zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 19:03:05

ئەرلەرنىڭ يولدىن چىقىپ كىتىشى گىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك

  RS333  دەپ بەلگە قۇيۇلغان گىن ئەرلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىگە باھانە بۇلدىغان يەنە بىر نەرسىگە ئايلاندى ،چۇنكى شىۋىتىسيىلىك ئالىملار 552ئەرنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلغاندىن كىيىن بۇ خىل گىننىڭ ئەرلەرنىڭ بىر ياكى بىر نەچچە ئايالنى ئەگەشتۇرۇپ يۇرۇشىگە سەۋەپ بۇلدىغانلىقىنى بايقىدى .

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دىيىشتى :<<333RS>>بەلگىلىك بۇ گىنغا ئىگە ئەرلەرنىڭ تەتقىقات ئۇبىكتىنىڭ 40%نى ئىگەللىدى ،ئولارنىڭ ئەمىلىيىتىدىن نىكاھىنى بەك مۇھىم بىلمەيدىغان ،ھەمراھى بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن تۇراقسىز ،يۇلدىن چىقىپ كىتىشى خاھىشى بەكلا يۇقۇرى ،ھەمراھىدىن رازى بۇلوش نىسبىتى بىر قەدەر تۇۋەن ئىكەنلىكى ئايان بۇلدى ،بارلىق تەكشۇرۇشۇ ئۇبىكتىنىڭ 3.45%دە بۇ خىل گىندىن ئىككى گۇرپا بار ئىكەن بۇنداق ئەرلەر نىكاھ مەسىلىسىدە ۋەدە بىرىشىنى خالىمايدىكەن ،ئولارنىڭ نىكاھلىنىپ بىر يىلغىچە بۇلغان ئارلىقتا نىكاھىدا مەسىلە كورلوش نىسبىتى باشقا ئادەملەرنىڭ نىكاھىدا نەسىلە كورلوش نىسبىتىدىن ئىككى ھەسسە يۇقۇرى بۇلىدىكەن .

ئىلگىرى ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن بۇ خىل گىننىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئادەمنىڭ ئىشەنىچ تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلدىغانلىقى ،ئىجدىمائىي قىلمىشى غەلىتە،خارەكتىرى كوزگە سىغمايدىغان كىشىلەردەRS 333بەلگىلىك گىندىن بىر نەچچە گۇرۇپپا بۇلدىغانلىقىنى بايقالغان ئىدى.

ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 19:18:25

كىملەر تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپتۇ بۇ؟!...

arqin يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 20:08:20

ما گىزىتنى بىزنىڭ ئايال كۆرسە ، مىنىڭ گىنىمنى تەكشۈرۈشتىن يانمايدۇ جۇمۇ !

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 20:33:34

ئىككى مەزمۇن ئوخشاشلا ئىكەنغۇ؟ كىيىنكىسى چاقچاقمۇ يا؟

tunjiqar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 10:14:02

ۋاپاسىزلىق قاندا بۇلىدۇ ....دىمەك ئاتىسى يولدىن چىققان ئەر ئىشەنچسىز .........

yurtum1028 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 12:55:09

تۇنجخ قارنىڭ پىكرىنى ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ .

zulayin يوللانغان ۋاقتى 2011-11-24 13:30:58

ئۇنداقتا بۇخىل گىن بولمىغان ئەر ياكى ئاياللارنى چوقۇم ساداقەتمەن ياكى ۋاپادار دەپ ئېيتقىلى بولامدۇ؟ مىنىڭچە بۇ بىر قىسمەنلىك ،بەزىدە «سا دىن نا تۆرىلدۇ» غان ئىشلارمۇ بولىدۇ،بەلىكىم ئاتىسى يولدىن چىققان ئائىللىلەردىكى ئوغۇل پەرزەنتلەرنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئادەتتىكى ئائىلە پەرزەنتلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى بولىشى مۇمكىن ،لىكىن گىن دىگەن بىر-بىرىگە ئىرسىيەت قالىدىغان نەرسە تۇرسا ،شۇڭىلاشقابۇخىل گىننى شۇ كىشى ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان دەپ قاراش بىرقەدەر مۇۋاپىقمىكىن.

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2011-11-24 14:45:30

چوڭلارنىڭ خوتۇن ئالغاندا ئاتا-ئانىسىغا قاراپ ئال دېگىنىنىڭ ئاساسى بارمۇ نېمە؟

umida11 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-6 23:55:16

ۋۇي،،،،

   ئەمسە  بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتا بوۋىلىرىمىز ئۈچ-تۆت خوتۇن ئالغانغۇ؟؟

aybalta يوللانغان ۋاقتى 2012-7-7 05:54:13

9- قەۋەتتىكى umida11نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋۇي،،،،

ئەمسە بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتا بوۋىلىرىمىز ئۈچ-تۆت خوتۇن ئالغانغۇ؟؟



شۇڭا ھەممەيلەن قاقشاپ يۈردۇققۇ مانا، ئاتا بوۋىلىرىمىزغا يۈز كېلەلمەيمىز، ئۇلاردەك بولالمىدۇق،دەپ\"\"
بەت: [1]
: ئەرلەرنىڭ يولدىن چىقىپ كىتىشى گىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك