UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 10:13:49

تارىختا بۈگۈن (16-فىۋىرال )

1918-يىلى بۈگۈنكى كۈندە لىتۋانىيە مۇستەققللىق جاكارلىغان ھەمدە لىتۋانىيە جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان.

1923-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيەلىك ئارخىلوگ كارتىر (Howard Carter) باشچقلىقىدىكى ئارخىلوگىيە ئەترىتى مىسىر 18-پادىشاھلىقىنىڭ فىرئەۋىنى Tutankhamunنىڭ قەبىرىسىنى قازغان .

Tutankhamunمومىياسىنىڭ سىرىتقى نىقابى:

1959-يىلى بۈگۈنكى كۈندە فېدىل كاستىرو كۇبانىڭ زۇڭتۇڭى بولغان .

1968-يىلى بۈگۈنكى كۈندە تەيۋەن خەلىق ئاۋئاتسىيەسىنىڭ 10-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى تەيبى ناھىيەسى تەۋەسىدە چۈشۈپ كېتىپ ،21ئادەم قازا قىلىپ 42ئادەم يارلانغان .

1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ھېندىنوزىيەدىن تەيبىيگە قاراپ ئۇچقان جوڭخۇا ئاۋئاتسىيە 767-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان جوڭجىڭ خەلىقئارا ئايرىدۇرۇمىغا قونىۋاتقاندا ھادىسىگە ئۇچىراپ 202ئادەم قازا قىلغان .

2002-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىز ماھىرى ياڭياڭ ئامېرىكا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسنىڭ 500 مېتىرغا تىز سۈرئەتتە مۇز تېيلىش تۈرىدە دۆلىتىمىز ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق  قىشلىق ئولمپىك مۇسابىقسىنىڭ ئالتۇن مىدالىنى ئالغان .

2005-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پارنىك ئېففىكتىگە چەك قويدىغان خەلىقئارا شەرىتنامە<كىيوتۇ شەرىتنامىسىKyoto Protocol>رەسمى يۇسۇندا كۈچكە ئىگە بولغان .

مەنبە:ۋىكى قامۇسى

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 11:39:15

ئىزچىل داۋاملاشتۇرغىن

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 13:21:03

مەنمۇ قۇشۇپ قۇياي:

2000-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيە زۇڭتۇڭى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا گېرمانىيە نانسىستلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا كەچۈرۈم سورىدى، ھەمدە ياشلارنىڭ بۇ تارىختىن تەربىيە ئېلىشنى تەكىتلىدى. گېرمانىيە زۇڭتۇڭى بۇ سۆزنى ئىسرائىلىيەدە نۇتۇق سۆزلىگەن ۋاقتىدا دېگەن. ئۇ گېرمانىيەنىڭ خەلقى بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ ئىناق ئۆتۈشى ئۈچۈن نەچچە يۈز مىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئالدىدا بېشىنى ئىگىپ كەچۈرۈم سورىغان.

1955-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ خىزمەت فاڭجىنى بېكىتىلگەن. ھەمدە 5-قېتىملىق بىرلىكسەپ خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، 1956-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە بولغان بىرلىكسەپ خىزمىتىنىڭ فاڭجىنىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1932-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياپونىيە باسقۇنچىلىرى«مانجۇرىيە دۆلىتى» قۇرۇشنى پىلانلىغان. 1931-يىلى ياپونىيە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، قورچاق ھاكىمىيەت قۇردى، ياپونىيە 1931-يىلى 9-ئايدىن 1932-يىلى 2-ئايغىچە جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، لياۋنىڭ ئۈچ ئۆلكىنى بېسىۋىلىپ، «مانجۇرىيە دۆلىتى» قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان.

1870-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغان، فرانسىيە مەغلۇپ بولغان. بۇ ئۇرۇش فرانسىيەنىڭ ياۋروپادىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پرۇسسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى گېرمانىيە ئېمپىرىيەسىنىڭ ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىسى مۇناسىۋىتى 1870-يىلىدىن باشلاپ جىددىيلەشكەن. 1870-يىلى فرانسىيە پرۇسسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(16-فىۋىرال)