arek يوللانغان ۋاقتى 2011-5-25 22:00:20

تارىختىكى بۇگۇن (25-ماي)


  1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مىسىر شىرسىمان ئادەم ھەيكىلىنى رىمونت قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى مىسىر زۇڭتۇڭى 25-ماي قاھىرەدە يىغىن ئېچىپ، بۇ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نەق مەيداندا قويغان ھۆججەتلىك فىلىمىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىرسىمان ئادەم تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ، ئەڭ نوپۇزلۇق بىر قېتىملىق رىمونت قىلىنغان. شىرسىمان ئادەم ھەيكىلى مىلادىدىن بۇرۇنقى 2610-يىلى ياسالغان بولۇپ، قەدىمقى مىسىرنىڭ قۇياش ئىلاھىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.



1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خىمىيىلىك قوراللارنى مەنئىي قىلىدىغان تەشكىلات رەسمىي قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات شەرتنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەر، ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە تېخنىكا كاتىبات باشقارمىسى قاتارلىق ئۈچ ئورگاندىن تەشكىل تاپقان. باش ئورگىنى ھاگۇئېدا.



1984-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دېڭ شياۋپىڭ جۇڭگونىڭ شياڭگاڭدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش ھوقۇقى بار دېگەن. بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىغانلىقىنىڭ سىمۋولى شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن قىلىنغان كاپالەت دېدى.



1979-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 273 كىشى ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغان.ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ DC-10 تىپلىق ئايروپىلانى چىكاگودىن ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ماتور ئايروپىلان قانىتىدىن يېرىلىپ كېتىپ، چاتاق چىققان.



1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئادەملىك ئالەم ئايروپىلانى ئۇچۇشنى غەلبىلىك تاماملىغان.



1948-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىنقىلابىي قۇربان دۇڭ سۇنرۈي ۋاپات بولغان. ئۇ 1929-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى خېبېي ئۆلكىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دۇڭ سۇنرۈينىڭ ليەنىدىكى يولداشلارنىڭ ۋەزىپىسى دۈشمەننىڭ مۇھىم بازىسى بولغان لۇڭ خۇا مەكتىپىنى يوقىتىش ئىدى. ئۇ لۇڭ خۇا مەكتىپىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى، دۈشمەنلەر ئۇ كۆۋرۈكنى توسۇۋالغانىدى، دۇڭ سۈنرۈي سەپداشلىرىنىڭ يەنە ھاياتىدىن ئايرىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سول قولىدا بومبىنى تۇتۇپ، ئوق قولىدا بومبىنىڭ پىلتىسىنى تارتتى، بۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ ئىستىھكامى پارتلاپ، قىزىل ئارمىيە ئالغا ئىلگىرلىدى، دۇڭ سۈنرۈي ئۆزى ھاياتىدىن ئايرىلدى.



-------------------



مەنبە :جۇڭگۇ ئۇيغۇر چە رادىئو تورى



  

بەت: [1]
: تارىختىكى بۇگۇن (25-ماي)