tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 11:43:33

ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ تارىخى قىممىتى


  



ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ تارىخى قىممىتى



س . گ . كلياشتورنىي  



قەدىمكى تۈرك ئورخۇن يازما يادىكارلىقلىرى باشقا ھەرقانداق رونىكچە ئابىدىلەرگە ئوخشىمايدۇ، ھەتتا قەدىمكى ئۇيغۇر ئورخۇن ئابىدىلىرىگىمۇ ئوخشىمايدۇ؛ ئۇلار ئۆز-ئارا تولۇقلىنىپ، شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ تىكلىنىشىدىن يىمىرلىنىشىگىچە بولغان تارىخنى باغلىنىشلىق ھالدا بايان قىلىپ، بۇ ئەلنىڭ ئەڭ مۇھىم پائالىيەتچىلىرىنىڭ نامى بىلەن شەرھلەيدۇ.

ھەر بىر پارچە بايان قىلىنغان بۇ خىل ۋەقەنىڭ سىياسىي مايىللىقى ئاجىزلىشىپ قالماي، بەلكى ئەكسىچە بۇنداق ئىپتىدائىي يازما يادىكارلىقلارنىڭ قىممىتىنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. چۈنكى بەزى ۋەقەلەرنى پىروگگىراممىلىق چۈشەندۈرۈش ۋە مۇنازىرىلىك پىكىرلەرنى سېلىشتۇرۇشتىن كېيىنلا ئاندىن قاغانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىجتىمائىي توقۇنۇش ۋە سىماسى زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ ئەينەن بىلگىلى بولىدۇ. ئەمما جۇڭگو تەزكىرە تارىخىدىكى تارىخى ۋەقەلەرنى ئادەتتىكىچە تۈز بايان قىلغان خاتىرىلەرنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنچىلىك ئۇچۇق ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.

تارىخشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ ئورخۇن يازما يادىكارلىقلىرىنى ھەرقايسى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن تەھلىل قىلىش لازىم. ئورخۇندىكى ئەڭ مۇھىم ئابىدىلەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان سەھىپىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋەقەلىرىنى خاتىرىلىگەن. پەقەت مۇشۇ ۋەقەلەرنى تەھلىل قىلغاندىلا، تارىخ-جۇغراپىيە، تارىخ-سىياسىي ۋە مىللەتشۇناسلىق مەسىلىلىرىنى ئۇمۇمى نۇقتىدىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن تەتقىق قىلىش يولىنى سۈرەتلەپ بەرگىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە مەركەزلىك ھالدا بىز تەتقىق قىلغان تېمىغا بىۋاسىتە ئەھمىيىتى بولغان ئابىدىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشىمىز كېرەك. بۇ تۈرگە تەۋە ئابىدىلەردىن ئەڭ مۇھىملىرى كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى، بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى، تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى، كۆلچۈر مەڭگۈ تېشى ۋە ئاز قىسمى قېپ قالغان ئونگىن مەڭگۈ تېشىدىن ئىبارەت. كۆل تېكىن ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىنى يادرىنسېف 1889- يىلى بايقىغان. ئورنى خوشۇ – سايدام رايونىدىكى كولشىن- ئورخۇن دەرياسى قىرغىقىدا بولۇپ ، ئولانباتورنىڭ غەربىدىن 400 كىلومېتىر، ئۆگەينۇرنىڭ جەنۇبىدىن 25 كىلومېتىر، قارا بالغاسۇننىڭ شىمالىدىن 40 كىلومېتىر كېلىدۇ . 1890- يىلى گايكېر تەكشۈرۈش ئەترىتى بۇ ئابىدىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 1891- يىلى رادلوف تەكشۈرۈش ئەترىتى بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 1902- يىلى ئەنگلىيىنىڭ ۋۇجوۋ (梧州) دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى كانبېل مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈردى ۋە بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە فرانسىيە ساياھەتچىسى د.لاكسېت 1909 – يىلى مۇشۇ خىزمەتنى ئىشلىدى. 1912- يىلى كوتۋىچ مەڭگۈ تاشلارنى نۇقتىلىق تەكشۈردى. 1960- يىلى ئۇبولىياتوۋا بىلەن نادېئىنلىيەيېۋ بۇ مەڭگۈ تاشلارنى يەنە ئىنچىكە تەكشۈردى.

بۇ ئىككى تاشنىڭ ئۆز-ئارا ئارىلىقى بىر كىلومېتىر بولۇپ ، قەبرىلەر توپىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. رادلوف بىر كىچىك تۆپىلىكتىكى كىچىك بىر جاينى قازدى. دەسلەپتە ئۇ بۇ كىچىك تۆپىلىكنى بىلگە قاغاننىڭ قەبرىسىمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدى. كىيىن قازا قىلغانلارغا ماتەم-مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان ئىبادەتخانا خارابىسى بولۇپ چىقتى. كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن قەبرىلەر، 1958- يىلىغا بارغاندا ئاندىن موڭغۇلىيە- چېخوسلوۋاكىيە تەكشۈرۈش ئەترىتى تەرىپىدىن ئەتراپلىق ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش گەرچە ياخشى ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ، قېزىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغىنى چىخوسلوۋاكىيە ئارخېئولوگى جىزل ئىدى.

مەزكۇر تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ خىزمەت نەتىجىسى ھەم خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللار ۋە ئابىدە تېكىستلىرىنىڭ ئۆزىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا قەبرىلەرنىڭ ئەسلى قىياپىتى ۋە ياسىلىش جەريانىنى تەخمىن قىلغىلى بولىدۇ .

كۆل تېكىن 731- يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى ۋاپات بولغان، 47 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. شۇ يىلى 5- ئايدا بىلگە قاغان پادىشاھ شۈەنزۇڭ ئەۋەتكەن جۇڭگو ھۈنەرۋەن ئۇستىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىبادەتخانىنى ياسىتىپ، كۆل تېكىننىڭ ھەيكىلىنى ئويدۇرماقچى بولغان. شۈەنزۇڭ بۇ تەكلىپكە قوشۇلۇپ: جىنۋۇ سانغۇنى جاڭ چۈيى، ئاستانە ئەمەلدارى كاتاۋۇل بەگ لوشىياڭلارنى خاننىڭ مۆھۈرى بېسىلغان مەكتۇپ بىلەن كۆل تېكىننىڭ ماتەم مۇراسىمىغا ئەبەرتتى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئۆز قۇلى بىلەن ئابىدىگە بېغىشلىما ئۇيۇپ بەردى. ئىبادەتخانىغا ھەيكىلى تىكلىنىپ، تۆت تېمىغا كۆل تېكىننىڭ ئۇرۇشتىكى جاسارىتى نامايان قىلىنغان رەسىم سېزىلدى. ئالتە ئۇستا ھۈنەرۋەننى تۈركلەرگە ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇستا نەققاشچىلار بولۇپ ، ئەل ئىچىدە بۇلارغا يېتىدىغىنى يوق ئىدى. «كونا تاڭنامە» دىمۇ كۆل تېكىننىڭ قەبرە ئابىدە يېزىقىنى پادىشاھ ئۆزى يازغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.

جۇڭگو ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشىدىمۇ مەلۇماتلار بار: «تابغاچ خانى ماڭا ئوردا نەققاشچىلىرىنى ئەۋەتتى. مەن ئۇلارغا ئىبادەتخانا سېلىشنى بۇيرۇدۇم، ئىچى-تېشىغا كىشىنى تەسىرلەندۈرۈدىغان نەقىشلەرنى ئويدۇردۇم، مەڭگۈ تاش ئورناتقۇزدۇم، كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم». جاڭ چچۈيى بىلەن لۈي شياڭ 731- يىلى 12- ئايدا چاڭ ئەمدىن يولغا چىققان، مەڭگۈ تاش 732- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى تىكلەنگەن، ماتەم مۇراسىم ئىبادەتخانىسى 733- يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتتۈرۈلگەن. ئارخېئولوگىيىلىك قېدىرىشلاردىن تېپىلغان قۇرۇلۇش توپىنى كۆرسەكلا، بۇ ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىنغان قۇرۇلۇشنىڭ ۋاقىت چېكىنى چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.

قەبرە تېشى شەرقتىن غەربكە سۇزۇلغان تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلىدىكى مەيدانغا تىكلەنگەن. بۇ مەيدانغا تۆت بۇرجەك خام قىش ياتقۇزۇلغان. مەيداننىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خەندەكنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئىككى مېتىر، ئاستى قىسمىنىڭ كەڭلىكى بىر يېرىم مېتىر كېلىدۇ. خەندەكنىڭ سىرتىغا خام قىش بىلەن تام قوپۇرۇلغان. مەيدانغا شەرق تەرەپتىن كىرىدۇ. كىرىش ئېغىزىغا خەندەك كولانمىغان. كىرىش ئېغىزىدىن شەرققە ئىككى رەت بالبال تىكلەكلىك بولۇپ، ئەڭ ئالدىدىكى ئىككىسى ناھايىتى قوپال ئۇيۇلغان تاش ئادەمدۇر؛ جەمئىي 169 دانە تاش بار بولۇپ، كۆل تېكىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانىنى بىلدۈرىدۇ. كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ناھايىتى زور قۇرام تاشتىن ياسالغان ئىككى قوي بار، كىرىش ئېغىزىدىن غەربكە سەككىز مېتىر كېلىدىغان جايدا بىر يوغان تاشتىن ياسالغان زور بىر تاشپاقا تېپىلدى. ئەسلىدە تاشپاقىنىڭ ئۈستىگە مەڭگۈ تاش تىكلەنگەن بولۇپ ، گەرچە قىڭغىيىپ قالغان بولسىمۇ، ئانچە زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىمىغان. ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئىككى كىچىك پارچىسىنىڭ ئۈستىگە رونىك تۈركۈمىدىكى بەلگىلەر ئۇيۇلغان بولۇپ، جىزل قازغان چاغدا بۇ ئىككى پارچىنى تېپىۋالغان.

كىرىش ئېغىزىدىن ۋاپات بولغانلار ئىبادەتخانىسىغىچە بىر بۈك- باراقسان يول بار. يول بويلاپ قۇرام بىلەن تىكلەنگەن ئادەم ھەيكەللىرى بار ئىدى. ھازىر ساقلىنىپ قالغانلىرى: قۇلىغا رومال ئېلىۋالغان بىر ئايالنىڭ ئۆرە ھەيكىلى، قۇلىدا ئۆتكۈر شەمشەر تۇتقان بىر ئەر كىشىنىڭ ھەيكىلى، يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ئىككى ئەر كىشىنىڭ ھەيكىلى (مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر تاش ھەيكەل 1912- يىلى كوتۋىچ تەرىپىدىن پېتېربورگقا يۆتكەپ كىتىلگەن) بىلەن بىر ئەر كىشىنىڭ گەۋدىسىدىن ئىبارەت. بىراق بۇ تاش ھەيكەللەرنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پىششىق قىش ياتقۇزۇلغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە بىر ئىبادەتخانا سېلىنغان بولۇپ، ئىبادەتخانا تېمىغا گەچ سۇۋاق ئىشلىتىلگەن، سىرتقى تەرەپتىكى يۈزىگە قىزىل گۈللەر سىزىلغان. تامغا يەنە ئەجدىھارنىڭ لاي قاپارتما سۈرىتى زىننەتلەنگەن. تاش ئۇلدا 16 تال ياغاچ تۈۋرۈك بولۇپ ، كاھىش بىلەن سېلىنغان ئىبادەتخانا تورۇسىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئىبادەتخانا تېمىنىڭ ئىچكى يۈزى تام رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ۋەقەلىك مەزمۇنى كۆل تېكىننىڭ تۆھپىلىرىنى بايان قىلىدۇ، بىراق بۇ تام سۈرەتلىرى ساقلىنىپ قالمىغان.



ئىبادەتخانىنىڭ مەركىزى قەسىر بولۇپ، ئەتراپى ئىچكى تام بىلەن ئايرىلغان. قەسىرگىمۇ ئىبادەتخانىغا ئوخشاش شەرق تەرەپتىن كىرىدۇ. قەسىر ئىچىدىن ئىككى ئولتۇرغان ھەيكەلنىڭ تۆۋەنكى يېرىم بەدىنى – كۆل تېكىن ۋە ئونىڭ خوتۇنىنىڭ ھەيكىلى تېپىلدى. كۆل تېكىننىڭ باش قىسمى ھەيكىلىنىڭ پارچىلىرى ئولتۇرغان ھەيكەلنىڭ ئالدىدىكى ئازگالدىن تېپىلغان. ماتەم – مۇراسىم بويىچە ئۇ يەر ئەسلىدە نەزىر- چىراغ بۇيۇملىرىنى ساقلايدىغان كاھىشتىن ياسالغان كومزەك ئىدى. ئازگالدىن يەنە كومزەك پارچىلىرى تېپىلدى. كۆل تېكىن ھەيكىلىنىڭ بېشىغا بەش دانە قالقانسىمان شەكىلدىكى شاھانە تاج كىيگۈزۈلگەن بولۇپ ، ئۈستىگە قاناتلىرىنى كىرىپ تۇرغان بۈركۈت ئويۇلغان. بۈركۈت تولىمۇ نەپىس بولۇپ ، بۇنداق ئويما ئىلگىرى مەركىزىي ئاسىيادىنمۇ تېپىلغان. نەزىر پەشتىقى ئىبادەتخانىنىڭ غەربىگە قويۇلغان بولۇپ ، كۆپ شەكىللىك گۈللۈك تاشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ھەجىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، ئۈستىدىن بىر پارچىسى ئويۇۋېلىنغان. بۇ يەردىن ھېچقانداق دەپنە ئىزى بايقالمىغان، بىلگە قاغاننىڭ قەبرىسىمۇ ئوخشاش بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئىزلار بايقالمىدى.

جىزلنىڭ قېدىرىشىدىن كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ماتەم – مۇراسىم ئىبادەتخانىسى ۋە باشقا ئىمارەتلەر سېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇزۇلۇپ كەتكەن. كىيىن ئىبادەتخانىنى رىمىنۇت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن. جىزل ئىبادەتخانىنى ئۇيغۇرلار (745- يىلى) ياكى خاككاسلار (840- يىلى) بۇزۇپ تاشلىغان دەپ قىياس قىلىدۇ. بىرىنچى قىياس ئاساسى جەھەتتىن توغرا، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەتخانىنى كىيىن رىمىنۇت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن دېگەن تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرغا قويۇش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ . خاككاسلار ئۇيغۇر قاغانلىقىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن قارا بالاساغۇن رايونى موڭغۇل دەۋرىدىن ئىلگىرى بىردەك مەركىزىي ئاسىيا ھەرقايسى ئوتلاق ئىمپېرىيىلىرىنىڭ مەركىزى ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ غەربىي يۇرتقا كەتكەندىن كىيىن، تۈركلەر گەرچە شۇ چاغلاردا پەقەتلا خاككاسلارنىڭ بېقىندىسى بولسىمۇ، يەنە قايتىدىن بۇ جاينى ئىگىلەپ، ئەسلىدىكى قەسىرنى قىسمەن رىمىنۇت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن بۇلىشى مۇمكىن. 924- يىلى قىتان پادىشاھى ئاباگې قارابالاساغۇن رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە تۈرك-رونىكچە يېزىقنى ئۆزىنىڭ مەڭگۈ تېشىغا ئۇيۇش يارلىقىنى چۈشۈردى. بۇ ئەھۋال يۇقىرىدىكى خۇلاسىمىزنى چۈشەندۈرۈشكە پايدىلىقتەك قىلىدۇ. خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا يەنە قۇبلاي دەۋرى (1260—1294 يىللار)دە، كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى دۇنياغا مەشھۇر بولغان.

تۆت ئابىدە پىرامىدا جىسىم شەكلىدە بولۇپ، ئېگىزلىكى 15.3 مېتىر، تۆۋەن كەڭلىكى 1.24 مېتىر ، قېلىنلىقى 41.0 مېتىر كېلىدۇ. ئابىدىنىڭ يۈزى بەش قىرلىق قالقان شەكلىدە ھەمدە ئوراپ تۇرغان قوش ئەجدىھا بار. ئابىدىنىڭ بىر يۈزىگە قاغاننىڭ تۇتىمى سىزىلغان، يەنە بىر تەرىپىگە خەنزۇچە بېغىشلىما يېزىلغان ۋە تاش ئابىدە تىكلەنگەن ۋاقىت 732- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى دېگەن خەتلەر يېزىلغان. خەنزۇچە ئابىدە تېكىستىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئىككى قۇر رونىك يېزىقى ئويۇلغان بولۇپ ، بۇ قول يازما ئاساسى تېكىستكە زادى يەتمەيدۇ. رادلفنىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى قۇر كۆل تېكىن ھەققىدىكى مەدھىيە نامىنى بىلگە قاغان ئۆز قەلىمى بىلەن تاش ئابىدىگە يازغان، ئۇستىلار تەرىپىدىن قاغاننىڭ قول يازمىسىغا تەقلىد قىلىپ ئويۇپ چىقىرىلغان. ئابىدىنىڭ تۆۋەنكى يۈزىنىڭ كۆپ قىسمىغا خەنزۇچە سۆزلەر ئويۇلغان. قالغان ئۈچ يۈزى ۋە ئەسلى يۈزىنىڭ ھەممىسى رونىكچە ئابىدە تېكىستىدۇر. ئاساسى ئابىدە يۈزىدە 40 قۇر ئابىدە تېكىستى بار، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپى 30 قۇر بولۇپ ، تېكىست داۋامىدۇر. بۇ ئاتالمىش «چوڭ ئابىدە» دۇر. سول تەرىپى «كىچىك ئابىدە» بولۇپ ، جەمئىي 30 قۇر. تاش ئابىدىنىڭ تۆت تەرىپى سىلىقلىنىپ كەتكەن، ھەر بىر تەرىپىگە رونىكچە قىسقا ئابىدە تېكىستلىرى يېزىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئۈچ يۈزۈدىكى ئابىدە تېكىستلىرى ساقلىنىپ قالغان. كۆل تېكىن ئابىدىسىنىڭ گەرچە بىر قانچە يىرى ئۇپراپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئومۇمەن ئالغاندا ئابىدە تېكىستىنىڭ ساقلىنىشى باشقا ئابىدىلەرنىڭكىدىن كۆپ ياخشى.



بىلگە قاغان تاش ئابىدىسى ئوخشاش بىر قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى كۆل تېكىن ئابىدىسى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تاش ئابىدە يەرگە يىقىلىپ ئۈچ پارچە بولۇپ كەتكەن. تاش ئابىدىنىڭ ئۇمۇمى يۈزى 3.45×1.74×0.72 مېتىر كېلىدۇ . ئۇمۇ كۆل تېكىن ئابىدىسىگە ئوخشاش بەش قىرلىق قالقان شەكلىدە بولۇپ ، چۆرىسىگە ئەجدىھا ئويۇلغان. تاش ئابىدىنىڭ بىر يۈزىگە بېغىشلىما يېزىلغان بولۇپ ، ناھايىتى ياخشى ساقلانغان. ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ئاساسلىق يۈزىگە خەنزۇچە ئابىدە تېكىستى ئويۇلغان بولۇپ، قىرىلىپ ئۇپراپ كەتكەن. ئابىدىنىڭ يەنە بىر يۈزىدە قاغاننىڭ تۇتىمى بار، ئابىدىنىڭ تۆۋەنكى ئاساسى يۈزى رونىك يېزىقىدىكى ئابىدە تېكىستى بولۇپ، تەخمىنەن 41 قۇر، بۇ تېكىستنىڭ داۋامى ئابىدىنىڭ سول تەرىپىدە، جەمئىي 15 قۇر، («كىچىك ئابىدە» 15 قۇر بولۇپ ، ئابىدىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئويۇلغان، ئابىدىنىڭ تۆت يۈزى ئۇپراپ سىلىقلىنىپ كەتكەن، پەقەت ساقلىنىپ قالغىنى ئىككى يۈزى) دۇر.

بىلگە قاغان ئىت يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى ۋاپات بولغان، يەنى 734- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، توڭگۇز يىلى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، يەنى 735- يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى. لى چۇەن باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۈمۈگى 735- يىلى 2- ئايدا چاڭئەندىن يولغا چىققان، خەنزۇچە ئابىدە تېكىستىنى تارىخچى ئەمەلدار لى روڭ كۆچۈرگەن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئۆز قەلىمى بويىچە يېزىپ بەرگەن، دەپنە مۇراسىمىگىچە ئابىدە تېكىستى ئويۇلۇپ بولغان، ماتەم – مۇراسىم ئىبادەتخانىسىمۇ دەل مۇشۇ چاغدا پۈتكەن بولۇشى مۇمكىن.جۇڭگو ئەلچىلىرى ئىبادەتخانا ئىچىگە دەپنە مۇراسىمى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىسرىقدان ۋە ئىپارلارنى كەلتۈرۈپ، ھەممىسىنى ئورنىتىپ بەردى. ئىككى ئابىدە تېكىستىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئوخشىشىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابىدە تېكىستلىرىنىڭ نۇرغۇن قىسىملىرىدىكى سۆز جۈملىلىرى بىردەك، ئىككىلا ئابىدە تېكىستى بىلگە قاغاننىڭ نامى بىلەن بايان قىلىنىدۇ، ئابىدە تېكىستلىرى ئۇنىڭ تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقىگە، توققۇز ئوغۇز بەگلىرى ۋە خەلقىگە، ھەرقايسى قەبىلىلەرگە ئېيتقان سۆزىدۇر.

كىچىك ئابىدە چوڭ ئابىدىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى چوڭ ئابىدە مەزمۇنىنىڭمۇ ئاساسى نۇقتىسىدۇر. بىلگە قاغان كىچىك ئابىدىدە ئۆزىنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم يىراققا سەپەر قىلغانلىقىنى قىسقىچە بايان قىلىپ، جۇڭگو پادىشاھىنىڭ سوۋغا- سالاملىرىغا بېرىلىپ جەنۇبقا (ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە) كۆچكەن «ناچار» تۈركلەرگە قارشى تۇرۇپ نەسىھەت قىلىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ يېقىنقى ئۆتمىشىنى، شۇ چاغدا تۈرك خەلقىنىڭ «تابغاچ خانى» نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ھېرىپ-ئېچىپ، كۈچ مادارىدىن كەتكەنلىكىنى ئەستە تۇتىشلىرىنى سورايدۇ. پەقەت تاڭ سۇلالىسى لەشكەرلىرى بارالمايدىغان ئۆتۈكۈن تېغىدىلا تۈركلەر ئەمىنلىك ھېس قىلالايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ نۇرغۇن سوۋغا – سالاملىرىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، بىلگە قاغاننىڭ قانداق قىلىپ نامرات خەلقنى باي، ئاز خەلقنى كۆپ قىلغانلىقىنى تۈرك خەلقىنىڭ ئۆزلىرى نېمىگە پەرھىز قىلىپ، نېمىگە ئىشىنىشنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن، قاغاننىڭ سۆزى مەڭگۈ تاشقا ئۇيۇلدى: «تۈرك بەگلىرى ۋە تۈرك خەلقى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاڭلار! مەن بۇ يەرگە تۈرك خەلقىنى يىغىپ، ئەل تۇتقانلىقىڭلارنى ئويدۇردۇم، سىلەرنىڭ يېڭىلىپ، خاتالىشىپ ئۆلگەنلىكىڭلارنىمۇ بۇ يەرگە ئويدۇردۇم، قانداق سۆزۈم بولسا ھەممىسىنى مەڭگۈ تاشقا ئويدۇردۇم، بۇنى كۆرۈپ بېقىڭلار ھازىرقى تۈرك خەلقى ۋە بەگلىرى!».



ئىككى ئابىدىنىڭ چوڭ ئابىدىلىرىدە بىلگە قاغان قەدىمكى تارىختىن باشلاپ بايان قىلىنىدۇ: «(1) ئۈستىمىزدىكى كۆك ئاسمان بىلەن ئاستىمىزدىكى قوڭۇر تۇپراق يارىتىلغاندا، ئىككىسى ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارىتىلىپتۇ. ئىنسان بالىسى ئۈستىدە ئاتا-بوۋام بومىن قاغان، ئىستەمى قاغان ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار تەختتە ئولتۇرۇپ تۈرك خەلقىنىڭ ئېلىنى قۇرۇپتۇ ۋە ئۇنىڭ قانۇن-تۈزۈمىنى تۈزۈپ بېرىپتۇ. (2) بۇ چاغدا تۆت ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ دۈشمىنى ئىكەن. قوشۇن چىقىرىپ تۆت ئەتراپتىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، ئۆزىگە بوي سۇندۇرۇپتۇ. بېشى بارلارنى باش ئۇردۇرۇپتۇ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇرۇپتۇ، ئۇلارنى شەرقتىن تاكى قادىرقان تاغلىرى، غەربتە تا تۆمۈر قاپقىغىچە بولغان جايلارغا ئولتۇراقلاشتۇرۇپتۇ.(3)ئىككىسى ئارىسىدا ئىگىسىز قالقان كۆك تۈركلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپتۇ. ئۇلار دانا قاغان ئىكەن، باتۇر قاغان ئىكەن. بۇيرۇقلىرىمۇ ئېھتىمال دەنا بولسا كېرەك ، بەگلىرى ۋە خەلقىمۇ سادىق ئىكەن، شۇڭا ئۇلار دۆلەتكە ئەنە شۇنداق ھۆكۈمرانلىق قىلىپتۇ، ئەلنى باشقۇرۇشنىڭ قانۇنىي تۈزۈملىرىنى ئورنۇتۇپتۇ. (4) كىيىنچە ئۇلار قازا تېپىپتۇ.تەزىيە بىلدۈرگۈچىلەر، قايغۇ بىلدۈرگۈچىلەر، كۈن چىقىشتىكى بوكلى چۆللىك ئېلىدىن، تابغاچلاردىن، تىبەتلەردىن، ئاپارلاردىن، پۇرۇملاردىن، قىرغىزلاردىن، ئۈچ قورىقارلاردىن، ئوتتۇز تاتارلاردىن، قىتانلاردىن، تاتابىلاردىن بولۇپ شۇنچە كۆپ ئادەم كېلىپ ئۇلارغا قايغۇسىنى بىلدۈرۈپتۇ، تەزىيە بىلدۈرۈپتۇ، ئۇلار ئەنە شۇنداق داڭلىق قاغانلاردىن بولغانىكەن. (5) ئاندىن كىيىن ئىنىلىرى قاغان بولۇپتۇ، ئوغۇللىرىمۇ قاغان بولۇپتۇ. كىيىن ئىنىسى ئاكىسىنى دورىماپتۇ. ئوغلى ئاتىسىنى دورىماپتۇ. بىلىمسىز قاغان تەختتە ئولتۇرۇپتۇ، بۇيرۇقلىرىمۇ ئېھتىمال بىلىمسىزلەردىن، بۇزۇقلاردىن بولسا كېرەك.(6) بەگلىرىدە، خەلقىدە ساداقەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن... ئىنى بىلەن ئاكىنى ئۆچمەنلەشتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، بەگلەر بىلەن خەلقى ئارىسىغا سوغۇقلۇق سېلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، تۈرك خەلقى تىكلىنىپ بولغان دۆلىتىدىن مەھرۇم بولۇپتۇ. (7) قاغان دەپ نام ئالغان قاغاندىن ئايرىلىپ قاپتۇ ...... تۈرك بەگلىرى تۈرك دېگەن نامدىن ۋاز كىچىشىپ، تابغاچپەرەس بەگلەر تابغاچ ناملىرىنى قوللىنىپ، تابغاچ قاغانغا بېقىنىپتۇ».

يۇقىرىقىلار بىلگە قاغاننىڭ بىرىنچى تۈرك قاغانلىقىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكەتكە يۈزلىنىشى ھەققىدىكى بايانلىرىدۇر. Ⅷ ئەسىردىكى رىۋايەتلەردە مەزكۇر تۈرك قاغانلىقىنىڭ باش كۆتۈرگەن ۋاقتى كىشىلەر نەزىرىدە بەكمۇ ئۇزاقتەك ئىدى، ئەگەر يىغىنچاق ئابىدە تېكىستلىرىدىن ئىجتىمائىي چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىنكاسىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ دېيىلسە ، قەھرىمانلىق ئېپوسلىرىدىكى رىتىملىق قاپىيەلىرىدىمۇ قاغاننىڭ يىراق ئەجدادلىرىنىڭ تۈرك خەلقى يېڭى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى ھەققىدىكى ئۇنداق تەسىرلىك مەدھىيە كارتىنىلىرىمۇ كۈرۈلمەيدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن ساقلىنىپ قالغان ئىككى ئەسىرلىك ئۆتمۈش خاتىرىلىرىنى تارىخىي رىۋايەت دېگەندىن كۆرە، تارىخىي داستان خاراكتېرىدىكى رىۋايەت دېگەن تېخىمۇ ياخشىدۇر.

قاغاننىڭ سىياسىي ھوقۇقىدا ئىپادىلەنگەن ئىلاھى ئىرادە، ھەرقايسى بەگلەر ۋە خەلقنىڭ قاغانغا بولغان ساداقىتى، خەلقنىڭ ھەرقايسى بەگلەرگە ئىتائەت قىلىشى – مانا بۇ ئىككى ئابىدە تېكىستىدە ئىدىيىۋى ئاساسى تېمىغا سىڭدۈرۈلگەن، مانا بۇ «مەڭگۈلۈك ئەل» نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئاساسى شەرتتۇر. مۇبادا بۇ بىلگە قاغاننىڭ ئۆز خەلقىگە ۋە ئوقۇرمەنلىرىگە خۇلاسىلەپ سۆزلىگەن تارىخىي ساۋىقى دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئابىدە تېكىستىنىڭ باشقا بىر يېرىدە يەنە مۇشۇ بايانلىرىنىڭ مەزمۇنىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: «تۈرك خەلقى ئۆزۈڭلار قاغانىڭلاردىن، بەگلىرىڭلاردىن، يۇرت-ماكانىڭلاردىن ئايرىلمىساڭلار .....ئۆزۈڭلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، خاتىرجەم ماكانلىشىپ، غەم-قايغۇسىز تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر». بۇ نەچچە قۇر، تۈرك قەغانلىقى يۇقىرى قاتلام ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئىددىيۋى ئېڭىدىكى سىياسىي خارەكتىرىنى روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن. ئابىدە تېكىستىدە خەلقنىڭ قاغان ۋە ھەرقايسى بەگلەرگە جەزمەن ئىتائەت قىلىشى كەسكىن تەلەپ قىلىنغان. شۇڭا مۇئەللىپنىڭ قارىشىچە ئابىدىنىڭ بىر پۈتۈن تېكىستى مۇشۇ ئىدىيىنى دەلىللەشتىن ئىبارەت. تۈرك خەلقىنىڭ بەختى قاغاننىڭ نەتىجىسىگە بويسۇنۇش، قاغان يەنە بەگلەر بىلەن بىللە ئۆتۈكەن تېغىدىن قوشۇن ئەۋەتىپ ھەممە يەردە غەلىبە قىلىدىغان جازا يۈرۈشى قىلىش ھەمدە غەنىيمەت ۋە ئولجىلارنى خەلققە تارتۇق قىلىش لازىم: «ئالتۇن، ئاق كۈمۈش، مەشۇت يىپەك، ئاشلىقتىن ئىشلەنگەن ئىچىملىك، نەسىللىك يۈگۈرۈك ئات – ئايغىر، قارا بولغۇن، كۆك تىيىنلەرنى تۈركلىرىمگە – خەلقىمگە قازىنىپ بەردىم، تېپىپ بەردىم ....!».



كۆل تېكىن بىلەن بىلگە قاغان چوڭ ئابىدەسىنىڭ بېشىدىكى يەتتە قۇر بىرىنچى تۈرك قاغانلىقى ھەققىدىكى باياندۇر. قاغانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆز-ئارا نىزا ۋە خەلقنىڭ بەگلەرگە قارشى كۈرىشى، ئەڭ ئاخىرقى بىر قاغاننىڭ مەغلۇبىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇمۇ سەل ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىسىدەك يېتەرلىك ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرالمىدى، يېتەرلىك شىجائىتىنىمۇ نامايان قىلالمىدى. بۇ قاغان قانداق ئادەم بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئەڭ ئاخىرى تۈرك خەلقىنى ھالاكەت گىردابىغا ئېلىپ باردى، ئەمما تەڭرى شاپائىتى بىلەن تۈرك خەلقىگە نىجاتلىق يۇلتۇزى – ئىلتەرىس قاغان يەنى بىلگە قاغاننىڭ ئاتىسىنى ئېلىپ كەلدى. ئىلتەرىس كەسكىن كۈرەشتە تۈرك ئېلىنى قايتا قۇرۇپ چىقتى. ئۇنىڭ ۋارىسى ئاپار قاغان تۈرك خەلقىنىڭ ئەمىلى كۈچى ۋە بايلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. ئەمما خەلق ئۆزىنىڭ بەختىنى قەدىرلىمەي، قالايمىقانچىلىققا يۈزلەندى، قاغاننى يوقاتتى، شۇنىڭ بىلەن يەنە يوقسۇل، بىچارە خەلققە ئايلاندى. بىلگە مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە قاغان بولدى، ئۇ كېچىلىرى ئۇخلىمىدى، كۈندۈزلىرى ئولتۇرمىدى. ئۇ 12 قېتىم يۈرۈش قىلىپ تۈرك خەلقىنىڭ ئېلىنى ۋە شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان خەلققە جان كىرگۈزدى، يالىڭاچ خەلقنى تونلۇق، يوقسۇل خەلقنى باي قىلدى، ئاز خەلقنى كۆپ قىلدى. بىلگە قاغاننىڭ ئەڭ يېقىن سەپدىشى ئۇنىڭ قېرىندىشى كۆل تېكىندۇر.



ئابىدىنىڭ 30 ~ 53 قۇرلىرىدا كۆل تېكىننىڭ قاتناشقان بىر قانچە قېتىملىق جەڭلىرى، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە تۆھپىلىرى، ئۇنىڭ ۋاپاتى ۋە ماتەم مۇراسىمى ھەمدە بىلگە قاغاننىڭ قايغۇرۇشلىرى بايان قىلىنىدۇ. بۇ بايان باشلىنىشى بىلەنلا 16 ياشلىق كىچىك سەردار قاتناشقان بىرىنچى قېتىملىق جەڭ – 701- يىلى «سوغدىلار» غا جازا يۈرۈشى قىلغان ئۇرۇش تەسۋىرلىنىدۇ. 44~50 قۇرلىرىدا بۇ پالۋاننىڭ ئەڭ شەرەپلىك تۆھپىلىرى بايان قىلىنىدۇ. يەنى ئۇنىڭ 724- يىلى توققۇز ئوغۇزلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قاغانلىق ئوردىسىنى ۋە قاغانلىق تەختىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىق تۆھپىسى بايان قىلىنىدۇ. بىراق، 716- يىلىدىن كىيىن يەنى بىلگە قاغان تەختكە چىققاندىن كىيىن بولغان بىر نەچچە قېتىملىق غالىبانە ئۇرۇشنىڭ بايانى ئاساسەن قاغاننىڭ ئۆزىنىڭ ئابىدىسىگە پۈتۈلگەن. قاغاننىڭ ئۆزىنىڭ تەختتە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى تۆھپىلىرى پەقەتلا 6 قۇر يېزىلغان.

بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى چوڭ ئابىدىسىنىڭ 51- قۇرىدا بىلگە قاغان ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى بىلەن سۆز قىلمايدۇ؛ 51~56 - قۇرلاردىمۇ مەڭگۈ تاش يۈزۈدىكى بېغىشلىمىغا ئوخشاش بولۇپ، ياخشى ساقلانمىغان، بۇ نەچچە قۇر بىلگە قاغاننىڭ ئوغلى ۋە ۋارىسى (تەڭرى قاغان بولۇشى مۇمكىن) نىڭ نامىدا يېزىلغان. بەلكى ئابىدىنىڭ بىر تەرىپىدىكى ئابىدە تېكىستى ۋە ئابىدىنىڭ يۈزىدىكى بېغىشلىمىلارنىمۇ ئۇ يازغان. 51~65 – قۇرلاردا بىلگە قاغاننىڭ ۋاپاتى ۋە ماتەم – مۇراسىم ۋاقتى قەيت قىلىنىدۇ، ماتەم-مۇراسىم سوۋغاتلىرى ۋە قاغانلىق تەختى ئەتراپىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەل تەرتىپى بايان قىلىنىدۇ. يۇقىرىقىلار ئىككى ئابىدە تېكىستىنىڭ مەزمۇنى ۋە قۇرۇلما ئۇمۇمى ئەھۋالىدۇر.



  ئىككى ئابىدىدىكى ئۇيۇپ يېزىلغان پۈتۈن مەزمۇندا بىلگە قاغاننىڭ كۆڭلىدىكى سۆزى تەكىتلەنگەن بولۇپ ، بۇ ئۇنىڭ ئەسلى سۆزى. جۇڭگو نەققاشچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا جان كۆيدۈرۈپ ئويۇپ بەرگەن مەڭگۈ تېشىدا مۇشۇ سۆز بار: «مەن .... مەڭگۈ تاش .... تابغاچ قاغاندىن نەققاشچى كەلتۈردۈم، ئۇلارغا قەبرىنى نەقىشلەتتىم. ئۇلار مىنىڭ سۆزۈمنى ياندۇرمىدى! ..... كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم، ھەممىڭلار بۇنى كۆرۈپ بىلگەيسىلەر!». بىلگە قاغاننىڭ كىچىك ئابىدىسىدىكى مۇشۇ مەزمۇن بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئابىدە تېكىستىدە ئېنىق كۆرسەتكەنكى، بۇ ئابىدە بىلگە قاغان تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن تىكلەنگەن بولۇپ ، يەنە بىر تەرىپىدە «تۈرك بەگلىرى بىلەن خەلقى بۇ تاشقا بىرلىكتە ئىنتايىن كۆپ مەدھىيە ئوقۇدى» دېيىلىپ، بۇ ئىش چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئېنىقكى بىلگە قاغاننىڭ ئوغلىنىڭ نامىدا يېزىلغان ئابىدە تېكىستى ئويۇلغاندا، ئابىدە ئاللىبۇرۇن تىكلىنىپ بولغان ئىدى. بۇ ئەھۋال رادلوفنىڭ تەكشۈرۈشىدىمۇ ئىسپاتلانغان.ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە مەڭگۈ تاشنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە قۇر ئابىدە تېكىستى ئېنىقكى، ئابىدە تېكىستىنىڭ ئاساسى قىسمى بىلەن ئايرىم تۇرىدۇ.



شۇڭا بۇ ئىككىلا ئابىدە بىلگە قاغاننىڭ ئەمرى ھەمدە ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۇيۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۇنىڭ ئەسلى سۆزىنى ئويغان بۇلىشى مۇمكىن دەپ قاراشقا بولىدۇ .بىراق ھەربىر ئابىدە قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا پۈتۈنلەي ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان ئەدەبىيات –سەنئەت ئەسىرىدۇر.شۇنىڭ بىلەن يەنە تارىخىي چوڭ ۋەقەلەر خاتىرىسىدۇر. ئۇلاردا يۈكسەك سەگەكلىك بىلەن مۇئەللىپ قىممىتى بار مەلۇماتلار دەپ قارىغان ئىشلار ئەمىلى كۆرسىتىلگەن. ئابىدىلەر رۇششەن تىلدا يېزىلغان بولۇپ، بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاستىلىرىگە ئىنتايىن باي.شۇنىڭ بىلەن بىللە ئابىدە تېكىستلىرىدە ئاممىبابلاشقان تىل ئادىتى ۋە بايانلار ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئابىدە تېكىستلىرى تاشقا ئۇيۇلغان ئاغزاكى ھېكايەتلەر بولۇپلا قالماي بەلكى قىسمەن ئەدەبىي دىت ۋە نەپىس تىل قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان سەنئەتكارنىڭ ئىجادى، ئىككىنچى تۈرك قاغانلىقى ئوردا بەگلىرى ۋە مەدھىيە يازغۇچى (پۈتۈكچى) لارنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.ئەڭ ئاخىرى ئابىدە تېكىستلىرى پىششىق ئىملا ۋە قەدىمكى يېزىقشۇناسلىق جەھەتلەردە قۇسۇرسىز بولۇپ ، ئۇ جۇڭگو ئويما نەققاشچىلىرى پۈتتۈرۈپ چىققان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىش تەرتىپىدۇر. يەنى ئۇلار ئىلگىرى ئابىدىگە يېزىپ قويغان بەلگىلەرنى ئويغاندۇر.



مۇئەللىپ كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشىدا ئۈچ قېتىم، بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىدا بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاتايدۇ: «تاشقا بۇنچىلىك خەتنى يازغان مەن – كۆل تېكىننىڭ جىيەن ئوغلى يوللۇغ تېكىن – بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ خېتىنى يېزىپ پۈتتۈردۈم. مەن يوللۇغ تېكىن 20 كۈن ئولتۇردۇم، ھەممىنى بۇ تاشقا پۈتتۈم». «بىلگە قاغان (مەڭگۈ تاش) تېكىستىنى مەنكى يوللۇغ تېكىن يازدىم. بۇنچە كۆپ قۇرۇلۇش، نەقىش، ئېسىل (؟)....بىلگە قاغاننىڭ جىيەن ئوغلى مەنكى يوللۇغ تېكىن بىر ئاي تۆت كۈن ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم، زىننەتلىدىم ....».

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مەيلى ئابىدە تېكىستىدە ياكى خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا بولسۇن، ھېچقايسىدا يوللۇغ تېكىن ھەققىدە تولۇقلىما ماتېرىيال يوق.قاغان جەمەتىدىن شۇنداقلا شىغاۋۇل بېگى بولغان يوللۇغ تېكىن، خۇددى ئۆزى جاكارلىغاندەك، ئۇ نۇرغۇن ئابىدە تېكىستلىرىنىڭ مۇئەللىپى، بەلكى ئۇ بىزگە مەلۇم بولغان تۈركىي تىلدا ئەسەر يازغان بىرىنچى مۇئەللىپتۇر. ئۇ دەل ئۆز قۇلى بىلەن ئابىدە تېكىستىنى مەڭگۈ تاشقا (قارا سىيا بىلەن) يازغان. ئاندىن جۇڭگو ئويما نەققاشچىلىرى ئۇنى ئويۇپ چىقارغان. ماتەم – مۇراسىم ئىبادەتخانىسىنىڭ تېمىدىكى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن بېغىشلىمىنىمۇ شۇ يازغان. شۈبھىسىزكى ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسىرى ۋە قەدىمكى تۈرك تارىخشۇناسلىق كاتېگورىيىسىگە تەئەللۇق بولغان ئابىدە تېكىستلىرى يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن يېزىلغان. ئەمما يوللۇغ تېكىننىڭ سىياسىي قاراشلىرىدىكى خاسلىقنىمۇ كۆپتۈرۋەتمەسلىكىمىز كېرەك . ئابىدە تېكىستلىرىدە ئەكس ئەتكەن سىياسىي قاراش تەھلىللىرىنى ئۇنىڭ نامىغا تەئەللۇق قىلىش لازىم. يوللۇغ تېكىن يازغان مەزمۇنلار پادىشاھ بىلگە قاغاننىڭ ئىدىيىسى، مۇھاكىمىسى ۋە ھەرىكىتى، شۇڭا بىلگە قاغاننىڭ نامىدا بايان قىلىنغان بارلىق سىياسى قاراشلار قۇشۇمچە چۈشەندۈرۈلىدۇ، نەققاشچىلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى بۇرمىلانمىغان.

قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر ئىچىدە خۇشۇ –سايدام رايونىدىكى ئىككى ئابىدە تېكىستى ئەڭ ئۇزۇن ھەم ئەڭ مۇھىمدۇر. ئۇلارنىڭ قەدىمكى تۈركىي تىل – ئەدەبىياتى ۋە تارىخشۇناسلىقى جەھەتلەردىكى ئەھمىيىتىنى قانچىلىك يۇقىرى باھالىسىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. بۇ ئىككى ئابىدە تېكىستىنى تەتقىق قىلغاندا ئېرىشكەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاللىبۇرۇنلا ئورتاق ئېتىراپ قىلىشقا ئىگە بولغان.ئەمما ئابىدىلەرنىڭ ئۆزى مەلۇم ئۆلچەمدەك باشقا بارلىق ئابىدە تېكىستلىرىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ قالغان.بۇ ئىككى ئابىدىگە بولغان تەتقىقات ۋاقتى گەرچە ئۇزۇن بولسىمۇ، بىراق تەتقىقات خېلى ئۇزۇنغىچە ئاخىرلاشمايدۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان كۈتۈلمىگەن تەتقىقاتلار تىلشۇناسلار، ئەدەبىياتچىلار، تارىخشۇناسلار ۋە مىللەتشۇناسلارنىڭ تەتقىق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.



تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنى كلېمېنتس 1897- يىلى بايقىغان بولۇپ ، 1898- يىلى قېزىلغان ھەم سۈرەتكە ئېلىنغان. رادلف مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئابىدە تېكىستىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئابىدىنى تەكشۈرگەنلەردىن رادمستېد (1909- يىلى)، ۋلادىمىرسوف (1925- يىلى)، ئالتو (1957- يىلى)، ئۇبرياتوۋا ۋە نادېليايېۋ (1960- يىلى) لار بار.

ئابىدىنىڭ ئورنى ئولانباتورنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 66كىلومېتىر كېلىدىغان بايىنچوكتۇ دېگەن يەردە بولۇپ ، نالايخا ئاھالىلەر ئولتۇراق نۇقتىسى بىلەن تولا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقى ئارىسىدا. بۇ ئابىدىلەرمۇ خۇشۇ – سايدامدىكىدەك قەبرىلەر توپىنىڭ بىر قىسمىدۇر. مەزكۇر قەبرىلەر توپى يەنە ماتەم – مۇراسىم ئىبادەتخانىسى خارابىلىكى، توپىغا يېرىم كۆمۈلگەن گۈل – نەقىشلەر بىلەن زىننەتلەنگەن چوڭ تاشتىن ياسالغان تۆت تەرەپلىك جەسەت ساندۇقى (2.60×2.60 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.50 مېتىر )، تاشتىن ياسالغان كىچىك جەسەت ساندۇقى (1.50×1.50 مېتىر )، سەككىز دانە تاش ئويما ئادەم ھەيكىلى ۋە شەرق تەرەپتىن ئىبادەتخانىغىچە بىر رەت سۇزۇلغان بالبال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ۋلادىمىرسوف بۇ يەردە كىچىك دائىرىدىن قېدىرىش ئېلىپ بېرىپ، قەبرىگە ياتقۇزۇلغىنى كاھىش ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. 1957- يىلى يەنە بەزىلەر ئابىدە ئۈستىدە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇ يەردە خىزمەت قىلغان موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى تېخىچە خىزمەت دوكلاتىنى ئېلان قىلمىدى.بىراق جىزلنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ئات جابدۇقلىرىنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان بېزەكلىرى ۋە ئالتۇندىن ياسالغان تۈگمىلەر تېپىلغان. ئالاھىدە قىزىقارلىقى شۇكى شۇ قېتىم بايقالغان لايدىن ياسالغان بېزەك (ئالۋاستى نىقابى) لەر ۋە ئىبادەتخانا تېمىدىن چۈشۈپ كەتكەن چالپاقلار ئىچىدىكى 10 پارچە چالپاقتا ناھايىتى قوپال يېزىلغان رونىكچە بېغىشلىما (16 بەلگە) ساقلىنىپ قالغان بولۇپ ، ئارخېئولوگ سېلېجاپ ئۇنىڭ رەسىمىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر بېغىشلىما بىلەن تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.

تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى تېكىستى يەرگە قېقىلغان ئىككى تاش تۈۋرۈككە ئويۇلغان. بۇ ئىككى تۈۋرۈك تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك، تەكشى قويۇلغان بولۇپ ، بۇتخانىنىڭ شەرقىي تېمىغا يانداشقان ھەلدا تىكلەنگەن، شەرقىي تېمى بىلەن بولغان ئارىلىقى نەچچە مېتىر كېلىدۇ. جەنۇبىي تۈۋرۈككە ئابىدە تېكىستىنىڭ باشقىسمى ئويۇلغان. تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى 1.70 مېتىر كېلىدۇ . شىمالىي تۈۋرۈككە تېكىست داۋامى ئويۇلغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 1.60 مېتىر كېلىدۇ . ھەربىر قۇر يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ، سولدىن ئوڭغا يېزىلغان. بەلگىلەرنىڭ ھەممىسىلا ناھايىتى ياخشى ساقلانغان بولماستىن، شىمالىي تۈۋرۈكتە ئۆچۈپ كەتكەن ئابىدە تېكىستلىرى خېلى كۆپ. بۇ ئابىدىمۇ پۈتۈن قەبرىلەر توپىدىكى ئابىدىلەرگە ئوخشاش بولۇپ ، سىرتقى كۆرۈنۈشى خۇشۇ – سايدامدىكى ئابىدىلەردىنمۇ ناھايىتى ئاددىي.

مەڭگۈ تاش تېكىستى مۇئەللىپنىڭ ياكى ياسىغۇچىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تېكىست قۇرلىرىدا ھېچقانداق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، بىراق 58- قۇرىدا بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ تۇنيۇقۇقنىڭ نامىغا تىكىلگەنلىكىنى : «.... مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق بۇ مەڭگۈ تاشتىكى سۆزلەرنى يازدۇردۇم» دەپ قەيت قىلىدۇ. تۇنيۇقۇقنىڭ ۋاپاتى ياكى ماتەم – مۇراسىم ئىشى ھەققىدە ئابىدە تېكىستىدە ھېچقانداق قۇشۇمچە خاتىرە يوق. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئابىدە ئۇنىڭ باش پېرسوناژى ھايات ۋاقتىدىلا تىكلەنگەن، كىيىن قەبرىلەر توپىنىڭ بىر قىسمى قىلىنغان.

خۇشۇ –سايدام ئابىدە تېكىستلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ۋە تىل جەھەتلەردە بىرمۇنچە ئالاھىدىلىكلىرى بار. مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ ئۇسلۇبى خۇشۇ – سايدام ئابىدىلىرىدىكىدەك سەلتەنەتلىك ئەمەس، مۇئەللىپ ئۆز سۆزىنى دىئالوگقا ئوخشاش ئەدەبىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇرغۇلۇق جۈملە ۋە ئاممىباب تىل بىلەن بايان قىلغان. بۇ ئارقىلىق ئۇ تەسىرچان ھەم تەبىئىي ئىپادىلەنگەن. مەزكۇر مەڭگۈ تاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تەتقىقاتچىسى گىرائۇد مۇنداق خۇلاسىنى چىقاردى: مەڭگۈ تاشنىڭ ئىككى قىسمى – كىرىش سۆز ۋە خۇلاسە باياندىكى نەچچە قۇر – نەزمە بىلەن يېزىلغان، روشەن بايان قىلىنغان ئاساسى قىسىمدىكى ئاشۇ بۆلەكلەر نەسرىي شېئىرغا ئوخشاپ كېتىدۇ. كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىنى تەتقىق قىلغۇچىلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خۇلاسىلەرنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.

مەزمۇنىدىن قارىغاندا، مەڭگۈ تاش تېكىستىدە مەدھىيە ئورامىدا تۇنيۇقۇقنىڭ ئۆز تەزكىرىسى يېزىلغان بولۇپ، بايان قىلىنغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغان ھەر قېتىملىق تارىخىي ۋەقەلەردۇر.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابىدە تېكىستلىرى پەقەت بايانلار بىلەنلا چەكلەنمەي، يەنە بۇ ۋەقەلەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ ۋە سىياسى نۇقتىدىن باھالايدۇ.

تۇنيۇقۇق 1-قۇردا ئۆزىنىڭ جۇڭگو (تابغاچ)دا ئۆسكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق تۈرك پۇقرالىرى تابغاچقا بېقىناتتى. داۋامىدا ئىككىنچى تۈرك قاغانلىقىنىڭ گۈللىنىشىدىكى تۈركلەرنىڭ چوڭ ئىسيانلىرىنىڭ تارىخى بايان قىلىنىدۇ(2-19- قۇرلار). 20- 48 – قۇرلاردا خاككاسلار بىلەن تۈركەشلەرنىڭ ئۇرۇشى ھەمدە سوغدىلارغا يۈرۈش قىلىش ئەھۋالى تەسىرلىك بايان قىلىنىدۇ. مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ ئاخىرىدىكى نەچچە قۇر (48-62 – قۇرلار) لاردا ئۆزىنىڭ ئۆمۈر بايانىنى چۈشىنىشلىك ئىپادىلىگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى ناھايىتى ھاياجانلىق بىلەن مەدىھلىگەندۇر. تۇنيۇقۇقنىڭ قارىشىچە مۇبادا مۇشۇ تۆھپىلەر بولمىسا تۈرك ئېلىنىڭ روناق تېپىشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تورىشى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.



بىر خىل قاراشتا تۇنيۇقۇقنىڭ مەزكۇر ئابىدە تېكىستىنى يازغان ۋاقتى ئۇنىڭ ۋاقىتلىق نەزەردىن چۈشۈپ قالغان مەزگىلى، يەنى 716- يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ياكى مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىنلا ئۇ يەنە قايتىدىن قاغاننىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. بىراق ئۇ مۇقىملاشمىغان ۋاقىت ئىدى. شۇڭا مەڭگۈ تاش تېكىستىدىكى مەدھىيە سۆزلىرى ئاشۇرۇۋېتىلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق مەدھىيەلەر بىلەن ئۇنىڭ يېڭى خانغا ئىپادىلىگەن ئۇچۇق ساداقىتى بىرلىشىپ كەتكەن. مەيلى قانداق بولسۇن مەڭگۈ تاش تېكىستىدە بىلگە قاغاننىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ۋاقىت 716- يىلنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان.

تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى ھەققىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گەرچە بىرمۇنچە يېڭى تەرجىمىلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا يېشىپ ئوقۇش قىيىن ۋە تەتقىق قىلىش يېتەرسىز بىرخىل ئابىدە بولۇپ تۇرماقتا. بىر قىسىم سەۋەبلەر ئابىدە تېكىستىدە تەكرارلىنىپ كەتكەن يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولغانلىقىدىن، بىر قىسىم سەۋەبلەر بولسا تەتقىقاتچىلار ئابىدە تېكىستىنى پىشىپ ئوقۇغاندا نۇرغۇن يەرلىرىدە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا يولۇققانلىقىدىن بولغان. تارىخشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى بىلەن خۇشۇ – سايدام ئابىدىلىرىنى ئايرىغىلى بولمايدۇ.

كۆلچۈر مەڭگۈ تېشىنى كوتۋىچ 1912- يىلى ئولانباتورنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئىخې – خۇشوتۇ جىلغىسىدىن بايقىغان. بۇ مەڭگۈ تاش قەبرىلەر توپىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ ، بايىنچوكتۇ قەبرىلەر توپى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىشىدۇ. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە كىيىن بۇ مەڭگۈ تاش يەنە تەتقىق قىلىنمىغان. مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ بىرىنچى تەرجىمىسىنى سامويلوۋىچ پۈتتۈرگەن.

مەڭگۈ تاش گۈللۈك قۇرام تاشتىن ياسالغان، دائىرىسى 1.90×0.61×0.61 مېتىر كېلىدۇ . شەرققە ، غەربكە قاراپ تۇرغان ئابىدىلەرنىڭ يۈزى كەڭ. مەڭگۈ تاشنىڭ تۆت يۈزىنىڭ ھەممىسىدە ئويۇلغان ئابىدە تېكىستى بار، بىراق ساقلىنىشى ئانچە ياخشى ئەمەس. شىمالىي يۈزىدىكى ئابىدە تېكىستىنىڭ ھەممىسى شامالدا ئۇپراپ ئۇچۇپ كەتكەن.مەجبۇرىي ئوقۇپ چىقىلغابلىرىدىن شەرقىي يۈزى 13 قۇر، غەربىي يۈزى 12 قۇر، جەنۇبىي يۈزى 4 قۇر، جەمئىي 29 قۇردۇر. سامويلوۋىچنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسلانغاندا ئابىدە تېكىستىنىڭ ئۇسلۇبى ئاددىي، لېكسىكىسى يېتەرلىك ئەمەس، ئابىدە تېكىستىدە مۇئەللىپ ھەققىدە قىلچە خاتىرە قەيت قىلىنمىغان.بۇ ئابىدە شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى ئەڭ مۇھىم تۆرىسى – تاردۇش سەردار كۆلچۈرنىڭ قەبرە تەزكىرە تېشىدۇر.ئۇ قۇتلۇق، قاپاغان، بىلگە قاغان ۋە تۇنيۇقۇق (بۇ ئىسىملار مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ) نىڭ ھەمراھلىرىدۇر.

تاردۇش بەگلىكىنىڭ سەردارى كۆلچۇر بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى تېكىستىدە بىلگىنىڭ تەختتە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ.ئۇ بەشبالىققا تاردۇش بېگى بولۇپ بارغان دېيىلىدۇ .مەڭگۈ تاش تېكىستىدە كۆلچۇرنىڭ تابغاچلار، تاجىكلار، توققۇز ئوغۇزلار، دىدۇيۈ (قەدىمكى مىللەت نامى، شىمالىي ۋېي دەۋرىدە شىمالدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، گوشلا ئىستېمال قىلىدىغان، تېرىقچىلىقتىن خەۋىرى يوق مىللەت – مۇھەررىردىن)، قارلۇقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتىكى نەچچە قېتىملىق جازا يۈرۈشى تەرتىپ بىلەن بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ باتۇرلۇقى ۋە گۈزەل پەزىلىتى مەدھىيىلەنگەن. ماتەم – مۇراسىم ۋە ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى سۆزلەنگەن. ئابىدە تېكىستى كۆلچۇرنىڭ ۋاپاتى ياكى دەپنە قىلىنغان ۋاقتىنى ئېنىق يېزىپ كۆرسەتمىگەن، پەقەتلا ئۇنىڭ 80 يىل ياشىغانلىقىنىلا كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

گابائى ئۇنىڭ خۇد – تامېردىكى 10- نومۇرلۇق ئابىدىنى يېشىپ ئوقۇشىغا ئاساسلىنىپ، خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كۆلچۇر تابغاچقا يۈرۈش قىلغاندا، يەنى مايمۇن يىلى (721- يىلى) قازا قىلغان».

ئابىدە تېكىستلىرىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرى ئۆچۈپ كەتكەن، يېشىپ ئوقۇش تەس، ئابىدە تېكىستىدە بايان قىلىنغان نۇرغۇن ۋەقەلەر خۇشۇ – سەيدامدىكى ئابىدىلەر ۋە تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىدىكى ۋەقەلەر بىلەن بىر ئىش بولسىمۇ، لېكىن قانداقلارچە باغلاشتۇرغان، تا ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.

ئونگىن مەڭگۈ تېشىنى يادرىنسېف 1891-يىلى بايقىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئورنى خۇشۇ –سەيدامنىڭ جەنۇبىدىن تەخمىنەن 180 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە. ئۇ مانىتۇ تېغى بىلەن ئونگىن دەرياسىنىڭ يېنىدىكى ئىخې –خۇشوتۇغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان قەبرىلەر توپىدىن بايقالغان. بۇ ئابىدە بىز تەتقىق قىلغان باش تېمىنى دەلىللەش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بەزى مۇھىم ئەھۋاللارنىلا تونۇشتۇرىمىز. مەڭگۈ تاشتا 12قۇر ئابىدە تېكىستى قالغان، تاش سىلىقلىنىپ كەتكەچكە يېشىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئىنتايىن كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەڭگۈ تاشنىڭ قېشىدا يەنە بىر پارچە تاش بولۇپ، ئۈستىدە 8 قۇر خەت ساقلىنىپ قالغان. ئابىدە تېكىستى ياخشى ساقلانمىغاچقا ئۇچۇق يېشىپ ئوقۇشقا ئامال يوق. يېقىنقى چاغلارغىچىلا ئابىدە تېكىستىنىڭ كىم ئۈچۈن يېزىلغانلىقى، قايسى ۋاقىتتا تىكلەنگەنلىكىمۇ ئېنىق بولمىدى. بەزىلەر قىياس قىلىپ، بۇ ئىلتەرىس ياكى ئاپار قاغاننىڭ ئابىدىسى دەيدۇ. ئابىدە تېكىستىدىن يەنە ئىلگىرى پۈتۈنلەي ئاڭلاپ باقمىغان بىر قاغاننىڭ ئىسمى يېشىپ ئوقۇلدى، ئۇ بولسىمۇ (  ؟  ) دىن ئىبارەت. گابائىن، بۇ ئىسىم بۇ يەردە (  ؟  ) دەپ ئوقۇلۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ مەنىسى «مىنىڭ بوۋام» دېگەن بولىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلدى. كلاۋسون تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى مۇنداق خۇلاسىنى چىقاردى: ئابىدە تېكىستى قاپاغان بىلەن بىلگە قاغاننىڭ قول ئاستىدىكى بىر سانغۇننىڭ قەبرە تەزكىرىسىدۇر، بۇ ئادەم تەخمىنەن 731- يىلى ۋاپات بولغان. ئابىدە تېكىستىنىڭ مەزمۇنى خۇشۇ – سايدام ئابىدە تېكىستلىرى بىلەن كۆپ ئوخشاشلىقلارغا ئىگە، ئەمما ھەقىقى سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقىسى ھەم قىسقا ھەم ئۈزۈك.ئابىدە تېكىستىدە ئوغۇزلار ۋە تابغاچلار بىلەن ئۇرۇشقانلىق ئەھۋالى بايان قىلىنغان. ئالدىنقى 3 قۇردا ئىككىنچى تۈرك قاغانلىقىدىن ئىلگىرىكى تارىخنى سۆزلىگەن. ئابىدە تېكىستى ؟؟؟ ئۇرۇقنىڭ قاغان جەمەتىگە بولغان ساداقىتىنى تەكىتلىگەن.تېخىمۇ ئېنىق خۇلاسىنى چىقىرىش ئۈچۈن جەزمەن ئابىدىنىڭ يېڭى بېتى بولۇشى لازىم.

ھەرقانداق بىر ئابىدىنى يېشىپ ئوقۇشتا تارىخشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قاراش كېرەك، ئەڭ مۇھىمى مېتودولوگىيە مەسىلىسى، بۇ ھەقتىكى ئىپتىدائىي يازما يادىكارلىقنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى مەسىلىسىدۇر.چوڭ ۋەقەلەرنى خاتىرىلىگەندە ۋە ئەكس ئەتتۇرگەندە توغرىلىق بىلەن مۇكەممەللىك ئىپتىدائىي يازما يادىكارلىقلارنى باھالاپ بېكىتىشنىڭ ئەڭ ئاساسى ئۆلچىمى بولىدۇ . بىراق مەيلى توغرىلىق بولسۇن ياكى مۇكەممەللىك بولسۇن ۋە ياكى خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان مۇھىم ۋە مۇھىم بولمىغان ئەھۋاللارنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشتە بولسۇن، ھەممىسىدە مۇئەللىپ دەۋر ۋە مۇھىتنىڭ چەكلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي ۋە سىياسى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. بۇلار ئۇنىڭ نېمىگە ھېسداشلىق قىلىپ، نېمىگە نەپرەتلىنىشى، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ، ئەقلى ۋە ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ.

خۇددى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۈتۈلگىنىدەك يوللۇغ تېكىن يۈكسەك بەدىئىي تالانتقا ئىگە، نەچچە ئون يىل ئىلگىرى بولغان ۋەقەلەرنىمۇ ئىنچىكە، پۇختا بايان قىلغان. بۇنىڭدىن ئۆز ۋاقتىدىلا تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. ئابىدە تېكىستى ھەرگىزمۇ قۇرۇقتىن –قۇرۇق تىزىپ قويۇلغان ئىشلار ئەمەس، ھەققانىيلىققا تەقلىد قىلىنغان ئىشلارمۇ ئەمەس. يوللۇغنىڭ مەڭگۈ تاشقا ئۇيۇپ يازغان تېكىستىنىڭ مەقسىتى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ ، ئۇ قاغانلىقنىڭ مۇساپىسىنى ئابىدىنى كۆرگۈچىلەرنى ئىشەندۈرگۈدەك دەرىجىدە يازغان. تەختتە ئولتۇرۇۋاتقان قاغاننىڭ سىياسى يولى توغرا، قاغان تەڭرىدەك ھەقىقەتتۇر، ھەربىر تۈرك پۇقراسىنىڭ بەختى قاغاننىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئەلنىڭ مۇقىم، مۇقىم بولماسلىقىغا باغلىق؛ قاغان ھىمايە قىلغان قانۇن ۋە تۈزۈملەرنىڭ مۇستەھكەم ۋە مۇقەددەس بولۇش – بولماسلىقىغا باغلىق. ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى بارلىق زىيانلار تۈرك خەلقى ۋە بەگلىرىنىڭ قاغاندىن يۈز ئۆرىگەنلىكى ۋە بويسۇنمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن.



بۇنداق تارىخشۇناسلىق قارىشى قاغان ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان ۋەقەلىرىنى تۆھپە مەڭگۈ تېشىغا تاللىغاندا، تەبىئىي ھالدا ئېنىق شەكىلدە چەكلەش ۋە يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئابىدىلەرنىڭ ۋاقىت دائىرىسىمۇ ناھايىتى تار بولۇپ ، ئۇ ئاساسلىق ئىككىنچى تۈرك قاغانلىقىنىڭ تارىخى بىلەن باغلىنىشلىق ۋەقەلەردۇر. ئەمما خۇشۇ –سايدام ئابىدىسىنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار. توغرىلىق دەرىجىسى ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇئەللىپ ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن ياكى سەل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنى يازغان، ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگەن ئەمەلىيەتلەر قاغان ئۇرۇقىنىڭ ئەزاسى بولغۇچىلارغا نىسبەتەن ناھايىتى تونۇشلۇقتۇر. مەيلى شۇ چاغدىكى ھايات بىلگە قاغان بولسۇن ياكى يوللۇغ تېكىن بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئەمەس. شۇڭا ئابىدە تېكىستى ھەربىر يۈز بەرگەن ۋەقەنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنتايىن تەپسىلىي بايان قىلغان بولۇپ، بەزىدە ئىنچىكە ھالقىلارنىڭ باغلىنىشىنىمۇ ئىنتايىن توغرا بايان قىلغان. مەسىلەن؛ ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى ئومۇمەن بىلگە قاغان ياكى كۆل تېكىن جەزمەن قاتناشقان ۋەقەلەرنى ئىنتايىن تەپسىلىي ئىپادىلىگەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مۇئەللىپ ئۆزىنى ئىنتايىن ئازبەزى شېئىرىي مەزمۇنلارغا قىستۇرىدۇ.نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇ خاتىرىلىنىدۇ ئەمما مەدھىيلەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتنى ئېنىق سۆزلەيدۇ، ئەمما ئۇنى كۈچەپ كۆپتۈرىۋەتمەيدۇ. تارىخ بايان قىلىنغان ھەر بىر بۆلەك ئارىسىدا پۈتۈنلەي خرونۇلوگىيىلىك (يىل تەرتىپى ) تەرتىپ بويىچە ۋەقەلەر بايان قىلىنىپ، لوگىكىلىق باغلىنىش ناھايىتى پۇختا بولغان.

تارىخىي ئىپتىدائىي يازما يادىكارلىق ھېسابلىنىدىغان خۇشۇ –سايدام ئابىدىسىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغان ئاجىزلىق ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىغىمۇ باب كېلىدۇ. پەرقلىنىدىغىنى شۇكى، ئىككىنچى قاغانلىقنىڭ تەختىدىكى مۇھىم پائالىيەتچى يازغان ئۆز تەزكىرىسى ژانىرىدىكى ئەسەرنىڭ ئاساسى مەقسىتى ئوخشىمايدۇ. تۇنيۇقۇق دەل بىلگە قاغانغا ئىلھام بېرىپ ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى يۈرگۈزگۈچى يوللۇغ تېكىنگە قاغان ئۇرۇقىنىڭ ۋەكىللىك زاتلىرىنىڭ تۆھپىلىرىنى ئاشۇنداق قىزغىنلىق بىلەن مەدھىيلەتكۈزۈپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئىشەندۈرگەن. ئەگەردە ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولمىسا، بىرەر قاغان ئەلنى ئىدارە قىلالمايدۇ؛ ئەگەر ئۇنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە رەھبەرلىكى بولمىسا بارلىق شەرەپ ۋە تۆھپىلەرمۇ ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ؛ ئىلتەرىسنىڭ قاغان بولۇشى تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولدى دېگەندىن كۆرە، ئۇ تۇنيۇقۇقنىڭ ئارزۇسى ۋە پائالىيىتى بويىچە بولدى دېگەن تۈزۈك.خۇشۇ –سايدام ئابىدىسىدىكى نەچچە قۇر ئابىدە تېكىستى ئىلتەرىسنىڭ قاغانلىق تەختىدە ئولتۇرغانلىقىنى تەسۋىرلەپ، بۇ تەڭرىنىڭ بىۋاسىتە ئىلتىپاتى دەيدۇ. بۇ بەلكىم تۇنيۇقۇققا چۈشىنىشلىك ئىپادىلىگەن جاۋاب بۇلىشى مۇمكىن.ئېنىقكى خۇشۇ –سايدام ئابىدىسى ۋە تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى ئارىسىدىكى بۇنداق ئىختىلاپ مەلۇم دائىرىدە مەۋجۇتتۇر.



ئوخشاش بىر ۋەقەنى بايان قىلىۋاتقاندا كېلىپ چىققان بۇنداق مەيدان جەھەتتىكى ئىختىلاپنىڭ خۇشۇ –سايدام ئابىدىسى ۋە تۇنيۇقۇق ئابىدىسىنىڭ ئۆز-ئارا تولۇقلىنىشىدا خېلى چوڭ ياردىمى بار. رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر خاتىرىلىگەن ئەھۋاللارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى توغرىلىقى، خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللار ھەم ئاخىرىدا سۆزلىمەكچى بولغان ئەرەبچە تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ ئۆز-ئارا بىرىكتۈرۈلۈشى بىلەن بىللە دەلىللەشكە ئېرىشتى.

بۇنىڭدىن باشقا ئابىدە تېكىستلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى پۇختا ۋە ئېنىقتۇر. بايانلار رەتلىك ھەم ئىنتايىن دىتلىقتۇر. ئابىدە تېكىستىنىڭ ئاددىي بولۇشى، تەبىئىي ھالدا ئاممىبابلاشقان ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى ۋە سۆز ئىشلىتىشى (ئەگەر بۇ خىل ئىپادىلەش شەكلى ۋە سۆز ئىشلىتىشكە خىلاپلىق قىلىنسا، جۈملىنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ) كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ مىللەت ناملىرى، يەر-جاي ناملىرى ۋە سىياسى ئاتالغۇلار بىر خىلغا ئايرىلغان؛ ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ بايان قۇرۇلمىسى سېلىشتۇرما ئۇسۇل ۋە باشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر مۇنچە ئالاھىدىلىكلەر – بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەر ئابىدىلەرنى تەتقىق قىلغاندا باشقا ئۇسۇلنى يەنى ئابىدە تېكىستىنىڭ ئۆزىدىكى لوگىكىلىقنى تەھلىل قىلىش، ئوخشاش شەكىلدىكى تەسۋىر ۋە ئوخشاش شەكىلدىكى بايانلارنىڭ قانۇنىيەتلىكلىكىنى ئاساس قىلىپ تەتقىق قىلىشنى قوللانغانلىقىدا، بۇ خىل تەھلىل ئۇسۇلى كەڭ ئىشلىتىلگەن سېلىشتۇرما ئۇسۇلغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ تەتقىقاتنى تېخىمۇ جانلىق قانات يېيىش مۇمكىنچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئاشۇنداق خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدىغان سېلىشتۇرما شەكىلنى قەدەممۇ –قەدەم پۇت دەسسەپ تۇرغۇزمىدى. ئابىدىلەردىكى ئاشۇ ئىنتايىن تەپسىلىي تەتقىق قىلىنغان نۇقتىلارغىمۇ توغرىلاش ۋە تولۇقلىما قىلىشى، بەزىدە ھەتتا ئىلگىرىكى ئۇنداق چۈشەنچىلەرنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ تاشلىشى مۇمكىن.



ساقلانما ماتىرىياللاردىن



  

ayberqin يوللانغان ۋاقتى 2011-6-18 13:45:48

مەن ئىزدەۋاتقان تېما ئىدى سىزگە رەخمەت!


مەن يېڭىدىن تىزىملتقان ئىدىم باش سۈرەت كىرگۈزەلمىدىم . مالال كۆرمىسەڭلار بىرەرىڭلار ياردەم قىلغان بولساڭلار.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-6-18 16:07:19

مۇنبەر ئۈستى سىتوندىن «كونتىرول» غا كىرىپ «ئارخىپ تەھرىرلەش» نى چىكىسىز، ئاندىن ئاستىدىكى رەسىم ھالىتىدە كۆرسىتىلگەن بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ. (رەسىمنى يوللاپ بەرگەندىن كېيىن بىر بوشلۇققا قويۇپ ئادرىسىنى ئىۋەتىپ بېرەي، شۇ ئادرىسنى رەسىم ئادرىسى كىرگۈزىلىدۇ دېگەن ئورۇنغا چاپلاپ «تاپشۇرۇش» نى چەكسىڭىز باش سۈرەت ئالمىشىدۇ).



\"\"



ئىككىنچى سۈرەت:


\"\"

hal222 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-24 18:07:06

ۋاي بولدىكەن

xahmatqi يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 01:30:45

نېمىلا دېمىگەن بىلەن بىز ئۆزىمىزنىڭ تارىخ ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنى يېڭىلىساق بۇلاتتى. تېخى بىزدە نۇرغۇنلىغان تارىقچىلىرىمىز تارىخ ھەققدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيدۇ. چۈنكى ، بىزدە ئۆزلۈك قارشى بەكمۇ تۆۋەن ، بولسا مۇشۇ ئۆزلۈك ھەققىدە بىر نەرسە يازساق بۇلاتتى. ئۆزلۈك بىلەن كىملىك بىزدە ئىنتايىن كەم بولىۋاتقان بىر نەرسە، ئامال بار ھەممىىز ئۆزلۈك بىلەن كىملىكىمىز ھەققىدە ئوبدان ئويلىنىپ باقساق ياخشى بۇلاتتى.
بۇ يازما ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان يازما بوپتۇ، بولسا مۇشۇ يازمىنىڭ ئەسلى ئاپتورى توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار !!!!

sansara يوللانغان ۋاقتى 2011-9-7 06:48:00

تاش ھەم تارىخ دىگەن ئەسەر ئانا مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىۋەتتى بۇ تىمىنىڭ،

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-4 15:09:45

ئەڭ ئاز ئىنكاسلىق جەۋھەر تېما
بەت: [1]
: ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ تارىخى قىممىتى