tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 17:29:45

ئۆلۈك ساتقانلار

ئۆلۈك ساتقانلار
راست ئىشلار خاتىرىسى


ئۆلۈك ساتقانلار، توغرا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ، جۈپتىنىڭ مىيىتىنى پۇلغا ساتقانلار! بۇ قىز بالا نېمە دەيدىغاندۇ دەپ قالماڭلار، گەپنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئىلگىرى بىرەرسىنىڭ بارماقلىرىدىن ياكى بۇرنىدىن، ئېغىزىدىن قان تامشىپ قالغىنىنى كۆرسەم تىنىم شۈركىنىپ كېتەتتىم. ئوقۇشمۇ پۈتتۈردۈم، مانا ھازىرقى ئىش ئورنۇمدا بىر ئوبدان كىرىشىپ ئىشلەۋاتىمەن. مەن قاتناش ھادىسىسى بىر تەرەپ قىلىش ئەترىتىدە ئىشلەۋاتقان مۇشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئشقا چۈشكەن كۈنى ئەتىگەندىلا ئۇستازىم ئادەم ئۆلگەن نەق مەيدانغا بىرگە ئېلىپ باردى، ئۆلگەن، يارىلانغانلار ئاللىقاچان دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەچكە نەق مەيداندا پەقەت يەردىكى ۋە ماشىنىدىكى قان ئىزىلا قالغان ئىكەن. كۆرۈپ بىر ئاز كۆڭلۈم ئاينىدى، شۇنداقتىمۇ چاندۇرمىدىم. شۇنىڭدىن تارتىپ دەسلەپ ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرگەن بولسام، بارا- بارا ھادىسىدە ھەر خىل ھالەتتە ئۆلگەن جەسەتلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كۆندۈم. كۆنمەيمۇ ئامال يوق. يولۇقتۇرغان بىر قىسىم ئىشلار ئۈستىدە ئازغىنە بىر نەرسە يازغۇم كېلىپ قالدى:


ئادەم ئۆلگەن قاتناش ھادىسسىدە چىقىم- تۆلەم ئۈستىدىلا كۆپ قىسىم ئادەملىرىمىزدە ئورتاق بىر خىل ئەھۋال يەنى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابائاتلىرىنىڭ ئۆلۈم تۆلىمى توغرىسىدا كېلىشەلمەي ئۇرۇش- تالاش قىلىشىپ سوتلاردا سۆرىشىپ يۈرۈش كۆپرەك بولىدىكەن.


قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ھادىسە ئەھۋالىغا قارىتا ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق دەلىل- ئىسپات توپلىنىپ مەسئۇلىيەت ئايرىلىدۇ، ھادىسە بېكىتىشنامىسى يەتكۈزىلىدىغان كۈنى ئالاقىدار تەرەپ ۋە ئائىلە تاۋابائاتلىرى بىرلىكتە كېلىپ دەلىل- ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، ھادىسە بېكىتىشنامىسىغا ئىمزا قويۇش ھەر قايسى تەرەپلەرگە ئۇقتۇرۇشقا تېگىشلىك ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلەر ئۇقتۇرىلىدۇ. ھادىسە بىر تەرەپ قىلغان ئورگاننىڭ كېلىشتۈرىشىگە قوشۇلسا ياكى قوشۇلمىسا ياكى نەتىجىگە قايىل بولمىسا بەلگىلگەنگەن ۋاقىت ئىچىدە شۇ ئورگانغا ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا يازمىچە ئىلتىماس سۇنۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.  كىلىشتۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا چىقىم- تۆلەم ئۈستىدە بولىدىغان بىر قىسىم ئىشلاردىن ئادەم ئويغا چۆكمەي قالمايدۇ. ئۆلگۈچى تەرەپ ئالاقىداردىن بىرەر- ئىككىسى جېدەل چىقىرىپ، ھايات قالغان يەنە بىر تەرەپكە چايناپ پۈركىۋېتىدىغاندەك نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىدۇ. ئۆز- ئارا جەڭگە- جېدەل قىلىشىدۇ، توسۇپ تۇرىۋالمىساق قول تەگكۈزگۈسىمۇ بار. ئەلۋەتتە، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابائاتلىرىنىڭ ھېسياتىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. كۆز ئالدىدا ساپمۇ- ساق مېڭىپ يۈرگەن بىر ئادەمنىڭ تۇرۇپلا تاساددىبىي ھادىسدە ئۆلۈپ كېتىشىنى كىممۇ خالىسۇن؟ كىمنىڭمۇ رىئاللىققا تەن بەرگۈسى كېلىدۇ؟ ئەلۋەتتە جان كىمگە ئاچچىق، كىم يېقىنلىرى ئۆلۈپ كەتسە كۆزى قىيىدۇ، چىدايدۇ.؟! .....  بىراق بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ، نالە قىلغۇچىلاردىن قانچىلىكى مىيىت ئۈچۈن ياش تۆكەر؟ قانچىلىكى پۇل ئۈچۈن ياش تۆكەر؟!!!
بىر قېتىملىق ھادىسىدە يۈك ماشىنىسدا شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ياش بىر ئەر نەق مەيداندا قازا تاپتى، ماشىنا ھەيدىگۈچى «ياللىنىپ شوپۇر بولغان» ئېغىر يارىلانغان، ماشىنا ئىگىسى ئۆلگۈچىنىڭ تاغىسى. ئۆلگۈچىنىڭ شۇنداق ئوماق قوشكېزەك قىزى، چىرايلىق مۇلايىم، ئىلىم يولىنى تۇتقان تەقۋادار ئايالى بار ئىكەن، ھەر قېتىم ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابائاتلىرى كەلگەندە بۇ ئايال قىزلىرىنى ئېلىپ ئۆلگۈچىنڭ دادىسى بىلەن بىرلىكتە كەلدى. دائىم پاراڭلىشىپ يولدىشى بىلەن ئۆتكەن بەختلىك كۈنلىرىنى ئەسلەپ كۆز ياش قىلاتتى. ھادىسە بىر تەرەپ قىلىنىپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئەترەتتنىڭ كېلىشتۈرۈشىگە قوشۇلدى. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئىككى تەرەپ كېلىشىش ئۈچۈن چاقىرتىلدى. كۆز ئالدىمدا باشقا بىر سىما دەسلەپ كەلگەنلىرىدە يولدىشىغا قارىلىق تۇتۇپ، ھەسرەت چەككەن ئايال بۇ قېتىم ئۆزگىرىپ كەلگەن ئىدى. ئۈستىدە مودا كېيىملەر، يۈز- كۆزلىرىدە قېنىق گىرىم، ئالدىدىن ئوراپ چىگىلگەن يارىشىملىق باش ياغىلىقى ئەمدىلىكتە ئارقىسىغا ئايلاندۇرۇپ چىگىلگەن... بارلىق چىقىم- تۆلەم جەملىنىپ ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇللىرى، ئايالى- بالىلىرى، ئاتا- ئانىلىرىغا ئايرىم- ئايرىم تېگىدىغان پۇل ھېسابلىنىپ ئايرىلغان ۋاقىتتا ئايال رازى بولمىدى. دەسلەپ قېيىن ئاتا- ئانىلىرى بىلەن كېلىشىپ بالىنىڭ بىرىنى ئۆزى باقىدىغان، بىرىنى چوڭلارغا بېرىدىغان بولغان ئىكەن. دەقىقە ئىچىدە ئىككى بالىغا ئايرىم- ئايرىم بېرىلىدىغان پۇل، ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا- ئانىسىغا بېرىلىدىغان پۇل سانى بۇ ئايالنى قايمۇقتۇرغان ئىدى. ئايالنىڭ بىردىنلا ئۆزگەرگەن تەلىۋى ئىككى بالىنى ئۆزى باقىدىغان، قېيىنئاتا- ئانىلىرىغا بېرىلىدىغان پۇلنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆزى ئالماقچى ئىكەن. قانۇندا ئېنىق بەلگىلىمە بار، تۆلەم ھەر قايسى ئائىلە تاۋاباتلىرىغا قارىتا ئايرىم- ئايرىم بېرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئوغۇل بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتىنىڭ يۈرىكى مۇجۇلدى، كۆز ئالدىدىكى كېلىن قىزنىڭ ھالىتىگە قاراپ ئېچىندى. ئاقىۋەت كېلىنگە: «ئەگەر سىز خوشال بولىدىغانلا ئىش بولسا بالىنىڭ ھەر ئىككىسىنى سىز بېقىڭ، بىز پات- پات كۆرۈپ تۇرساق، ھالىدىن ئاز- تولا خەۋەر ئالالىساق بولدى. ئۆز يېنىمىزدىن چىقارغان مىيىت يۆتكەش، دەپنە قىلىشقا كەتكەن پۇللار تۆلەمدە تولۇقلىنىپتۇ. بوپتۇ ئۇنىمۇ سىز ئېلىڭ مەن رازى، پەقەت ئوغلۇمنىڭ يېنى يەرگە خاتىرجەم تەگسىلا مەن ھېچ نەرسىگە كۆز قىرىمنى سالمايمەن». كېلىن بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلمىدى، ئىككى تەرەپ تۆلەم تۆلىگۈچىلەردىن بارلىق پۇلنى بىر قېتىمدىلا قولىغا بېرىشىنى دېدى... ئۆلگۈچىنىڭ تاغىسى ماشىنىنىڭ ئىگىسى مەسئۇلىيەت كۆپرەك ئارتىلغان بۇ تەرەپ نائىنساپ بۇ ئايالغا«قولۇمدا بار بولغان بار بىساتنى يىغىپ بولسىمۇ ئامال قىلىمەن...» بۇ گەپلەرنىڭ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن تىترەك ئاۋازدا ئەلەم بىلەن چىقتى.
بىر قىز، بىر ئوغۇل، ۋاپادار، ئىخلاسمەن ئايالى بار بىر ئەر مەلۇم بىر ۋاقىتتا قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتتى. ئايالنىڭ ئېغىر- بېسىق، ئوقۇمۇشلۇقلىقى تەرقى- تۇرقىدىن چىقىپلا تۇراتتى. بالا ئانىغا چىدىغان بىلەن ئانا بالىغا ھەرگىزمۇ چىدىمايدۇ بۇ ھەقىقەتەن توغرا، ئۆلۈپ كەتكەن ئەرنىڭ ئانىسى شۇنداق يىغلىدى، ئىچى- ئىچىدىن ئۆرتىنىپ يىغلىدى. بۇ ھادىسىدىمۇ نەتىجە ئېلان قىلىنىپ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئەترىتىمىزنىڭ كېلىشتۈرىشىگە قوشۇلۇش ياكى قوشۇلماسلىقى ئۈچۈن ئويلىنىش ۋاقتى بېرىلدى. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئانا كەلمەي ئەرنىڭ ئايالى كەلدى، بىزنىڭ پاراڭلىشىپ ھال- مۇڭ بولۇشتۇق. ئۇمۇ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ گاھىدا بەخت تۇيغۇسى بىلەن كۈلۈمسىرىسە، گاھىدا سېغىنىش، قىيالماسلىق ياشلىرىنى تۆكەتتى. كېلىشتۈرۈشكە قوشۇلۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن چىقىم- تۆلەم جەملەش ئېلىپ بېرىلدى. قارشى تەرەپ ئالاقىدار ئۆزى بىۋاستە بارلىق تۆلەمنى بىرلا ۋاقىتتا بېرىدىغىنىنى، لېكىن مەلۇم ۋاقىت بېرىشىنى دېدى، ئايال قوشۇلدى، ئۇلار كەتتى. لېكىن ئايال ۋاقتى بولسىلا كېلىپ مەن بىلەن مۇڭدىشىپ كېتەتتى، بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشۇپ پۇلمۇ كەلدى، بۇ قېتىم ئانا كېلىن بىلەن بىرلىكتە كەلدى. پۇل قوللىرىغا تۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن ئانىنىڭ چىرايى ئۆزگەردى. ئۆزىگە تېگىدىغان پۇل سانىنى ئاز كۆرۈپ ماجرا چىقىرىشقا باشلىدى، ئىنساپلىق كېلىن كۆز- ياشلىرىنى تۇتۇپ قالالماي«ئانا، سىلىگە يەنە قانچىلىك لازىم ئەمدى جېدەل قىلمىسىلا مەن قولۇمدىكىنىلا بېرەي. مەن ئېرىمنىڭ ئۆلىكىنى ساتمايمەن، ئۇ ئۆز ئەجىلىدە كېتىپ قالدى رەھمىتىنىڭ يېنى ئامان بولسىلا بولدى...» دېدى. ئانا«ماڭا مىڭ سوم ئاز بېرىپتۇ» دېدى، كېلىن قولىدىكى پۇلدىن ئايرىپ ئېلىپ مىڭ سومغا يەنە بىر ئاز قوشۇپ بەردى. ئانا«بۇ پۇلنىڭ ئازراق يېرى يىرتىق ھەم كونا ئىكەن ئالماشتۇرۇپ بېرىڭ»... كېلىن ئانىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى، لېكىن يەنىلا پۇلنى ئالماشتۇرۇپ بەردى...
قايسى بىر كۈنى ئادەم ئۆلگەن قاتناش ھادىسىسى دېلوسىدىن بىرنى بىر تەرەپ قىلدۇق، نەتىجە يەتكۈزىلىدىغان كۈنى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىن  يەتتە- سەككىز ئادەم بىرلىكتە كەپتۇ. ئىشخانىدا ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز بىرىنىڭ قاتتىق ئاۋازدا «ۋاي مېنىڭ بالام...» دەپ يىغلاۋاتقان ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، <نېمە ئىش بولغاندۇ؟> دەپ چىقىپ قارىسام دەل ئۆلگۈچىنىڭ ئانىسى ئىكەن. ئىدارىنىڭ ھويلىسىدا ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ قاتتىق يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ. بىر ئوغلى بىلەن يولدىشى ئۇنى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويىشىغىلا يەنە يېتىۋالىدۇ. ئاخىرى بولماي بۇ ئايالنى ئەترەتنىڭ كۈتىۋېلىش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى. ئىككى تەرەپ تولۇق كەلگەندىن كېيىن ئۇلار ئىشخانىغا چاقىرتىلدى. ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ كىرگىنى دەل ھېلىقى ئايال. ئادەم شۇنچە ئۈن قويۇپ يىغلىسا كۆزلىرى قىزىرىپ ئىشىپمۇ قالاتتى، لېكىن بۇ ئانىنىڭ كۆزىدە ھېچقانداق ئىپادە يوق. نەتىجە ئېلان قىلىنىپ ئىمزا قويۇش باشلاندى، بىراق بۇ ئانا ئىمزا قويۇشقا پەقەتلا قوشۇلمىدى. قارشى تەرەپ ئالاقىلدارنى تىلغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن تىللىدى، ئانا ئۇنىڭغا«ئوغلۇمنى قەستەن ئۆلتۈرىۋەتتىڭ» دەپ ئېسىلىشقا ئۇرۇندى، بىز ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، ھەيۋە قىلىپ يۈرۈپ توسىدۇق ...  ئۇستازىم بەكلا سەزگۈر، يامان ئادەم. ئۇلار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئىدارىگە كېلىپ يىغلاپ يېتىۋېلىشى، ئىمزا قويماسلىقى پۈتۈنلەي ساختا قىياپەت ئىكەنلىكى، مەقسەتنىڭ كۆپرەك پۇل ئۈندۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئۇستازىم ئۇلارغا قانۇن يولى ئارقىلىق ئىدىيە خىزمەت ئىشلەپ ئاخىرى قايىل قىلدى. قاتناش ھادىسىسى قەستەنلىكتىن يۈز بەرمەيدۇ، ئەگەر قەستەن بولسا ئىدى ئۇ ۋاقىتتا قەستەن ئادەم يارىلاندۇرۇش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دەپ قارىلىپ جىنايى ئىشلار دېلوسى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىناتتى. ئۇلارغا چۈشەندۈردۇق، ئورۇنسىز جىدەل قىلىشنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى  چۈشەندۈردۇق... ئىمزا قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئانا بىلەن كېلىن، تاغا ئوتتۇرىسدا يەنە بىر قېتىم پۇل جېڭى باشلاندى. تۆلەم- چىقىم كېلىشتۈرۈش باسقۇچىغا كەلمەي تۇرۇپلا، مىيىتنىڭ كىرپىكىگە توپا قونماي تۇرۇپلا ئەنە شۇنداق پۇل جېدىلى باشلاندى.
ھايات ۋاقتىدا ھېچقانداق پەرزەنت، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى قارىمىغان ياشانغان بىر مويسىپىت قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كېتىۋېدى، ئوتتۇزدىن ئارتۇق ئادەم بىز ئۇنىڭ بالىلىرى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى دەپ كېلىپ جېدەل قىلدى... بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى نېمە؟ مىسال ئېلىپ سۆزلىسەك ھەر بىرىمىزنىڭ خىزمەت ئورنىدا تالاي ئىشلار مەۋجۈت. نېمە ئۈچۈن ئۆلۈك ساتقانلار دېيىشىمنىڭ سەۋەبى چۈشىنىشلىك بولغاندۇ؟ تۆلەم تۆلەش، بېرىشكە قارىتا قانۇندا ئېنىق بەلگىلىمە بېكىتىلگەن. بىراق چەكتىن ئاشقان نەپسانىيەت «مىھرى ئىسسىق» پۇلغا قۇل بولدى. شۇنداق، ئۇلاردىن كۆپىنچىسى ئۆلۈكنى پۇلغا ساتتى، پۇل ئۈچۈن قېرىنداشلار ياتلاشتى...


2010- يىلى 6- ئاينىڭ 2- كۈنى


تۇمارىس ئەھمەد ئاگنى

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 19:18:47

بۇ دەھشەت ماقالىكەنغۇ..

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 19:41:14

بۇنداق ئىشلار ماڭا تولا ئۇچىراپ كەتتى، قايسى كۈنى بىر سوت مېتىريالىدىن كۆرۈشۈمچە ، مەلۇم بىر مەمۇرى ئورگاندا خىزمەت قىلغۇچى ئايالى بىلەن باشقا بىر شەھەرگە شەخسى ماشىنىسىدا ساياھەتكە مېڭىپتۇ، ئۇلار ماڭاي دىيىشىگە ئايال تەرەپنىڭ ئاچىسى بالىسى بىلەن كېلىپ بىزمۇ ساياھەتكە بىللە بارايلى دەپ تۇرۇۋېلىپ بىللە مېڭىپتۇ، يولدا قاتناش ھادىسىسى چىقىپ ئاچىسىنىڭ بالىسى مېيىپ بولۇپ قاپتۇ، شۇ دەۋا بىلەن ئامراق ئەر-خوتۇنلارمۇ ئاجرىشىپ، ئۇلار بالامنى تۆلە دەپ ئۇ بالىنىڭ خىزمەت ئورنىغا بېرىپ تولا ئۇرۇشۇپ ئاخىرى ئۇ بالىمۇ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ تۈگەشتى. ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئەر خوتۇنلار بىر-بىرىگە شۇنداق ئامراق ئىكەن، قىز تەرەپنىڭ ئۆيىدىكىلىرى دەۋا قىلالمايدىكەنمىز دەپ ئۇ ئىككىسىنى مەجبۇرى ئاجراشتۇرۇۋېتىپتۇدەك.

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 22:05:47

”قانۇن ۋە پۇقرا” پروگىراممىسىدا لوپنۇردىكى بىر جۈپ بوۋاي-موماينىڭ ئوغلى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىدە تۈگەپ كېتىپتىكەن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا ئەكەلسىمۇ، بالىمىز ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلدى. بىز ئۇنىڭغا پۇل ئالساق بولمايدۇ دىسە، چۈشەندۈرگۈچى ئۇلار قانۇن ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشنى بىلمەيدۇ... دېگەندەك مەزمۇندا چۈشەندۈرۋاتاتتى...


«تۇمارىس ئەھمەد ئاگنى» دىكى «ئاگنى» نى تازا چۈشەنمىدىمما؟ تەگئاتمۇ، تەخەللۇسمۇ ياكى ئاتمۇ؟

tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 23:58:30

<<ئاگنى>> دىگەن سۆز قاراشەھەرنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىشىمۇ ئەيتاۋۇر شۇنداقراق يادىمدا.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-25 06:42:03

توغراق ، تۇمارس بوللۇپ كەلدىڭىزمۇ بۇ رەت ئىزدىنىشقا  ؟

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-5-25 10:29:39

تەڭرىقۇتكام توغرا دەيدۇ، قاراشەھەر ناھىيىسىنىڭ تارىخىي ئاتالغۇسى ھەم مېنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسۇم!


rita1028 مەن توغراق ئەمەس تۇمارىس... مەيلى ئىچكى توردا ياكى سىرتنىڭ تورىدا بولسۇن بۇرۇنمۇ ھەم ھازىرمۇ ئۆزگەرمەس ئىسىم!

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-5-25 21:09:28


مەن ماۋۇ تېمىغا ئىنكاس يازماقچى ئىدىم،ھىچ ۋاقتىم يەتمەيدۇ ،ئەمما ،تۇمارىس خانقىز ،سىز قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنداق پىكىر قىلماسلىقىڭز كىرەك ئىدى .

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 08:58:04


نەقىل


  مەن ماۋۇ تېمىغا ئىنكاس يازماقچى ئىدىم،ھىچ ۋاقتىم يەتمەيدۇ ،ئەمما ،تۇمارىس خانقىز ،سىز قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنداق پىكىر قىلماسلىقىڭز كىرەك ئىدى .



   



  ئېيتقانلىرىڭىز بەرھەق! .....  ئەينى ۋاقىتتا كۈندىلىك  خاتىرەمگە يېزىپ تەييارلاپ قويغان يۇقارقى يازمىنى ئوچۇق- ئاشكارا توردا ئېلان قىلمىغان ئىدىم. ئەمما مەن ھازىر  قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئەمەس،  باشقا كەسپتە،  بۇنىڭلىق بىلەن ھازىر قىلغانلىرىمنى مۇتلەق توغرا دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن.  ئويلايمەن پۈتۈنلەي خاتامۇ ئەمەس!


sevinch يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 09:07:07


پۇل دىگەننىڭ بىر ئۇچى يۇرەكتە بىر ئۇچى بىلەكتە دىگەن راسىت ئوخشايدۇ زادى.

بەت: [1]
: ئۆلۈك ساتقانلار