wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-23 22:06:14

قۇچاقلىشىڭ يەنە بەكەرەك

ئۈرۈمچىگە بېرىپ بۇرنا كۈن ،
قىززىق ئىىشتىن بىرگە يولۇقتۇم .
ئەشۇ ئىشنىڭ «شاپائەت»ىدىن ،
تورداشلارغا بىر شېئىر  سۇندۇم .

يىغىن ئورنى بولغاچ، ئامالسىز ،
شىياۋشىمىندىن ياتاقنى ئاچتىم  .
قورسىقىمنى  ئەستەرلەش ئۈچۈن  ،
دۆڭكۆۋرۈككە قاراپ يول ئالدىم .

بىرىنچى يول ئاپتۇبۇسىدا ،
روھىم ئۈستۈن كېتىپ باراتتىم .
چوڭ  شەھەرنىڭ مەنزىرلىرىگە،
دېرىزىدىن تويماي قارايتىم .

ئاپتۇبۇستا ئۇيغۇر قىز -يىگىت ،
قۇچاقلىشىپ، خىجىل بولۇشماي .
يۆگىمەچتەك يۆگىشىپ كەتتى   ،
ئادەم بار دەپ ئويلاپمۇ قويماي .

غودۇڭشىدى «توۋا!» دېيىشىپ  ،
ئارقا رەتتە تۇرغان بوۋايلار .
«نومۇس» دېدى ياڭراق ئاۋازدا ،
سەھرا چىراي تۇرغان ئۇيغۇرلار .

ئىرماش چىرماش بولۇپ خىرامان ،
خىجىل قىلدى بارچىمىزنى بەك .
خۇيۇم تۇتۇپ دېدىم ئۇلارغا:
«قۇچاقلىشىڭ يەنە بەكەرەك.

بولسا سېلىپ كىيىم كېچەكنى .
مۇشۇ يەردە يېتىۋىلىڭلار ،
سەندۇڭبىيغا يېتىپ بارغىچە ،
بىرەر بالا تېپىۋىلىڭلار !»

« ئوخخو » دېدى بالاڭزا چەيدو ،
يىگىت دەھشەت ئاچچىقى تۇتۇپ .
«نېمە كارىڭ، ئاناڭنى...» دېدى ،
قىز بالىمۇ قولىنى نوقۇپ .

پەيلىرىڭنى قىرقىۋىتەي دەپ .
يىگىت ماڭا قاراپ ئېتىلدى .
گەپلىرىمگە  قاقاقلاپ كۈلۈپ ،
مەن تەرەپكە چوڭلار قېتىلدى .

ئەڭ سەت گەپتە مېنى تىللىشىپ .
چۈشۈپ قالدى ئۇلار بېكەتتە .
مېنى بەلكىم ئۇرالمىغانغا ،
يىگىت قالدى داغدا ھەسرەتتە .

تىللىساڭمۇ تىللا  تۇغقىنىم ،
كارى چاغلىق سەندىن مۇشىت يېسەم .
نېمە كارىم ئوبدان ئويلاپ باق ،
سېنى ئۇيغۇر ئىكەن دېمىسەم .

2011- يىلى 4- ئاينىڭ 4- كۈنى بۆرتالا شەھىرىدە يېزىلدى


ئىزدىنىش يوق ۋاقىتتا يېزىپتىكەنمەن ،شۇڭا ئەسەرلىرىم بار يەرگە يوللىدىم ،باشقا يەردە كۆرگەنلەرنىڭ  مېنى ئەيىپلەپ گۇناھلىرىمنى يۇيۇشۇمغا ياردەم بەرمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-5-23 23:42:01

نەقىل
ئىزدىنىش يوق ۋاقىتتا يېزىپتىكەنمەن ،شۇڭا ئەسەرلىرىم بار يەرگە يوللىدىم ،باشقا يەردە كۆرگەنلەرنىڭ  مېنى ئەيىپلەپ گۇناھلىرىمنى يۇيۇشۇمغا ياردەم بەرمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن .


Mushu Giping Uchun Bir Qushuq Qiningdin Kechtim . Bolmisa Taza Bir Tillay Digen

murad يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 05:02:25

شېئىر يارىدى. ئاشۇنداق ئېشەكتەك «ھېسىياتچان» بالىلار ئۇچراپ قالىدۇ پات- پات. قۇچاقلاشسا چاۋاك چالىدىغان كىنولارنى جىق كۆرۈپ مىڭىسىگە چىقىپ كەتكەن بالىلارمىكىن...

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 06:07:22

شېئىر نوچىغۇ؟ ئوبدان يېزىپسىز دەللا كەتپۇ بۇ ھازىرقى زامان ياشلىرىغا
-----
ما ئىزدىنشنىڭ ئىنكاس ۋە تېما يېزىش ئىقتىدارىغا ئۇيغۇرچە خەتنى بىۋاستە يازغىلى بولىدىغان قىلساڭلار بولاتتى، تولا كىرگۈزگۈچ ئالماشتۇرۇپ ھېرىپ قالىدىكەن ئادەم.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 06:12:31

ھاھا

نوچى چىقىپتۇ

ئاخىرىمۇ پەيزى چۈشۈپتۇ

رەھمەت

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

karikat يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 12:22:24

ۋاي ئا ئەفىيفىينى بىر كەچۈرىۋەتتۇق دەۋېتىڭلار بىر.

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 23:50:53

ھاھاھاھاھا قاراقات  (باش بارماق)

zordun يوللانغان ۋاقتى 2011-5-25 11:18:34

بۇ شېئېر تازىمۇ جايىدا يىزىلىپتۇ.

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-8 00:45:07

ماۋۇ ئەفىيفى ئۇخلاپ ئويغىنىپ ئىنكاس يازغانلىقى ئېسىدە يوق يېزىۋېرىپتۇدە...

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-8 00:48:34

بولدى ئەفىفىي ئافەتتۇق

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-6-9 20:53:41

شېئىرنىڭ نان تېگىدىغان يىرى مۇشۇ بولسا كېرەك



بولسا سېلىپ كىيىم كېچەكنى .

مۇشۇ يەردە يېتىۋىلىڭلار ،

سەندۇڭبىيغا يېتىپ بارغىچە ،


بىرەر بالا تېپىۋىلىڭلار !»  






يادلىۋالدىم.

بەت: [1]