇڭگۇغا تۆت قېتىم كېلىپ ئېكىسپىدىتسىيە ئېلىپ بارغان روسىيىلىك مەشھۇر ئېكىسپىدىتسىيىچى پېرزھىۋالىسكىنىڭ كېيىنكى 3 قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيىسى تارىم ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئۇ ئۆز خاتىرىلىرى ۋە ئەسەرلىرىدە «تەكلىماكان» دېگەن ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان. ئۇنداقتا، سېۋىن ھېدىن نېمىگە ئاساسەن بۇ ئىسىمنى ئوتتۇرىغا قويغان؟ گەرچە سېۋىن ھېدىن بۇ قۇملۇقنى «تەكلىماكان» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، بۇ ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن. سېۋىن ھېدىننىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئېكىسپىدىتسىيە قىلىش جەريانىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئەستايىدىل ئانالىز قىلساق ۋە تەھلىل قىلساق، ئۇ لوپنۇر ۋادىسىدىن چىقىپ، تارىم دەرياسى بويىدىن كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىنى بويلاپ جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ، ھازىرقى دەريابۇيى يېزىسى تەۋەسىگە كەلگەندىن كېيىن «تەكلىماكان» دېگەن ئاتالغۇ پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. شۇنداق بولغان ئىكەن، سېۋىن ھېدىن بۇ ئاتالغۇنى چوقۇم شۇ يەرلىك كىشىلەردىن ئاڭلىغان، شۇڭا بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك كىشىلەر ئارىسىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.

بۇنىڭدىن تەخمىنەن 350-400 يىللار ئىلگىرى كېرىيە بوستانلىقىنىڭ قارلۇق كەنتىدە ياشىغان تەكە جەمەتىدىن ھەمە تەكە بېلەن كېرىيە ناھىيىسىنىڭ جاي كەنتىدە ياشىغان باراق جەمەتىدىن يومۇلاق باراق كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى يايلاقلارنى سېتىۋالغان ۋە ئۇرۇق- تۇققانلىرى، مال- چارۋىلىرىنى كۆچۈرۈپ بېرىپ، بۇ يەردە ماكانلىشىپ چارۋىچىلىق قىلغان. بۇنىڭ بېلەن بۇ يەر «دەريابۇيى» دېگەن نام بېلەن ئاتالغان. ئۇلار كېرىيە دەرياسىنى چېگرا قىلىپ، كېرىيە دەرياسىنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى يايلاقلار يۇمۇلاق باراققا، غەربى تەرىپىدىكى يايلاقلار ھەمە تەكىگە تەۋە بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، دەريابۇيىغا شىمال تەرەپتىن قالماقلار (موڭغۇللار) بېسىپ كېلىپ، بۇلاڭ- تالاڭ قىلغان ۋە ئۇرۇش بولغان. بۇ بۇلاڭ- تالاڭ ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن، بۇ ئىككى جەمەت ئارىسىدا ئېغىر ئىختىلاپ ۋە زىددىيەت پەيدا بولۇپ، تاكى 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىغىچە ئۆز ئارا قۇدىلاشماسلىق، باردى- كەلدى قىلماسلىقتەك يىرىك مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن. سېۋىن ھېدىن كېرىيە دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىنى بويلاپ، باراق جەمەتى ئولتۇراقلاشقان يايلاقلارغا كەلگەن ۋە باراق جەمەتىگە تەۋە «توڭغۇز باستى» يايلىقى ۋە بۇ يايلاقتىكى تەبىئى قومۇچ كۆل ئەتراپىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ يەرلىك كىشىلەردىن (باراق جەمەتىدىكى كىشىلەردىن) كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى قۇملۇقنى كۆرسىتىپ: «ئاۋۇ قۇملۇق قەيەر» دەپ سورىغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭغا «تەكىلەنىڭ ماكانى» دېگەن مەنىدە «تەكىلە ماكانى» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇنىڭ بېلەن سېۋىن ھېدىن لاتىن يېزىقىدا «تاقلە ماكان» دەپ خاتىرىلىۋالغان. ئەسلىدە سېۋىن ھېدىن بۇ چوڭ قۇملۇقنىڭ نامىنى سورىغان، لېكىن تەرجىماننىڭ خاتالىقىمۇ ياكى سوئال ئېنىق سورالمىغانمۇ، ۋە ياكى جاۋاپ بەرگۈچى ئېنىق چۈشەنمىگەنمۇ، ئەيتاۋۇر جاۋاپ بەرگۈچى دەريانىڭ غەربىدىكى يايلاقلارنى نەزەردە تۇتۇپ، «تەكىلە ماكانى» دەپ جاۋاپ بەرگەن. بۇ كىچىككىنە ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن بۇ ئىسىم پۈتكۈل قۇمۇقنىڭ نامى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ، بۇ قۇملۇقنىڭ دۇنياۋى نامى بولۇپ قالغان.

ھازىرقى دەريا بۇيى يېزىسىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا مۇشۇ مەزمۇندىكى رىۋايەت ھېلىھەم ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇلار «تەكلىمان» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت قىلىشىدۇ: بۇرۇنقى زاماندا ئىككى جەمەت ئارىسىدا زىددىيەت بولغاچقا، سىرتتىن كەلگەن كىشىلەر دەريانىڭ غەربىدىكى يايلاق ۋە قۇملۇقنى «ئاۋۇ قەيەر؟» دەپ سورىسا، «تەكىلە ماكانى» دەپ، دەريانىڭ شەرقىدىكى يايلاق ۋە قۇملۇقنى «ئاۋۇ قەيەر؟» دەپ سورىسا «باراقلار ماكانى» دەپ جاۋاپ بىرىشىدىكەن. شۇڭا غەربى تەرەپتىكى قۇملۇق «تەكلىماكان» دەپ ئاتىلىپ قالغان ئىكەن.

خۇلاسە شۇكى، «تەكلىماكان» دېگەن بۇ ئىسىم سېۋىن ھېدىن بېلەن باراق جەمەتىدىن بولغان يەرلىك كىشىلەرنىڭ سۆھبىتى ئارقىلىق، «تەكە جەمەتىنىڭ ماكانى» دېگەن مەنىدە «تەكىلە ماكانى» دەپ ئاتىلىپ، چەتئەل يېزىقىدىكى تەلەپپۇزغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىنىپ «تەكلىماكان» بولۇپ قالغان.

مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى 2010-يىللىق 1-سان

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-4 22:32:51


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئىزدىنىشچان بالىلار . ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا سالام .



[خۇلاسە شۇكى، «تەكلىماكان» دېگەن بۇ ئىسىم سېۋىن ھېدىن بېلەن باراق جەمەتىدىن بولغان يەرلىك كىشىلەرنىڭ سۆھبىتى ئارقىلىق، «تەكە جەمەتىنىڭ ماكانى» دېگەن مەنىدە «تەكىلە ماكانى» دەپ ئاتىلىپ، چەتئەل يېزىقىدىكى تەلەپپۇزغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىنىپ «تەكلىماكان» بولۇپ قالغان.]



پۈتكۈل ماقالە بىكار ، پەقەت مۇشۇ خۇلاسە قىسمىغا قارىساقلا ، ئۇنىڭدىكى بالىلارچە لوگىكا ھەم قارا قۇرساقلىق مانا مەن ، دەپ چىقىپ تۇرىدۇ .



ئىزدەڭلار باللا ، « تەۋارىخى ئەمىنىيە » ياكى « تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» ، مۇشۇ ئىككى كىتابنىڭ بىرىدە تەكلىماكان ئاتالغۇسىنىڭ « تەركلى ماكان» دىن كەلگەنلىكى ئېنىق قەيت قىلىنغان . 100 پېرسەنت. زادى شۇنداقمۇ ياكى ئەمەسمۇ ، بۇ بىر مەسىلە . ئەمما ، ئۇيغۇرلاردا بۇ ئاتالغۇنىڭ قايسى زامانلاردىن بىرى قوللىنىىۋاتقانلىقى يەنە بىر مەسىلە . « تارىخى ئەمىنىيە»نى ھازىرلا ۋاراقلاپ چىقتىم . ئەپسۇس ، شۇ مەزمۇننى دەماللىققا تاپالمايۋاتىمەن . بىر جۈملە نەقللا كۇپايە ئىدى .« تارىخى مۇسىقىيۇن » ھازىرچە قولغا چىقمايۋاتىدۇ . كەسپى تارىخشۇناسلار بولسىغۇ بۇنداق كىسپۇرۇش « تەتقىقاتچى »لارنىڭ قوڭىغا ئەنە شۇ بىر نەقىل بىلەنلا تېپەر بولغىيتتى . ھەتتەڭ .... بىلىمسىزلىك ...



  

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-4 22:35:15


« شىنجاڭ ياشلىرى»دا ، يەنە كىلىپ 2010 - يىلى ئېلان قىلىنغان ماقالىمىش . ئادەمنى نېمە چاغلايدۇ بۇلار ؟

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-4 22:35:34


« شىنجاڭ ياشلىرى»دا ، يەنە كىلىپ 2010 - يىلى ئېلان قىلىنغان ماقالىمىش . ئادەمنى نېمە چاغلايدۇ بۇلار ؟

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-7 20:39:26

مەن ئىنكاس يازغىلى باشلىدىم ئەمىسە

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-7 21:23:43

بەت: [1]
: تەكلىماكان نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا