arek يوللانغان ۋاقتى 2011-5-23 20:25:30

تارىختىكى بۈگۈن(23-ماي)


1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كامبۇدژادا سايلام ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ 1972-يىلىدىن بۇيانقى كۆپ پارتىيەلەرنىڭ تۇنجى قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈشى. تۆت مىليون 700 مىڭ كىشى ئىچىدىكى تۆت مىليون 200 مىڭ كىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كامبۇدژادا تۇرۇشلۇق ئورگىنىدىكى قوراللىق قىسىمنىڭ قوغدىشى ئاستىدا سايلامغا بېلەت تاشلىدى.



1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ كوماندىلار ئارا مۇسابىقىسىدە جۇڭگو قىزلار كوماندىسى چىمپىيون بولغان.ئەرلەر كوماندىسى شۋېتسىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.



1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مەركەز مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رەھبىرى كادىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ، جۆرىلىرىنىڭ سودا قىلىشىنى مەنئىي قىلغان.


1951-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، شىزاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان.



1949-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. گېرمانىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مەغلۇپ بولغۇچى دۆلەت. 1949-يىلى 4-ئايدا غەرپتىكى ئۈچ دۆلەت گېرمانىيەنىڭ «ئىشغالىيەت قانۇن-نىزامى» نى بېكىتكەن. 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلىنغان پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىلغان. يېڭى دۆلەتنىڭ شەكلى فېدېراتسىيە شەكلىدە بولغان.


1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە ۋەزىرى چېرچىل ئىستىپا بەرگەن. ئۇرۇش مەزگىلىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت پارچىلىنىپ كەتكەچكە، چېرچىل ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ بىلەن 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگلىيە 10 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى سايلام پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن. چېرچىل 1874-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇغۇلغان، 1965-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋاپات بولغان.1951-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، 77 ياشلىق چېرچىل يەنە ھاكىمىيەت باشقۇرغان. ۋىنستون چېرچېل ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ئەنگلىيە سايلىمىدا پارلامېنتغا بولغان كونتروللىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، بۇيرۇققا بىنائەن يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللىگەن. ۋەزىرلىك ئورنى-ئۇنىڭغا نىسبەتەن غەلىبە شۇنداقلا بىر خىرىس بولغان. چېرچېل دەل ئەنگلىيەنىڭ تاشقى سودىدىكى تەتۈر پەرقى بارغانسېرى ئېشىپ، ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كەلگەندە ۋەزىر بولغان. شۇڭا ئۇ ۋەكىللىك قىلغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى چوقۇم دۇنيانىڭ فوندستېرلىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك ئىدى.



------------------------------


مەنبە :جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

بەت: [1]
: تارىختىكى بۈگۈن(23-ماي)