zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 19:34:43

جىياڭ جيېشىنى ئاغدۇرۇش يولىدا ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسى

1943-يىلىىنىڭ ئاخىرقى بىر نەچچە ئايلىرى، ياپونىيەگە قارشى مەزگىلىدە ئۆستۈرۈلۈپ كوماندىر بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان بىر قىسىم ياش گېنىراللار جۇڭگۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن،جىياڭ جيېشى ۋە ئۇنىڭ چىرىك يادرو ئادەملىرىنى دەرھال ئاغدۇرۋېتىش كىرەك دىگەن قارارغا كىلىدۇ. بۇ ياش گېنىراللار شەرقىي جۇڭگۇدا جۇڭگۇ قۇشۇنلىرىنى تەربىيلەشكە مەسئۇل بولغان ئامىرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ خادىمى يان بومان بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئامىرىكىنىڭ قوللىشىنى سەمىمىي تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكا كۆرۈنۈشتە ماقۇل بولمايدۇ، لىكىن ئىستىراتىگىيلىك ئاخبارات ئىدارىسى بۇ پىلانغا قىزىقىدۇ.
سىياسى ئۆزگىرىش تەييارلىق ئىشلىرى داۋاملىشىدۇ، جىياڭ جيېشى چۇڭچىڭدىن يولغا چىقىپ قاھىرە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، شىىئەن ۋەقەسىگە يەتتە يىل بولغان خاتىرە كۈنى ھەركەتلىنىش، جىياڭ جىيشى قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇنى رىئاللققا ئېتراپ قىلدۇرۇش پىلانلىنىدۇ. قانداق يول بىلەن بىلۋالغانكى،دەي لى سىياسى ئۆزگىرىش ھەققىدىكى پىلاننى ئۇقۇپ قالىدۇ ۋە جىياڭ جيېشىغا دەلىل-ئىسپاتلارنى يەتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقانلىقىنى ئۇنىڭغا ئىشەندۈرىدۇ. دەي لى ۋە چېن فامىللىك ئاكا - ئۇكىلارئۈچۈن ئېيىتقاندا،بۇ سۇڭ ئائىلىسىدىكى رەقىبلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى. جىياڭ جيېشىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن دەي لى 600 نەچچە نەپەر ئوفىستىرنى قولغا ئالىدۇ. جىياڭ جيېشى قاھىرەدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئەڭ ئۈمۈدلىك 16نەپەر ياش گېنىرالنى ئۆلتۈرىدۇ.

مەنبە: ئەدەبىي تەرجىمىلەر ژۇرنىلى

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 20:11:27

مۇشۇنداق تىمىلارنى قىززىقىپ ئۇقۇپ كىتىمەن دىسە...

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 14:54:55

بىزمۇ قىزىيمىز . شوڭا تىمىسقىلاپلا يۈرۈيمىز
بەت: [1]
: جىياڭ جيېشىنى ئاغدۇرۇش يولىدا ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسى ئۆزگىرىش