AFSANA يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 10:24:21

ئېپ يەڭگىلەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار: مەن تورداشلىرىمىز بىلەن بىللە كېلىنلىك تۇرمۇشىمىزدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان

ئېپ يەڭگىلەر مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇنازىرلىشىشنى ئويلاپ قالدىم.

ھەممىمىزگە مەلۇم قىز بالا توي قىلىپ يېڭى تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن ، ئۆزىگە نا تونۇش بولغان يېڭى بىر تۇرمۇش مۇھىتىغا سىڭىپ كىرىشى كېرەك .بىز بۇتۇرمۇشقا كىرگەندىن كېيىن كېلىن بولىمىز. بۇ تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا بولسا قىيىن ئانا بىلەن كېلىن مۇناسىۋىتى بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىنچىكە زىل مەسىلە. لېكىن بۇنۇڭدىن باشقا كېلىنلەر مۇناسىۋىتىمۇ تولىمۇ ئىنچىكە سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

بەزىبىر لىرىمىز كېلىن بولۇپ كىركەن ئائىلىلەردە بىر قانچىلىغان كېلىنلەر بولىشى مۇمكىن. بۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز  بىزنىڭ ئەر - ئاياللىق ، قىين ئانا ۋە كېلىنلىك  مۇناسىۋەتلىرىمىزگە بىۋاستە تاقىلىدىكەن.

شەخسەن مەن توي قىلىپ كىرگەن ئائىلىمۇ شۇنداق. بىز ئىككى كېلىن، يەنە بىر كېلىن كىچىك كېلىن بولغانلىقى ئۈچۈن  چوڭلار بىلەن بىر گە تۇرىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ چوڭ ئۆيگە بېرىپ قالسام ئۇ قىزغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەملىشىپ، مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىپ كېتىمەن. ئۇ قىزمۇ ۋاي ھەدە دەپ شۇنداق قىلىدۇ. مۇناسىۋىتىمىز ياخشى.

لېكىن يېقىننىڭ ياقى مەن بىلەن يالغۇز  قالسىلا  قىيىن ئانامنىڭ يولدىشىنىڭ غىۋىتىنى قىلىدىغان ، ئۇ ئۆيدىكى بەزىبىر مەخپىيەتلىكلەرنى دەۋىتىدىغان بولىۋالدى. بەلكىم مېنى يېقىن كۆرۈپ دېگەندۇ.

لېكىن ئىنسان بالىسى خام سۈت ئەمگەن ، تۇرمۇشتا ئۇنداق - بۇنداق ئۇششاق ئىشلاردىن ، قىيداشلاردىن خالى بولغىلى بولمايدۇ. بەزىدە شۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا قىيىن ئانام ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىگىلا

توختىۋالىدۇ.  ئۆينىڭ ئىچى جىمجىت بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا مەن شۇنداق ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمەن. قىيىن ئاناممۇ ئوقۇغان ئايال ئەجىبا بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھېچ نەرسىنى ھېس قىلالماسمۇ؟

مەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ئاپام، كىچىك ئاپاملار  : سىز كېلىن بولۇپ كىرىدىغان   ئۆيدە كېلىن پەقەت سىزلا ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر كېلىن، قىيىن ئانىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە،

ئىش ھەرىكەتلىرىڭىزگە چوقۇم بەك دىققەت قىلىڭ، ئىككى كېلىننىڭ بىر يەردە ئولتۇرۇپ قىيىن ئانىسىنىڭ ياكى شۇ ئۆيدىكىلەرنى غىۋىتىنى قىلىش ئەڭ كالۋا ئادەمنىڭ ئىشى دەيىتتى.

بەزىدە بۇ قىزغىمۇ ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ. چۈنكى كېلىن بولغۇچىغا مەلۇم قىيىن ئانا بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇش ھەقىقەتەن قىيىن . ئادەم بەزىدە ئوڭ بولىدۇ، بەزىدە سول بولىدۇ دېگەندەك.

شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ئۇقىز غا نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم. بەلكىم بەزى بىر تورداشلىرىمىز نىڭ تۇرمۇشىدىمۇ مۇشۇنداق نازۇك مەسىلىلەر بار دەپ ئويلايمەن.

شۇڭا تورداشلىرىم بىلەن بۇ مەسىلىگە بىر لىكتە ئورتاقلاشسام دېگەن ئۈمۈدتە.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 12:21:25

كىلىنلەرنىڭ ھەممىسى قىيىن ئانىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغۇسى كەلمەيدىكەن. ئەقىلىم ھەيران بۇ ئىشقا. بۆلەك بولۇپ ئايرىم ئۆي تۇتقاندىن كىيىن ئانچە-مۇنچە چوڭلارنى ئەكىلىپ تۇرغۇزغان بولساممۇ يەنە بىر ئۆيدە تۇرغاندەك ھېساب بولماي قىلىۋاتىدۇ. ئۆي ئايرىمىسام بوپتىكەن دەپ. چوڭلار بىلەن بىر داستخاندا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ بىللە تاماق يېيىش، ھال-مۇڭ بولۇشۇش ئىسىل ئىشى ئىدى.

kumtura يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 10:51:51

ئۆزىڭىزنى شۇ كېلىننىڭ ئورنىدا قۇيۇپ ئويلاپ بېقىڭ.

مېنىڭچە ئۇ كېلىننىڭمۇ ۋەزىپىسى ئېغىركەن. ئاۋال گېپىنى سەۋىر قىلىپ تولۇق ئاڭلاڭ، ئاندىن ئامال بار شۇ قىزغا تەسەللىي بەرگەچ ئىشنىڭ توغرا تەرىپىنى يەنى بىر ئەۋلات بىلەن يەنە بىر ئەۋلات، بىر ئائىلە بىلەن يەنە بىر ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈڭ.ئۇياق بەلكىم ئۇ گەپلەرنى يامان نىيىتى بىلەن ئەمەس، ئىچىگە سىغدۇرالماي، سىز بىلەن ئورۇن، ياش جەھەتتە تەڭتۇش بولغاندىن كېيىن دەردىمنى چۈشىنىدۇ دەپ دەرت ئېيتقان بولۇشى مۇمكىن.قىسقىسى، ھەممىمىز بىر بىرسىمىزنى ھايات ۋاقتىدا قولىمىزدىن كېلىشىچە، بۇغداي نېنىڭ بولمىسا بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى دېگەندەك ئىززەتلىشىپ، چۈشىنىشىپ ئۆتكەنگە يەتمەيدىكەن.

tunjiqar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 10:52:19

چىداشلىق بۇلۇش ئەڭ چوڭ شەرت.........

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 13:28:47

يەڭگىڭىزگە بىر ئۆزبەك ئاپاشنىڭ كىلىنلىك ئەدەپلىرى دەپ كىتابى بار شۇنى ئىلىپ بىرىڭە.سەللا ئەقىللىق قىز بولسا شۇ كىتابنى ئوقىغاندىن كىيىن قايتا ئۇنداق قىلمايدۇ.يا بەك ئۆي ئايرىغۇسى كىلىپ كىتىپ شۇنداق قىلامدىكىن.

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 14:13:18

كۇمتۇرا بەلەن گەپلەرنى قىپتۇ .

ھەممە ئادەمگە كىتاپلاردىكىدەك تەلەپ قويغىلى بولمايدۇ . شۇ كىشىنىڭ مىجەز خۇلقىغا ئاساسەن تەكلىپ تەربىيە بېرىش بەك مۇھىم . كۆڭلى ياخشى بولسىلا ئۇششاق چۈششەك گەپ سۆزلىرى ، بەزى كىچىك كەمچىلىكلىرى كىچىك ئىش .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 09:04:26

ئەقىللىق قىزلارغا كىتاپ ئېلىپ بەرمىسىمۇ ئۆزى بىلىدۇ . دۆت قىزلارغا ھېلىغۇ كىتاپكەن بولۇڭغا قىستاپ بولۇشىغا دۇمبالىسمۇ ئوخشاش
بەت: [1]
: ئېپ يەڭگىلەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم