ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 08:07:40

مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئوبرازى قانداق بۇلىشى كىرەك ؟

مەن يىقىنىدا  تۇرك دۇنياسىنىڭ ئۆچمەس چىرىغى .  پەخىرلىك بۇۋىمىز ، بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي ھەققىدە بىر درامىنى سەھنىگە ئىلىپ چىقىشىنى ئۆمىت قىلىپ  يىزىشىنى باشلاي دىگەن ئىدىم . درامانى يىزىشتا پەرھات جىلان ئۈستاز يازغان  شۇ نامىلىق رۇمان بىلەن يەنە بىر نەچچە كىتاپتىن پايدىلىنىش ئارقىلىق يازماقچى بۇلۇپ درامىنىڭ ئاساسى قۇرۇلمسىنى ئويلاپ قويغان ئىدىم . بىراق يىقىنىدا مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئوبرازى قانداق بۇلۇش كىرەك ؟ دىگەن تىما توغۇرسىدا تالاش تارتىش بىر ئاز ئەۋىج ئىلىپ غازى ئەھمەد ئۇستاز سىزغان مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ رەسىمى زىيالى ۋە بەزى بىر ئالىملىرىمىز تەرىپىدىن ئىتىراپقا ئىلىنمىغاندەك نارازىلىق كەيپىياتنى ئىپادىلەپ قويىدى .  بەزىلەرگە بۇ رەسىم بەك يارىغان بولسا بەزىلەر مەھمۇد كاشىغەرىي بىر مەسچىتنىڭ ئىمام ياكى خاتىپى ئەمەس . ئۇ دىگەن ئەركەك تۇكى بار بىر شاھزادە . غۇرۇلۇق تۇرك ئالىمى . شۇنداق تۇرۇغلۇق نىمە دەپ سەللە ئورىغىدەك . تۇرك مەدەنىيىتى ئەڭ يۇقۇرى پەللىنى يارىتىۋاتقان ئۇ زامانلاردا مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ سەللە ئورىشى مۈمكىن ئەمەس ئۇنداقتا تۇرىكلەرنىڭ باش كىيمى يوقمىدى ؟ دىگەندەك كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ شۇ چاغدىكى تۇركلەرنىڭ باش كىيمى ھەققىدە ھىچكىم ئادەمنى قايىل قىلارلىق مەنبە بىلەن تەمىنلىيەلمىگەن بولدى .  يەنە بەزىلەر مەھمۇد كاشىغەرىي مۆمىن چىراي بۇلۇپ كەتكەن . ئۇ ھەرگىزمۇ يۇۋاش مۆمىن چىراي ئادەم ئەمەس . لوغاتىت تۇركتە  مەھمۇد كاشىغەرىي  ئۆزىنىڭ باتۇرلىغى ۋە قەلەمدىمۇ ئەلەمدىمۇ يىتىلگەن بىر جەڭچى ئىكەنلىگىنى ئىپادىلىگەن  . ئۇنى بۇنداق مۆمىن چىراي قىلىپ قويۇش يارىمايدىغان ئىش دىگەندەك بىر تۇرلۇك پىكىر ئىقىمى پەيدا بولدى .  مۇشۇ سەۋەپتىن بىز مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئوبرازىنى يارىتىش جەھەتتە يەنە بىر قىتىم ئويلنىشقا دۈچ كەلدۇق . قارا خانىيلار دەۋرىدىكى تۇركلەرنىڭ شۇ چاغدىكى كىينىش ئادەتلىرى ھەققىدە خىلى كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولغان بولساقمۇ لىكىن كونكىرىت مەسىلە ئۈستىدە يەنە ئىزدىنىشىكە توغرا كىلەتتى . بۇ جەھەتتە بىزنى مەلۇم ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلار بولسا كۆز قارىشىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار ياكى شۇ زامانلارغا ئائىت كىيم كىچەك مەدەنيىتى بىلەن تونۇشلار بولساڭلار رەسىم ياكى مەنبە ئارقىلىق تەمىنلىسەڭلار بىز ئۇقۇشماسلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان خاتالىققا يول قويمىساق دىگەن مەخسەت بىلەن بۇ تىمىنى يوللىدۇم .  يەنە بىر سۇئال مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ رەسىمدىكى ئوبرازى زادى قانداق بۇلۇشى كىرەك ؟ بۇ ھەقتە يەنە بىللە ئىزدىنىپ باقساق دىگەن ئۆمىىتتىمەن .  

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 09:00:38

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئۆزھال ئەپەندىم، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ھازىر گېپى بولىۋاتقان سەللىلىك پورتىرتىدىن بۇرۇن سىزىلغان بىر رەسىمى بار ئىدى،   ئۈستىدە كۆككە مايىل تون ، بېشىدا ئاق دوپپا ،   ( شاپاق دوپپا ) يانتۇراق ئولتۇرۇپ شام يورۇغىدا بىر نەرسە ئوقىۋاتقان،    بۇنچە دەپ كەتمىسەممۇ بىلدىڭلار ھەقىچان ،

ماڭ شۇ رەسىمى بەكمۇ يارىغان ،  تۇنجى قېتىم مەھمۇد قەشقىرى دەپ شۇ رەسىمدىن تونىغانلىغىم ئۈچۈنمۇ  ئېڭىمدىكى مەھمۇد قەشقىرى  ئوبرازى  ھەر قاچان ، دەل شۇ رەسىم شەكلىدە زاھىر بولىدۇ .

ھەم ئۇ رەسىممۇ بەكلا ياخشى سىزىلغان ئىدى،  بەلكىم ئۇنىمۇ غازى ئەھمەد ئۇستاز سىزغان بولىشى مومكىن،

كىيىنكى سىزغان سەللىلىك ئوبرازىغا كەلسەك ، ماڭا ئۇ رەسىممۇ يارىغان،  ھېچبىر مۆمىن چىراي  تۇيغۇمۇ بەرمىگەن،   زىيالىلارغا يارىمىغان بولسا بەلكىم ئۇ ئوبرازدىن چىقىپ تۇرغان قويۇق ئىسلام پۇرىغى  يارىمىغان بولىشى مومكىن،  بىلگەنلەرگە سىر ئەمەسكى ، مەھمۇد قەشقىرى ئۆز دەۋرىدىكى يېتىشكەن ئالىم ئىدى،  شۇ دەۋىرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇمۇشلۇق ئالىم كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا قارىساق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە دىندىمۇ ۋايىغا يەتكەن دىنى ئالىملار ھەم ئىكەنلىگىنى بايقايمىز ،  بۇ نوقتا پەخىرلىك بۇ ئالىمىمىزنىڭ بۆيۈك ئەسىرىدىمۇ گەۋدىلىنىپ تۇرۇپتۇ،  

ھەمدە بۇ ئەسەرنى تاماملىغاندىن كىيىن شۇ دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسىگە تەقدىم قىلغانلىغىدىن ھەم پۈتۈن جاھان خەۋەردار ،    ئۇلاردەك دىندا يېتىشكەن ئالىملارلا ئەمەس ، بەلكى شۇ دەۋرىدىكى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارمۇ  سەللە ئورايدىغانلىغى  مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردە ناھايتى ئېنىققۇ ،

مېنىڭچە غازى ئەھمەد ئۇستازمۇ بۇ رەسىمنى ھېچبىر ئاساسسزلا سىزمىغاندۇ،  سىزمۇ مۇشۇنداق بىر كاتتا ياخىش ئىشقا تۇتۇش قىلغاندىكىن ، بولسا غازى ئەھمەد ئۇستازنى ، ۋە  ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەھلى ئىلىملىرىمىزنى ئىزدەپ شۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېپ باقارسىز،    مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىزنىڭ ھاياتىنىڭ دىرامىلاشتۇرىلىدىغانلىغىنى ئاڭلاپ ھېلىتىنلا ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن،  خەيىرلىك ئىشلار داۋاملىشىپ كىيىنكى نۆۋەت يۈسۈپ بوۋىمىزغا كەلگەي ، ئىنشائاللاھ ،

بۇ تېمىنى يوللاپ ياخشى قىپسىز،  بۇ رەسىمدىكى سەللدىن نارازى بولغانلار ، ياكى ئۇ ئوبرازنى ئەرەبكە ئوخشاپ قاپتۇ دىگەن زىيالىلار ۋە باشقىلار  قايىل قىلارلىق ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويسا قاراپ باقارمىز،  ئاساسسىز ھېسياتىغا تايىنىپلا دەپ قويغان گەپلەرگە پەرۋا قىلىپ كەتمىگۈلۈك،

خۇلاسە كالام ،  مېنىڭچە كىيىنكى سەللىلىك ئوبرازىمۇ ياخشى يارىتىلغان،  نەدىمۇ مۆمىن چىراي بولسۇن،  رەسىمدىن ، تېگى تېگىدىن بىر خىل ئېسىل نەسەبىلىك،،  ۋە ئالىملىق پۇرىغى چىقىپ تۇرىدۇ،  ئەرەبكە ئوخشاپ قاپتۇ دىگەنلەر ئەرەبلەرنىڭ چىرايىنى تازا كۆرۈپ باقمىغانلارمۇ قانداق ،   

ساقال قويۇپ ، سەللە يۆگىگەن بولسىلا ئەرەب بولۇپ قالمايدۇ .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 12:27:32

http://www.ozhalsanat.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1559

ئاۋال بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بىقىڭلار .

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 16:57:52

مەن ئۇنىڭ ھەر ئىككى پورتىرتىنى ياقتۇرىمەن، چىراق  يورۇقىدا خەت يېزىۋاتقان پورتىرتىدىن بىر بۆيۈك ئىلىم پەرۋانىسىنىڭ سىماسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، سەللىك ئوبرازىدىكى تۈرۈلگەن قوشۇمىسىدىن ئۇنىڭ غەيرەتلىك، تەۋرەنمەس ئىرادىگە ئىگە شەخىس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 18:59:50

ئۆزھال ئۇنى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىڭ:


1. ئۆي ئىچى (كىشىلەر ئاز): كىتاپ ئوقۇۋاتقان، يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان، كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەردە، بىزگە تونۇشلۇق شاپاق دوپپا كەيگەن كۆرۈنۈش بولسا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل كۆپىنچىمىزگە خوپ كېلىدۇ، دادامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مويسىپىتلارنىڭ ھەممىسى ئۆي ئىچىدە نېپىز شاپاق دوپپا كىيىۋالىدۇ. قوشۇمچە، شاپاق دوپپىنىڭ ئۇيغۇر نەشىرى، پاكىستان- ئافغانىستان نەشىرى پەرقلىق، بۇنى كونسول كوچىسىدا كۆپ يۈرگەنلەر بىلدى ھەقىچان..


2. باغ، ھويلا، (كىشىلەر كۆپ): دوپپا كەيسە بولىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر دىرامما ئارقىلىق، بىر باش كېيىم ئارقىلىق ئالىمنىڭ تەۋەلىكىنى ئىپادىلىگەن بىلەن باراۋەر.


3. مەدرىس، مەسچىت، يول: ئاممىۋى سورۇنلار: ئەگەر تارىخىي ماتېرىياللاردا ئالىمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ئېنىق بولسا، مويسىپىت مەھمۇت قەشقىرى سەللە كەيسە بولىدۇ. ياش مەھمۇت قەشقىرى دوپپا كەيسە بولىدۇ.


شەخسىي كۆز قارىشىم، سەللە كەيگەن كېيىنكى ئوبرازغا قارىغاندا، شام يورۇقىدا كىتاپ كۆرۈۋاتقان ئوبراز مۇتلەق كۆپ كىشىگە ئىللىق كۆرۈنىدۇ، بۇ قارىشىمدا ھېچقانداق دوپپا- سەللە ۋە رەسسام توقۇنۇشى ئارىلاشمىغان.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 19:10:13

قوشۇمچە، شۇ دەۋىرگە نىسبەتەن، تۇماق كىيىشمۇ بىر مەدەنىي كىيىم ھېساپلانسا كېرەك.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 20:05:11

mohsin ۋە hx1 لەرنىڭ ئىنكاسىنى ئورۇنلۇق كۆردۈم.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 11:00:28


ئاستىدىكى ئۇلانمىنى چىكىپ كۆرۈپ بېقىڭلار بەلكىم ئازدۇر سۇئالغا جاۋاب تېپىلىپ قېلىشى ئېھتىمال!  ئىزدىنىشتە كۆپرەك ئىزدىنىپ تېخىمۇ كۆپ بىلىم بۇلىقىنى بارلىققا كەلتۈرەيلى!



http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=40365

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-26 11:39:42


ئاستىدىكى ئۇلانمىنى چىكىپ كۆرۈپ بېقىڭلار بەلكىم ئازدۇر سۇئالغا جاۋاب تېپىلىپ قېلىشى ئېھتىمال!  ئىزدىنىشتە كۆپرەك ئىزدىنىپ تېخىمۇ كۆپ بىلىم بۇلىقىنى بارلىققا كەلتۈرەيلى!



http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=40365

بەت: [1]
: مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئوبرازى قانداق بۇلىشى كىرەك ؟