arek يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 19:24:54

تارىختىكى بۈگۈن(24-ماي)

1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، نيۇيورك سودا مەركىزىنىڭ پارتلاش دىلوسىدىكى تۆت جىنايەتچى 240 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان. بۇ قېتىملىق پارتلاشتا جەمئىي يەتتە كىشى تۇتۇلغان بولۇپ، قالغان ئۈچى پاكىت تولۇق بولمىغانلىقتىن قويۇۋېتىلگەن. بۇ تۆت جىنايەتچىگە بېرىلگەن جازا تولىمۇ ئالاھىدە، ئالدى بىلەن پارتلاشتا ئۆلگەن ئالتە كىشىنىڭ ياشاش ۋاقتىنى مۆلچەرلەپ، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ قازا قىلغان ۋاقىتتىكى يېشىنى ئېلىۋەتكەندە 180 يىل بولغان، بۇنىڭغا جىنايەتچىنىڭ تۇتۇلغاندا فېدېراتسىيە ئەمەلدارىغا ھۇجۇم قىلغانلىق ئىككى جىنايىتىگە قارىتا ھەر ئىككىسىگە 30 يىل ھۆكۈم قوشقان، بۇنىڭ بىلەن جەمئىي 240 يىل ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان.



1991-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كۇبا ئانگولادىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تاماملىغان. ئەڭ ئاخىرقى ئەسكەر 25-ماي ئانگولادىن ئايرىلىپ ۋەتىنىگە قايتقان. ئانگولا بىلەن كۇبا ئەسكەر چېكىندۈرۈپ چىقىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىل خارەكتىرلىك كېلىشىم تۈزگەن.



1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «ئىتالىيە لەغمىنى يولى» ئېچىۋىتىلگەن. ئەنگلىيەنىڭ لانتېز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ بىرىكىدىغان جايى ئېچىۋىتىلگەن. بۇ لوندۇندىن شوتلاندىيە چېگرىسىغا بولغان 300 ئېنگلىز مىلى كېلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ كۆۋرۈكنىڭ شەكلى چىگىلىشىپ كەتكەن ئىتالىيە لەغمىنىغا ئوخشايدۇ، شۇڭا كىشىلەر بۇ كۆۋرۈكنى «ئىتالىيە لەغمىنى يولى» دەپ ئاتىغان.



1953-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سىتىرولۇق فىلىم تۇنجى قېتىم قويۇلغان. ھوللىۋۇد كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ قوزغاش ئۈچۈن، سىتىرولۇق كىنونى كەشىپ قىلغان.



1952-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز كەڭ كۆلەمدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى 1950- يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان.



---------------------------------


مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

بەت: [1]
: تارىختىكى بۈگۈن(24-ماي)