tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 10:38:57

ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا نۇپۇسىدىكى ئورنى


دۇنيا نوپۇسى 68.2936 (يۈز مىليون ) ،



دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ شەھەرلىشىشى 50 % ،



ياشانغانلار ۋە بالىلار دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 35%--45% ،



2009-12-2- كۈنى ، دۇنيا مېيىپلار كۈنىدىكى نوپۇس سىتاتىستىكا نەتىجىسى:





مېيىپ ئاجىزەلەر 6.5 (يۈز مىليون) ، دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 9.56 % .





دۇنيادا تەخمىنەن 2000 دىن ئارتۇق مىللەت بار . بۇلار226 دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان .بۇلار 195 دۆلەت 31 رايون .





ئاسىيادا 1000 دىن ئارتۇق مىللەت بار ، دۇنيادىكى مىللەتلەر سانىنىڭ يېرىمىنى دىگىدەك ئىگەللەيدۇ، مىللەت ئەڭ كۆپ قىتئە . ياۋروپادا تەخمىنەن 170 مىللەت بولۇپ ، يەككە بىر مىللەتنى ئاساس قىلغان دۆلەتتىن 20 سى بار.





نوپۇسنىڭ كۆپ - ئازلىقىغا قاراپ ، نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتتىن 7- سى بار، ئۇلار : خەنزۇ ، ھىندى ، ئامىرىكان ، روس ، ياپون ، بىرازىلىئان ، بىنگاللاردىن ئىبارەت. نوپۇسى 10 مىليوندىن يۈز مىليونغىچە بولغان مىللەت 60 ، نوپۇسى بىر مىليوندىن 10 مىليونغىچە بولغان مىللەت 202 ، نوپۇسى 100 مىڭدىن بىر مىليونغىچە بولغان مىللەت 92 . نوپۇسى بىر مىليوندىن ئارتۇق مىللەت 200 دىن كۆپ ، بۇلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ 96% تىن ئارتۇق ، قالدى 4% يەتمىگەن قىسىمىنى 1800دىن ئارتۇق مىللەت تەشكىل قىلىدۇ .



دۇنيادا 5 نوپۇس چوڭ دۆلىتى بار . ئۇلار جوڭگو 13.386(يۈز مىليون ) ، ھىندىستان 11.66 (يۈز مىليون ) ، ئامىرىكا 3.07 (يۈز مىليون) ، ھىندونوزىيە 2.14 (يۈز مىليون ) ، بىرازىلىيە 1.99 (يۈز مىليون) .



نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تىز بولغان دۆلەت 7 . ھىندىستان ، جوڭگو ، پاكىستان ، نىگىرىيە ، بىنگال ، ھىندونوزىيە ، ئامىرىكا





نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان دۆلەت 11 .



جوڭگو ، ھىندىستان ، ئامىرىكا ، ھىندونوزىيە ، بىرازىلىيە ، پاكىستان ، روسىيە ، بىنگال ، نىگىرىيە ، ياپونىيە ، مېكسىكا





نوپۇسى 10 مىليوندىن 100 مىليونغىچە بولغان دۆلەت 70 . (نوپۇس سانىنى يېزىپ يۈرمىدىم )



1. فىلىپپىن 2. گېرمانىيە 3. ۋېيتنام 4. مىسىر 5. ئىران 6. تۈركىيە 7. ئىفئوپىيە 8. تايلانىد 9.فىرانسىيە



10. ئەنگىلىيە 11.ئىتالىيە 12. كونگو 13. كورىيە 14. ئۇكرائىنىيە 15. جەنۇبىي ئافىرىقا 16. بېرما

17.كولومبىيە 18. ئىسپانىيە 19. ئارگىنتىنا 20. پولشا 21. سۇدان 22. تانزانىيە 23. ئالجىرىيە



24. كانادا 25. موناكو 26. كىنىيە 27. ئاففانىستان 28. پىرۇ 29. نىپال 30. ئۆزبېكىستان 31. ئۇگاندا



32. ئىراق 33. ۋېنسۇئېلا 34. سەئۇدىي ئەرەبىستان 35. مالايسىيا 36. جوڭگو تەيۋەن 37.چاۋشىيەن

38. رومىنىيە 39. گانا 40. سىرىلانكا 41. ئاۋىستىرالىيە 42. يەمەن 43. لىۋىيە 44. موزامبىك 45. ماداگاسكار (ماداغاسقار)

46. كوتىدىۋور 47. قازاقىستان 48. گوللاندىيە 49. كامىرون 50. چىلى 51. گۇۋاتمالا 52. ئىكۋادور



53. بۇگىنافاسو 54.كامبودژا 55.زىمبابۈۋى 56. مالاۋى 57. مالى 58. كۇبا 59. نىگىر 60. ئانگولا 61.گىرىتسىيە

62. سېرۋىيە 63. سېنگال 64. بىلروسىيە 65. زامبىيە 66. بىلگىيە 67. چېخ 68. پورتوگالىيە 69. ۋىنگىرىيە (ھونگىرىيە) 70. تۇنىس





نوپۇسى 1 مىليوندىن 10مىليونغىچە بولغان دۆلەت 75. (نوپۇس سانىنى يېزىپ يۈرمىدىم )

1. چاد 2. گىنىيە 3. شىۋىتسىيە 4. دومىنىكا 5. بولىۋىيە 6. ئاۋىستىرىيە 7. سومالى 8. ئەزەربەيجان 9. لۇۋاندا



10. بۇلغارىيە 13. شىۋىتسارىيە 15. تاجىكىستان 18. ئىسرائىلىيە 27. دانىيە 32. قىرغىزىستان 33. تۈركىمەنىستان



57. ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى 60. كۇۋەيىت 72. ماۋىرىتۇس 73 . سىۋىشلان 74. تىرىنىدا ۋە توباگو 75 شەرقىي تىمۇر



جوڭگودىكى مىللەتلەر : 1953 - يىلى مىللەتلەرنى تىزىمغا ئالغاندا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ئاز سانلىق مىللەت سانى 400 دىن ئارتۇق .



1949- 1954 - يىلغىچە بولغان بىرىنجى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ، ئىتىراپ قىلىنىپ تىزىمغا ئېلىنغىنى 38 .

1954-1964 - يىلغىچە بولغان ئىككىنجى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە تىزىمغا ئېلىنغىنى 183 .



يېڭىدىن ئىتىراپ قىلىپ ، تىزىمغا ئېلىنغىنى 15 . 74 ئېتنىك ، قەبىلە ، ياكى ، مىللەت توپى ، 53 ئاز سانلىق مىللەت ئىچىگە قېتىۋېتىلگەن.

1965-1982 -يىلغىچە بولغان ئۈچىنجى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ، 1965- يىلى تىبەتتىكى لوبولار ۋە 1979- يىلى يۈننەندىكى جىنولار يېڭىدىن مىللەت دەپ ئىتراپ قىلىنىپ تىزىمغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن 1979- يىلدىن كىيىن جوڭگودا 56 مىللەت بار بولغان . 1982- يىلدىن كىيىن 12 مىليون كىشىنىڭ مىللەت تەركىبى ئۆزگەرگەن.



ئۇيغۇرلار نوپۇس سانى جەھەتتىن دۇنيادا 67-ئورۇندا، جوڭگودا جۇڭگۇدا نوپۇسى 10مىلىيۇندىن ئاشىدىغان مىللەت ئالتە بولۇپ ، ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدا خەنزۇ ، جۇاڭزۇ ، مانجۇ ، خۇيزۇ ، مىياۋزۇ مىللەتلىرىدىن كىيىنلا ئالتىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ .





ھىندىستاندا : نوپۇسى 20 مىليوندىن كۆپ بولغان مىللەت 11 ، ھۆكۈمەت تىلى قىلىنغان تىللار 27:



ئامىرىكىدا نوپۇسى مىليوندىن ئاشىدىغان 31 ئىرقىي ئېتنىك بار . نوپۇسى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ بولغىنى2.



ھىندونوزىيە دە نوپۇسى 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 2 .



بىرازىلىيەدە نوپۇسى 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 3 .



پاكىستاندا نوپۇسى 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 4

بىنگالدا نوپۇسى 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1 ،





نىگىرىيەدە 250 دىن ئارتۇق مىللەت بار . نوپۇسى 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 3



روسىيەدە 176 مىللەت بار بولۇپ ، نوپۇسى 500 مىڭدىن ئاشقان ئاز سانلىق مىللەت 15 ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت تاتارلار5 مىليون750مىڭ .

نوپۇسى 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1

ياپوندا نوپۇسى 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1



مېكسىكىدا نوپۇسى 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1

فىلىپىن ۋە مالايسىيادا 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



ۋىيتنامدا 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



گېرمانىيەدە 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



مىسىردا 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



ئىفئوپىيەدە 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



ئىران ، ئەزەربەيجان 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 2



تۈركىيە ئىراق 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 2



تايلانىدتا 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



كونگودا 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.





فىرانسىيەدە 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



ئەنگىلىيەدە 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



ئىتالىيەدە 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



بېرمىدا 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



چاۋشىيەن ، كورىيە 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.





ئۇكرائىنىيە 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



ئىسپانىيە 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



پولشادا 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



ئالجىرىيە ، ئۇگاندا 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



ئاففانىستان ، تاجىكىستان 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.





تۈركىمەنىستان 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



ئۆزبېكىستان 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



قازاقىستان 15 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەت 1.



ئەرەبلەر 1





نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدىغان دۆلەت جەمئىي 81 . ئەمما بۇنىڭدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامىرىكىدىكى ، ئافىرىقىدىكى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى ئارلاشما قانلىق ، ھەم مىللەتلىك دۆلەتلەردىن بولغاچقا ، شۇ دۆلەتللەردىكى ئەڭ ئاساسلىق ئارلاشما قانلىقلار ھېسابقا ئېلىندى . پۈتكۈل 27 دۆلەتتكى ئەرەبلەر بىر ھېسابلاندى .





ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى 9.87 مىليون بولۇپ ، دۇنيادىكى ئومۇمىسى 12--14 مىليونغىچە دەپ تۋۆەن ھېسابلاپ ئۆلچەم قىلغاندا ، ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسى دۇنيادىكى 2000 دىن ئارتۇق مىللەت ئىچىدە 67- ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىدىم .



تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە تۈرك ، ئۆزبېك ، تۈركىمەن ، ئەزەر ، قازاقلاردىن كىيىن ئالتىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ .



ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلىش نوپۇسى جەھەتتىن بولسا 67 نىڭ ئىچىدە ..

بۇرۇنقى تور دۇنياسىدا يوللانغاندەك ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتىن دۇنيادا 98 ئورۇندا ياكى 198 ئورۇندا تۇرمايدۇ . ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش نوپۇسىمۇ ھەم شۇنداق . (ئۈستىدىكى سىتاتىستىكىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى نوپۇسى 15 مىليوندىن ئارتۇق بولغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى يېزىلمىدى ۋە مىللەت نامىمۇ يېزىلمىدى . مېنىڭچە ئۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس دەپ قارىدىم)





دۇنيادا تەخمىنەن 2000 دىن ئارتۇق مىللەت بار ،بۇلار مەدەنىيەت ئورتاقلىقى جەھەتتىن 61 چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن .





بۇلار تۆۋەندىكىچە :





نوپۇسنىڭ ئىرق بويىچە ئايرىلىشى : ئاق تەنلىكلەر دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 54 % ، سېرىق تەنلىكلەر 37 % ، قارا تەنلىكلەر 8.5% ، ئاسىيادا 59 % موڭغۇل تىپىدىكى نوپۇس ، 29% ياۋروپا تىپىدىكى نوپۇس ، 9 % نىگرو تىپىدىكى نوپۇس بار.





نوپۇسنىڭ دىنىي ئېتقاد بويىچە ئايرىلىشى : خىرىستىئان دىنى 19.66 (يۈز مىليون ) ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 33.15% ، ئىسلام دىنى 11.79 (يۈز مىليون ) ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 19.89% ، ھىندى دىنى 7.67 (يۈز مىليون ) ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 12.94% ، بۇددا دىنى 3.67 (يۈز مىليون ) ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 6.02 % ، يەھۇدىي دىنى 0.2% ، يەرلىك دىنلار 2.44 (يۈز مىليون ) ،دۇنيا نوپۇسىنىڭ 4.12 % ، دىنغا ئېتقاد قىلمايدىغانلار 7.767 (يۈز مىليون) ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 13.10% ،









دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۆز مەدەنىيەت دائىرىسى بويىچە ئايرىلىشى :





تۈركىي مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 1.82 (يۈز مىليون) ،دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 2.66% . ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار 9.87 مىليون ،دۇنيادىكى 12--14 مىليون ، ئۇيغۇر دىيارى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 46 % .





ئۆزبېك ئۆزبېكىستاندا 20.95 مىليون ، دۇنيادىكى 27.65 مىليون . تۈرك تۈركىيەدە 62.12 مىليون ، دۇنيادا 63.9 مىليون ، ئەزەرلەر ئەزەربەيجاندا 7.79 مىليون ، دۇنيادا 25.58 مىليون ، تۈركىمەنلەر تۈركىمەنىستاندا 6.67 مىليون ، دۇنيادا 13.21 مىليون ، قازاقلار قازاقىستاندا 8.56 مىليون ، دۇنيادا 11.73 مىليون ،





ئەرەبلەر 27 دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى ، ئومۇمىي نوپۇسى 2.712 (يۈز مىليون) ، پارىس تىللىق مىللەتلەر : پارىسلار ئىراندا 35.92 مىليون ، دۇنيادىكى پارىس تىللىق مىللەتلەر 1.321 مىليون ، خەنزۇ قان سېستىمىسىغا تەۋەلەر : جوڭگودىكى خەنزۇ 12.85 (يۈز مىليون ) ، دۇنيادىكى ئومۇمىي 15.02 (يۈز مىليون) ،





پۈتۈن دۇنيادىكى سىگانلار 2-3 مىليونغىچە ، ئىندىئانلار ئامىرىكا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 1% نى تەشكىل قىلىدۇ ، دۇنيادىكى ئىندىئانلار 400 دىن ئارتۇق مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئومۇمىي نوپۇسى 5-7مىليون ئەتىراپىدا . موڭغۇللار 11-12مىليون ئەتىراپىدا ، مانجۇلار دۇنيادىكى 10.8 مىليون ، يەھۇدىيلار 13 مىليون ئەتىراپىدا .









دۇنيادىكى تىللار : فىرانسىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسى دۇنيادا 2796 خىل تىل بارلىقىنى كۆرسەتكەن ، خەلقئارا جەمئىيەت بولسا 2500--3500 ئەتىراپىدا تىل بار دەپ كۆرسەتكەن .



دۇنيادىكى تىللار17 چوڭ تىل سېستىمىسىغا ئايرىلغان . 1. ھىندى -ياۋرو تىل سېستىمىسى 2. سام - ھام تىل سېستىمىسى 3.

فىن ئۇگۇر تىل سېستىمىسى 4. ئالتاي تىل سېستىمىسى 5. خەن-زاڭ تىل سېستىمىسى 6. مالاي -پولنىزىيە تىل سېستىمىسى 7. ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئان تىللىرى 8. ....9.....



ھىندى -ياۋرو تىل سېستىمىسى 150 تىن ئارتۇق مىللەت ئىشلىتىدۇ ، ئىشلىتىش نوپۇسى ئەڭ كۆپ ، دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 45.5 % ئىگەللەيدۇ . خەن-زاڭ تىل سېستىمىسى ئىشلىتىش نوپۇسى جەھەتتىن ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ .





ئالتاي تىل سېستىمىسى 60 تىن كۆپ تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئىشلىتىش نوپۇسى 2.5 (يۈز مىليون) .



ئالتاي تىل سېستىمىسى 1. بۇلغار تىل تارمىقى 2. شەرقىي تۈرك تىل تارمىقى 3. شىمالىي تۈرك تىل تارمىقى 4. جەنۇبىي تۈرك تىل تارمىقى 5. غەربىي تۈرك تىل تارمىقى 6. قەدىمىي تىللار





ئۇيغۇرتىلى شەرقىي تۈرك تىل تامىقىغا تەۋە ، ئىشلىتىش نوپۇسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى 9.87 مىليون نوپۇس ، دۇنيادا 14 --12مىليون ئەتىراپىدىكى نوپۇس ئىشلىتىدۇ ، تۈرك تىلى جەنۇبىي تۈرك تىل تارمىقىغا تەۋە ، ئىشلىتىش نوپۇسى 63.9 مىليون .





ئىنگىلىزتىلى ئانا تىلى بولغانلارنى ھېسابلىغاندا دۇنيادىكى ئۈچىنجى چوڭ تىل ، ئالتە دۆلەتتىكى 4 يۈز مىليون نوپۇسنىڭ ئانا تىلى ، ئىشلىتىش نوپۇسىغا نىسبەتەن دۇنيادىكى ئىككىنجى چوڭ تىل 8.25 (يۈز مىليون ) نوپۇس ئىشلىتىدۇ ، ئەمەلىي قوللىىشچانلىقى دۇنيادا بىرىنجى ئورۇندا ، دۇنيادىكى ھۈججەت ، كىتاب ئۇچۇرلارنىڭ 60 % تى ئىنگىلىزتىلىدا يېزىلىىدۇ .





خەنزۇتىلى ئانا تىلى بولغانلار 15.02يۈز مىليون ، ئىشلىتىش نوپۇسى دۇنيادا بىرىنجى ئورۇندا ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 51 .



ھىندى تىلى 5.41 (يۈز مىليون) نوپۇسنىڭ ئانا تىلى ،



گېرمان تىلى37 دۆلەتتە ئىشلىتىلىدۇ، ئانا تىلى بولغانلار 1.1 (يۈز مىليون ) ، گېرمان تىلىنىڭ ئىشلىتىش نوپۇسى 1.25 (يۈز مىليون) .





ياپون تىلى پەقەت ياپونلارلا ئىشلىتىدۇ ، ئىشلىتىش نوپۇسى ياپونلار نوپۇسىنىڭ 99 % .





ئىسپان تىلى لاتىن ئامىرىكىسى دۆلەتلىرىدە كەڭ قوللىنىلىدىغان بولۇپ ، ئىشلىتىلىش نوپۇسى 3.52 (يۈز مىليون) .



ئىتالىيان تىلى 29 دۆلەتتە ئىشلىتىلىدۇ ، 5 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى ،





فىرانسۇز تىلى 40 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا ئىشلىتىلىدۇ ، ئافىرىقىدىلا 32 فىرانسۇز تىل ھۆكۈمەت تىلى بولغان دۆلەت بار . فىرانسۇز تىلى ئانا تىلى بولغانلار 87 مىليون ، ئىشلىتىلىش نوپۇسى 1.97 (يۈز مىليون ) .





ئەرەب تىلى 27 دۆلەت ۋە 4 خەلىقئارا تەشكىلاتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ ،ئەرەب تىلى ئانا تىلى بولغانلار 2.1 (يۈز مىليون ) ، ئىشلىتىش نوپۇسى 2.86(يۈز مىليون ) .



پارىس تىلى : پارىسلار ئىراندا 35.92 مىليون ، دۇنيادىكى پارىس تىللىق مىللەتلەر 1.321 يۈز مىليون





روس تىلى سابىق سوۋىت ئىتىپاقى دۆلەتلىرىدە قوللىنىلىدىغان بولۇپ ، روسىيەدە97% ، بىلوروسىيەدە 75% ، قازاقىستاندا 41% ، ئۇكىرائىندا 25 % ، قىرغىزىستاندا 21 % ، ئەزەربەيجاندا 7 % ، گىرۇزىيەدە 5% ، ئەرمىنىيەدە 2% ، ئامىرىكىدا 3.5 --4 مىليون كىشى ئىشلىتىدۇ .





ئىبىراي تىلى ... مىليون نوپۇس ئىلشىتىدۇ .





تىبەت تىلى 6.15 مىليون نوپۇس ئىشلىتىدۇ .





دۇنيادىكى ئىشلىتىش نوپۇسى ئەڭ كۆپ تىل :1. خەنزۇتىلى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 23% (2) ئىنگىلىزتىلى دۇنيا نوپۇسىنىڭ12% (3) روس تىلى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 6% (4) ئىسپان تىلى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 5.12% (5) ئەرەب تىلى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 3.97%





(6) فىرانسۇز تىلى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 2.87 % (7) گېرمان تىلى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 1.83 %



ئۇيغۇرتىلى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 0.205%



نوپۇسى 50 مىليوندىن ئاشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ شەھەرلىشىش ئەھۋالى :



شەھەرلىشىش تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر : (7)

ئەنگىلىيە 90 % ، بىرازىلىيە 86% ، ئامىرىكا 82 % ، مېكسىكا 78 % ، فىرانسىيە 78% ، گېرمانىيە 74 % ، روسىيە 73 % .



شەھەرلىشىش سۈرئىتى تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر : (14)

تۈركىيە 69 % ، ئىران 69 % ، ئىتالىيە 68 % ، ياپونىيە 67 % ، فىلىپىن 66% ، كورىيە 61 % ، ھىندىنوزىيە 53 % ، نىگىرىيە49%، جوڭگو 44 % ، مىسىر 43 % .......



شەھەرلىشىش دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرىۋاتقان دۆلەتلەر : (4)



ھىندىستان 30% ......



دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يەر كۆلىمى



1. روسىيە 17.075 مىليون كىۋادىرات كىلومىتىر



2. كانادا 9.971



3. جوڭگو 9.601

4.ئامىرىكا 9.364



5. بىرازىلىيە 8.547

6. ئاۋىستىرالىيە 7.741

7.ھىندىستان 3.288

8. ئارگىنتىنا 2.780

9.قازاقىستان 2.717

10. سۇدان 2.506



11. ئالجىرىيە 2.382

12.كونگو 2.345



13. سەئۇدىي ئەرەبىستان 2.150



14. مىكسىكا 1.958



15.ھىندىنوزىيە 1.905

16.لىۋىيە 1.760



.......... ...... 1.66

17. ئىران 1.633

18. موڭغولىيە 1.567



19.پىرۇ 1.285

20. چاد 1.284

38. تۈركىيە 0.7806

51. تۈركىمەن 0.488

55. ئۆزبېكىستان 0.447

84. قىرغىزىستان 0.0199

110. ئەزەربەيجان 0.087





ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 2009 دىكى ئومۇمىي نوپۇس سانى : (بىرلىكى يۈز مىليون)







1. جوڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى 13.386



2. ھىندىستان 11.66





3. ئامىرىكا 3.07





4. ھىندىنوزىيە 2.14





5.بىرازىلىيە 1.99



6.پاكىستان 1.76



7.بېنگال 1.56





8.نىگىرىيە 1.49





9.روسىيە 1.4





10.ياپونىيە 1.27





بىرلىكى (تۈمەن)



15. مىسىر 8308.3





16.گېرمانىيە 8233





17.تۈركىيە 7780.6





19. ئىران 6642.9





21. فىرانسىيە 6442



22. ئەنگىلىيە 6156.5



23. ئىتالىيە 5812.6





32. ئىسپانىيە 4052.5





37.ئاففانىستان 3361





41. ئىراق 2894.6





42. سەئۇدى ئەرەبىستان 2868.7





44. ئۆزبېكىستان 2760.6



48.يەمەن 2382.3



ئۇلانما مەنبە: مۇئەللىم بىلوگى

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-15 02:24:26

ياخشى ، ماۋ تېمىدىن جانغا ئەسقاتقۇدەك گەپلەر چىقىۋاتىدۇ . مەن ياندا ئاڭلاپ تۇراي  .


قوشۇپ قويىدىغىنىم : دۇرۇسۇللۇغەتىل ئەرەبىيەنىڭ بىرىنچى قىسىمىنى ناھايىتى شاش تۈگىتىپ بولۇپ مەكتەپتىكى دائىم باش لىڭشىتىپ سالام قىلىدىغان ئىراقلىق ئەرەبكە  گەپ قىلسام : كەچۈرگىن سەئۇدنىڭ ئەربچىسى بىلەن بىزنىڭ ئوخشىمايدۇ ،مەن چۈشىنەلمەيمەن ، ئېنگلىزچە سۆزلىشەيلى دېگەنتى \"\"


مىللەت بولۇشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك شەرتىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغان تىل ئومۇمىيلىق ۋە ئىدىئولوگىيە ئومۇمىيلىقى يوق بولغاچ پۈتۈن ئەرەبلەر بىر مىللەت دەپ قارالمامدىكىن ، خۇددى پۈتكۈل قارا تەنلىكلەرنى نىگىر دەپلا ئايرىپ مىللەت تەركىبىنى بىلەلمىگەندەك .....شەخسى كۆز قاراش .

atella يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 12:30:50


ساقلىۋالدىغان سان سىفىرلاركەن

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 14:31:59


نوپۇسنىڭ كۆپ - ئازلىقىغا قاراپ ، نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتتىن 7- سى بار، ئۇلار : خەنزۇ ، ھىندى ، ئامىرىكان ، روس ، ياپون ، بىرازىلىئان ، بىنگاللاردىن ئىبارەت.



  



*******************



بۇ مەلۇماتتا خاتالىق بارمۇ قانداق ؟   30 غا يېقىن دۆلەتتە ياشايدىغان ئەرەبلەر  100 مىليۇن كەلمەمدا  ؟   



ئۆتكەندە بىر ماتىرىيالدا كۆرسەم  يالغۇز مىسىرنىڭ نوپۇسىلا 70 مىليۇنغا يېقىنلايدىكەن .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 14:42:02


مىسىر ئاسىياغا تەۋە ئەمەس\"cool\".شىمالى ئافرىقىغا تەۋە



ئەرەپ نوپوسى 350 مىليوندىن 420 مىليون ئەتراپىدا ئىكەن.كۆچمەنلەر،ئارلاشما قان تىپلىقلارنى بۇلارنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈش كىرگۈزمەسلىك بىلەن ئىستاستىكا نەتىجىسى شۇنداق بولىدىكەن



  

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 19:54:34


        سەل قالايمىقان سان سىفىركەن .

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 20:16:58


نەقىل


  مىسىر ئاسىياغا تەۋە ئەمەس\"cool\".شىمالى ئافرىقىغا تەۋە



  ئەرەپ نوپوسى 350 مىليوندىن 420 مىليون ئەتراپىدا ئىكەن.كۆچمەنلەر،ئارلاشما قان تىپلىقلارنى بۇلارنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈش كىرگۈزمەسلىك بىلەن ئىستاستىكا نەتىجىسى شۇنداق بولىدىكەن



   



  مىسىرنىڭ قايسى قىتئەگە تەۋە بولىشى موھىم ئەمەس ،



  دىمەكچى بولغىنىم  نوپۇسى 100 مىليۇندىن ئاشىدىغان مىللەتلەر قاتارىدا ئەرەب مىللىتىنىڭ يوقلىغىدىن ھەيران قالدىم،   زىيالى ئەپەندىم سىزمۇ دەپسىز يۇقىرىدا ، ئەرەبلەرنىڭ نوپوسى 400 مىليۇن ئەتراپىدا تۇرسا نىمىشقا 100 مىليۇندىن ئاشىدىغان مىللەتلەر قاتارىدا ئەرەبلەر سانالمىدى دىمەكچىمەن ،



   


ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 20:36:18


بۇ تېمىنى ئىسىمدە قېلىشىچە تارىم 722 ئەپەندى يازغان.



ئەگەر تارىم ئەپەندى يازمىغان بولسا،ئۇنىڭ تېمىسىدا ئەرەپلەرنىڭ نوپوسى توغرىسىدا توختالغان بولىشى مومكىن.



بەرىبىر



ئەرەپلەرنىڭ نوپوسىنىڭ قانچىلىك بولىشى مۇھىم ئەمەسقۇ



  

Algha يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 21:00:59


باللا،ئەمىسە ماۋۇ يېقىندا ئېلان قىلانغان نوپۇس سىتاستىكىسىدا بىزلەرنىڭ نۇپۇسىمىز زادى قانچە چىقتى؟ بىلىدىغانلا ربولسا يوللاپ قويغان بولساڭلار. مەن ئىزدىسەم ئۇمۇمىي شىنجاڭ ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ دەپتۇيۇ بىراق ئۇيغۇرنىڭ مانچە،پالانى مىللەتنىڭ ئانچە دىمەپتۇ...بەك بىلگۈم كەپ كەتتى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-27 10:27:45


ئەرەبلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ قانچە بولىشى موھىم ياكى ئەمەسلىك مەسىلىسىنى بۇ يەردە سۆرەپ يۈرۈشنىڭ نىمە ھاجىتى ،  قارىسام  بۇ تېمىدا مىللەتلەرنىڭ سىتاستىكىسى ھەققىدە گەپ بوپتىكەن ، 100 مىليۇندىن ئاشىدىغان مىللەتلەر قاتارىدا ئەرەبلەرنىڭ يوقلىغىدىن ھەيران بولۇپ سورىۋېدىم ،  بۇنىڭغىمۇ جاۋاب چىقتى، بىلمىگەن ئىشتىن بىرنى بىلۋالدىم،



  ئەرەب دىگەن مىللەت نامى ئەمەس بەلكى بىر ئېرقنىڭ ئېتنىك نامى بولسا ،  ئانداقتا مۇشۇ ئېرقنى تەشكىل قىلغان ئاساسى مىللەتنىڭ نامى نىمە ؟  ئۇلارنىڭ سانىمۇ 100 مىليۇنغا توشمامدۇ ؟



يەنە بىرى، ئامېرىكان دىگەن مىللەتنىڭ نامى ئەمەستۇ ؟    ئامېرىكانلار دىگەن ئېنگىلىزلارنى كۆرسىتەمدۇ ؟



  



<< ماڭا نىسبەتەن ئەرەبلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ قنچىلىك بولۇشى مۇھىم ئەمەس . مۇھىمى 300 مىليونغا يېقىن ئەرەبلەرنىڭ 6 مىليون ئىسرائىلىيەىك يەھۇدىيلارغا تەڭ كېلەلمەسلىكى ...شۇ سېلىشتۇرما خالاس ....



دىن ۋە مائارىپنىڭ سېلىشتۇرمىسى ...  >>



يۇقارقى ماۋۇ گېپىڭىزگە كەلسەك،   توغرا ، ھازىرچە شۇنداق، ئەمما مەن 300 مىليۇن ئەرەب تاقابىل تۇرالمايۋاتقىنى يالغۇز 6 مىليۇن ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدى دەپلا قارىمايمەن،    ئىتقا يولۋاس ھامى بولسا بۆرىنىڭمۇ كۈچى يەتمەي قالىدۇ ،  6 مىليۇن ئىسرائىليەلىك يەھۇدى نەيزىنىڭ ئۇچى خالاس،  نەيزىنىڭ دەستىسىنىمۇ ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويمايلى ،



ئەرەبلەرنىڭ بۆلۈنمىچىلىگى، ۋە مائارىپ جەھەتتە ئارقىدا قېلىشى،  ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ چىرىك ، پەسكەشلىگى، ....... ئىشقىلىپ بۇنىڭدا سەۋەبلەر كۆپ ، ئەمما مۇشۇ سەۋەبلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا قانداق پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللارنىڭ بارلىغى  ھازىر ئانچە مەخپى ئىشلارمۇ ئەمەسقۇ،   نەچچە ئايلاردىن بۇيان ئەرەب ئەللىرىدە بولىۋاتقان ئىنقىلاپلارغا قاراپمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ،



<< دىن ۋە مائارىپنىڭ سېلىشتۇرمىسى ..... >>



  



ئىسلامىيەت دۇنياسى ئاجىزلىشىپ ، ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىگە بوزەك ھالغا چۈشۈپ قالغىلى تېخى  200 يىلدىن كۆپ بولغنى يوق، ئۇندىن بۇرۇن خىرىستىئانلار دۇنياسى ۋە باشقا ئىسلامىيىەت دۈشمەنلىرى بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىسلام خەلىپىلىكىگە تىك باقالمايدىغان دەۋرىلەردىمۇ مۇشۇ دىن ۋە مائارىپ بار، ئىدى،   دىن ھېچقاچان مائارىپقا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ، بەلكى پۈتۈن كۈچى بىلەن مائارىپقا ئۈندەيدۇ،



پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھدىن كەلگەن تۇنجى ۋەھىنىڭ  <<  ئوقۇغىن ! >> دىگەن بۇيرۇق ئىكەنلىگىنى بارلىق مۇسۇلمان پۇشتى بىلىدۇ .  ئاللاھنىڭ ، پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىنغان دەۋىرلەردە مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ خوجىسى بولغان ئىدى،



كىيىنكى ، بولۇپمۇ يېقىنقى دەۋىرلەردە ئاللاھنىڭ، پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىغا تولۇق ئەمەل قىلىنماسلىغى ، ۋە ھاكىمىيەت ھوقۇقىنىڭ بىر بۆلۈك پەسكەش كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشى ، ۋە ئۇندىن باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى  مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنداق پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى دىننىڭ خاتالىغى ئەمەس ، بەلكى دىنغا ھەقىقى ئەمەل قىلىپ ماڭالمىغانلارنىڭ خاتالىغىدۇر،



ئىسلام دۇنياسى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېمپىرىيە دەۋرىدىكى ، ۋە  ھازىرقى ئاجىزلاشقان دەۋرىدىكى دىنمۇ دەل شۇ ئىسلام دىنى ئىدى،  ھازىرقى ئاجىزلىشىشى دىننىڭ خاتالىغى بولسا كۈچلۈك دەۋرىدىكىچۇ ؟



ھازىرچە ئەھۋال بۇنداق بولغان بىلەن يېقىن كەلگۈسىدە مۇسۇلمانلار قايتىدىن ھوقۇقنى قولىغا ئالىدۇ، يەھۇدىلارنى قوغلاپ يۈرۈپ قىرىپ تاشلايدىغان دەۋرىلەر كېلىدۇ،   بۇ  پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدە ئېنىق بىشارەت بېرىلگەن،  مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمىز.



ھەم ئازىراق ئەزىيەت ، خورلۇق تارىتساق ، دىنىمىزغا دۆڭگەپ يۈرمەيمىز .



  

gullelle يوللانغان ۋاقتى 2011-5-27 13:08:54


ئامېرىكان دەپ مىللەت بارمىكەن؟ راسىتلا  بىلمەيدىكەنمەن. ئېلىمىزنىڭ نوپۇسى بىر مىليارد 6يۈز مىليوندۇ؟

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2011-5-27 14:14:41


ئامىركىدا ياشاۋاتقان ئارلاشمىلار ئامىركان دەپ ئاتىلدىغۇ دەيمەن .



بۇ قېتىمقى نوپۇس نەتىجىسىدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى توغرىلىق ئېنىق مەلۇماتنى مەنمۇ تاپالمىدىم .



پەرىزىمچە ئاللا بۇرۇن 10 مىلىيۇندىن ھالقىپ بىريەرگە باردى .

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 00:05:29


تارىم ئەپەندى، كەچۈرىسىز ، ئارىدا ئۇقۇشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ،



ئىسلامىيەتنىڭ تەشەببۇسىمۇ ئەسلى ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ ئىلغار بولغان  ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئۈگىنىش ئىدى،  ئىنشا ئاللاھ ، مۇسۇلمانلارمۇ شۇنداق بىلىملەرنى ئۈگىنىدىغان بولار  ...



*******



تۈمەن ئەپەندى :



<< mohsin《يەھۇدىلارنى قوغلاپ يۈرۈپ قىرىپ تاشلايدىغان دەۋرىلەر كېلىدۇ،》 ئەگەربارلىق مۇسۇلمانلارمۇ سىز ئويلىغاندەك مۇشۇنداقلا ئويلىسا يەنى قەد كۆتۈرۈشتىكى مەخسىدى بىر مىللەتنى ياكى بىر دۆلەتتتىكى پۇخرالارنى قىرىپ يوقىتىش بولسا .... >>



  



تۈمەن ئەپەندى،  مەن بۇ گەپنى پەقەت  يۇقارقى تارىم ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىدىكى  " 300 مىليۇن ئەرەبنى 6 مىليۇن يەھۇدىنىڭ بوزەك قىلىش " غا قارىتا يازغان ئىدىم،



مۇسۇلمانلار ئۇنداق ئويلىمايدۇ ،  ئەگەر سىزنى شۇنداق تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغان بولسام بۇ مېنىڭ خاتالىغىم،  ھەدىسنى تولۇق نەقىل ئالغان بولسام بوپتىكەن ئەسلى ،  مۇسۇلمانلار ھەرگىزمۇ بىر مىللەت ، ياكى بىر قەۋمنى نوقۇل دۈشمەن ھېسابلىمايدۇ بەلكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىغا قارشى چىققانلارنى ، ۋە زىمىندا ھەقسىز يوسۇندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ،  پىتنە پاسات پەيدا قىلىۋاتقانلارنى دۈشمىنى ھېسابلايدۇ،



ئىسلامىيەتنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن يولى ئاللاھ پەيغەمبىرى ئارقىلى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگەن ھەقىقەتنى تارقىتىش ، بۇ يولدا كۈچىنى سەرىپ قىلىش،   ئەگەر قارشى تەرەپ يەنىلا ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىسا ئۇلار بىلەن تىنىچلىقتا بىللە ئۆتۈش بولۇپ كەلگەن ،  بۇ ئەينى دەۋرىدىكى پەيغەمبىرىمىز دەۋرىدە ۋە كىيىنكى خەلىپىلەر دەۋرىدە مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بولغان كۆرەشلەردە ئىنىق بىلىنىدۇ ،  خەلىپىلەر دەۋرىدە يەر شارىنىڭ يېرىمىغا يېقىن زىمىنلار مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن  فەتھى قىلىنغان ،  بۇ زىمىنلاردىكى نۇرغۇن خەلىقلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن مۇسۇلمان بولغان ، يەنە نۇرغۇن دىنىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمىغانلار ئىسلام ئىمپىرىيسىنىڭ سەلتەنىتى ئاستىدا ئىسلامىيەت بەلگىلىگەن پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ خاتىرجەم ھالدا دىنى ۋە ھاياتى كېپىللىككە ئىگە بولۇپ ، ھېچقانداق زۇلۇمغا ئۇچرىماستىن نورمال ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان ،        بۇ ، كىينىكى دەۋىرلەردە يۈز بەرگەن خىرىستىئانلارنىڭ ئەھلى سەلىپ يۈرۈشلىرىدە قول ئاستىغا چۈشۈپ قالغان  مۇسۇلمان ۋە باشقا دىندىكى خەلىقلەرنى رەھىمسىزلەرچە قەتلىئام قىلىشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرمىدۇر .



  



مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلار ئوتتۇرىسدا بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ يۈز بېرىدىغانلىغى ، ۋە بۇ جەڭدە مۇسۇلمانلارنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىغى ،  ئۇلارنى قىرىپ تاشلايدىغانلىغى ، ھەتتا  بىر يەھۇدى ، تاش ياكى دەرەخنىڭ ئارقىسىغا يۆشۈرنىۋالسا ئۇ تاش ياكى دەرەخ " ئى مۇسۇلمان ئارقامدىكى يەھۇدىنى ئۆلتۈر "  دەيدىغان بىر ھالەتنىڭ يۈز بېرىدىغانلىغىدىن ھەدىستە خەۋەر بېرىلگەن .  مېنىڭ بايا سىز نەقىل ئالغان ئىنكاسىمدا كۆزدە تۇتقىنىم ئەشۇ ئەھۋالدۇر،



يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ بىگۇناھ خەلىقنى قانداق قىرغىن قىلىۋاتقانلىغىغا 60 يىلدىن بېرى شاھد بولۇپ كېلىۋاتىمىز .  بۇ جاللاتلارنىڭ قىلمىشىغا ئەقلى نورمال بىر ئىنسان تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ ،  ئالدىنقى يىلى  پەلەستىن پۇقرالىرىغا چەكلەنگەن فوسفور بومبىسىنى ئىشلىتىپ قانداق قىرغىنچىلىق قىلغانلىغى ئىسىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەندۇر،  ؟



مۇشۇنداق بىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتچىلەر بلەن ھەل قىلغۇچ جەڭگە چۈشۈپ ئاندىن ئۇلارنى جەڭدە قىرىپ تاشلاش  ھەرگىزمۇ سىز دىگەندەك بىر مىللەتنى ياكى بىگۇناھ پۇخرالارنى قىرىپ تاشلاش بولمايدۇ .



شۇ ئېنىق بولسۇنكى  يەھۇدى مىللىتى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ،  يەھۇدىلاردىنمۇ نۇرغۇن مۇسۇلمانلار بار،  مۇسۇلمانلار بىلەن تىنچىلقتا بىللە ئۆتىۋاتقان نۇرغۇن ياخشىللىرى بار ،  ھەتتا  ئۆز مىللىتىدىن چىققان ياۋۇز قانخور يەھۇدىلارغا قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان سانسىز يەھۇدىلار بار .



بەلكى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا مۇسۇلمانلارغا جەڭ ئېلان قىلغان ،  تاجاۋۇز قىلغانلار  ئىسلامىيىەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر،  بۇ پەقەت يەھۇدىلارغىلا قارىتىلغان ئەمەس ، ھەممىگە ئورتاق ،  ئەمما بۇرۇندىن ھازىرغىچە بۇ  جەھەتتە يەھۇدىلار ئەڭ مەركەزدە بولۇپ كەلدى،  ھېلىھەممۇ شۇنداققۇ ،    ھازىرقى ئىسرائىلىيەدىكى يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە تۇتقان پوزىتسيەسى ساغلام ئىنسان تەبىئېتى ۋە ئەقلى قوبۇل قىلالايدىغان دائىرىدىن كۆپ ھالقىپ كەتتى .



كۆلگىمۇ سۇ كىرىۋەرسە ھامان تاشىدۇ .  ئاللاھ بۇ سەركەشلەرنىڭ بۇنچە ھەددىدىن ئېشىشىغا يول قويىۋەرمەس ،  ھەدىسلەردە خەۋەر بېرىلگەن بۇ ئەھۋال بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ قولى ئارقىلق ئاللاھنىڭ ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرسىتىدىغان جازاسى بولىشى مومكىن،  ئاخىرەتتە ئۇلارنى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇغى كۈتۈپ تۇرىدۇ ،   ( ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر )

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 00:30:12


  تېمىغا قايتىپ كېلەيلى،     مەن بۇ تېمىدىن بۇرۇن بىلمىگەن بىلىملەرنى بىلىۋالدىم ،   تېما ئىگىسى ۋە بىلىدىغانلار دەپ بېرىڭلارچۇ !



ئەرەب دىگەن مىللەت نامى ئەمەس بەلكى بىر ئېرقنىڭ ئېتنىك نامى بولسا ، ئانداقتا مۇشۇ ئېرقنى تەشكىل قىلغان ئاساسى مىللەتنىڭ نامى نىمە ؟ ئۇلارنىڭ سانىمۇ 100 مىليۇنغا توشمامدۇ ؟



يەنە بىرى، ئامېرىكان دىگەن مىللەتنىڭ نامى ئەمەستۇ ؟ ئامېرىكانلار دىگەن ئېنگىلىزلارنى كۆرسىتەمدۇ ؟



ئەگەر ئەرەب مىللەت نامى بولمىسا ئانداقتا ئەرەبلەرنىڭ ئاساسى گەۋدسى زادى قايسى مىللەت ؟



  

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 08:07:12


ئامىرىكىلىقلارنى  ئامىرىكان      美利坚民族



ئەنگىلىيەلىكلەرنى  ئېنگىلىز     英吉利民族



نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتتىن 7 ،ئۇلار : خەنزۇ ، ھىندى ، ئامىرىكان ، روس ، ياپون ، بىرازىلىئان ، بىنگاللاردىن ئىبارەت.  دۇنيا نوپۇسىنىڭ 42% ،



نوپۇسى 50 مىليوندىن 100 مىليونغىچە بولغان مىللەت 9 ، ئۇلار : گېرمان ، ئىتالىيان ، مېكسىكان ، ئىنگىلىز ، كورىئان (چاۋشىيەن مىللىتى) ، ھىندىستاندىكى تامىل  قەبىلىلىرى ، بىھار  قەبىلىلىرى ، ھىندونوزىيەنىڭ ياۋا ئارىلىدىكى ياۋا قەبىلىلىرى .  دۇنيا  نوپۇسىنىڭ  12.5 % ،



يەنى ئەرەبلەر كىرگۈزۈلمىگەن .



ئەرەبلەر پەقەت جۇڭخۇا مىللەتلىرى ،  تۈركىي  مىللەتلەر ، فارىسىيلار ، ھىندىئانلار ، نىگىرلار دىگەندەك بىر ئومۇملۇققا قارىتىلغان نام .



  



ئەرەبلەرنى تەشكىل قىلغۇچى مىللەت ئەرەب ، لىكىن  ئۇ خاسلىققا ئىگە ، سەئۇدىي ئەرەبلىرى ، ئومان ئەرەبلىرى ، يەمەن ئەرەبلىرى ، مىسىر ئەرەبلىرى ....ئۇلارنى يەنە مۇشۇ بويىچە پارچىلاپ  قارىغان ، شۇڭا  ئەرەبلەرنى ئۆز ئالدىغا خاسلىققا ئىگە مىللەت ئەمەس ، ئۇ بىر ئېتنىك نام دەپ قاراپ سىتاتىستىكا قىلىنمىغان .





مىللەت سىتاتىستىكىلىرىنى سوۋىت ئىتتىپاقى مىللەتلەر تەتقىقات ئاكادىمىيەسى ئېلىپ بارغان ...بەلكىم ھازىر بۇ روسىيەگە مىراس قالغان بولسا كىرەك .



  



http://tarimi.blogbus.com/logs/103343175.html



جاۋابى ناھايىتى ئاددى . تۈركنى (تۈركىي مىللەتلەرنى) ، ئەرەبلەرنى بر مىللەت دەپ قاراش ، پان تۈركىسىزىم ۋە پان ئىسلامىزىم دەيدىغان نەزەرىيەلەرگە مۇخالىپ كېلىپ قالىدۇ .



ئوخشاش بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان تاتارلارمۇ بۈگۈنكى كۈندە بىر مىللەت دەپ قارالمايدۇ .



tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 09:35:56


قىزغىن مۇنازىرە كىشىنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، تەپەككۇرنى ئويغىتىدۇ. ھەرقايسى قېرىنداشلارنىڭ مۇنازىرىسىدىن تېمىدىكى بىر قىسىم كۆڭلۈمگە تۈگۈن بولغان سۇئاللارغا جاۋاب تېپىلغاندەك خوشال بولدۇم! ئىزدىنىش، تىرىشىش كېرەك!

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 10:09:27


ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىسلامدا گۇناھ ئەمەسمىكەن ؟ ئاللاھ بىزلەرنى مىھرىبان بولۇشقا بۇيرۇغان ئەمەسمىدى ؟



موھسىننى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى دەپلا بىلدىم .



  



سىزدىن بۇنداق ئىنكاسنىڭ چىقىشىغا ھەيران قالمايمەن ،



ئادەم ئۆلتۈرۈش ئەلۋەتتە ئىسلامدا گۇناھ ،  ئاللاھ مېھرىبان بولۇشقا بۇيرۇغان ،  ئۈستىدىكى ئىنكاسىمنى نورمال چۈشىنەلىگەنلىگىڭىزدىن گۇمانلىنىپ قالدىم  ،   



ماڭا كەيگۈزگەن بۇ قالپىقىڭىز بەك چوڭ بوپ كېتىپتۇ ،  ئەپسۇس بۇ قالپاققا لايىق ئەمەسمەن ،  سىز نىمە  ئۈچۈن مېنى شۇنداق دىگەنلىگىڭىزنى ئېنىقراق دىگەن بولسىڭىز بوپتىكەن ،  



ئەجەبا ئىسرائىلىيە يەھۇدىللىرىنىڭ بىگۇناھ پەلەستىن پۇقرالىرىغا قوللىنىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرى  سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە ھېچنىمە ئەمەس ئوخشىمامدۇ ؟   پەلەستىن پۇقرالىرىنىڭ  قېنى ، سۆڭىگى ئۈستىگە يەھۇدى مەھەللىلىرىنى بەرپا قىلىشىپ  ، پەلەستىن زىمىنىنى گويا ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشىتىپ قويۇپ ئىنسان بەرداشلىق بەرگۈسىز دەرىجىدە جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزىۋاتقانلىغى ئۈچۈن ئۇلارنى يامان كۆرگىنىمگە  مېنى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى دىگەن بولسىڭىز  ئانداقتا  مەن ئەيىپلىگەن شۇ جىنايەتكار  يەھۇدىلار ئىنسانىيەتنىڭ دوستى ئوخشىمامدۇ ؟



ئاپرىن سىزگە ،  



ئەلۋەتتە بىگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىسلامدا ئەڭ چوڭ گۇناھ قاتارىدىن ،  بىر بىگۇناھ ئىنساننى ئۆلتۈرگەنلىك پۈتۈن ئىنساننى ئۆلتۈرگەنلىككە باراۋەر ،  بىر بىگۇناھ ئىنساننى قۇتقۇزۇش پۈتۈن ئىنساننى قۇتقۇزغانغا باراۋەر دىگەن ئىسلام ئەقىدىسىدىن خەۋىرىڭز بارمۇ ؟  



شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلام  ، ئىسلامغا قارشى ئوت ئاچقان  ،   ئىسلامغا ، مۇسۇلمانلارغا تاجاۋۇز قىلغانلارغا قارشى جەڭ قىلىشقا ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان ،   فوسفۇر بومبىللىرىنى ئىشلىتىپ ، تىرىك كۆيدۈرۈپ  مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان قانخورلارغا قارشى جەڭ قىلماي  ئۇلارنى سۆيۈپ قويايلى ، ياكى كۈيئوغۇل قىلىۋالايلى دىگەن بولسام ئىنسانىيەتنىڭ دوستى بولاتتىمكەن ھە ،  



مەنمۇ ئىزدىنىشتا يۈرگىلى 10 يىل بولاي دىدى ( تىزىملاتقىلى 5 يىل )  ،  سىزنى بۇرۇندىن بىلىمەن ، ئەسلى بۇ ئىنكاسىڭزغا پەرۋا قىلمايمۇ دىگەن ،  ئەمما ئۇنداق قىلالمىدىم  ، چۈنكى .....



چۈنكى يەنە شۇ سىزنى دەپ ، بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،   سەۋەبى سىز ھازىر خەتەرلىك ئەھۋالغا دۈچ كەلدىڭىز .



ئالدىدىكى ئىنكاسىمنى ئۆزە م  قايتا قايتا ئوقۇپ چىقتىم ،



ئۇ ئىنكاستا  ئىسلامىيەتنىڭ ھېچقانداق بىر قەۋىم ، ياكى مىللەتنى دۈشمەن كۆرمەيدىغانلىغىنى ، پەقەت شۇ قەۋىمدىن ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان ، تاجاۋۇز قىلغانلارغىلا قىلمىشىغا يارىشا قارشى تۇرىدىغانلىغىنى يازغان ئىدىم ،



ھەم يەھۇدى مىللىتىنىڭ ، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ، مىللەت سۈپىتىدە ئىسلامىيەتكە دۈشمەن  ئەمەسلىگىنى ، پەقەت قايسى مىللەتتىن بولىشىدىن قەتئىنەزەر   ئىسلامغا تاجاۋۇز قىلغانلارنىڭ دۈشمەن ھېسابىلىنىدىغانلىغىنى يازغان ئىدىم ،    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مېنى شۇنداق دىگەن بولسىڭز  سىزنىڭ  چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىزدىن گۇمانلانماي تۇرالمايمەن ،



ئەگەر مەن نەقىل قىلغان پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسىگە ئاساسەن مېنى شۇنداق ئەيىپلىگەن بولسىڭز  سىز دۈچ كەلگەن خەتەر دەل مۇشۇ ،  ئۇ مەن دىگەن گەپ ئەمەس ، بەلكى ئىسلامىيەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىگەن ھەدىس ،  شۇنىڭغا ئاساسەن مېنى ئىنسانىيەت دۈشمىنى دىگەنلىگىڭز ماھىيەتتە پەيغەمبىرىمىزنى شۇنداق دىگەنلىگىڭز  بولىدۇ ،



راسلا مۇشۇنداق بولغان بولسا بېشىڭىزنى قاتتىق بىر سىلكىۋېتىپ قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىڭ ،   بۇ سىزگە سەمىمى تەكلىپ ،  ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئۇنداق دەپ قالپاق كىيدۈرگىنىڭزگە مەن ئۇنداق بوپ قالمايمەن ، ھەم ئەقلى، تەپەككۈرى ساغلام تورداشلارنىڭ  توغرا ھۆكۈم قىلالىشىغا ئىشىنىمەن ،  لېكىن سىزدىن ئەنسىرىدىم ھازىر . راسلا .



مېنىڭ قايسى سۈزۈمگە ئاساسەن مېنى شۇنداق دىگەنلىگىڭىز ھەققىدە ئېنىق، تەپسىلىرەك ، ۋە دەلىللىكرەك جاۋاب بېرىشىڭىزنى كۈتىمەن .   مېنىڭ يۇقارقى ئىنكاسلاردىكى قايسى گېپىمدىن  بىگۇناھ ئىنساننى قىرىش دىگەن ئۇقۇم چىقىدۇ . ؟



ئىسرائىلىيە يەھۇدىللىرىنىڭ ھازىر پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان قانخورلۇقلىغى  ئۇلارنى ئىنسانىيەت دۈشمنى   دەپ قاراشقا ، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىشكە يېتەرلىك بولمىسا ، بەلكىم ھەدىستە خەۋەر بېرىلگەن دەۋر كەلگۈچە  بولۇپمۇ قالار ،



ئۈستىدىكى ئىنكاسىمدا دىگەندەك   ،  شۇ ۋاقىتتا   شۇ جىنايەتكار يەھۇدىلار  ( يەھۇدى مىللىتى ئەمەس )  بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش يۈز بېرىدۇ  ، ھەمدە مۇسۇلمانلار يەھۇدىلارنى يېڭىدۇ ،   ئۇرۇشتا يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ ،   ئۈستىدە ئېنىق بولمىغان بولسا دەپ قايتا چۈشەنچە بەردىم  ،



  



ئەگەر بۇلارنى ئېنىق چۈشىنىپ تۇرۇپمۇ ، بىگۇناھ ئىنسانىيەتنى قىرغىن قىلغان مەلئۇنلارنى جەڭدە يېڭىپ قىرىپ تاشلىنىدىغانلىغىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ خەۋەر بەرگەنلىگىنى بايان قىلغىنىمغا مېنى شۇنداق دىگەن بولسىڭز ،  سىزگە باشقا گېپىم يوق،  ئەگەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىگە شۇنداق دىگەن بولسىڭىز  ،   ئۆزىڭىزدىن ئەنسىرەڭ .



مېنى نىمىلەرنى دىيشىڭزدىن پەرۋايىم يوق،   



سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ  چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى كۈتىمەن .    ئەلۋەتتە بۇ كەم كۆرۈلگەن بولسىمۇ

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 10:20:09


ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىسلامدا گۇناھ ئەمەسمىكەن ؟ ئاللاھ بىزلەرنى مىھرىبان بولۇشقا بۇيرۇغان ئەمەسمىدى ؟



موھسىننى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى دەپلا بىلدىم .



  



سىزدىن بۇنداق ئىنكاسنىڭ چىقىشىغا ھەيران قالمايمەن ،



ئادەم ئۆلتۈرۈش ئەلۋەتتە ئىسلامدا گۇناھ ،  ئاللاھ مېھرىبان بولۇشقا بۇيرۇغان ،  ئۈستىدىكى ئىنكاسىمنى نورمال چۈشىنەلىگەنلىگىڭىزدىن گۇمانلىنىپ قالدىم  ،   



ماڭا كەيگۈزگەن بۇ قالپىقىڭىز بەك چوڭ بوپ كېتىپتۇ ،  ئەپسۇس بۇ قالپاققا لايىق ئەمەسمەن ،  سىز نىمە  ئۈچۈن مېنى شۇنداق دىگەنلىگىڭىزنى ئېنىقراق دىگەن بولسىڭىز بوپتىكەن ،  



ئەجەبا ئىسرائىلىيە يەھۇدىللىرىنىڭ بىگۇناھ پەلەستىن پۇقرالىرىغا قوللىنىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرى  سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە ھېچنىمە ئەمەس ئوخشىمامدۇ ؟   پەلەستىن پۇقرالىرىنىڭ  قېنى ، سۆڭىگى ئۈستىگە يەھۇدى مەھەللىلىرىنى بەرپا قىلىشىپ  ، پەلەستىن زىمىنىنى گويا ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشىتىپ قويۇپ ئىنسان بەرداشلىق بەرگۈسىز دەرىجىدە جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزىۋاتقانلىغى ئۈچۈن ئۇلارنى يامان كۆرگىنىمگە  مېنى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى دىگەن بولسىڭىز  ئانداقتا  مەن ئەيىپلىگەن شۇ جىنايەتكار  يەھۇدىلار ئىنسانىيەتنىڭ دوستى ئوخشىمامدۇ ؟



ئاپرىن سىزگە ،  



ئەلۋەتتە بىگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىسلامدا ئەڭ چوڭ گۇناھ قاتارىدىن ،  بىر بىگۇناھ ئىنساننى ئۆلتۈرگەنلىك پۈتۈن ئىنساننى ئۆلتۈرگەنلىككە باراۋەر ،  بىر بىگۇناھ ئىنساننى قۇتقۇزۇش پۈتۈن ئىنساننى قۇتقۇزغانغا باراۋەر دىگەن ئىسلام ئەقىدىسىدىن خەۋىرىڭز بارمۇ ؟  



شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلام  ، ئىسلامغا قارشى ئوت ئاچقان  ،   ئىسلامغا ، مۇسۇلمانلارغا تاجاۋۇز قىلغانلارغا قارشى جەڭ قىلىشقا ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان ،   فوسفۇر بومبىللىرىنى ئىشلىتىپ ، تىرىك كۆيدۈرۈپ  مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان قانخورلارغا قارشى جەڭ قىلماي  ئۇلارنى سۆيۈپ قويايلى ، ياكى كۈيئوغۇل قىلىۋالايلى دىگەن بولسام ئىنسانىيەتنىڭ دوستى بولاتتىمكەن ھە ،  



مەنمۇ ئىزدىنىشتا يۈرگىلى 10 يىل بولاي دىدى ( تىزىملاتقىلى 5 يىل )  ،  سىزنى بۇرۇندىن بىلىمەن ، ئەسلى بۇ ئىنكاسىڭزغا پەرۋا قىلمايمۇ دىگەن ،  ئەمما ئۇنداق قىلالمىدىم  ، چۈنكى .....



چۈنكى يەنە شۇ سىزنى دەپ ، بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،   سەۋەبى سىز ھازىر خەتەرلىك ئەھۋالغا دۈچ كەلدىڭىز .



ئالدىدىكى ئىنكاسىمنى ئۆزە م  قايتا قايتا ئوقۇپ چىقتىم ،



ئۇ ئىنكاستا  ئىسلامىيەتنىڭ ھېچقانداق بىر قەۋىم ، ياكى مىللەتنى دۈشمەن كۆرمەيدىغانلىغىنى ، پەقەت شۇ قەۋىمدىن ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان ، تاجاۋۇز قىلغانلارغىلا قىلمىشىغا يارىشا قارشى تۇرىدىغانلىغىنى يازغان ئىدىم ،



ھەم يەھۇدى مىللىتىنىڭ ، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ، مىللەت سۈپىتىدە ئىسلامىيەتكە دۈشمەن  ئەمەسلىگىنى ، پەقەت قايسى مىللەتتىن بولىشىدىن قەتئىنەزەر   ئىسلامغا تاجاۋۇز قىلغانلارنىڭ دۈشمەن ھېسابىلىنىدىغانلىغىنى يازغان ئىدىم ،    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مېنى شۇنداق دىگەن بولسىڭز  سىزنىڭ  چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىزدىن گۇمانلانماي تۇرالمايمەن ،



ئەگەر مەن نەقىل قىلغان پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسىگە ئاساسەن مېنى شۇنداق ئەيىپلىگەن بولسىڭز  سىز دۈچ كەلگەن خەتەر دەل مۇشۇ ،  ئۇ مەن دىگەن گەپ ئەمەس ، بەلكى ئىسلامىيەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىگەن ھەدىس ،  شۇنىڭغا ئاساسەن مېنى ئىنسانىيەت دۈشمىنى دىگەنلىگىڭز ماھىيەتتە پەيغەمبىرىمىزنى شۇنداق دىگەنلىگىڭز  بولىدۇ ،



راسلا مۇشۇنداق بولغان بولسا بېشىڭىزنى قاتتىق بىر سىلكىۋېتىپ قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىڭ ،   بۇ سىزگە سەمىمى تەكلىپ ،  ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئۇنداق دەپ قالپاق كىيدۈرگىنىڭزگە مەن ئۇنداق بوپ قالمايمەن ، ھەم ئەقلى، تەپەككۈرى ساغلام تورداشلارنىڭ  توغرا ھۆكۈم قىلالىشىغا ئىشىنىمەن ،  لېكىن سىزدىن ئەنسىرىدىم ھازىر . راسلا .



مېنىڭ قايسى سۈزۈمگە ئاساسەن مېنى شۇنداق دىگەنلىگىڭىز ھەققىدە ئېنىق، تەپسىلىرەك ، ۋە دەلىللىكرەك جاۋاب بېرىشىڭىزنى كۈتىمەن .   مېنىڭ يۇقارقى ئىنكاسلاردىكى قايسى گېپىمدىن  بىگۇناھ ئىنساننى قىرىش دىگەن ئۇقۇم چىقىدۇ . ؟



ئىسرائىلىيە يەھۇدىللىرىنىڭ ھازىر پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان قانخورلۇقلىغى  ئۇلارنى ئىنسانىيەت دۈشمنى   دەپ قاراشقا ، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىشكە يېتەرلىك بولمىسا ، بەلكىم ھەدىستە خەۋەر بېرىلگەن دەۋر كەلگۈچە  بولۇپمۇ قالار ،



ئۈستىدىكى ئىنكاسىمدا دىگەندەك   ،  شۇ ۋاقىتتا   شۇ جىنايەتكار يەھۇدىلار  ( يەھۇدى مىللىتى ئەمەس )  بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش يۈز بېرىدۇ  ، ھەمدە مۇسۇلمانلار يەھۇدىلارنى يېڭىدۇ ،   ئۇرۇشتا يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ ،   ئۈستىدە ئېنىق بولمىغان بولسا دەپ قايتا چۈشەنچە بەردىم  ،



  



ئەگەر بۇلارنى ئېنىق چۈشىنىپ تۇرۇپمۇ ، بىگۇناھ ئىنسانىيەتنى قىرغىن قىلغان مەلئۇنلارنى جەڭدە يېڭىپ قىرىپ تاشلىنىدىغانلىغىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ خەۋەر بەرگەنلىگىنى بايان قىلغىنىمغا مېنى شۇنداق دىگەن بولسىڭز ،  سىزگە باشقا گېپىم يوق،  ئەگەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىگە شۇنداق دىگەن بولسىڭىز  ،   ئۆزىڭىزدىن ئەنسىرەڭ .



مېنى نىمىلەرنى دىيشىڭزدىن پەرۋايىم يوق،   



سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ  چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى كۈتىمەن .    ئەلۋەتتە بۇ كەم كۆرۈلگەن بولسىمۇ

بەت: [1] 2
: ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا نۇپۇسىدىكى ئورنى