yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 19:51:20

ئەرەب تىلى بويىچە تەربىيىلەش ئۇچۇرى

ئەرەب تىلى بويىچە تەربىيىلەش ئۇچۇرى

<div class=pcb><div class=t_fsz>
  

ئەرەب تىلى بويىچە مەخسۇس تەربىيلەش توغىرسدىكى ئالاھىدە ئۇقتۇرش

جەمىيتمىز ئەرەپ ئەللىرنىڭ جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچخانسنىڭ مۇسۇلمان خىزمەتچلەرگە بولغان ئىھتياجىنى،بېيجىڭ ،شاڭخەي... قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى ئەرەپ كارخانلىرنىڭ مۇسۇلمان خىزمەتچلەرگە بولغان ئىھتياجىنى، يېقندا ئېچلىش ئالدىدا تۇرغان ئەرەپ ئەللىرى شىنجاڭ ساياھەت لىنىيسىنىڭ، سودا لىينىسىنىڭ ئەرەب تىلى تەرجىمانلىرىغا بولغان ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ،مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدىن پەقەت بىرلا قارار 150 نەپەر ئوقۇغۇچىنى نۇقتىلىق تەربىيلىمەكچى.كۇرۇس مۇددىتى بىر يىل بۇلۇپ ئوقۇش تاماملىغاندىن كىېيىن ،ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئەرەب ئەلچىخانلىرىغا ،ئەرەب سودا شىركەتلىرىگە ، شىنجاڭدىكى ساياھەت كوپراتىپلىرىغا خىزمەتكە تۇنۇشتۇرۇلىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن سىرىت جەمىيتىمىز تەشكىللىگەن جۇڭگۇ شىنجاڭ ئەرەب ئەللىرى ئىلىم – پەن ئالماشتۇرۇش پائالىيتىگە قاتناشتۇرۇلۇپ ، ئەرەب ئەللىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى جەمىيتىمىز ۋاكالىتەن بىجىرىپ بېرىدۇ .

تىزىملاش شەرتى: 1.ۋەتەننى ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان سىياسى ئېڭى كۈچلۈك بۇلۇش . 2.ھىچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىك ئىسپاتى بولۇش . 3.مەجبۇرى مائارىپنى تاماملىغانلىق ئىسپاتى بۇلۇش . 4.جىنسى قىز ،ئوغۇل دەپ چەكلەنمەيدۇ.

ئوقۇش ۋاقتى: 2011-يىلى3 -ئاينىڭ 14-كۈنى باشلىنىپ ،2012-يىلى03-ئاينىڭ11-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئوقۇش پۇلى: 12000 (ئون ئىككى مىڭ) يۈەن خەلق پۇلى.بۇ ماتىرىيال پۇلىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. سىرتتىن كەلگەنلەرنى جەمىيتىمىز ياتاقنى بىر تۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ (خىراجىتىگە ئوقۇغۇچى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ ). دەرىسنى ئەزھەر ،مەدىنە مەككە ئۇنۋېرسىتىتلىرىنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلار سۆزلەيدۇ.

يازلىق ،قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە شاڭخەي چەتئەل تىلى ئۇنۋېرستىتى بىلەن بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەرەب ئوقۇتقۇچىلىرى دەرىس سۆزلەيدۇ. مەزكۇر ئەرەب تىلى كۇرسى شىنجاڭدا بىرلا قارار ئېچىلىدۇ .

پەقەت 150 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيلىنىدىغان بولۇپ، سان چەكلىك، پۇرسەت غەنىمەت. ئۇتۇق ۋە مۇۋەپپىقىيەت  پۇرسەتنى تۇتۇپ، بېرىلىپ ئۆگەنگەن ۋە ئۆزىنى بىغىشلىغانلارغا  مەنسۇپ!

تىزىملاش ئادرېسى:
ئۈرۈمچى شەھىرى كۇنسۇل كوچىسى(يەنئەن يولى) جىلى تاشقى ئىشلار سودا بازىسى 154-نومۇر 2-28-ئىشخانا

جۇڭگو ئەرەپ ئەللىرى سودا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ تارماق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپ ئورۇن ( شاڭخەي قىران سودا چەكلىك  شىركىتى ئۈرۈمچى تارماق شىركىتى)

ئالاقىلىشىش تېلفۇنى : 2888138 ¬09918551755

</div></div>

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 12:05:42

مەنمۇ ئەرەبچىنى خەنزۇچە كىتاپلاردىن ئۈگەنگەن ،ھىچقانداق ئەمەسقۇ ، خەنچە پايدىلىنىش ماتىرياللىرى ئۇيغۇرچىنىڭكىدىن كۆپ ھەم كۆپ قىرلىق ،  خۇيزۇلار  بۇ تىلنى تەتقىق قىلىپ نەلەرگە ئاپىرىپ بولدى ھازىر  . ماڭا  بەزى تاۋۇشلارنى ياخشى چىقىرالمىغانلىقىنى نەزەرگە ئالمىغاندا ئۇلارنىڭ ئەرەبچىسى شۇنداق ياخشى تۇيۇلدى ،گىرامماتىكىسىمۇ جايىغا چۈشكەن .   

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 20:51:50

ياخشى گەپكەن بۇ..

ئەمما ئاۋۇ 12000 (ئون ئىككى مىڭ) يۈەن خەلق پۇلىمۇ تۆۋەن ۋە ئوتتۇرھال سەۋىيىدىكى ئائىلىلەر ئۈچۈن ئاز پۇل ئەمەس...

confession يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 21:08:56

مىللىتىمىز ياشلىرىغا ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت بوپتۇ، ئەرەپ تىلى بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈگىنىش ناھايىتى ئاسان.  نىڭشا ، گەنسۇدىكى خۇيزۇ بالىلىرىدا ئەرەپچىنى ئۈگىنىش دولقىنى  كۆتۈرۈلگىلى 10يىللار بولدى، تۈمەنلىگەن خۇيزۇ بالىلىرى ئېلىمىز ۋە ئەرەپ ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈكلۈك رول ئويناپ ھەم روھىي جەھەتتىن، ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن  ناھايىتى چوڭ ئۈنۈملەرگە ئېرىشمەكتە، يىۋۇ، گۇاڭجۇدا ئاددى تەرجىمانلىق قىلىدىغان خۇيزۇ بالىسى ئېيىغا 10-20مىڭنى مۇنداقلا تاپىدىكەن، ئەمما ئەرەپ تىلىنى ئۈگىنىش خۇيزۇ مىللىتى ئۈچۈن بىزگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە تىرىشچانلىق تەلەپ  قىلىدۇ.

بۇ ياخشى پۇرسەت ئىكەن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 21:29:16

خەنزۇۋانلارنىڭ ئەرەپچە ئۆگىنىش تورى

<div id=postmessage_180130 class=t_msgfont orgdisplay>ماتېرىيال ئىزدەۋېتىپ خەنزۇ تىللىقلارنىڭ ئەرەپچە ئۆگىنىش بېتىكەن ئۇچرىتىپ قالدىم،
http://www.noorislam.org/forum.php?mod=forumdisplay&fid=359
دەسلەپ ساۋات چىقىرىش بېتى:
http://www.noorislam.org/forum.php?mod=viewthread&tid=95430&extra=page%3D1
http://www.noorislam.org/forum.php?mod=viewthread&tid=94956&extra=page%3D1</div>

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 21:46:19

ئۈرۈمچى شەھىرى كۇنسۇل كوچىسى(يەنئەن يولى) جىلى تاشقى ئىشلار سودا بازىسى 154-نومۇر 2-28-ئىشخانا

ئۇرۇمچى شەھىرى يەنئەن يولى جىلى تاشقى سودا بىناسى ياكى تيەنئەن گۇللىكى 5 بىنا(كىرىش ئىشىكى ئالدىدا  ،ئالدىدا ئارمان تاللا بازىرى بار.)

كونسول كوچىسى دىسەڭلار بىر يەردە قالىدۇ.جىلى سودا بىناسى ئوپكە دوختۇرخانىسى يىنىدا.

MIKMAN يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 10:54:12

بۇرۇن جىنايەت ئۆكۇزۇپ ئەمدى ئادەم بولاي دىگەنلارگە پۇرسەت يوقكەندە.......ئىسىت

MIKMAN يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 10:58:46

بۇرۇن جىنايەت ئۆكۇزۇپ  ئەمدى ئادەم بولاي دىگەنلەرگە پۇرسەت يوقكەندە ........ئىسىت

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 11:14:50

بىدار قۇتلۇق ئەپەندى

خەنزۇۋان دىگەن قانداق گەپ

زۇۋانى خەنچە بولغانلارنى شۇنداق ئاتىدىڭىزمۇ.

زۇۋان دىگەن گەپنى ئۇيغۇر تىلىدا سەلبى تەرەپتە بەكرەك ئىشلىتىمىزغۇ دەيمەن.

مەسلەن،ئۈستىدە ئالغاندەك،زۇۋانى خەنچە دەيدىغان گەپ سىزگە قوپال ياكى بىر خىل كەمسىتىش تۇيغۇسى بىلەن ئېيتىلغان گەپتەك ئاڭلانمىدىمۇ؟

سىرىت تىللاردىن كىرگەن ئۇزۇن ئۇزۇن ئىسىملارنى قىسقارتىش ياخشى ئىش.ئەمما مەنىسى ياخشى بولغان سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىساق دىگەن ئۈمىددىمەن.

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 14:27:11

دەرس ئۆتىدىغان مۇئەللىلەرنىڭ ئىسمىنى بىلسەك بولامدۇ ؟

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 14:27:49

130 دەك ئادەم تىزىملىتىپ بولغانمىش...

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-5-30 23:31:07


توختاپ قاپتىمىش، دەپ ئاڭلىدىم. راستمىكىنە؟

بەت: [1]
: ئەرەب تىلى بويىچە تەربىيىلەش ئۇچۇرى