rayila يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 12:03:02

ئەنگىلىيە ئالىملىرى سۈنئي كۆرۈش تور پەردىسى كەشىپ


                                               ئەنگىلىيە ئالىملىرى سۈنئي كۆرۈش تور پەردىسى كەشىپ قىلىپ، ئەمالارنىڭ قايتىدىن يورۇقلۇقنى كۆرەلىشىگە ياردەم قىلدى

   ئالىملار سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسىنى ئىشلىتىپ بىر قىسىم ئەمالارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ جىسىملار، شەكىللەرنى پەرق ئېتىش، ھەتتا چوڭ خەتلىك بېسىلغان ماقالىلارنى ئوقۇيالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

   

    ئەنگىلىيىلىك ئېرىك. سېلبىي بولسا بىر دەم ئېلىشقا چىققان ئېنژېنېر بولۇپ، بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن، پۈتۈنلەي كۆرەلمەس بولۇپ قالغانغا ئاللىقاچان 12 يىل بولۇپ قالغان بولۇپ،  سرتقا چىقسىمۇ پۈتۈنلەي ئەمالار ئاپشاركىسىغا تايىناتتى. بىر يىل بۇرۇن، ئۇ تېنىگە سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ كۆزىگە سۈنئي كۆرۈش تور پەردىسى ) Argus II ( كۆچۈرۈلگەن، ھازىر ئۇ ئاللىقاچان ئادەتتىكى نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىغان بولغان، مەسىلەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا سىرتلاردا پائالىيەت قىلغاندا، ئۇ يول بويى ۋە پىيادىلەر يولىنى كۆرەلەيدىغان بولغان.
    سۈرەتتىكى ئېرىك. سېلبىي قولىدا ھېسابلىغۇچ، ئۇزاتقۇچقا ئۇلانغان" كۆرۈش سەزگۈسى" تېلېكامېراسى تۇتۇۋالغان ۋە ئەسۋابلار بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن كۆز ئەينەك تاقىۋالغان. بۇ ئەسۋابلار ۋە ئۇنىڭ ئوڭ كۆزىگە كۆچۈرۈلگەن سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئورتاق رول كۆرسىتىشى بىلەن ئۇنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدىكەن.
   Argus II بولسا كۆز ئەينەككە سەپلەنگەن ئۇزاتقۇچ، بىر يوشۇرۇن تېلېكامېرا ۋە بىر كىچىك تىپتىكى سىمسىز ھېسابلىغۇچتىن تەركىب تاپقان ئەسۋاب. ھېسابلىغۇچنىڭ رولى تېلېكامېرا قوبۇللىۋالغان تەسۋىرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە بۇنى كۆرۈش سەزگۈسى ئۇچۇرلىرىنىڭ ئېلېكترونلۇق سېگىنال شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ، سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسىگە يەتكۈزۈش.  بۇ جەرياندىكى
غىدىقلىنىش يەنىلا نورمال كۆرۈش تور پەردىسى ھۈجەيرىلىرىنى ساقلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ سان - سېفېرلىرىنى كۆرۈش نېرۋىپلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ كۆرۈش سەزگۈسى ئۇچۇرلىرى چوڭ مىڭىگە يەتكۈزۈلۈپ، يورۇق - تۇتۇق نۇر نۇقتىلىرىدىن تەركىب تاپقان شەكىلگە ئۆزگەرتىلىپ، جىسىملارنىڭ ئىزناسىنى پەرقلەندۈرۈش ئىمكانىيىتىنى  شەكىللەندۈرىدىكەن. ئەمما، بۇنىڭدا يەنە بىمارنىڭ ئۆگىنىپ مەشىقلىنىشى زۆرۈر بولۇپ، مەشىقلىنىش ئارقىلىق، بىمار بۇ قايتقان نۇرلارنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى  ئۆگىنىۋالالايدىكەن، مەسىلەن ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ يورۇق نۇقتىسىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش قاتارلىقلار.
   بۇ خىل كۆچۈرۈش تېخنىكىسى پەقەت ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كۆرۈش تور پەردىسى زەخمىلىنىپ ئەما بولۇپ قالغانلارغىلا ماس كېلىدىكەن. چۈنكى بۇ خىل بىمارلاردا يەنە نورمال بولغان كۆرۈش تور پەردىسى ھۈجەيرىسى ئىقتىدارى بار ئىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى نېرۋىپلىرىمۇ نورمال ئايلىنالايدىكەن.
   بۇ بىر يۈرۈش ئەسۋابنىڭ باھاسى 100000 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، لوندوندىكى موفى كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدىكى سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسىگە قارىتا سىناق ئېلىپ بارغان دوختۇر لىنداند. كرۇز، ئەنگىلىيىدە دۆلەتلىك ساغلاملىق مەركىزى بەزىدە ئاز بىر قىسىم بىمارلار ئۈچۈن يېڭى تېخنىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلىدىكى يۇقىرى راسخوتلارنى تۆلەپ بېرىدۇ دېگەن. چۈنكى، سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسى بىمالارنى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە  قىللايدىغان بولغاچقا، داۋالاش راسخوتى ئۈچۈن سەرپ قىلغان چىقىملار ئەلۋەتتە بىمارلارنى يۇقىرى سەۋىيىلىك سالامەتلىك پەرۋىشى ۋە ئائىلە پەرۋىشى ئۈچۈن سەرپ قىلغان چىقىملاردىن كۆپ ئاز بولىدۇدە.
   بۈگۈنگە قەدەر ، تەخمىنەن 40 نەپەر بىمار بۇ خىل داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بىمارلار ئاللىقاچان جىسىملارنى، شەكىللەرنى ھەتتا چوڭ خەتلىك بېسىلغان ماقالىلەرنى پەرقى ئېتەلەيدىغان بولغان.

   مەنبە: جۇڭگو ياشلار تورى  

yasin88 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 19:55:37

سۈرئەت بەك شاشقۇ !

بەت: [1]
: ئەنگىلىيە ئالىملىرى سۈنئي كۆرۈش تور پەردىسى كەشىپ قىلىپ، ئەم