tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-5-31 14:41:59

ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى


ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى



ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسى، تۇرپان شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 40 كىلومېتىر شەرقىدىكى ئاستانە كەنتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ ، شىمالىي تەرىپى قاراغوجا كەنتىگە يېقىن ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت قەلئەسى دەپ ئاتالغان، شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدىنقى لياڭ پادىشاھلىقى ئىدىقۇت ۋىلايىتىنى تەسسىس قىلغان. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدىنقى لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ئەۋلادى بۇ يەرنى پايتەخت قىلىپ، ئۆزىنى «لياڭ پادىشاھى» دەپمۇ ئاتىغان، كېيىن ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ مەركىزى قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي ئايماق تەسسىس قىلىنغان. 9 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى خانلىقى بۇ شەھەرنى پايتەخت قىلغاچقا، ئۇ ئىدىقۇت شەھىرى دەپمۇ ئاتالغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە قوچۇ ھۆدەيچى مەھكىمىسى تەسسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيران بولغان. بۇ شەھەر خارابىسى تاشقى شەھەر، ئىچكى شەھەر ۋە بالا شەھەردىن ئىبارەت ئۈچ قات بولۇپ، ھەر بىرى خاڭداپ ياسالغان سېپىل بىلەن ئورالغان. تاشقى شەھەر تەرتىپسىز چاسا شەكىللىك بولۇپ، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى بەش يېرىم كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 2 مىليون 100 مىڭ كۋادرات مېتىر، سېپىل ئۇلىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 12 مېتىر، بىر قەدەر ياخشى ساقلانغان بۆلىكىنىڭ قالدۇق ئېگىزلىكى 11.5 مېتىر كېلىدۇ. سېپىلنىڭ تۆت ئەتراپىغا يۆلەك تام ياسالغان. شەھەر قوۋۇقىنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس. بۇلارنىڭ ئىچىدە غەربىي تەرەپتىكى قوۋۇق خېلى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، ئۇنى قوشۇمچە سېپىل قورۇقداپ تۇرىدۇ. ئىچكى شەھەر تاشقى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 820 مېتىر كېلىدىغان چاسا شەكىللىك شەھەر ھېسابلىنىدۇ. بالا شەھەر ئىچكى شەھەرنىڭ دەل ئوتتۇرسىنىڭ سەل شىمالىدىراق بولۇپ، تەكشى يۈزى تۈز ئەمەس، كۆلىمى تەخمىنەن 40 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىكتىكى چاسا شەكىللىك مۇنار بار. بالا شەھەر شىمالىي سېپىلنىڭ سىرتىدا بىر نەچچە سۇپا ئۇلى بار. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە يەرنى ئويۇپ ياسالغان مەھكىمە قۇرۇلۇشى بار. تاشقى شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىدە بىر كىچىك ئىبادەتخانا بولۇپ، ئىبادەتخانىدا مۇنارنىڭ قالدۇق ئۇلى بىلەن تام رەسىملىرىنىڭ قالدۇقلىرى قېپقالغان بىر ۋەيرانە چايتيا غارى بار. غەربىي جەنۇبىي بۇرجەكتە بىر چوڭ ئىبادەتخانا بار، ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسى شەرققە قارايدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىغا دۇكان شەكلىدىكى قۇرۇلۇشلار سېلىنغان.



  قەدىمكى شەھەردىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كۆپىنچىسى ئەينى يىللاردا چەت ئەلگە ئېلىپ كېتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيىدە ساقلىنىۋاتقانلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئاساسەن مانى دىنى، بۇددا دىنى، نېستورىئان دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ نوم – دەستۇرلىرى ۋە ھۆججەتلەر، تام رەسىملىرى، رەسىم، ھەيكەللەر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. قول يازمىلاردىن سانسكرىتچە، قەدىمكى تۈركچە، قەدىمكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تىبەتچە ۋە موڭغۇلچە ھۆججەتلەر بىلەن قەدىمىي ئىران تىلىدىكى قول يازمىلار با . يەنە ئاز مىقداردا «تۇمشۇق تىلى» ۋە باكتېرىيە تىلىدىكى قول يازمىلارمۇ ساقلانماقتا. گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن شىمالىي لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ چېڭپىڭ 3 – يىلى ئورنىتىلغان «جۇرچى ئانجۇنىڭ ئىبادەتخانا ياساتقانلىق ئابىدىسى» دەل مۇشۇ شەھەر ئىچىدىن قېزىۋېلىنغان. بۇ قەدىمكى شەھەر مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ھېسابلىنىدۇ.



ساقلانما ماتىرىياللاردىن ئۈزۈندە



مۇنبەر ئارىلاۋېتىپ ئۆردەك ناملىق بىر ئەزانىڭ «ئىدىقۇتقا ساياھەت» ناملىق تېمىسىغا ئىشتىراك بولدۇم، ساياھەت خاتىرىسى رەسىملەر قىستۇرۇلۇپ شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ. «مەنزىل: http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=38010» دەررۇ ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخىغا ئائىت ساقلاپ قويغان ئازغىنە بىر ماتىرىيالنىڭ بارلىقى ئېسىمگە كېلىپ يۇقارقى يازمىنى يوللاپ قويدۇم، مەقسەت شۇ ساياھەت خاتىرىنىڭ كەم قالغان يوچۇقنى تولۇقلاش. سۈرەتمۇ بار ئىدى بىر پارچە چىقىرىشقا ئامالسىز قالدىم، ئايرىم تەھرىرلەپ قوياي_____تۇمارىس ئەھمەد ئاگنى



  

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-5-31 19:19:07


قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ، يەنە يوللاپ تۇرۇڭ

بەت: [1]
: ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى