ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 13:59:53

بىلگىڭلار بارمۇ؟

نېرۋا كېسىلى (ئەسەبىيلىك)، نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى ۋە روھى كېسەل (سەۋدايىلىق) نىڭ پەرقى

   ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر نېرۋا كېسەل بىلەن روھى كېسەلنىڭ پەرقىنى بىلمەيدۇ، ھەتتا بۇ ئىككىسىنى بىر دەپ قارايدۇ، مەيلى نېرۋا كېسەل بولسۇن ياكى روھى كېسەل بولسۇن بىزدە ئورتاق "ساراڭ" دەپ بىرخىللا ئاتاش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. توختىماي تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ زاماندا خىزمەت بېسىمى، ئۆگىنىش بېسىمى دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەتراپىمىزدىكى بەزى كىشىلەر ياكى ئۆزىمىز پىسخىكىلىق مەسىلىلەرگە ئۇچراپ تۇرىۋاتىمىز، پىسخىكىلىق بىلىملەرگە مۇھتاج بولىۋاتىمىز، ئۆزۈم كۆرگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن كېسەللىكلەرنىڭ پەرقى توغرىسىدا كۆپچىلىككە ئازراق بىرنەرسە دېگۈم كېلىپ قالدى.

1. نېرۋا كېسىلى (神经病): نېرۋا كېسىلى بولسا، نېرۋا سېستىمىسىدا يۈز بەرگەن ئورگانىزىم خارەكتىرلىك كېسەللىك. نېرۋىلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، نېرۋا سېستىمىسىنى مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى ۋە ئەتراپ نېرۋا سېستىمسىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. نېرۋىلارنىڭ ئېدارە قىلغان ئوبىيكىتلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن نېرۋا سېستىمىسىنى يەنە تەن نېرۋىسى ۋە ئىچكى ئەزا نېرۋىسىغا بۆلۈشكە بولىدۇ. نېرۋا كېسىلى بولسا، مەركىزى نېرۋا ۋە ئەتراپ نېرۋىسى ياكى ئىچكى ئەزالار نېرۋىسى ۋە تەن نېرۋىسى ئىپادىلىگەن ئاناتومىيىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولىدۇ. نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقىسى نورمال بولماسلىق، تىترەش، يول مېڭىشى مۇقىم بولماسلىق، بەدىنىنىڭ يېرىمى سەزمەسلىك، پارالىچ، مۆچىلەر ئۇيۇشۇش، تارتىشىپ قېلىش، ھۇشىدىن كېتىش، چوڭ - كىچىك تەرىتىنى باشقۇرالماسلىق، مۇسكۇل يىگىلەش ياكى كۈچسىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلىك كۆرىلىدۇ. ئەلۋەتتە بىرقىسىم نېرۋا كېسەللىرىدە بەلگىلىك دەرىجىدە روھى نورمالسىزلىقلارمۇ بىللە كېلىدۇ، بىراق بۇنداق روھى نورمالسىزلىقلارنىڭ روھى كېسەللەردىكى روھى نورمالسىزلىق بىلەن يەنىلا پەرقى بولىدۇ.

2. نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى (神经症): نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلى يەنە نېرۋا فۇنكىسىيىسى بۇزۇلۇش كېسىلى، پىسخىك كېسەل ياكى روھى جەھەتتىكى نېرۋا كېسەل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بىر تۈركۈم روھى توسالغۇلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. نېرۋا بۇزۇلۇش كېسىلىنى پىسخىكىلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاساسى جەھەتتىن سۇبىيكتىپ تۇيغۇنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئىبارەت دېيىشكە بولىدۇ، مۇناسىپ ھالدىكى ئورگانىزىم خارەكتىرلىك زىيانغا ئۇچراش مەۋجۈت بولمايدۇ؛ ئۆزىنى بىلەلەيدۇ، ئۆزىدىكى بىنوماللىقلارنى ھېس قىلالايدۇ، ئادەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋالىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

3. روھى كېسەل (精神病): روھى كېسەل بولسا ئېغىر بولغان پىسخىكىلىق توسالغۇ بولۇپ، كېسەل بولغۇچىنىڭ تونۇشى، تۇيغۇسى، ئىرادىسى، ھەرىكەت - قىلىقلىرى قاتارلىق پىسخىكىلىق پائالىيەتلىرىدە ئۇزاققا سوزۇلغان بىنورماللىق ئىپادىلىنىدۇ، نورمال ئۆگىنىش - خىزمەت قىلالمايدۇ، تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ، ھەرىكەت - قىلىقلىرى ئاسانلىقچە ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ، كىشىلەرگە غەلىتە، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىلىنىدۇ؛ كېسەللىك ھالىتىدىكى پىسخىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ياكى باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش، زەخمىلەندۈرۈشتەك ھەرىكەتلەردە بولىدۇ؛ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۆزىنى بىلمەسلىك كۆرىلىدۇ، كېسەل بولغۇچى دائىم ئۆزىنىڭ روھى كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، ئۆزىنىڭ پىسخىكىسى ۋە قىلىقلىرىنى نورمال دەپ قارايدۇ، داۋالاشنى رەت قىلىدۇ. روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا ئاساسلىقى روھى پائالىيەتلەر نورمال بولماسلىق، چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەش، نورمالسىز بولغان يىغلاش - كۈلۈش، بەزى ۋاقىتلاردا تام ياكى ھاۋاغا قاراپ قاتتىق غەزەپلىنىپ كىملەرنىدۇ تىللاش، كىيىم - كېچىكى رەتسىز بولۇش، ھەتتا يالىڭاچلىنىۋېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 14:16:37

تېما ئىسمى بىلەن مەخسىدىڭىزنى ئېنىق بىلدۈرمەپسىز ، بۇ يەردە سىز نېمىنى بىلگۈڭلار بار دەپ سورىدىڭىز ؟

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 14:18:55

Simwol:

تېما ئىسمى بىلەن مەخسىدىڭىزنى ئېنىق بىلدۈرمەپسىز ، بۇ يەردە سىز نېمىنى بىلگۈڭلار بار دەپ سورىدىڭىز ؟

يۇقىردا دەپ ئۆتكەن ئۈچ خېل نېرۋىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەلنىڭ پەرقىنى بىلگىڭلار بارمۇدىگەن مەنىدە چۈشەندىم مەن

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 14:23:25

روھى كىسەلنىسەۋدايىدەپ ئىزاھلاپ قويغىنىڭىز بولماپتۇ.

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 14:35:02

مەن ئىككى خىلىنى بىلىدىكەنمەن . ئېنگىلىزچىسىنى يېزىپ قوياي:
Neurosis مانا بۇ نىرۋا كېسەللىكلىرى
Psychosis مانا بۇ روھىې كېسەللىكلەر( بىزدەيدىغان ساراڭ، مەجنۇن دېگەن مۇشۇ ).
كېيىنكىسىنى Functional Psychoses ( قالايمىقان سۆزلەپ قېلىش، قورقاقلىق دېگەندەك) ۋە Organic Psychoses (دېۋەڭلىك، تۇتقاقلىق ) دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنەمدىىكى ( ئوقۇغانلىرىمدىن ئېسىمدە قالغىنى مۇشۇكەن)

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 14:40:05

تېما ئىگىسىگە رەھمەت،4-دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرىدىن چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ چۈشەندۈرۈپسىز،تۇققانلارنى ئەشۇ دوختۇرخانىغە كۆرسەتكىلى ئاپارسام،بۇنچىلىك چۈشەندۈرۈپ قويالمىغان.

روھى كىسەل بىمارلىرىنى قانداق كۈتۈش ھەققىدە مۇشۇنداق چۈشۈنۈشلۈك ئۇچۇر بارمىدۇ سىزدە؟

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 14:45:20

ئامان پەخرى قېرىندىشىم، ئىزدىنىپ باقاي.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 15:05:56

خەتكۈچ....................... بەزى ئالامەتلەر ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇق ئىكەن. 4- دوختۇرخانغا مەن بىمار يوقلاپ جىق بارغان، خۇدايىم ھەربىر ئائىلە ئەزالىرىنى دوست بۇرادەرلەرنىبۇ خىل كىسەلدىن يىراق قىلسۇن. بېقىن تۇنۇشلىرىدىن بىر ئادەم ئاشۇنداق نىرۋا كىسەل بولۇپ قالسا باشقىلار، دوست بۇرادەرلەر ئاجايىپ ئازاپ ئىچىدە قالىدىكەن.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 15:14:11

忧郁症دىگەنچۇ؟؟؟؟ بىزنىڭئىدارىدابىرسىمۇشۇنداقكېسەلبوپقېلىپداۋالىنىپ چىقتى 4 - دوختۇرخانىدا،قارىساگەپ - سۆزى جايىدا ، لېكىنخەقكۆزىگەسىغمايدىغان ،خەقماڭازىيانكەشلىكقىلدى ، قىلماقچىدەپئويلاپيۈردىغانئوخشايدۇ

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 15:24:24

忧郁症 نى بىزچە خامۇشلۇق كېسىلى دەيمىز، بۇنىڭ كېلىپ - چىقىش سەۋەبىمۇ ھەرخىل بولىدۇ، ھازىر سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، كىيىنچە بۇ توغۇرلۇقمۇ قېرىنداشلارغا بىلگەنلىرىمنى دەپ بېرىشكە تىرىشىمەن.

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 16:46:01

مېنىڭ چۈشۈنۈشۈمچە بۇنىڭ تۈرلىرى بەك جىقكەن ، مالىخۇلىيا ، نېۋرۇز، ئەسبىيلىشىش كېسىلى، پىك كېسىلى، خامۇشلۇق، دېۋەڭلىك،دېگەندەك نۇرغۇن چۈشەشدۈرۈشلىرى بار.بۇلتۇر مەن بىر كىتاب كۆرگەن ئىدىم . ئۇنىڭدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خېلى جىق جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ . قايسىنىڭغا قانداق دورىلارنى ئىشلەتسە مۇۋاپىق شۇلارنىمۇ خېلى تەپسىلىي يېزىپتىكەن .كىتابنىڭ ئىسمى <<روھى كېسەللىكلەر ھەققىدە ساۋات>>مۇشۇنداق ئېسىمدە قاپتۇ. ئىزدەپ باقساڭلار تېپىلىپ قالىدۇ ...

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 17:53:04

روھى كېسەل (精神病) بۇنىڭ تىلىمىزدا نەق كىلىدىغان ئاتالمىسى <<ساراڭ>> (گەرچە ھاقارەت، تىللاش تۈسىنى ئالسىمۇ)
بەت: [1]
: بىلگىڭلار بارمۇ؟