tugimas يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 12:19:47

كىم خوتۇنىدىن قورقىدۇ؟

مۇنداق گەپ ، بۇندىن ئاز كەم 15 يىل بۇرۇن دادام ماڭا " بۇۋام ئىيتقان ھېكايىلەر، قىزىم ئىيتقان ناخشىلار" ناملىق ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى ئىلىپ بەرگەن.ئۇنىڭدىكى ھېكايىلەرنى ساراڭدەك ئاڭلىۋىتىپتىكەنمەن، نەچچە ھېكايىنى ھازىرمۇ يادقا بىلىمەن. ھازىرغۇ ئۇ لىنتام ئاللىبۇرۇن يوق بولدى، لىكىن ئۇنىڭدىكى ھېكايىلەر قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپلا تۇرىدۇ. شۇ لىنتىدىكى " پاختەك ئەسكى قۇشمۇ؟" دىگەن ھېكايىنى سىلەرگە ئەسلىدىكى دىئالوگلىرى بىلەن بىر يادلاپ بىرەي ھە!... كەتتى!

..........................

-بۇۋا ، پاختەك ئەسكى قۇشمۇ؟
- كىم شۇنداق دەيدۇ؟ قۇشنىڭ ئەسكىسى يوق.
-بىر كىمغۇ ئۇنداق دىمىدى، ئەمىسە نىمىشكە كىشىلەر ئۇنى كۆرسە قوغلىۋىتىدۇ؟
-كىم قوغلىۋىتىپتۇ؟
-ئىشقىلىپ ھەممە خەق قوغلىۋىتىدىكەن، بىر كۈنى داداممۇ ئۆگزىدە بىر چىرايلىق سايراۋاتقان پاختەكنى قوغلىۋىتىپ بارىدۇ...
-ھاھاھاھاھا....پاختەكنىڭ گېپىنى قىلىۋىرىپ بىر ھېكايىنى يادىمغا يەتكۈزۈپ قويدۇڭ.
-ئەجەپ ياخشى، شۇ ھېكايىنى ئىيتىپ بەرمىسىڭىز ئۇنىمايمەن!
- بولدى قىلغىن ، باشقىنى ئىيتىپ بىرەي.
-ياق ياق... شۇنى ئىيتىپ بىرىڭە، شۇنى ئىيتىپ بىرىڭە بۇۋا...

.......................
سۇلايمان پادىشاھ ئادالەتپەرۋەر بولغاچقا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسۇ  -جىن، دېۋە  -پەرى، جانۇ- جانۋار، ئۇچار- قاناتلار بىردەك ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىكەن،پەقەت خانىشلا ئۇنىڭ گېپىنى يىرىۋىتەلەيدىكەن.
بىر كۈنى پادىشاھ خانىش بىلەن دالا سەيلىسىگە چىقىپتۇ.
- ئۇھ ۋاييەي، بەك ھېرىپ كەتتىم، بىردەم ئولتۇرايلى.
- ھە، بىردەم مۇشۇ يەردە ئولتۇرايلى.
-ئۇھ ، نىمىدىگەن ئىسسىق، ئاپتاپتا كۆيۈپ كىتىدىغان بولدۇم.
- ھېچقىسى يوق ، ئاپتاپ پايدا قىلىدۇ.
-سىزگە پايدا قىلغان بىلەنچۇ ماڭا زىيان قىلىدۇ.
- ئەمىسە ئوردىغا قايتىپ كىتەيلى.
-ياق، بۈگۈن كەچكىچە سەيلە قىلىمىز!
-ئەمىسە كۆيدۈم -پۆيدۈم دىمەڭ!
-دەيمەن قانداق؟!
- ۋۇي، نىمە بولدى سىزگە؟
-پۈتۈن دۇنيانىڭ پادىشاھى تۇرۇپ قىلچە پايدىڭىزنى كۆرسەتمەيسىز...
- قانداق قىلىپ بەرسەم بولاتتى ئەمدى؟
- ھىم!
- بولدى رەنجىمەڭە، قانداق تەلىپىڭىز بولسا ئورۇنداپ بىرەي، بىر كۈلىۋىتىڭە!
-ئەمىسە...... ئەمىسە پۈتۈن دۇنيادىكى قۇشلار كىلىپ بېشىمغا سايىۋەن بولسۇن!
- بۇ... بۇنى....
-نىمە بولدى؟ گېپىڭىز ئۆتمەس بولۇپ قالدىمۇيا؟
-نەۋكەر!
-لەببەي!
-دەرھال سۇمرۇغنى چاقىر!
-باش ئۈستىگە!
....................................
- سالام شاھىنشاھ!
-ۋەئەلەيكۇم.  پەرمان ! پۈتۈن دۇنيادىكى قۇشلار كېلىپ خانىش ئايىمغا سايىۋەن بولسۇن!
-باش ئۈستىگە!
......................................
ۋىچىر...ۋىچىر....ۋىچىر....
-ھاھاھاھا... ئەمدىغۇ بولغاندۇ؟
-بولدى، لىكىن كىچىككىنە يەردىن يەنە ئاپتاپ چۈشىۋاتىدۇ.
-ھوي، راس بىر يۇچۇق باركىنە؟ قايسى قۇش كەلمىگەندۇ؟ سۇمرۇغ!
- خوش ئالىيلىرى؟!
-پەرمانىمغا خىلاپلىق قىلىشقا پېتىنغان قايسى مەلئۇن؟
- ھەممىسىنى خەۋەردار قىلغانتىم، قانداقتۇر پاختەك كەلمەي قويدى.
-ئۇنى نەدىن بولسۇن تۇتۇپ كەل!
- خوپ ئالىيلىرى.
..............................
- شاھىنشاھقا مەلۇم بولغاي، پاختەكنى تۇتۇپ كەلدىم.
-ئۇنى كەلتۈر!
-سالام شاھىنشاھ!
-ھۇ بىئەدەپ! نەدە لاغايلاپ يۈردۈڭ؟
-ئەيىپكە بۇيرىمىغايلا، مەن  بىر مۇھىم ھېسابات ئىشى بىلەن خىزمەتكە كىچىكىپ قالدىم.
-مېنىڭ پەرمانىمدىنمۇ مۇھىم قانداق ھېساباتكەن ئۇ؟
-دۇنيادا ئايال جىقمۇ ئەر جىقمۇ دىگەن خىيال كاللامغا كېرىۋىلىپ ، شۇ ھېساباتنى قىلىپ چىقتىم.
-ھىم، قايسى جىقكەن؟
-ئايال جىقكەن!
-يوق گەپ! ئايال بىلەن ئەر تەڭ نىسبەتتە يارىتىلغان تۇرسا؟
-ئۇغۇ شۇ، بىراق.... بىراق...شاھىنشاھ... مەن ئايالىنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئايال سانىۋەتتىم!!!
-... ... ... ...
"سۇلايمان پادىشاھنىمۇ مات قىلالىغان پاختەك شۇندىن بۇيان مۇنداقراق ئەرلەرنى كۆرسە " خوتۇندىن قورقىدۇ! خوتۇندىن قورقىدۇ!"دەپ زاڭلىق قىلارمىش "دىگەن پاراڭ ئەل ئىچىگە كەڭ تارقالغاچقا، ئىشىك ئالدىدىن ئۇنى قوغلىۋىتىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن ئىكەن.

خوش، ھېكايىنى ئاڭلاپ بولدۇق. ئەمدى دەپ بىقىڭلار . دۇنيادا ئايال جىقمۇ ئەر جىقمۇ؟ ھاھاھا

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 12:30:56

ئىزدىنىشتا  قىزلار ئاز دەپ جىدەل قىلمىساقمۇ بولىدىكەن پاختەكنىڭ ھىساپلىشىچە بولغاندا

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 12:35:54

مەن مۇنداق ئاڭلىغان:

سۇلايمان پادشاھ سىرىتتىن ھېرىپ -ئېچىپ  كىرىپ تاماق يىمەكچى بولىدۇ،ھەمدە قولىنى يۇماق بولۇپ ئايالىغا سۇ تەييارلاشنى ئېيتىدۇ(ئايالىنىڭ ئىسمى پاختاگۈل مىش) ،ئايال بىر چەينەك سۇنى تەييارلاپ بوينىغا لۆڭگىدىن بىرنى ئېسىپ سۇلايمان پادىشاھنىڭ قولىغا سۇ قۇيىدۇ ،كىلىن سۇ ناھايتى قىززق تەڭشىلىپ قالغان بولۇپ ،سۇلايمان پادىشاھنىڭ قولى كۆيۈپ كىتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن جان ئاچچىغىدا پاختەك بول دەپ ئايالىغا ۋاقىرايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئايالى پاختەككە ئايلىنىپ قالىدۇ ،پاختەكنىڭ بوينىدىكى ئاشۇ ئاق ھالقا ئەينى ۋاقتىدىكدىكى لۆڭگىنىڭ ئىزناسى ئىمىش.

tugimas يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 13:04:56

ئۇ بەلكىم پاختەك مات قىلىۋەتكەندىن كىيىنكى ئىشمىكى، ئايالىنى ئۆزى ئەڭ ئۆچ نەرسىگە ئايلاندۇرىۋىتىپچۇ... ھى ھى ھى

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 13:22:58

پاختەك گوشى ھالالمۇ ھاراممۇ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 13:40:33

جۈمە كۈنى يىسە بولىدۇ دەيدىغىنى قايسى بولۇپ كەتتى

دەمدەرمۇ ياكى پاختەكمۇ

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 14:22:49

بۇنى تەھلىل قىلىش تەسمۇ، ھازىر يانچۇقىدا پۇلى يوقلار خوتۇنىدىن ئەڭ قورقىدىغان زامان بولۇپ كەتتى.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 09:02:08

زىيالى بويتاق توردا كۆرۈنمەيتتىڭلار ، ئىزدىنىشنى پۇراپ قاپسىلەر ھە ؟ تىنچ - ئامان تۇرغانسىلەر ؟ ئاۋۇ يادرو قازىنىدىن يىراقراق يۈرۈڭلار ھە

بەت: [1]
: كىم خوتۇنىدىن قورقىدۇ؟