Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 03:47:14

ئۆيدە كىتاب ساقلايدىغانلار قانچىلىك؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بۇرۇن قايسى بىر ژورنالدىن كۆردۈم، ئۇنىڭ تېشىغا بېسىلغان ماي بوياق رەسىم ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتقان. ئۇنىڭدا بىر دادا مۆرىسىگە سىۋەت ئاسقان، قولىدا كىتاب، سىۋەتتە بىر ئوماق بالا يەنە بىر كىتابنى تۇرۇپ تۇرغان، قارىماققا دادا بالا پۈتۈن زىھنى بىلەن كىتاپ كۆرىۋاتقان لىكىنقولىدا كىتاپ تۇتۇپ تۇرۇپ كىتىۋاتقان دادا...
مىنىڭچە بۇ ئاجايىپ ياخشى سىزىلغان رەسىم. كىتاپ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بالىغا قاراپ، ئۇنىڭمۇ كەلگۈسىدە كىتاپ تۇتقان بالىسىنى بوينىغا مىندۈرۈپ كىتاپ ئوقۇغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز...

ئەمدى گەپكە كەلسەم، سىز كىتاب ئوقۇمسىز؟ تۆۋەندىكى تەۋسىيەنامە گە كۆز يۈگۈرتۈڭ:

سىز ئۆيىڭىزدە كىتاب ساقلامسىز؟ ئاددىيسى ئۆيىڭىزنى بىزىگەندە بىر بۇلۇڭغا كىتاب جازىسى قويۇشنى، ياكى كىچىككىنە بوشلۇق چىقىرىپ بىر ئۈستەل ۋە بىر قانچە ئورۇندۇقنى تىزىپ قويۇشنى ئاللىقاچان ئويلىشىپ بولدىڭىز بەلكىم... كىچىك باللىرىڭىزنىڭ بويى يەتكۈدەك يەرگە رەسىملىك، قىزىقارلىق كىتابلارنى) مەسىلەن، "دىنىمنى ئۆگىنىمەن" دىگەندەك( قويۇپ قويۇشنى ئويلىشىپ بولغانسز؟
ئۆيىڭىزدىكى كىتابلارنى تۈرگە ئايرىپ ساناپ بېقىڭ. زادى قانچىلىك كىتاپ باركەن ئۆيىڭىزدە. ئەگەر بىرمۇ كىتاب بولمىسا... ئاھ خۇدا ھىچكىمگە چاندۇرماي بېرىپ بىر قانچە كىتاب سېتىۋېلىپ تاكچىڭىزغا تىزىپ قويۇڭ!...

نىمىشقا بۇنداق دەيمەن؟ كىتابتىن بىلىم، زوق ئالىمىز دىگەن گەپ دىمىسىمۇ بولىدىغان گەپ. سىزنى ئۆزىڭىز ئوقوپ بولغان كىتاپلار بولسىمۇ كىتاب جازىڭىزدا ساقلىشىڭىزنى، ئۇلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ تىزىپ قويۇشىڭىزنى، ئۆيىڭىزدەبولمىدى دىگەندە10 پارچە كىتاب بولىشىنىتەۋسىيە قىلىمەن!

بۇنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سەۋەبى پەرزەنت تەربىيسى، كىيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن...

مەن مۇشۇ ۋاقىتقىچە بەك دىققەت قىلدىم، بىلىمگە تەشنا، ئەقىل-پاراسەتلىك، ئەخلاقلىك ۋە كىيىنكى ئىستىقبالىنى ياراتقانلار كۆپىنچە ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق سەۋەپلەر بىلەن ئەڭ دەسلەپ بىر-ئىككى پارچە كىتاپ بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكتىن ئىكەن. ئەتىراپىڭىزدىكى ئۇقۇمۇشلۇق، زىيالى ياكى ئەخلاق-پەزىلەتلىك دەپ قارىغان خالىغان ئۈچ كىشىدىن سوراپ بېقىڭ،كەم دىگەندە ئىككىسى بالىلىقىدا كىتاب ئوقۇشقا ھىرىسمەنلىكنى باشلىغان،ئاتا-ئانىسى ئۇقۇمۇشلۇق بولغان شۇنداق بولغاچقا ئۆيىدە كىتاب ساقلانغانلار...

پەرزەنت تەربىيلەشتە ئۆيىدە كىتاب ساقلاشنىڭ رولى نىمە ئۇچۈن چوڭ؟پەرزەنت دىگەن نوتا، قايسى ياققا ئەگسە شۇ ياققا قاراپ ئۆسىدۇ. مەزمۇنى ساغلام كىتابچىلادىكى مەزمۇنلار، چىرايلىق ئوبرازلار ئۇلارنىڭ سۈپسۈزۈك مىڭىسىگە تۇنجى قەدەمدە سىڭىپ كىرسە، كىيىن-كىيىن ئۇلارنىڭ ھاياتلىق نىشانىنى كۆرسىتىپ بەرمىسىڭىزمۇ شۇ كاللىسى بىلەن ياخشى مېڭىپ كىتىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەرگىز بالىڭىزنى كىتاب ئوقۇشتىن ھەرقانداق ۋاقىتتا چەكلىمەڭ...

بەزى باللار تاساددىبى قىززىق بىر فانتازىيلىك ھىكايىنى ياكى قىسقا ساۋاتلارنى ئوقۇپ قالدى دەيلى مەسىلەن، ئۇچار تەخسە، ئالەم،،،" يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن" دىگەندەك كىتابلارنى ئوقۇسا بۇ بالىنىڭ تەبئې پەنلەرگە قىزغىنلىقى يىتىلىپ چوڭ بولۇش ئىھتىماللىقى ئەڭ چوڭ؛
بەزى باللار ھىكايە، چۆچەك ياكى قوشاق ئوقۇپ قالدى دەيلى،بۇنداق باللارنىڭ كىيىن ئەدەبىياد قا قىزىقىش ئىھتىماللىقى كۆپ؛ ياكى رەسىملىك كىتابلارنى كۆردى دەيلى، (رەسىملەرنىڭ ئۈستىدىن جىجاپ ئوينىسا مەيلى دەڭ( كىين گۆزەل -سەنئەتكە ھەۋەس قىلىپ يىتىلىشى مۇمكىن..
مەيلى نىمىلا بولمىسۇن باللىرىڭىزنىڭ شۇ ۋاقىتتا بىر يۆلىنىشكە قاراپ ئىگىلىشى ھەممىدىن مۇھىم. ئەگەر ياخشى پەرۋىش قىلىنسا، مەلۇم بىر ساھەگە ئىشتىياق باغلاپ، ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئۇلىنى ھازىرلىغان پەرزەنتنى يىتىلدۈرۈپ چىقىسىز...

كىتاپ ساقلاشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە تەخىرسىز مۇھىم تەرەپلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ يەنىمۇ ئويلىنىشىغا قويدۇم. بىز خۇددى باشقا قەۋملەرگە ئوخشاش خاسلىققا ۋە مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە بىر توپ. بىز بىر باش- ئاخىرى تۇتاشقان، بىر بىرگە تەسىر كۆرسىىتىدىغانجەمىيەتنى- بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ ياشايمىز. مەتبۇئاتلار، نەشىريات ئورۇنلىرى، كىتاپخانىلاردىكى كىتاپلارنىنىڭ سېتىلىشىغا قاراپ تەرەققي قىلىدۇ، راۋاجلىنىدۇ، كىتاپخانىلار بىزلەر بىلەن ئاۋات بولىدۇ...
كىتابلىرىمىزنى چاڭ بېسپ قالمىسۇن، قەلبىمىزنى چاڭ بېسىپ قالمىسۇن! مۇھىمى ئۆز تىل-يېزىقىمىزدىكى كىتابلار ئاستىلاپ قالمىسۇن. پەرزەنتىڭىز ئوقۇسۇن، خۇمار بولسۇن...

ئىنكاس يېزىشقا خوش ياقمىسا يۇقىردىكى تۈرلەردىن ئۆزىڭىز ساقلايدىغان كىتابلارنى تاللاپ قويۇڭ )كۆپ تاللاش(. رەھمەت!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 04:04:15

تاللاش چىقمايدۇ.بۇ بۇرۇندىن بار مەسلە

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 04:14:10

ئا سۇئال بەلگىلىرىنى .   ئوقۇپ بىلەت تاشلاپ قويۇڭلار...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 04:19:02

؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟،؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

========

ئۈسىتدىكىنىڭ تەرجىمىسى

بۇنداق ئىش بۇرۇندىن بار ئىدى

مەن بۇرۇن مۇشۇنداق تېما يازغاندا،مىسران ئوڭشاپ بەرگەن

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 04:21:21

ساقلىغان كىتابلىرىمنى تۈرگە بۆلۈپ بولالمىدىميۇ، تۈرى خېلى بار.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 04:28:01

ۋا.. ئاز ئەمەسكەن تۈر، لېكىن ئوقۇيالمىدۇق. مىسرانغا ئۇچۇر قىلىڭ.بىچارە مىسران نىم بالاغا.. دەپ يۈرۈپ ئوڭشىۋېتىدۇ.. تۈرنى ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قويسىڭىز، تاللىغاچ تۇرايلى ئۈستىدىن ساناپ..

مەندىغۇ، ئىككى كىتاپ ئىشكاۋى بار، يەنە مەكتەپتە ئوقۇغان نۇرغۇن كىتاپلار يەشىكلەردە زاپاسلىق.

ياستۇقۇم يېنىدىكى قولۇم يەتكۈدەك جايدا تۇرغان كىتاپلارنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قوياي ھە:

1. قۇرئان
2.玻璃钢/复合材料
3.传感器与微系统
4.机器人
5.گىرمانىيىلىك بالىدىن كەلگەن خەت
6.科技新时代
7. 现代仪器

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 04:37:38

كىتاپخانىدىن ئەچىقۋالغان كەسپىمگە ئائىت بىركىتاپ ئىسىمگە كەپ قالدى

قايتۇرۇپ بېرەيچۇ راسىت

بەك ئۇزاق بېقىۋاپتىمەن

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 05:07:31

قانۇنلۇق بولسۇن بولمىسۇن، ئىزدىنىش مۇنبىرىمىز دىننى كىتاپلارنىڭ تەشۋىق قىلىنىشىنى قوللىمايدۇ.(قۇرئان كەرىم بۇنىڭ سىرتىدا)

شۇ توغۇرلۇق ئىنكاس يازغانلار،ئەگەر ئىنكاسىڭىز چىقمىسا كۆڭلىڭىزدە سان بولۇپ قالسا.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 05:27:31

قۇرئان تەرجىمىسىنىڭقانۇنلۇق نۇسخىسى بازاردا يوق. بارلىرى قانۇنسىز نەشر قىلىنغانلىرى. شۇڭا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىمۇ ئېلان قىلمىغان تۈزۈك. چۈنكى، مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 05:39:14

1.قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇرچە چۈشتى دىمەيدىغانسىز ھە.مەن چېغىمدا يېنىمدىن ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى بار ئەرەپچە قۇرئاننى يېنىمدىن ئارىمايمەن.

2.كىتاپ ئىسمى توغرىسىدا گەپ قىلىۋاتىمىز.مەزمون توغۇرلۇق يوللانغان تېما ئىنكاسلارغا بولغان سەزگۈرلىكىمىز ئۇنىڭدىن چوڭ.

3.ماڭا بۇنداق چۈشەندۈرۈش بېرىشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى بىلىپ قېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇندىن كىيىن بۇ توغۇرلۇق ئاغزىمنى كوچىلىمىسىڭىز.

4.ياشىسۇن چۈشىنىش

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 05:41:56

چاقچاق، زىيالىي بوۋاي

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 05:53:22

مومامرەھمەتلىك   مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ئايال ئىدى..ئۆزىنىڭ ئوقۇيالمىغىنىغا بەكمۇئۆكۈنەتتى .،.. ساۋادىنىمۇ ئۆزى چىقىرىۋالغان.ئىسىمنى بىلسەم كۆرگىنىم مومامنىڭ ھەجىلەپ يۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتقىنى ئېدى . مەن مەكتەپكە كىرىپ ساۋادى چىققان چاغدادائىم ماڭاكىتابئوقۇتۇپ ئاڭلايتتى،، شۇنىڭ تەسىرىمۇ بولسا كېرەك مەندە..

دادام ماڭا جىققىدەچۆچەك كىتابلارنى ئېلىپ بەرگەن..شۇنىڭدىن كېيىن چۆچەكلەر قاينىمىغا باشچىلاپلا كىرىپ كەتكەنمەن..
ھازىر مۇشۇ تاپتايېنىمدا بار كىتابلىرىمنىسانىسام.44 پارچىكەن.كومپىيۇتىرىمداساقلىۋالغانئىلكىتابلىرىم 200 پارچىدىنئارتۇق

قارىسام 16 پارچىسى ئىسلام دېنىغا مۇناسىۋەتلىك كېتابلاركەن..( قايسىلىقىنى دىمەي بولدى)

2 پارچە لۇغەت.

10 دىنئارتۇق تارىخى رومان.

تۈركچە روماندىن بېرسى باركەن..ئېلىپ قويغان تېخى ئوقۇپ بولالمىدىم

فرانسۇزچە روماندىن2 سى بار.رازۋېتكارومانى ( ئالامەت پىچەت)

يۇرتتادادام ساقلاپ بىرىۋاتقان كىتابلىرىم500 پارچە. بۇدا قايتقانداھېچنىمەئالماي، كېتابلىرىمنى ئەكەلمىسەم ئاللاھ خالىسا.

ھازىر ماۋۇ كومپىيۇتىرىمدا ساقلانغان ئىلكىتابلىرىملا 180 دىنئارتۇق...(لازىم بولسا دەڭلار ئەۋەتىپ بېرىمەن)

كەلگۈسىدەمېھمانخانائۆيۈمگە تورۇس بىلەن تەڭ قىلغۇدەك كىتاب ئىشكاۋى ياستىپ ، كىتاب تېزىمەن...ئىنشائاللاھ.

destiny يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 06:16:20

سەككىز يەشىك كىتابنى كىتاب جازامدىن ئېلىپ كارۋات ئاستىغا تېقىۋەتتىم .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 07:09:18

ئوقۇشقا تېخى ئۈلۈگۈرمىگەن، ئوقىمىغان ، ئوقۇپ بولغان كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسىنى قوشسام 50 كە بارغۇدەك.
كۆپرەكى دوكتور ئەسئەتنىڭ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئېمىننىڭ، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كىتابلىرى، ئاندىن قالسا ھەر قايسى پروگرامما تىللىرىغا ئائىت كىتابلار، ئاندىن قالسا ھېكايە-رومانلار، شېئىرلار.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 07:42:56

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ئىسىمنى بىلسەم ئۆيدە جىق كىتابلار بار ئىدى.ھەتتا قۇتادقۇ بىلىگتىن تارتىپ بار ئىدى.ئىز،ئويغانغان زىمىن دىگەندەك كىتابلارنىڭ تۇنجى نەشىرىنى مەن مەكتەپكە ئاپىرىپ يوق قىلدىم،جىق كىتابلارنى ئۇ سوراپ، بۇ سوراپ قايتۇرماي يوق قىلدى.قايسى كۇنى كىتاب ئوقاي دەپ قارىسام نەدە تايىنى يوق كىتابلار قاپتۇ،شۇنداقتىمۇ چالىقۇشى،مەمەت ئاۋاقنىڭ 1-قىسمى،چىڭغىز ئايتىماتوف ئەسەرلىرىدىن تاللانما دىگەندەك كىتابلار باركەن.

مەن ئۆزۇم ئالغان كىتابلار شۇ دىنغا ئائىت كىتابلاركەن.

misran يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 08:37:11

ئوڭشاپ قويدۇم ئەمدى بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 08:42:05

بىزنىڭ ئۆيدە ھەرخىل كىتابلارنىڭ ھەممىسى باركەن. ئاتا-ئانام ساقلاپ بېرىۋاتقان 200-300 پارچىدەك كىتاب بار، ئۇلارنى قاچان ئەكىلىپ بولغىلى بولىدىكىن تاڭ. چوڭ يەشىكتىن ئىككى يەشىك كىتابتى. ھازىر ئۆيدە يولدىشىمنىڭ بىرەر يۈز پارچىدەك كەسپىي كىتابىدىن باشقا ئۆزەمنىڭ ھەرخىل كىتابلىرىمدىن 50-60 پارچىدەك كىتاب بوپتۇ. ئۇيغۇرچە كىتابلار بەك ئاز ئەپسۇس. بۇ قېتىم تۈركىي تىللار دىۋانى، قۇتادغۇبىلىك....ئىشقىلىپ تاپقىلى بولىدىغان كلاسسىكلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدىن بىر يۈرۈش ئەكەلدۈرەيلى دەۋاتىمىز، ئاللاھ نېسىپ قىلسا. دادام تاپالمىغانلىرىڭلارنى مەن بېرەي دېدى.
ئېسىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدە كىتاب جىقكەن. ئۆيىمىزدە بىر تام تورۇسقا تاقاپ لىققىدە كەلتۈرۈپ ياسالغان كىتاب ئىشكاپىمىز بارتى، شۇنىڭغىمۇ كىتابلىرىمىز پاتمىغان. چوڭ داداممۇ بەك كىتاب يىغىدىغان ئادەمتى، چوڭ ئۆيىمىزدىمۇ يوغان ئىككى كىتاب ئىشكاپى كىتابلار بارتى. چوڭ ئانامنىڭ ھەر چوڭ تىبابەت قامۇسلىرى بولىدىغان، ھازىر ئوقۇيدىغان ئادەم يوق، توپا بېسىپ كېتىپتۇ، ئىسىت.
كىتاب ساتىدىغانلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىىشڭلارچۇ، جىق كىتاب ئالىدىغان پىلانىمىز بار.

baburzada يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 09:19:14

بىزدە كىتاپ سىتىۋالىدىغانلار خىلى بار،لىكىن خوتۇنىدىن قورقۇپ كىتاپلىرىنى يەشىككە سىلىپ دى شىا شى (يەر ئاستى قازناق)قا سولاپ قويىدىغان،ئۆيىنىڭ بىرەر تېمىغا بىرەر كىتاپ ئىشكاۋى تىزالمايدىغانلارمۇ ھەلەم بار.لىكىن خوتۇنلىرى ھىلىقى خورىستال دىگەن نەرسىلىرىنى ئۆيىنىڭ خالىغان يىرىگە بىمالال تىزالايدۇ.

confession يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 09:38:04

تېز تاماق مەدىنىيىتىنىڭ مەدىنىيىتىمىزگە تاجاۋۇزىدىن يەنە بىرى مىسالىماۋۇ تور، ئىسلام دىنىمىزدا ھەرقانداق بىلىمنى زەررىچىدىن -زەررىچىدىن ئېزىپ سەبرى بىلەن ئىجتىھاد قىلىپ ئۈگىنىش تەكىتلىنىدۇ، لېكىن تور دۇنياسى بىلىم بىلەن تولغان، ئەمما بىرەر يىل تور دۇنياسىدا يۈرۈپ ئىگە بولغان سېستىمىسىز ھوسۇل قولدا توختىمىغۇدەك يېنىكلىكتە بولىشى مۈمكىن، لېكىن بىرەر كىتاپنى قولغا ئېلىپ 3-4 ئاي ئىجتىھاد بىلەن ئۈگەنسەك بىر ئۆمۈر تەسىرىگە ئۇچرىغۇدەك بىلىمگە ئىگە بولىمىز.

تورخۇمار دوستلارنىڭ يىلىغا 10 كىتاپنى ئېزىپ ئوقۇپ بولىشىدىن گۇمانلىنىمەن، كىتاپ پەقەت ئۆي زىننەتلەشنىڭ بىر قىسمى بولسا بۇ قاتتىق ئىسراپچىلىق، كىلولاپ سېتىۋەتكەن ياخشى.

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 09:40:41

مېنىڭ ئەڭ بەك قەدىرلەيدىغىنىم دەل شۇ كىتاب.

ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆرۈمدىمۇ ھېچ نەرسەم بولمىسىمۇ لېكىن كىتاب بار. ھەر ئۆي كۆچسەم كىتابلىرىمنى يۆتكەپ بولالماي قالىمەن دېسە، باشقىلار تېخى كىتابلارغا قاراپ ئانچە مۇنچە مەسخىرە قىلىپمۇ ئۈلگۈرىدۇ دېسە....

كەلگۈسىدە ئۆز ئۆيۈم بولغاندا، تۇنجى ئارزۇيۇم، چوقۇم ئايرىم بىر ئۆينى كۈتۈپخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مېنىڭ كىچىكىمدىن باشلاپلا ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئارزۇيۇمدۇر....

بەت: [1] 2 3
: ئۆيدە كىتاب ساقلايدىغانلار قانچىلىك؟