tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-6-2 13:59:39

ئەزەربەيجانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى


ئەزەربەيجانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى



ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن __ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﻰ ۋە ﻳﺎۋروﭘﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﮕﻪ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪاش ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﺎۋﻛﺎزﻧﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﻐﻪ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﮔﯜزەل ﻧﯧﻔﯩﺖ دۆﻟﯩﺘﻰ. ﻳﻪر ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 80ﻣﯩﯔ 660 ﻛﯟادرات ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ. ﺷﻪرق ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﻛﺎﺳﭙﻰ دﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪاش، ﺟﻪﻧﯘب ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﺋﯩﺮان ، ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪۇ، ﺷﯩﻤﺎل ﺗﻪرﯨﭙﻰ روﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﻨﯩﺪاش. ﻏﻪرب ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪە ﮔﺮوزﯨﻴﻪ ۋە ﺋﻪرﻣﯧﻨﯩﻴﻪ دۆﻟﯩﺘﻰ ﺑﺎر. ﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔ 50%ى ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﻳﻪر ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﻛﯩﻠﻮﻣﺎﺗﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﭽﺎن. ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﺎﻛﻮ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪرﻛﯩﺰى ﺑﻮﻟﯘپ، داﯕﻠﯩﻖ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺷﻪﮬﯩﺮى. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﯧﻔﯩﺖ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮔﺎز ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻣﻮل ﺑﻮﻟﯘپ، ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻳﻪر ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻐﺎ ﺑﻪك ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺟﺎﻳلاﺷﻤﯩﻐﺎن، ﺋﺎرﯨلاﺷﻤﺎ ﻣﺎددﯨﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﺋﺎز، ﺳﺎﭘﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى. ﭘﯘل ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﻣﺎﻧﺎت. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ 1991  _ ﻳﯩﻞ 8 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30 _ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﺎﻛﺎرﻟﯩﻐﺎن.

        ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﺪا ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪت. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 8ﻣﯩﻠﻴﻮن 246ﻣﯩﯔ ( 2003 -ﻳﯩﻞ 10ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﺎ) ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار 77.3% ﻧﻰ، ﺋﻪرﻣﻪﻧﻠﻪر 5.6% ﻧﻰ، رۇﺳلار 5.2% ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪۇ. ﮔﯩﺮوزﯨﻴﻪ، ﺋﻪرﻣﯧﻨﯩﻴﻪ، ﺋﯚزﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎن، ﺋﯩﺮان، ﺋﯩﺮاﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺑﺎر. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﻳﺎۋروﭘﺎ ﺋﯩﺮﻗﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﯩﭙﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ. ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯩﻠﻠﯩﺮى ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار ﮔﯘرۇﭘﭙﯩﺴﻰ ﺋﻮﻏﯘز ﺗﯩﻠﻰ ﺗﺎرﻣﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە. رۇس ﺗﯩﻠﯩﻤﯘ ﻛﻪڭ ﺋﻮﻣﯘﻣلاﺷﻘﺎن، ﺳلاۋﯨﻴﺎن ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ. ﺋﯩﺮاﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺋﻪرەب ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ.

        ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮى ﻣﯩلادﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﺎۋﻛﺎزﻧﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪر ﺋﯩﺪى، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻛﯩﻤﻤﯧﺮﯨﺌﺎن، ﺳﯩﻜﯩﻔلار، ﺑﻮﻟﻐﺎر، ﺧﺎﺳﺎ، ﮬﻮن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ _  ﻗﻮۋﻣلار ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﻪﻟﮕﻪن؛11__13- ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪا ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﯜرك ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚزﺋﺎرا ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ، ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪي ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﻗﻮۋﻣﯩﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎن.

ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﭘﺎﺳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻟﭙﻜﺎر ﻛﯩﻴﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﺸﻜﻪ، زﯨﻨﻨﻪت ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮاق. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻏﯘل ﺑﻮﻟﺴﯘن ﮔﯜﻟﻠﯜك ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﻚ دوﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ، ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺑﯩﻠﻪزۈك، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﻮﯕﻐﯘراق، ﺋﺎﻟﻤﺎس ﻛﯚزﻟﯜك ﺋﯜزۈك ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ زﯨﻨﻨﻪت ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﻳﺪۇ. ﺋﻪرﻟﻪر ﻛﻪڭ، ﺋﺎزادە ﺋﯩﺸﺘﺎن، ﺑﻪدەﻧﮕﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن رەﺧﺘﻠﯩﻚ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮى ﺋﻮﭼﯘق رەﯕﻠﯩﻚ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ، ﺑﻪﻟﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘزۇن ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺪۇ. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻳﯧﻤﻪك _ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻜﺎ، ﻛﯚﻣﻪچ ﻧﺎن، ﺟﯘۋاۋا، ﻗﺎﻳﻤﺎق، ﺳﯜت، ﻗﯧﺘﻘلار ﺑﺎر. ﻳﺎﻏﺪا ﭘﯩﺸﯘرۇﻟﻐﺎن ﮔﯚش ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﯨﺪۇ.

        ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺋﯚزﺋﺎرا ﺳﺎلام ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪا ﻗﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﯩﺪۇ، ﻳﯧﻘﯩﻦ دوﺳﺖ  _  ﺑﯘرادەرﻟﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎۋۋال ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘپ ﺳﺎلام ﺑﯧﺮﯨﺪۇ ﮬﻪم ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ دﯦﻴﯩﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮى ﻛﯚرۈﺷﻜﻪﻧﺪە ﭼﻮﯕلار ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ، ﻛﯚزﯨﮕﻪ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪر ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺳﯚﻳﯜپ ﻛﯚرۈﺷﯩﺪۇ.

        ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮى ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن راﻳﻮﻧلارﻧﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪر ﻳﯘﻏﯘرۇﻟﻐﺎن ﻗﺎﺗلاﻣلارﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﮔﻪن. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ، دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟلاﻧﻐﺎن. ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ دەۋرﯨﺪە، ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ، ﺗﻮﻗﯘﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﭘﯩﺸﺸﯩﻘلاپ ﺋﯩﺸﻠﻪش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪت ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ  ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗلاپ ﻛﻪﻟﮕﻪن، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮى ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯚﭼﻤﻪن ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە دﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮل ﺳﺎﻧﺎﺋﻪت ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮى ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ، ﺗﯜرى ﻛﯚپ. ﻗﯩﺰلار ﮔﯩﻠﻪم ﺗﻮﻗﯘش ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﻮﻏﯘﻟلار ﻧﻪﻗﯩﺸﭽﯩﻠﯩﻚ، ﻣﯩﺲ، ﻳﺎﻏﺎچ ﺋﻮﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﯜﻧﻪر  _  ﺳﻪﻧﺌﻪت، ﻛﯚرﻛﻪﻣﻠﯩﻚ، ﻧﻪﭘﯩﺴﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎن.

        ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪا، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ، ﮔﯧﺌﻮﻣﯧﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ۋە ﺋﺎﺳﺘﺮوﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ زور ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎن ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻧﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﺳﻰ، ﺷﻪرق ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ژاﻧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن «ﺧﻪﻣﯩﺴﻪ» ﭼﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎس ﺳﺎﻟﻐﺎن ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺋﻪدﯨﺐ ﺋﯩﻠﯩﻴﺎس ﺋﯩﺒﯩﻦ ﻳﯜﺳﯜپ ﻧﯩﺰاﻣﯩﻲ ﮔﻪﻧﺠﯩﯟﯨﻲ ۋە ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ۋە ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻓﯘزۇﻟﻰ، ﭘﻪﻳلاﺳﻮپ ﻣﯩﺮزا ﺋﺎﺧﯘﻧﺪوف ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺷﻪﺧﺴﻠﻪر ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﻧﻪزﻣﻪ _  ﻧﻪﺳﺮﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﻮل ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ۋە ﻳﺎزﻣﺎ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪت. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻧﯩﺰاﻣﯩﻲ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎن «ﺧﯧﺴﺮاۋ ۋە ﺷﯧﺮﯨﻦ»، «ﻟﻪﻳﻠﻰ  _  ﻣﻪﺟﻨﯘن»، «ﮬﻪﻓﯩﺖ ﭘﻪﻳﻜﺎر»، «ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪەرﻧﺎﻣﻪ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ داﺳﺘﺎﻧلار ﺧﯧﻠﻰ ﻛﻪڭ ﺗﺎراﻟﻐﺎن، «ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ − دەدە ﻗﻮر _  ﻗﻮت» ﻣﯘ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﺎراﻟﻐﺎن ﺋﻪڭ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ داﺳﺘﺎن ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ.

        ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، 1999 _ ﻳﯩﻠﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﺟﯩﺮاﺗﻘﺎن راﺳﺨﻮﺗﻰ ﭘﯜﺗﯜن دۆﻟﻪت ﺧﺎم ﭼﻮﺗﯩﻨﯩﯔ 21%ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪن. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن ﺳﺎۋاﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪن.

        ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﮬﻪرﻳﯩﻠﻰ روزا ﮬﯧﻴﺖ، ﻗﯘرﺑﺎن ﮬﯧﻴﺖ، ﻧﻮرۇز ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﮬﯧﻴﺖ _  ﺑﺎﻳﺮاﻣلاردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ 5 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 _  ﻛﯜﻧﻰ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﻪت ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، 10 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 _ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎرﻣﯩﻴﻪ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، 10 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18 _ ﻛﯜﻧﻰ دۆﻟﻪت ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، 11 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 _ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯜﻧﻰ، 12 _ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 31 _ ﻛﯜﻧﻰ دۇﻧﻴﺎ ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺑﺎﻳﺮاﻣلارﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﯩﺪۇ.

ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار «7» رەﻗﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏلاﻳﺪۇ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﻗﻪددەس، ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎن دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ. ﭼﯩﻨﺎر دەرﯨﺨﯩﻨﻰ ﻛﯜچ _  ﻗﯘدرەت ۋە ﺋﯘزاق ﺋﯚﻣﯜر ﻛﯚرۈﺷﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟوﻟﻰ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ «ﭼﯩﻨﺎر»، «ﭼﯩﻨﺎرە» دﯦﮕﻪن ﺋﯩﺴﯩﻤلارﻧﻰ ﻛﯚپ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ﺗﻮي _  ﺗﯚﻛﯜن ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﭼﯩﻨﺎر دەرﯨﺨﻰ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪە ﺋﯚﺗﻜﯜزﯨﺪۇ.

        ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧلار ﺳﻮل ﻗﻮﻟﯩﺪا ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﯘزاﺗﻘﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎن ﻛﯚرﯨﺪۇ، ﺳﻮل ﻗﻮﻟﻨﻰ ﭘﻪس ﻛﯚرﯨﺪۇ. «13» رەﻗﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘرﻣﺎﻳﺪۇ، «13» رەﻗﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺑﺎلا _  ﻗﺎزا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ دەپ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﺪۇ.

        ﻛﯚپ ﮬﺎﻟلاردا، ﮬﻪرﺑﯩﺮ دۆﻟﻪت، ﺷﻪﮬﻪر ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮەر ۋەﻛﯩﻞ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎﻧﺪﯨﻜﻰ «ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎرى» ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺑﺎﻛﻮﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﻪزەرﺑﻪﻳﺠﺎن ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ۋەﻛﯩﻞ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى. ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎر ﻣﯩلادﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ 7 _ ﺋﻪﺳﯩﺮدە ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎن. ﺋﯘرۇش ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪە، «ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎرى» ﻧﯩﯔ دەرﯨﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ۋوﻟﻘﺎن ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻏﯘﺷﯘن ﺳﯘﻳﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯧﻘﯩﺘﯩﺶ، ﺋﻮت ﭼﺎﻟﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷلاش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ دۈﺷﻤﻪﻧﻠﻪردﯨﻦ ﻣﯘداﭘﯩﺌﻪ ﻛﯚرۈﻟﮕﻪن. 14 -ﺋﻪﺳﯩﺮدە ﭘﺎدﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ ﺋﻮردا _  ﺳﺎراي ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن. «ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎرى» ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ رﯨﯟاﻳﻪت ﺗﺎراﻟﻐﺎن: ﺋﯘزاق زاﻣﺎﻧلار ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى، ﻣﯘﻧﺎر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﯩلار ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﮔﯜزەل، ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜل ﻗﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﯩﻜﻪن. ﺋﯘرۇش ﭘﺎرﺗﻠﯩﻐﺎن ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﮕﯩﺘﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ ۋە ﺷﯘ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﭽﻪ ﺋﯘزاق ﻳﯩﻞ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﻛﯧﭽﻪ  _  ﻛﯜﻧﺪۈز ﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎر ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﯩﮕﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻛﯜﺗﯜﭘﺘﯘ... ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪاﻧﯩﺪا ﻗﯘرﺑﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪۋﯨﺮى ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ، ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎر ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ، ﻳﯩﮕﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎرﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﺎق ﻳﯧﺮى ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﺟﻪﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈﭘﺘﯘ ۋە ﺑﯘ ﺋﺎزاﺑﻘﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎي ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻣﯘﻧﺎر ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ دﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟاﭘﺘﯘ... ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﻦ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎدﯨﻖ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪش ﻳﯜزﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﻣﺴﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎرﻏﺎ «ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎرى» دەپ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ... «ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎرى» ﻧﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 29.5 ﻣﯧﺘﯩﺮ، ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﻰ 4 ﻣﯧﺘﯩﺮدﯨﻦ 5 ﻣﯧﺘﯩﺮﻏﯩﭽﻪ، ﮬﺎك ﺗﺎش ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﭘﯘرۇﻟﻐﺎن. «ﻗﯩﺰ ﻣﯘﻧﺎرى» ﮬﺎزﯨﺮ ﺑﺎﻛﻮ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟول ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ دﯦﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎرﺗﻤﺎﻗﺘﺎ.



ئاپتور:دىلشات ئىدرىس



جۇڭگو مىللەتلىرى



  

بەت: [1]
: ئەزەربەيجانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى