قەشقەرچە يۇمۇر ۋە ئورتاق يۇمۇر ،ئىشقىلىپ يۇمۇر
تۈزۈك قىززىيدىغان تېما چىقماۋاتىدۇ يىقىندىن بۇيان ، مۇشۇ يۇمۇرلار بىلەن بىر قىززىتمايلىمۇ !
قەشقەرچە يۇمۇر:
1-قەشقەرنىڭ يوللىرى بەك كەڭرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرى ماشىنا يولى ئىككى يان تەرپى ۋىلسىپىت يولى ئۇنىڭ يان تەرپى پىيادىلەر يولى ، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئاغىنەم بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقان، كەينىمىزدىن بىر ۋىلسىپىت كىلىپ قوڭغۇرقىنى جىرىڭلىتىۋەردى، شۇنچە چوڭ يولغا پاتماي جىرىڭلىتىۋەدى ماۋۇ ئەدەم، يول كەڭرى بولغاندىكىن ئايلنىپ ماڭسا بولمامدۇ دەپ ئويلاپ پارىڭىمىزنى قىلىپ مىڭىۋەردۇق ، بىر ۋاقىتتا ھېلقى ئەدەم ئالدىمىزغا كىلىپلا ۋىلسىپىتتىن چۈشۈپ ،<قايلىسا ئۇكىللىرىم ماۋۇ ۋىلسىپىتنى ئىككىلىرى مىنىپ ما يولدا مېڭىشسا ، مەن ئاۋۇ پىيادىلەر يولىدا ماڭاي ماقۇلما !!!!> .
2- بىركۈنى ئۆستەڭ بويىدىن ماشىنا بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ قارىسام بىر قاسسا يېڭىدىن سويغان قوينى كانارغا ئېسىۋىتىپتىكەن يېڭى گۆشتىن ئالغاچ كىتەي دەپ شۇ قاسساپنىڭ يېنىدىلا ماشىنى توختىتىپ چۈشەي دەپ تۇرسام ئۇدۇلدىكى سەتىراچخانىدىن بىر بالا يۈگىرەپ چىقىپ < ئاكوووووو، دۇككاننىڭ ئىشكىنى ئېچىپ بىرەي ماشىنىلىرىنى ئىچىگىلا توختاتمالا !> ئەسلى گۆشنى ئىلىپلا ماڭغاندىكىن دەپ سەتىراچخانىنىڭ ئالدىدىلا توختاپتىكەنمەن !
داۋامىنى يازغاچ تۇرۇڭلا، مەن چۈشتىن كىيىن داۋاملاشتۇرىمەن!
شۇنداق شوخ بىر ساۋاقدىشىم بولدىغان ،دەرىس ۋاقتىدا ئولتۇرۇپ ئالدىدىكى قىزلارنىڭ بىردەم چېچىنى تارتىپ،بىردەم دۈمبىسىگە خەت يېزىپ قويۇپ دىگەندەك ئولتۇراتتى ،بىر كۈنى مەن يېنىدا ئىدىم ،ئادىمىزدا سىنىپىمىزدىكى بىر قىزچاق ئولتۇرغان ئىدى .ئۇنىڭ ئىچى پۇشۇپ قىزبالىنىڭ چېچىنى تارىتپ ئولتاردى،ئۇ قىزغا نىمە بولدى كۆزىنى ئالايتىپلا ئاغىنەمگە قاراپ : يې ،نىمدا قىلسە سەن قولۇڭدا تارتىۋاتقان چاچ دىگەنتى ،ئۇ چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەي:
_ بىلىمەن ،سەن باشقا ئىشلاردىن ئەسىرىمە، ياتاققا قايتىپ قولۇمنى سوپۇنداپ 3-4قېتىم يۇيۋەتسەملا بولىدۇ
ماۋۇ تۈمەن دىگە كونا قاشقالىق رۇسلان دىگەن جا قەشقەلىق چانىدىغان بولىدىدە
يەنە بىر قېتىم بىر ئاغىنەمنى يوقلاپ باردىم قەشقەرگە ،كىينچە بىزنىڭ ئۆيگە بارىدىغان بولۇپ قالدۇق،ماشىنىدا يېنىمىزغا بىې قىزچاق كىلىپ قاپتىكەن ،ئاغىنەمنىڭ شوخلىقى تۇتۇپ كىتىپ ئۇ قىزدىن بىردەم ئۇنى بىردەم بۇنى سورغىلى تۇردى ،ھالى يوغان قىزبالىكەن ئۇ ،قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ :نىمدا كوتۇلدايدىغان بالاسىز ،ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ دىگەنتى ،ئاغىنەم دەرھاللا :ئادەمنىڭ ئىچى پۇشسا مەيلى ،سىزنىڭ پۇشمىسىلا بولىدىمۇ ؟

زادى سورۇننى ئىزدىنىشتا قىلىدىغان گەپتى
ما بالىلار ئەمدى مەيەردە ئېچىلىپ كېتىپتۇ دېسە !؟ قىززىق !!!
ئۇنداق ئەمەس
نىمانداق كوتۇلدايدىغان بالا سىز خەقنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ دىسە
خەقنىڭ پۇشسا مەيلى،سىزنىڭ پۇشمىسلا بولمىدىمۇ
دىگەندۇ

ھېيىتتا بىر قەشقەرلىكنىڭ ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئۆيىگە مىھمانغا كىرىپ قالدۇق، شۇنىڭ بىلەن چاي قۇيدى، بىردەمدىن كىيىن پىيالىدىكى چاينى لىقلىغىلى تۇرۇپتى بىر دوستىمىز
\" ئادېش سىلىنى ئاۋارە قىلىپ چاي قۇيغىلى سالدۇقما دىۋىدى،
قەشقەرلىك ساۋاقدىشىمىز قوپۇپ،
ئادېش چاي قۇيغىلى ئانامنى تولىسام بولامتى!\"
بىر كۈنى ياتاقتا ئولتۇراتتۇق، قەشقەرلىك ساۋاقدىشىمىز بىر يېرىم تاۋۇزنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان باللارنىڭ ئارسىدىن بىرەيلەن:
\"ئادېش ئىشكاپتا پىچاق بار ئالايما دەپ ئورنىدىن قوپىۋىدى، قەشقەرلىك قوپۇپ، رەخمەت ئۆزۈمدە بىر قوشۇق بار . \"
بىر كۈنى بىر ئايال ئىككى بالسىنى ئېلىپ كىتاپخانىغا كەلدى ۋە كىچىك قىزىغا <قىزلارغا 100نەسىھەت> دىگەن كىتاپنى ئېلىپ بەردى، يولدا قىز ئانىسىدىن كىتاپنىڭ ئىسىمىنى سورىدى ۋە يەنە قايتىلاپ سورىدى:
قىزى: --- 100نەسىھەت، بۇ نىمە دىگەن گەپ ؟
ئوغلى: مەن بىلىمەن، 100نەسىھەت دىگىنى 100مۇشىت-پەشۋا دىگەن گەپ. -
پادىغشا ئەپەندىمنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن بىر قاپاققا لىق سۈيدۈك قاچىلاپ <<ئەپەندىم ياغ ئىشلەتسۇن>> دەپ ئەۋەتىپتۇ ، ئەپەندىم ئېچىپ قارىسا پادىشاھنىڭ سۈيدۈكى ئىكەن شۇنىڭ بىلەن ، ھىم دەپ كۆڭلىدە ساقلاپ قويۇپتۇدە ، بىر كۈنلەردە پادىشاھنىڭ چىشىنىڭ قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئەپەندىم بىر لاتىغا قۇرۇق گەندىدىن ئازراق ئېلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپتۇ ۋە <<مۇشۇ دورىنى چىشلىرىغا باسسىلا ، پايدا قىلىدۇ>> دەپتۇ ، پادىشاھ سەرھال ئېلىپ چىشىغا بېسىپ پەقەت چىدىيالماي ئەپەندىمدىن سوراپتۇ
<<ئەپەندىم بۇ قانداق دورا ؟ بەك سېسىقكەن>> دەپتۇ
ئەپەندىم <<سىلە ئەۋەتكەن ياغنىڭ كۈنجۈرىسى>> دەپتۇ
باللا قىززىق يۇمۇر بولسە دەيلى ، لېكىن گەپنى يۇمۇر دەپ تاشلىمايلى
تۇيۇقسىز ئېچىلىپ قالدىيا ئىزدىنىش ... يېڭىچە قىياپىتى بۇرۇنقىدەك يېقىشلىق بىلىنمىدى لېكىن ... ۋاقىت توغرا ئەمەسمۇ قانداق ؟ بۈگۈن 17 - فىۋىرال بولۇپ تەڭشىلىپ قاپتۇغۇ Epsus!Men Firefox ta Uyghurche yazalmidim !مىنىڭ بىر ئاغىنەم رامزان ۋاقتتا قەشقەرگە بىرىپتىكەن، ئۇ روزا تۇتۇلمىغاننى ئاز دەپ سىرتتا بىرمۇ ئاشخانا ئىچىلماي ئاچ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مىڭ تەسلىكتە بىر دۇككاندىن بولدىن بىرنى ئىلىپ يەي دەپ تۇرسا ياندا تۇرغان بىر ئايال ئۇكام شىپتانى بالدۇر قىلۋاپتلىغۇ دىگىدەك
زىيالى قىز دوستىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن زىلتارقا دىدى:
--زىلتار ئاداش، ساڭا گېپىم بار، قۇلاق سېلىپ ئاڭلا، قىزلار دىگەن زەھەر، قىزلار دىگەن ئېزىتقۇ ئالۋاستى، قىزلار دىگەن ئادەمنى نابۇت قىلىدىغان ئوغا، شۇڭا قىزلارغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمە ھەم يۈرمە، مەنمۇ بۈگۈندىن باشلاپ قەسەم قىلدىم، ئەمدى قىز بالا دىگەنگە ھەرگىزمۇ قارىمايمەن ھەم يېقىنلاشمايمەن، سەنمۇ شۇنداق قىل.
زىلتار زىيالىنىڭ گېپىنى ئاڭلا ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپ كېتىپ قالدى، ئىككى كۈندىن كىيىن زىلتار بىر ئاشخانىغا تاماق يىيىش ئۈچۈن كىتىپ زىيالىنىڭ بىر قىز بىلەن يېقىن ئولتۇرۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سورىدى:
--قىززىپ قالمىغانسەن، تېخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ماڭا نىمىلەرنى دىگەنتىڭ؟
زىيالى: شۇ گەپ ئاداش، ھاياتتىن ئۆمۈدۈمنى ئۆزۈپ، بۇ ئازاپلىق ھاياتىمنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇراي دەپ زەھەرلىك ئوغىغا يېقىنراق تۇراي دىدىم.