rayila يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 10:37:49

مىڭىنى ساغلاملاشتۇرشنىڭ بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇ

   
       مىڭىنى ساغلاملاشتۇرۇشنىڭ بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلى   

      1. نەپەس ئارقىلىق مىڭىڭىزنى ساغلاملاشتۇرۇڭ. ئاۋال دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈڭ، ئاندىن كىندىكىڭىزنى قولىڭىز بىلەن ئاستا - ئاستا بېسىپ كىرگەن ھاۋا بىلەن كۆپتۈرۈڭ. بۇ ئۇسۇلنى كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون مىنۇت داۋاملاشتۇرسىڭىز، نېرۋىلىرىڭىز تەڭشىلىپ، مىڭىنىڭ (مۈگدەك) قىسمى ئويغىنىدۇ.  
      2. يېمەكلىك ئارقىلىق مىڭىڭىزنى ساغلاملاشتۇرۇڭ. مىڭە بەدەننىڭ ئومومىي ئېنىرگىيەسىنىڭ %20 نى سەرپ قىلىدۇ، ئادەتتە يېڭى گۆش، بېلىق، خاسىڭ، موگو، ئالما، زىغىر مېيى، قوغۇن - تاۋۇزلار، ھەرخىل پۇرچاقلار، دۇفۇ بىلەن بېلىق مىڭىسنىڭ دۈملىمىسى، ياڭاق بىلەن قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئارلاشمىسىغا ئازراق كۈنجۈت قوشۇپ ئېزىپ تەييارلانغان (سوقماق) قاتارلىقلار مېڭىنى زۆرۈر ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. سىز يەنە تاماق تاللايدىغان يامان ئادەتكە كۆنۇپ قالماڭ .
      3. سۆزلەش ئارقىلىق مېڭىڭىزنى ساغلاملاشتۇرۇڭ. كىشلەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلاشقاندا، چوڭ مېڭە ھەرىكىتى جانلىنىدۇ، ئەكسىچە جىمغۇر، ئۇيقا خۇمار بولۇپ باشقىلار بىلەن ئارلاشمىغاندا، چوڭ مېڭە پائالىيتى چەكلىنىپ قالىدۇ، سۆزلەش، ئالاقىلىشىشقا ماھىر چىقىشقاق كىشلەرنىڭ پىكىرى ئوتكۈر، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ.
      4.  قول بارماقلىرىڭىز ئارقىلىق مېڭىڭىزنى ساغلاملاشتۇرۇڭ، ئالقاندا پولات شار، رېزىنكە ھالقا، قىسىش پورژىنىسى قاتارلىقلارنى ئوينىتىش؛ قول ۋە بارماقلارنى سوزۇپ قىلدام تومۇر ھەرىكىتىنى تېزلىتىش؛ ساز چېلىش؛ رېتىملىق مۇزىكا ئاستىدا ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىقلار چوڭ مېڭە خىزمىتىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ .  
      5.  پۇت بارماقلىرىڭىز ئارقىلىق مېڭىڭىزنى ساغلاملاشتۇرۇڭ؛ كۆپرەك پىيادە مېڭىش، ھەتتا يالاڭئاياق يول يۈرۈش، پۇت بارماقلىرىغا تەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈپ چېنىقىش، پۇتنى دائىم ئىلمان سۇدا يۇيۇپ بېرىشلەر مېڭە پائالىيتىنى جانلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالقان ۋە تاپانغا قىززىق تۇخۇم، قىززىق لۆڭگە ، قىززىق ئېلىنغان بوتۇلكا قاتارلىقلار بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، ئوتقا قاقلاشنىڭمۇ پايدىسى بار .
     6.  يۈگۈرۈش ئارقىلىق مېڭىڭىزنى ساغلاملاشتۇرۇڭ؛ يۈگۈرگەندىن كېيىن ئادەم ئۆزىنى يېنىكلەپ، روھلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، شۇڭا ھەركۈنى مۇۋاپىق مىقداردا يۈگۈرۈش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈڭ.
     7. پەللىلەرنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق مېڭىڭىزنى ساغلاملاشتۇرۇڭ؛ ئككى قۇلاق ئۇچىدىن يۇقۇرىسىغا قاراپ باش چوققىسىنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى، قۇشۇمىنى، پۇتنىڭ ئالقىنىنى كۈندە ئككى قېتىم ھەر قېتىمدا ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاشنى داۋاملاشتۇسىڭىز، بۇ خىل رېتىملىق ھەرىكەت مېڭە نېرۋىلىرى ۋە قان ئايلىنىشنى غىدىقلاپ مېڭە سىزىمىنى كۈچەيتىدۇ.
     8. ھۆللۈكنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق مېڭىڭىزنى ساغلاملاشتۇرۇڭ؛ ھەسەل، سۈت، ھەر خىل مېۋە شەربىتى، مۇراببا، ئسپىرتسىز ئىچىملىكلەر ۋە ۋىتامىنلىق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ تۇرسىڭىز، مېڭە قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
     9. ئەتىگەنلىك تاماق ئارقىلىق مېڭىڭىزنى ساغلاملاشتۇرۇڭ؛ خەلق ئىچىدە (سەھەر قىلسا ناشتا، كېسەل تۇرماس  باشتا ) دېگەن ماقال بار . ناشتىنى ئۆز  ۋاقتىدا ئېنېرگىيىلىك (قۇۋۋەتلىك) تاماقلار بىلەن قىلغاندا مېڭىڭىز ئاسان چارچىمايدۇ .
    10. خۇشپۇراقلار ئارقىلىق مېڭىڭىزنى ساغلاملاشتۇرۇڭ؛ تۇرۇۋاتقان مۇھىتىڭىزنىڭ ھاۋاسىنى پات - پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ، مۇمكىن بولسا گۈل ئۆستۈرۈڭ، تەخسىگە بىرقەۋەت پاكىز پاختىنى يېيىپ ئۈستىدە سامساق ئۈندۈرمە قىلىپ ئۆستۈرسىڭىز چاڭ - تۇزاننى سۈمۈرۈش، مىكروپ يوقىتىشتا مەلۇم رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەتىر، رەيھانگۈل سۈيى (شىرنىسى)، ئەنبەرگە ئوخشاش خۇپۇراق سۇيۇقلىقلارنى چېچىپ تۇرۇڭ، بەزىدە بولۇپمۇ قىش ۋە ئەتىياز كۈنلىرى ئۆيىڭىزدە ئادىراسمان، قارا كۆز  بەدىيان، سەندەل ياغىچى، ئسرىق (كۈجە)قاتارلىقلارنى كۆيدۈرۈپ بەرسىڭىز كېسەل مىكروبلىرنى يوقىتىدۇ.  

  مەنبە  http://bbs.misranim.com/read.php?tid=38507:
   
   بۇ يازما قايتا تەھرىرلەندى.

  

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 20:36:51

  بىرىنچى خىل ئۇسۇل ئاجايىپكەن .


,مەنبەسى مىسرانىم دەپ تۇرامدۇ نېمە  ؟

lutfy يوللانغان ۋاقتى 2011-8-20 20:46:35

مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى كۆپرەك يوللىسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ،
بەت: [1]
: مىڭىنى ساغلاملاشتۇرشنىڭ بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلى