كورىيەنىڭ شەرقى قىسمىدا يۈز يىللاردىن بېرى كۆرۈلۈپ 3
كورىيەنىڭ شەرقى قىسمىدا يۈز يىللاردىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بوران - چاپقۇنلۇق قار ئاپىتى يۈز بەردى
كورىيەنىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرى يېقىدا بوران - چاپقۇنلۇق قار ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر قىسىم جايلاردا ئاتموسفېرا كۆزىتىش تارىخىدىن بۇيانقى قار مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن . مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە 14 ، 15 - فېۋرال ئىككى كۈندە " يىغىلغان قار" شەرقىي قىسىم رايونلار ۋە باشقا قار ئەڭ كۆپ چۈشكەن رايونلاردا 50 سانتىمېرغا يەتكەن.
كورىيە ئاخباراتىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، كورىيە كاڭۋون دو شەرقىي دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك بوران - چاپقۇنلۇق قار يېغىپ، يىغىلغان قار مىقدارى 100 سانتىمېتىرغا يېتىپ، يوللار توسۇلۇپ، قاتناش قالايمىقانلاشقان.
11- فېۋرال، كاڭنۇڭ شەھىرىدە يىغىلغان قار 77.7 سانتېمېتىرغا يېتىپ، 1911 - يىلىدىن باشلانغان ئاتموسفېرا كۆزىتىش تارىخىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.
تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا، كورىيەدە 2- ئايلاردا كۆرۈلگەن بوران - چاپقۇنلۇق قار ئەسلىدە چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھاۋا بېسىمىنىڭ شىمالدا يۇقىرى جەنۇبتا تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، 2- ئايدىن باشلاپ، چوڭ قۇرۇقلۇق يۇقىرى ئاتموسفېرا بېسىمى تەسىرىنىڭ تەدرىجى كېمىيڭشىگە ئەگىشىپ، كورىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ھۆل - يېغىن كۆپ بولۇشقا پايدىلىق تۆۋەن ئاتموسفېرا بېسىمى شەكىللەنگەن.
مەنبە: شىنخۇا تورى
2012غەزەپكىنا
مەن ئويدىن تالارغا چىقماي ئولتۇرۇپ،بۇ خەۋەرنى بۇ يەردە كۆرشۇم
ما يەردىمۇ ياغقاندەك قىلغان ئىسىمدە قېلىشىچە
تۆنۆگۈن قارىسام ياغقاندەك ئەمەس
چۈشۈمدە ياغدىمىكىن دىسەم ئۇ يەر بۇ يەردە قارلار تۇرىدۇ بولمىسا.
ۋەي تاڭ
ياغقاندەك قىلىدۇ ما يەردىما
ما يەر دىگىنىڭىز قا يەر ؟
6-ئاينىڭ ئىسسىقىدا قار يېغىپ كورىيە نىمە بولغاندۇ دەپ كىتىپتىمەن تېخى.
تېمىنىڭ ۋاقتىغا بىر قارىۋېتىپ ئاندىن ئىنكاس يېزىڭە بۇرادەر
بولمىسا ماڭا ئوخشاش ئويلاپ قالىدىغانلار جىق بولىدىكەن