arek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 10:55:10

تارىختىكى بۈگۈن (15-فېۋرال )

1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن توققۇز يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. بۇ ئەسكەر چېكىندۈرۈش 1988-يىلى 5-ئايدىن باشلانغان. بۇ قېتىملىق ئەسكەر چېكىندۈرۈش شەرق بىلەن غەرپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىي بولۇشىدىكى توساقنى ئېلىپ تاشلىغان.

1982-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز«تۇنجى تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلىرى» نى ئېلان قىلغان. بۇ مەدەنىيەت شەھەرلىرىدە تارىخىي يادىكارلىقلار ساقلانغان بولۇپ، شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان. تۇنجى ئېلان قىلىنغان تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلەر:بېيجىڭ، چېڭدې، داتۇڭ، نەنجىڭ، سۇجۇ، خاڭجۇ، زۈنيى، يەنئەن، چۈفۇ، لوياڭ قاتارلىقلار.

1942-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سىنگاپور ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. سىنگاپورنى قوغداۋاتقان ئەنگلىيە ئارمىيىسى شەرتسىز تەسلىم بولغان. ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئەنگلىيە ئەسكىرى 130 مىڭدىن ئاشقان. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئاران 60 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بار ئىدى.

1564-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپا يېقىنقى زامان تەبىئىي پەنلەر ئىلمىنى ياراتقۇچى، ئىتالىيە ئاسترونومىيە، فىزىكا ئالىمى گالىلىي ئىتالىيەنىڭ پىسا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىتالىيە پىسا ئۇنۋېرسىتېتىدا 17 ياشلىق بىر بالا بولۇپ، ئۇ تەپەككۈر يۈرگۈزۈشكە ئامراق ئىدى. ئۇ دائىم ھەقىقەت ئەمەلىي كۈزىتىش، تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىنىش كېرەك دەيتتى.1586-يىلى ئۇ «ئېغىرلىق نەزىرىيىسى» نى ئېلان قىلدى. 1589-يىلى، گالىلىي داڭلىق پىسا يانتۇ مۇنارىدا دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ئەركىن چۈشكەن جىسىم ھەرىكىتى تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن. ئۇ تۇنجى بولۇپ جىسىمنىڭ ئەركىن چۈشۈش قانۇنىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى مۇھىم نەتىجىلىرى رىم پاپاسى بىلەن دىنىي مۇرتلارنى غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇنى تۈرمىگە سولىدى. 1989-يىلى رىم پاپاسى گالىلىينىڭ خاتا ئەيىپلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 347 يىلغا سوزۇلغان ئۇۋالچىلىق ئاخىرى ئادىل بىر تەرەپ قىلىندى.

-------------------------------------------------------------------------------

مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 12:41:05

ئايرىم تىما قىلىپ يوللىغىچە مۇشۇ يەرگىلا ئىنكاس شەكلىدە كام قالغان يەرلەرنى تولۇقلاپ يېزىپ قوياي---

1898-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىUSS Maine ACR-1 كۇبانىڭ ھاۋانا پورتىدا پارتىلاپ چۆكۈپ كەتكەن ھەمدە ئامېرىكا ئىسپانىيە ئۇرشىنىڭ ئوت پېلتىسى بولۇپ قالغان.

ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى(1898-يىلى4-ئاينىڭ25-كۈنىدىن8-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە)  ئامېرىكىنىڭ كارىب دېڭىزى رايونىدىكى تەسىر دائىرسىغا ئىگە بولۇۋېلىش ئۈچۈن قوزغىغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولۇپ،بۇ ئۇرۇشنىڭ تەسىرى بىلەن كۇبا مۇستەققىل بولغان. ئىسپانيە فېلىپپىن،گۇئام قاتارلىق يەرلەرنى ئامېرىكغا بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

1912-يىلى بۈگۈنكى كۈندە يۈەنشىكەي ۋاقىتلىق دازوۇڭتۇڭ بولغان.

1913-يىلى بۈگۈنكى كۈندە خەنزۇ يېزىقىنىڭ ترانسكرىپسىيە يېزىقى بارلىققا كەلگەن(پىنيىن) .

1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىز دۆلەت مۇداپىيە مېنىستىرلىكى ھەربى ئىشلار سوت مەھكىمىسى قۇرۇلغان.

1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيەنىڭ يېڭى پۇل بىرلىكى ئىشلىتىلگەن.

1982-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىز تۇنجى تۈركۈمدىكى تارىخى مەدەنىيەت شەھەرلىرىنى ئىلان قىلغان.

1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى جەنۇبى قۇتۇپنى تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلغان.

1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىز نوپۇسى1مىليارد200مىليونغا يەتكەن(تەيۋەن،شىياڭگاڭ،ئاۋمىننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار گېن قۇرۇلىشى ئاساسى جەھەتتىن تاماملانغان .

2003-يىلى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى 60نەچچە دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6،000،000خەلىق ئورتاق ھالدا ئېراق ئۇرۇشىغا قارىشى نامايىش قىلغان ،بۇ قېتىملىق نامايىش تارىختا كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۇرۇشقا قارىشى نامايىش بولۇپ قالغان.

2004-يىلى بۈگۈنكى كۈندە چاۋشىيەن ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق سۆھبىتى باشلانغان.

بۈگۈن كانادانىڭ دۆلەت بايرىقى كۈنى ،1975-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ھازىرقى دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن .

مەنبە:ۋېكى قامۇسى ۋە تارىختا بۈگۈن تورى

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 13:51:56

1942-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سىنگاپور ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. سىنگاپورنى قوغداۋاتقان ئەنگلىيە ئارمىيىسى شەرتسىز تەسلىم بولغان. ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئەنگلىيە ئەسكىرى 130 مىڭدىن ئاشقان. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئاران 60 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بار ئىدى.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
نان قېپى گۇيلار.
بەت: [1]
: تارىختىكى بۈگۈن (15-فېۋرال)