Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-5-30 20:53:16

Windows7 نىڭ باھاسى


بەلكىم بەزى ھەۋەسكارلار windows7 نىڭ باھاسى بەك يوقىرى بولماسلىقىنى، ھەم 5 يۈەن بىلەن نەچچە يۈز يۈەننىڭ ئارىسدا قارار چىقارغان كۈنى ھەقىقىي نەشىردىكى Windows نى ئۆز قولى بىلەن قاچىلاپ، ئۇزۇن ۋاقىت مۇقىم ئىشلىتىشنى ئارزۇ قىلغاندۇ..



ئەمىسە ھەقىقىي نەشىردىكى Windows7 گە قولىمىزنى قانچىلىك سوزساق يېتىدۇ؟ نەدىن ئالىمىز؟



بۇ بېكەتتە ئائىلە نەشىرىدىن بايراقدار نەشىرىگىچە بولغان نەشىرلىرىنىڭ باھاسى بار ئىكەن، يېڭىدىن سېتىۋالغانغا قارىغاندا، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش باھاسى بەكرەك قىممەت ئىكەن، يەنى باھا پەرقىدىن چوڭ كېتىدىكەن.



                     



ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋىلىش ئادرىسى:

http://www.microsoft.com/china/windows/buy/retail.aspx



  



¥ بىلەن $ نىڭ پەرقى ئېنىق، ئائىلە ئادەتتىكى نەشىرى¥399، ئائىلە ئالىي نەشىرى ¥699 ، بۇ باھا بىر يېڭى كومپيۇتېر سېتىۋالغۇچىغا نىسبەتەن، ھەم بۇ كومپيۇتېرنىڭ ئاز دىگەندە 5 يىل ھەمرا بولىدىغان ۋاقىت ئۇزۇنلۇقىغا نىسبەتەن ئانچە قىممەت ھېساپلانمايدۇ، ھەم ھالال Windows نى ئىشلەتكىنىڭىزدىن چوقۇم مەمنۇن بولىسىز.



سېتىۋېلىش ياكى يەنە بىر ئاز ساقلاپ بېقىش، ياكى ئويلاشماسلىقتا باشقىلارنىڭ قانداق دەيدىغىنىنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ..

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-5-30 21:45:06


مەن سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى ، لېكىن كەسپىي نۇسخىسىنىڭ باھاسى ماڭا ئېغىر كېلىپ قالدى ، شۇڭا سەل ساقلاشنى قارار قىلدىم .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-5-30 21:59:40


ئىككىنچى ۋىستا ئىشلەتمەيمەن



قۇلۇمدىكى كومپىيوتىر مەكتەپ پۈتكىچە چىداپ بەرسە بولدى

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-5-30 22:26:36


ئەمدى windows 8 نىڭ غېمىنى قىلارمىز.



windows 8 نى بەكلا ماختىشىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-5-30 22:36:46


Win8 نىڭ گېپىنى قىلىدىغان چوقۇم بىرى چىقىدۇ دەپ ئويلىغانتىم..  ئۇمۇ ئانچە قىممەت بولمىسا چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن ئۇنى سېتىۋالىدىغانلار كۆپلەپ چىقىدۇ، بىز ئېلانىنى قىلىشىپ بېرىمىز.. MS نىڭ Big fan لىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بىزنىڭ مىكروسوفتقا قىلىپ بەرگەن كىرىمىمىز ھازىرچە Windows 7 گە UI كىرگۈزگۈچ بىلەن بىر خەت نۇسخىسى كىرگۈزۈشكە كەتكەن چىقىمنىڭ كاۋىكىنىمۇ تولدۇرالمايدۇ، بۇنى ئويلىسا مىكروسوفتقا يۈز كىلەلمەيمىز جۇمۇ.. خۇددى ھەر بىر Xbox  سېتىلسا، مىكروسوفت 120 نەچچە دوللار زىيان تارتقاندەك بىر ئىش، «يەنە بىر مەيدان..» دىيىلىشى ئۈچۈنلا مىليارتلاپ زىيانغا مىكروسوفتتىن باشقا چىشىنى چىشلىيەلەيدىغان ئادەم يوقمىكىن دەيمەن، بۇ جەھەتتە، ئالما بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مىكروسوفتنى ھەقىقەتەن دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنساپ ئىگىسى دىيىشكە بولىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-30 23:19:12


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

مەن ۋىندوۋس7 نىڭ ھالال نۇسخىسىنى 370 كويغا سېتىۋېلىپ ناھايىتى ئارام تېپىپ قالدىم.

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-30 23:19:12


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

مەن ۋىندوۋس7 نىڭ ھالال نۇسخىسىنى 370 كويغا سېتىۋېلىپ ناھايىتى ئارام تېپىپ قالدىم.

adip يوللانغان ۋاقتى 2011-5-30 23:28:09


يۇمشاق دېتالنىڭ ھەقىقى نۇسخىسىنى ئىشلەتكەندىكى تەسىرات راستىنلا ئوخشمايدىكەن.  windows 7 旗舰 64bit   نى ئىشلىتىۋاتىمەن، نەچچە ئاي بولدى، بىرەر قېتىم سېستمىنىڭ قېتىپ قالغانلىقنى بىلمەيمەن، قايتا قاچىلاپمۇ باقمىدىم. ھەقىقى نەشىرى بىلەن ئوغۇرلانغان نەشىرىنىڭ پەرقىنىڭ راستىنلا كۆپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-5-31 08:37:57


        ئۇزۇندىن بېرى ئوغۇرلاپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان Nod32 نىڭ ھەقلىق نەشىرىنى سېتىۋېلىپ، ھەقلىق يۇمشاق دېتال ئىشلىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستىم، ئاللاھ خالىسا Win8 چىقسا ھەقلىق نەشىرىنى ئىشلىتىمەن.



        ھەقلىق نەشىرىنى ئىشلەتكەندە:



        1. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلغانلىقىمىزدىن خۇشال بولىدىكەنمىز.



        2. مۇلازىمەت جەھەتتە تولۇق قوللاشقا ئېرىشىدىكەنمىز.



        3. خەقنىق نەرسىسىنى ئوغۇرلاپ ئىشلەتكەندىكى كۆڭۈل غەشلىكىدىن خالى بولىدىكەنمىز، كۆڭلىمىز ئازدە بولىدىكەن.



         



        قۇدرىتىمنىڭ يېتىشىچە ھەقىقى نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىمەن !

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 11:15:09


خۇداغا شۈكرى، ھېچ بولمىغاندا ئىشلىتىۋاتقان كونۇپكا تاختىسى، چاشقىنەك، ئېكران، كەڭ بەلباغلىق تور، شىرە، ئورۇندۇق، ئاساسى ماشىنا، ما خەت بېسىۋاتقان قول، تەپەككۇر قىلىۋاتقان كاللا، كۆرۈۋاتقان كۆز ئۆزۈمنىڭ ئىكەن، شۇڭا مۇشۇلارنىمۇ بولسا خاتىرجەم ئىشلىتىۋاتىمەن.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-2 09:28:59


نەقىل


  خۇداغا شۈكرى، ھېچ بولمىغاندا ئىشلىتىۋاتقان كونۇپكا تاختىسى، چاشقىنەك، ئېكران، كەڭ بەلباغلىق تور، شىرە، ئورۇندۇق، ئاساسى ماشىنا، ما خەت بېسىۋاتقان قول، تەپەككۇر قىلىۋاتقان كاللا، كۆرۈۋاتقان كۆز ئۆزۈمنىڭ ئىكەن، شۇڭا مۇشۇلارنىمۇ بولسا خاتىرجەم ئىشلىتىۋاتىمەن.



  مۇشۇنىمۇ ئوغىرلاپ ئىشلەتمەي بولسا .


يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 00:52:06


ھا ھا

بەت: [1]
: Windows7 نىڭ باھاسى