UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 11:29:31

تارىختىكى بۈگۈن (17-فىۋىرال )

1600-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىتالىيەلىك پەيلاسوپ،ئاستىرنۇم بىرونۇ (Giordano Bruno) ئالەم چەكسىز بولىدۇ دىگەن تەلىماتنىتەرغىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن،رىمدا دىننى پوپلار تەرپىدىن ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۋېتىلگەن.

1616-يىلى بۈگۈنكى كۈندە نۇرخاچ خانلىق قۇرۇپ ئىسمىنى بۈيۈك جىن پادىشاھلىقى دەپ ئاتىغان ،بۇ خانلىق تارىختا كىيىنكى جىن (后金)دەپ ئاتالغان .بۇ خانلىق چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.

سۈرەتتە:ئەيشىنگورۇ نۇرخاچ

1801-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا قاتناشقۇچى ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ قالغان ،شۇنىڭ بىلەن ئاۋام پالاتاسى قارار ماقۇللاپ،جېفىرسوننى(Thomas Jefferson) ئامېركىنىڭ زۇڭتۇڭى دەپ ئىلان قىلغان.

1854-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيە ئورانجى فىدراتسىيەسىنىڭ(Orange Free State مۇستەققىللىغىنى ئىتراپ قىلغان .

ئورانجى فىدراتسىيەسى-ھازىرقى ئافرىقىنىڭ جەنۇبى قىسمىدا مەۋجۇت بولغان، دۆلەت بولۇپ،كىيىنچە جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ئۆلكىسى بولۇپ كەتكەن.

1959-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى تۇنجى مېترولوگىيە سۈنئى ھەمرايى ئاۋانگىرات2-نومۇرنى ئامېرىكا ھاۋاغا قۇيۇپ بەرگەن.

1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا خەلىق ھوقۇقى رەھبىرى مارتىن(Martin Luther King, Jr)قولغا ئېلىنغان.

مارتىن ئامېركىنىڭ داڭلىق ئېرقى كەمسىتىشكە قارشى پائالىيەتچىسى بولۇپ، 1964-يىلى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .1986-يىلى بىرىنجى ئايدا بىر قېتىملىق ئىش تاشلاش پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ۋاقىتتا قەسىتلەپ ئۆلتۈرۈلگەن .جېكسوننىڭ they don't care about usدىگەن ناخشىسىدا مارتىنغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكىدەك قۇرلار ئۇچىرايدۇ:

Some things in life they just don't want to see

But if Martin Luther was living

He wouldn't let this be

1963-يىلى بۈگۈنكى كۈندە داڭلىق ۋاسكىتبول چولپىنى جوردان(Michael Jeffrey Jordan)تۇغۇلغان.

1979-يىلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو خەلىق ئازادلىق ئارمىيەسى يۈننەن،گۇاڭشى چىگرىسىدىن ئۆتۈپ ۋېيىتنامغا ھۇجۇم قىلغان،شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو-ۋېيىتنام ئۇرۇشى پارتىلىغان.

1982-يىلى بۈگۈنكى كۈندە بىرازىليەلىك پۇتبولچى ئادىريانو (Adriano Leite Ribeiro)تۇغۇلغان .

2008-يىلى بۈگۈنىكى كۈندە كوسۇۋۇ پارلامىنتى بىلەت تاشلاش ئارقىلىق، سېرۋىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .(ئەمما سېرۋىيە ئېتراپ قىلمغان ،ھازىرغىچە ئىتىراپ قىلمايدۇ)

كوسۇۋۇ گەرچە ب د ت غا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ،ھازىرغىچە نۇرغۇن يەرلەرنىڭ ئىتىراپ قىلشىغا ئېرىشكەن ھەمدە كوسۇۋۇغا كۇنسۇلخانىسىنى تەسسىس قىلغان،نۆۋەتتە دۇنيادا كوۇسۇۋۇنى 75دۆلەت ياكى رايۇن ئىتىراپ قىلىدۇ.

2010-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ش ئا ئە ت ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە 150،000ئەسكەر چىقىرىپ  ھەلمەنىد ئۆلكىسىدەHelmand(؟؟؟) تالىبانلارغا زەربە بەرگەن ،بۇ 2001-يىلدىن بۇيانقى تالىبانلارغا قارىتا كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھەربى زەربە ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى

arek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 12:20:56

1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھايتىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر دېڭىز ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ھايتىنىڭ يولۇچىلار پاراخوتى پايتەخت شاھزادە پورتىدىن يولغا چىققان بولۇپ، يېرىم يولدا چۆكۈپ كەتكەن. پاراخوتتىكى 1000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر دېڭىز ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەقە ناچار ھاۋارايى ۋە ئېغىرلىقنىڭ ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.

1991-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتكەن تۇنجى تاشيول قۇرۇلۇش باشلىغان. تەكلىماكان تاشيولىنىڭ ئۇزۇنلىقى 346 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 280 كىلومېتىرى قۇم ئىچىدە.

1963-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋاسكىتبول «ئۇچار ئادىمى»-مايكول جوردان ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىنلا ۋاسكىتبول، كالتەك توپ، زەيتۇن توپ قاتارلىقلارنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى 1.98 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ 1980-يىلى NBA غا كىرگەن. 1984-يىلى ئۇ چىكاگو بۇقا كوماندىسىغا كىرگەن. مايكول جوردان باشچىلىقىدىكى بۇقا كوماندىسى ئالتە قېتىم NBA نىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. 1993-يىلى 10-ئايدا ئۇ قىمار ئوينىغاچقا، ۋاسكىتبول سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىققان. 1995-يىلى 3-ئايدا ۋاسكىتبول سەھنىسىگە يەنە قايتىپ كەلگەن. ئۇ يەنە بۇقا كومانسىدىنى ئۇدا ئۈچ يىل چىمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن. 1999-يىلى بۇقا كوماندىسىنىڭ تېرېنىرى ئالماشقاچقا، جوردان يەنە بىر قېتىم ۋاسكىتبول سەھنىسىدىن چېكىنگەن.

1972-يىلى ئائىلە خاتىرىسى(سولدىن ئۇچىنجىسى جوردان)

1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مارتىن لۇسېر كىڭ King Martin Luther قولغا ئېلىنغان. ئۇ 1929-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى پوپ بولۇپ، ئاپىسى مۇئەللىم ئىدى. گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىقتىسادىي سىياسىي، ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا قارا تەنلىكلەر كەمسىتىشكە ئۇچرىغان. 1995-يىلى ئۇ ئىلاھىيەتشۇناسلىقتا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ پوپ بولغان. 1955-يىلى 12-ئايدا، ساقچىلار ئاممىۋىي ئاپتوبۇستىكى ئورۇننى ئايرىش بۇيرۇقىنى سەۋەب قىلىپ، قارا تەنلىك ئايالنى تۇتۇۋالغان، بۇنى ئاڭلىغان مارتىن بىر نەچچە قارا تەنلىكلەر بىلەن نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. پۈتۈن شەھەردىكى 50 مىڭغا يېقىن قارا تەنلىك بىر يىلدىن ئارتۇق نامايىش ئۆتكۈزگەن. ھۆكۈمەت يەرلىكنىڭ ئاپتوبۇستىكى ئورۇن ئايرىۋېتىش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز كۈچى بىلەن غەلىبە قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن 10 يىل داۋاملاشقان قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى باشلاندى. 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى مارتىن لۇسېر كىڭ لىنكولىن خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا 250 مىڭ كىشىنىڭ ئالدىدا «مېنىڭ غايەم» ناملىق ئۆلمەس نۇتۇقىنى سۆزلىگەن. 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇنىڭغا ئوق تېگىپ 39 يېشىدا قازا قىلغان. گەرچە ئۇ دۇنيادىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ غايىسى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتتى. ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 3-دۈشەنبىسى«مارتىن لۇسېر كىڭ» كۈنى.

----------------------------------------------------------------------------------------

مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 12:23:49

مەنمۇ قۇشۇپ قۇياي:

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 09:05:10

ئىشىڭنى توختاتماي داۋاملاشتۇر ئۈكەم .... مىنىڭ ئىشىمنىمۇ قىلىپ بەرگىن جۇمۇ
بەت: [1]
: تارىختىكى بۈگۈن(17-فىۋىرال)