rayila يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 11:39:17

يا بويىچە ئەڭ چىرايلىق 14 ئالىي مەكتەپ قورۇسى ئى



             دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق 14 ئالىي مەكتەپ قورۇسى ئىچىدىكى قۇرۇلۇشلاردىن كۆرۈنۈشلەر

      ئامېرىكىنىڭ " فوربىس" ئىقتىساد ژورنىلى يېقىندا " يەر شارى بويىچە ئەڭ چىرايلىق ئالىي مەكتەپ قورۇسى" نى باھالاپ چىققان. تاللانغان 14 ئالىي مەكتەپ ئىچىدىكى 10 ئالىي مەكتەپ ئامېرىكىدا، ئۈچ ئالىي مەكتەپ ياۋروپا قىتئەسىدە بولۇپ، بىردىنبىر تاللانغان ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئالىي مەكتەپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىۋېتى بولغان، " فوربىس" ئىقتىساد ژورنىلى تور بېكىتىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ ژورنال يېقىندا ئارخېتېكتور ۋە ئالىي مەكتەپ قورۇسى لايىھىلىگۈچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن باھالاش ئۆمىكىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى " ئەڭ گۈزەل ئالىي مەكتەپ قورۇسىنى تاللاپ چىققان. ئەڭ ئاخىرىدا تاللانغانلىرىدىن ئالىي مەكتەپ قورۇسى كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قۇرۇلمىسى ئىنتايىن نەپس بولغان سكرىپىس ئىنىستىتۇتى بار ئىكەن.

  

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بېيجىڭ غەربىي شىمالىي شەھەر ئەتراپىدىكى گۈزەل باغ- ئورمانلىق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، مەكتەپ قورۇسى ئەتراپى قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان. مەكتەپنىڭ غەربىي كونا مەكتەپ رايونى بولۇپ، ئامېرىكىچە مەكتەپ قورۇسى ئەسلىھەلىرى ۋە نۇرغۇن غەربچە ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلمىلىرى تارىخى قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە؛ شەرقىي رايون مەكتەپ قورۇسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا قۇرۇلغان سوۋىتچە ئاساسىي بىنانى ئاساس قىلغان بولۇپ، 90 - يىللاردىن باشلاپ زامانىۋى ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلارنى بىنا قىلغان.  

  12 - ئەسىردە قۇرۇلغان ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى خۇددى بىر شەھەرگە ئوخشايدۇ. ئوكسفورد شەھىرىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى نۇرغۇن ئەتىۋارلىق بۇيۇملار، رىۋايەتلەردىكىدەك قۇرلۇش خارابىلىكلىرى، ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان تاش ئورۇندۇقلار، ئەگرى - بۇگرى سوزۇلغان كىچىك كوچىلار كىشىنى ئىختىيارسىز ھالدا تارىخ ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ.

   كېنيون ئىنىستىتوتى ئامېرىكا ئوخىئو شىتاتىدىكى ئەڭ قەدىمي بولغان شەخس قارىمىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپ بولۇۇپ، 1824 - يىلى قۇرۇلغان، مەكتەپ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئوستروەوت ئۇسلۇبىدا بولۇپ، بىر ئۈچ مېتىر كەڭلىكتىكى چىغىر يول مەكتەپنىڭ ئوتتۇرسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، مەكتەپنىڭ يېزا - قىشلاق ئۇسلۇبىدىكى مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن.

   ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتىدىكى پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى " داۋاملىق يېشىل قىياپىتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان مەكتەپ" لەرنىڭ بىرى بولۇپ، تۆت ئەتراپى سۈزۈك دەريا سۈيى بىلەن ئورالغان، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە نۇرغۇن ئوستروەوت ئۇسلۇبىدىكى تاش قۇرۇلۇشلار بار.

   سكرىپىس ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى قىزلار ئىنىستىتۇتى بولۇپ، كىشلەر تەرىپىدىن " ئامېرىكا بويىچە ئەڭ گۈزەل مەكتەپ" دەپ تەرىپلىنىدۇ، قۇرۇلۇش ۋە تەبىئىي مەنزىرىنى بىرلەشتۈرگەن گۈزەل كۆرۈنۈشى بىلەن داڭلىق.

   ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگەللىگەن كۆلىمى 35 كۋادىرات كلومېتىر، ئامېرىكا بويىچە كۆلىمى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت، مەكتەپ ئىچىدە 17- ئەسىردىكى ئىسپانىيە ئۇسلۇبىدىكى سېرىق خىش، قىزىل كاھىش ئىشلىتىپ سالغان قۇرۇلۇشلار بىر قەدەر كۆپ.

ئېرلاندىيەدىكى دۇبلىن ئۇنىۋېرسىتېتى 1592 - يىلى ئەنگىليىە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت تەرىپىدىن داغدۇغا بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، مەكتەپ ئىچىدىكى كۈتۈپخانا ئىچىدە ساقلانغان قىممەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن داڭلىق.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە ئىنىستىتوتى كولۇرادولۇقلار سپرىنگ شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيە ئوفېتسېرلىرى ۋە نەمۇنىلىك ئۇچقۇچىلارنى تەربىيىلەش بازىسى.

    ئىتالىيەدىكى بولوگنا ئۇنىۋېرسىتېتى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان، ياۋروپا قىتئەسىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئۇنىۋېرستىتېت بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر 900 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە، ھەر قايسى ئىنىستىتۇتلار شەھەر ئىچىگە تارقاقلاشقان.

ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانت كرۇز تارماق مەكتىپى ئەتراپىدا تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى ئەڭ گۈزەل دېڭىز ساھىلى بار بولۇپ، مەكتەپ قىزىل ياغاچ تەبىئي قوغداش رايونىغا جايلاشقان.

مەنبە: ياشىن تورى

joshua يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 12:16:18

چىڭخۇا ھەقىقەتەن چىرايلىق، ئاساسىي قۇرۇلمىنى ئامېرىكا سالغان.

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 12:32:18

ھەقىقەتەن چىرايلىق مەكتەپلەر ئىكەن^^  مېنى ئۆزىگە ئەڭ جەلىپ قىلغىنى ئامرىكا ھاۋا ئارمىيە ئىنىستىتوتى!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 13:00:59

چىڭخۇا ھەقىقەتەن مەنزىرلىك ئىكەنتۇق، ئايلىنىپ تويمىغان...
بولۇنىيا ئۇنۋېرستىتى خىلى داڭلىق ئۇنۋېرستىت.

aral2008 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 13:03:41

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە ئونۋېرىستىتى بۇلىدىكەن!

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 13:16:00

يا  بۇيۇنچە ئەمەس دۇنيا بۇيۇنچە دەڭە ....

ئالدىراشچىلىقتا دۇنيانىڭ دۇن خېتىنى ئۇنتۇپ قاپسىز ....

joshua يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 13:16:22

ھاۋا ئارمىيە ئۇنۋېرسىتىتىدىكى ئۇ قۇرۇلۇش تۆت خىل دىننىڭ ئىبادەتخانىسى، دۇنيادىكى ئاجايىپ-غارايىپ بىنالار دېگەن نەرسىدە كۆرگەنتىم.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 15:05:15

تېما ئىسىمىنى يا بويىچە دەپ كۆرۈپ قىل قاپتىمەن قايسى يارداڭلىقتۇ بۇ شۇنچە كۆپ ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى قىلغان دەپ ئويلىغىلى

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 08:50:35

سىكرىپىس ئونۋىرسىتى سىلەرگە چىرايلىق بىلىنمىدىما

مەنچە نوچى جۇما

uyguryigiti يوللانغان ۋاقتى 2011-2-17 14:15:42

بېيجىڭ ئۇنۋىرسىتىمۇ خېلى بوپ قويىدۇ.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 09:20:13

قايسى ئۇنۋىرىستىتتا چىرايلىق قىزلار كۆپ ؟ شۇنى بىر دىيىشەيلى . ئەتە - ئۆگۈن ئوقۇيدىغان ئىش بولۇپ قالسا لازىم بولىدۇ بۇ ئۇچۇرلار

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-30 09:00:14


نەقىل

قايسى ئۇنۋىرىستىتتا چىرايلىق قىزلار كۆپ ؟ شۇنى بىر دىيىشەيلى . ئەتە - ئۆگۈن ئوقۇيدىغان ئىش بولۇپ قالسا لازىم بولىدۇ بۇ ئۇچۇرلار


_____________________________________________________-


سىز قايسى مىللەت دېمەپسىز،شۇڭا ئېنىق جاۋابىنى بەرگىلى بولماسمىكىن.\"smiley\"


مىنىڭچە سەنئەت مەكتەپلىرىدە چىرايلىق قىزلار جىق،چىراي ئولچىمى بار ئۇلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتە.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-5-30 21:55:13


پىنھان ئاغىنەم



نىمىشقا ئاۋۇ ئالىي مەكتەپنى نوچى دىگىنىمدىنمۇ ھېس قىلمىدىڭلىما\"cool\"



قىزلار مەكتىپىكەن

yigana.yigit يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 10:29:58


نەقىل


  پىنھان ئاغىنەم



  نىمىشقا ئاۋۇ ئالىي مەكتەپنى نوچى دىگىنىمدىنمۇ ھېس قىلمىدىڭلىما\"cool\"



  قىزلار مەكتىپىكەن



  ئۇ مەكتەپكە پىنھاننى  قوبۇل قىلماسمىكى ھەقىچان...


بەت: [1]
: يا بويىچە ئەڭ چىرايلىق 14 ئالىي مەكتەپ قورۇسى ئىچىدىكى قۇرۇلۇش