tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 10:11:54

مۇھەببەت مۆجىزىسى




ياپونىيەدە بولغان ھەقىقى ۋەقە:



ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق:



ئادەتتە كۆپىنچە ياپونىيە ئۆيلىرىنىڭ تاملىرى ئىككى ياغاچ تاختىنىڭ ئارىسىغا بىر كەڭ بوشلۇق قالدۇرۇلۇپ ياسىلىدىكەن، ئۆيىنى يېڭىدىن زىننەتلەتمەكچى بولغان ياپونىيەلىك ئۆي تېمىنىڭ بىر تەرىپىنى ئۆرۈگۈزۈپتۇ. تامنى ئۆرۈۋاتقاندا , سىرتتىن قېقىلغان بىر مىخقا پۇتى مىخلىنىپ قېلىنغان ھايات كەسلەنچۈكنى كۈرۈپ بىئارام بۇلۇشقا باشلاپتۇ، شۇنداقلا بۇ كەسلەنچۈكنىڭ پۇتىنىڭ قانداق بۇلۇپ مىخلىنىپ قېلىنغىنىغا ھەيران بوپتۇ.



بۇ مىق تەخمىنەن 10 يىل بۇرۇن ئۆي ياسىلىۋاتقاندا قېقىلغان ئىكەن. ئۇنداقتا بۇ كەسلەنچۈك قانداق قىلىپ بۇ يەردە مىدىرلىماستىن 10 يىل ھايات ياشىيالىغاندۇ؟ قاراڭغۇ بىر تام ئىچىدە ھىچ قىمىرلىماستىن 10 يىل ياشىلىماق ناھايىتى قىيىنغۇ؟



بۇ كىشى بۇ خىيال بىلەن ئىشىنى تاشلاپ كەسلەنچۈكنى كۈزىتىشكە باشلاپتۇ. بىرئازدىن كىيىن قەيەردىندۇر ئاغزىدا ئۇزۇقلۇق ئېلىپ كەلگەن بىر كەسلەنچۈك پەيدابوپتۇ،  بۇ كىشى بۇ ھالەتىنى كۈرۈپ چۈچۈپ كىتىپتۇ ۋە ئويلاپتۇ:《بۇ قانداق بىر مۇھەببەتتۇر؟ پۇتى مىخلىنىپ قېلىنغان كەسلەنچۈكنىڭ 10 يىل مابەينىدە باشقا بىر كەسلەنچۈك تەرىپىدىن بېقىلىشىنى تۇتۇپ تۇرالىغۇدەك》!؟



قەلبىڭىزدىكى سۆيگۈنى ئەسلا يوقاتماڭ،  سىزنى سۆيگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ!



تۈرۈكچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:  زەيتۇن شېخى



ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-27 13:55:51


        مەنغۇ ئەخمەقلەرھە ئىشىنىمەن شۇنداق مۇھەببەتنىڭ بارلىقىغا  گەرچە يولۇقۇپ باقمىساممۇ ......

بەت: [1]
: مۇھەببەت مۆجىزىسى