Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 22:55:41

«كىچىك قەشقەرلىك» نىڭ سېسىق گەپلىرى

ئىزدىنىشتا بىر چاغدا «قەشقەرلىقنىڭ سېسىق گېپى» دەيدىغان ئاجايىپ قىززىغان بىر تېما بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاخىرىغا ھەرقايسىمىز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن «سېسىق» گەپلەر قوشۇلۇپ بىر كىتاب يازغۇدەك نەرسىلەرمۇ يىغىلىپ قالغان ئىدى. شۇ تېمىدىكى ئاشۇ گەپلەرنى بەزىدە دوستلار ئارا ئولتۇرۇشلىرىمىزدا دىيىشىپ كۈلۈپ يېتىۋالاتتۇق. نەچچە كۈن بۇرۇن مېنىڭ ئەمدى 4 ياشقا كىرگەن ئوغلۇم دېگەن بۇ سۆزلەر مېنىڭ راسلا ھاردۇقۇمنى چىقاردى...

مۇشۇ قۇربان ھېيت كۈنلىرى ئىدى، كەچلىك تاماق يەپ ئولتۇراتتۇق. ئۆيدە ئۇكام بېقىپ قويغان 2 مۈشۈك بولىدىغان، ئوغلۇم ئۇ مۈشۈكلەرگە شۇنداق ئامراق بولدىكى، بىردەم ئارامىدا قويمايتى. ھېلى قورسىقىنى مىجىۋالىدۇ، ھېلى ئالدىغا يۈگرەپ كېلىپ قورقىتىدۇ، ھېلى ئېگىز كۆتۈرۈپ تاشلىۋېتىدۇ. ئىشقىلىپ ئامراقلىقىدىن خېلى قىيناپ قوياتتى. لېكىن ئۇكامنىڭ «ھاي ئۇنداق قىمما، ئۆتتۈرەپ قويىسە»، « ئۇنداق قوقاتما، قوقانچاق بولاپ قالىدا!» دېگەن «ھاي»لىرىغا پەرۋامۇ قىلمايتى. ئاخىرى ئۇكام قاتتىقراق قىلىپ «ۋاي ئۇنداق قىمما دېگەندىكىن گەپ ئاڭلىساڭ بوممامدا؟!» دېيىشىگە ئوغلۇمدىن ئىنجا كەلدى:

- يووووو ، ھەجەپ دەۋىيىدىكەنشە، مۈشۈكۈڭ نەچچە پۇلتى؟ مەن بى ئالاي!

ئىچىۋاتقان چاينى پۇقۇۋەتتىم! قورسىقىمنى تۇتۇپ دومىلاپ كېتىپتىمەن ئا گەپنى ئاڭلاپ. ھېيت بولۇپ قولىغا پۇل كىرىپتىكەن ئاۋۇ نوچىنىڭ، يانچۇق توم بولغاچ پۇلنى ئاقسا خەجلەپ مەيدىسىنى تىك كۆتۈرۈپ ماڭغۇسى كەلگەن ئوخشايدۇ ماۋۇ نوچىنىڭ، دىدى ئاپاممۇ قاتتىق كۈلۈۋېتىپ.

مەن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان چوڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىسى بىلەن تېخى بىر قېتىملا كىرگەن ئىدى. ئۇ ئۆيدىكىلەرمۇ سېغىنغان چېغى، مەن ئۇنىمىسا ئۇنىماي ئۈلۈشكۈن كەچ ئاپىرىپ قويدۇم. كەچ بولغاچ ئۆيگە كەلگۈچە ئۇخلاپ قالدى. ئوغلۇم چىقمايمەن دېسە قېينى ئانام تېلفۇندا جىق بەزلىگەن ئوخشايدۇ، «ۋاي تاتلىق بالام، بىزنىڭ ئۆيگە كەلسەڭ ئۇنداق تاتلىق نەرسە بار، بۇنداق ئوبدان نەرسە بار» دەپ. ئەتىسى ئاپام ئۇ ئۆيگە تېلفۇن قىلىپ نەۋرىسىدىن ئەھۋال سوراشقا تېلفۇن قىپتۇ:

- ھە بالام قانداقراق ئۇخلاپسە؟

- ئوبداياق

- تاتلىق ئاناڭ (چوڭ ئانىسىنى شۇنداق ئاتايدۇ) نېمە ئەپ قوياپتىكىن ساڭا؟

- پوق ئەپ قوياپتىكىن شۇنى يەتىمە!

...

ئەسلى ئۇ كەچتە ئۇخلاپ قالغاچقا ھېچنىمە بەرمەيلا كىرىپ ئۇخلىتىپ قويغانكەن. شۇڭا بەك كۆڭلىگە كەپكەتكەن چېغى. بۇ «يۇمۇر» نى ئاڭلاپ ئاجايىپ مەستلىكىم كەپكەتتى ئۇنىڭغا. شۇنداق سېغىنىپ كەتتىم. خۇدا خالىسا ئاخشاملىققا كىرىپ ئەچىقىۋېلىپ ئۆزۈم بىر سوراپ باقىمەن! :cute:

تەبەسسۇم مال توشۇش ئورنىغا 2 يېشىك نەرسىمىز كەپتىكەن، جىددى ئىشىم بولغاچ كىرىپلا يۈكنى ماشىنىغا قويدۇم، مال بېرىدىغانلار ئىشىم ئالدىراشلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشىكتىن چىقىشتا دەرۋازىۋەن ئاكىمىزغا بېرىدىغان ھېلىقى قەغەزنى بەرمەيلا بولدى مېڭىۋەرسىلە، مەن ئۆزۈم دەپ قويىمەن دېدى. ماقۇل دەپلا مېڭىپتىمەن. لېكىن ئۇ ئاكىمىز توسىۋېلىپ زادىلا ماڭغۇزمىدى. ئۇنى دېسەم بۇنى دەيدۇ، بۇنى دېسەم ئۇنى دەيدۇ، زادىلا قويۇپ بەرمىدى.

- ئا قەغەزنى بەمىسىلىرى بوممايدۇ، بېرىپ ئەكەپ بەسە

- ئاكا ئىشىم بەك جىددىي ئىدى، خاپۇمماي ئۆزلىرى سوراپ باقسا، مېنى كېتىۋەسىلە دېگەنتى ئاشۇلا ئۆزى

-ياق ئۇكام، چىم بوسا ئوخشاش شۇ بوممىسا چىقامايمىز. بېرىپ ئەكىلىۋەتسە

-ۋاي ئاكا يا بى تونىمايدىغان ئەدەملە ئەمەس بىزمۇ، بېرىپ ئەكىلىۋاسىلىرى بولىدىغۇ، ئىشىم بەك جىددىيتى دەيمە

-يو ئاللا! دادىسى مىندۈرۈپ قويغان بولغىيمىتى، مېڭىۋەسىلە غوجام! ماشىنىلىرىنىڭ پودىقى چۈپ قاممىسۇن يانا! مەن ئۆزەم ئەكىلەي! دېدى ئاكىمىز قەغەزنى ئەكەلگىلى ماڭغاچ.

ئا گەپنى ئاڭلاپ سوغاق تە چىكەتتى ۋە «جىددىي» ئىشىمغا مېڭىۋەردىم.

بىر ئاغىينىمىز تاكسى شوپۇرى ئىدى. ئۆتكەندە بىر مەسنى كەچتە سوقىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق. گەرچە بۇ بىر ياخشى بولمىغان ئەھۋال بولسىمۇ ئاغىينە بالىلار ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دېگۈچە كۈلۈپ پەقەتلا ئاغزىغا گەپ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ ئاغىينىمىزنى چاقىرىپ كېلىپ ئۆزىدىن ئاڭلىدۇق:

ئۇ كۈنى كەچ يامغۇر يېغىۋاتقان، ماشىنىنى ئىككى خەنزۇ توستى. چىقىرىپ يۈەنفاڭ بازاردىن يېڭىشەرنىڭ يولىغا كېلىۋېتىپ ئەگىلىپلا بىر مەسنى كۆردۈم يولنىڭ قاق ئوتتۇرىدا. تورمۇزغا ئۈلگۈرمەيلا سوقاپ تاشلىدىم. ئاپلا مەن تۈگەشتىم دەپ ئويلاپ نېمە بولا ئەمدى دەپ ماشىنىدىن چۈشەي دەپ ئىشىكنى ئېچىشىمغا ئا مەس دەس قوپاپلا ماڭا قاراپ دەلدەڭشىپ كەلدى:

- ئوغاۋالوووووو! مۇشۇندا ھەيدەمتۇق ماشىنىنى؟

مەنمۇ نەدىن كەلدى ئۇ گەپ ئاغزىمغا، ئۆھتەملىك بىلەن دەپتىمەن:

- سىلىگىمۇ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا پوق بامىتى چەتتە ماڭماي؟

- ھىق (ئىچىگە قەشقەرچە بىر تارتىۋېتىپ) ! سوقاشنى سوقاپ بولاپ گەپ بەك يوغانغۇ!؟ دەپلا مەن تەرەپكە كەلدى. مەن قورقۇنچتا ماشىنىدىن چۈشمىگەنتىم. ماشىنىنىڭ كەينىدىكى 2 تەتەيمۇ بەك قورقۇپ كېتىپتىكەن، ئا مەس تەتەينى كۆرۈپلا:

- يوووووو! ماشىنىدا خۇجىنتاۋ بامىتى؟ نېماندا يوغان سۆزلەيدىكى دەيمە؟! ماڭسا غوجووووووم ماڭسا! دەپلا يولغا سەپ قويدى، كېتىۋەدىم. بۈگۈنگىچە ساق ھەيدەپ يۈرۈيمەن، بىرەسى ئىزدىمىدى، دىمەسما! نەدىن كەلدى بۇ كۈلكە! كۆزىمىزدىن ياش چىكىتىپتۇ كۈلۈپ ...

ئەسلى تېما ئادرېسى : http://www.pasiban.com/201102141072.html

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 22:33:55

نەقىللىشىشتىن بەك زىرىكتىم مۇشۇ ئىزدىنىشتا...
مەن تەسلىم، بولدى ئاۋۇ گەپنى دىمىگەن بولاي! شۇ ئىنكاس ۋە  شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلار ئۆچۈرۈپ بىرىلگەن بولسا مەمنۇن بولاتتىم.
مەن ئادەتتە بەك نەقىل ئېلىش زۆرۈر بولمىسا ئالمايمەن، ھەممە يەردە شۇ ئىنكاسنى سازايى قىلىپ تويغىزىۋىتىدىكەنسىلە
بۇ تىما خىلى پايدا قىلغان ماڭا، كۈلۈپچۇ لىكىن ئىنكاسنى سازايى قىلىپ خىجىل قىلدۇرىۋەتتىڭلا

قىنى خاپا بولماي مۇشۇ ئىنكاس بىلەن قوشۇپ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈپ بەرگەن بولساڭلا. بۇ تىمىدا ساپ كۈلكە چاخچاقلا بولسۇن.

لۇق لۈك قوشۇمچىسى بىلەن ئەزەلدىن خوشۇم يوق، ھەم قىسمەنلىكنى پۈتۈنلۈككە دەسسىتىدىغانلاردىمۇ ئەمەس، ئەمەلىيەتتە مىنىڭ قەشقەر ۋە قەشقەر كىشىللىرىگە بىر خىل مۇھەببىتىم بار. ئاۋۇ ئىنكاس راس بولغان ئىش ئەمەس پەقەت چاخچاق. كۆڭلىگە ئەپ كەتكەنلە كەچۈرگەي!

izdiniman يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 22:50:35

قەشقەر كىشىللىرىنىڭ مىھرى ئىسسق بىلىنىدۇ ماڭا. گەپ سۆزدە چاققان بولۇش، تىگى بىلەن گەپ قىلىش ئۇلاردا بىرخىل تەبىئىي يىتىلگەن...

mastura يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 22:58:57

مۇشۇ كەمگىچە مۇشۇنداق سېسىق گەپ قىلىدىغان قەشقەرلىقتىن بىرەرنىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم دەيمەن، توردىلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدۇم. ئەڭ يېقىن دوستۇممۇ قەشقەرلىك، سېسىق گەپ قىلىش تۈگۈل سەل-پەل تەنە قىلىپ قويسىمۇ بوينىغىچە قىزىرىپ كېتىدىغاندىن. ھەدەمنىڭ يولدىشى قەشقەرلىق، پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە شۇنچىلىك سىلىق-سىپايە خەق.
پاسىباننىڭ بلوگىدىن كۆرگەنتىم ماۋۇ تېمىنى، پوق ئەپ قوياپتىكى، يەتىمە دېگەن يېرىنى ئوقۇپ بەك ئۇزۇن كۈلدۈم ئىشقىلىپ، كۆز تەگمىسۇن ئوماققا.
بەزىلىڭلار «پالانچى» دېسە «ئاغزىڭنى بۇزماۋا پوكۇنچى» دېگەندەك ئىش قىلىدىكەنسىلەر، ھېچنەلىكنى تىللىمايلى، ئۆتكۈزۈپ قويغان بىر نېمەڭلار بولمىغاندىكىن. ھاممىسىنى بىر نېمە دەپ گەپلەر تۇرىدۇ، نومۇس قىلىڭلار،  سىلەرنىڭ شۇنداق ئائىلىۋى ئۆچ-ئاداۋىتىڭلار بولسا سىلەرمۇ مىللەت بويىچە تىللىماي ئائىلىۋى ھەل قىلىۋېڭلار. مىللەت بويىچە ھاقارەتلىنىشنىڭ تەمىنى بىز جىق تېتىپ كەتكەن، ئىبرەت ئالغۇلۇق، ئىككى گەپنى بىرى بولسا شۇلارنى تىلىڭلارنىڭ ئۇچىدا ساقلىمىساڭلارمۇ بىر يېرىڭلار ئېچىلىپ قالماس.
قەشقەر بولمىسا ئۇيغۇرنىڭ ھېچ يېرى قالمايدۇ، قەشقەرلىك بولمىسا ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرغا خاس مەدەنىيىتىمۇ قالمايدۇ. قەشقىرىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلەنسەك بولىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 23:35:08

بىر كىشى ئاشخانىغا كىرىپ لەغمەن بۇيرۇتۇپتۇ، بىز ئازدىن كېيىن كۈتكۈچى لەغمەننى ئەكىلىپ قويۇپ كېتىپ خېلىغىچە چوكا ئەكىلىپ بەرمەپتۇ-دە ، بۇنىڭغا تازا ئاچچىقى كېلىپ، پوكەيگە بېرىپ:
-غوجام، ئى تاڭجاڭ باللىنىڭ بىژسىگە دېسىلە، ئېشىمغا بىژدەپ قايلاپ تۇسۇن، مەن بى دىككىدە ئۆيگە بېرىپ چوكا ئەكىلەي.
----------------------------------

كۆڭۈلگە تېگىدىغان پاراڭلارنى قىمماي، چاقچىقىڭلار بولسا قىلىڭلا باللا .

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 00:02:47

بىر ئاغىينىمىز بار ئىدى، ئوردا ئالدى بازاردا دۇكان ئاچىدىغان. بەكلا گەپدان. لېكىن قەتئىي چاكىنا ئەمەس. گەپلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىدى.  شىنجاڭ داشۆدە ئوقۇۋاتقان يەنە بىر ئاغىينىمىزمۇ شۇنداق گەپچى، ئوقۇۋاتقان چاغلاردا تەتىلدە بىلەتچىلىك قىلىپ خېلى پۇل تېپىپ قالغان ئىدى. گەپكە ئامراق بولغاچقا بىر كۈنى ئاغزىنى قىچىغلاپ سورىدى:

ھە ئابدۇۋەلى، ئاڭلىساق سىلىنى ئوردا ئالدىنى سوراپ يەيدۇ دەيدىغۇ؟ دېسە دەرھاللا : بىزغۇ ئوردا ئالدىنى سوراپ يەپتۇق، سىلىنى شىندانى سومايلا يەيدۇ دەيدىغۇ؟

------------------

سورىغان ئاغىينىمىزمۇ بەكلا ھازىر جاۋاپ. ياز كۈنلىرى ئىدى. بىر - ئىككى ماشىنىلىق بولۇپ سۇغا چۆمۈلگىلى ئاۋاتنىڭ ئامبىرىغا باردۇق. سۇغا چۈشكەندە بۇرادەرلەر ئارامۇ پەدىشەپ بىلەن ئاتايىن ئۇزۇنراق تامبال ئېلىۋېلىپ شۇنى كېيىۋېلىپ چۈشەتتۇقتە. ياناشىمىزدا بۇ ئاغىينىمىز تامبىلىنى يەنە بىر ماشىنىدا ئۇنتۇپ قاپتۇ. نەچچە كۈندىن كىيىن يەنە بىر يىغىلغاندا تاماق سورۇنىدا تامبىلى ئېسىگە كەپقاپتۇ:

-ھە راس، مېنىڭ تامبىلىم سېنىڭ ماشىناڭدا قاپتۇ ھېلىقى كۈنى

-ۋاي ئۈكېم، جامبا قىلىۋەتتىم تامبىلىڭنى. ئۇنتۇپ كېتە بولدى، دېسە ماۋۇ ئاغىينىمىز قىلچە چاندۇرمايلا:

- ئۇ قىلغىنىڭ ئوبدان بوپتۇ، لېكىن قازان ئېيتىپ تاشلىما، دېمەسما! باللىنىڭ نەچچىسى كۈلۈپ جوزىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىشتى.

------------------------

ئوردا ئالدى بازاردا ياغلىقچىلىق قىلىدىغان ھېلىقى ئاغىينىمىزنىڭ بىر قوشنىسى بار ئىكەن. بىر كۈنى بىر ئايال بەكلا ئاۋارە قىپتۇ. نەچچە ياغلىقنى سوراپتۇ، باھاسىنى كەم سورىۋېلىپ يا ئالماپتۇ. ئىچى سىقىلغان ئۇ ئاكىمىزنىڭ تاقىتى توشۇپ، قايسا ئاسىلىرى كۆسىلە، بوممىسا ھەممىنى مالىماتاڭ قىممىسا جىما؟ دېسە ئا چوكاننىڭ ئاچچىقى كېلىپ سۆزلەپلا كېتىپتۇ؟

ۋاي بۇ نېمە دېگەنلىرى؟ خېرىداغا مۇشۇندا گەپ قىغان باما؟ بىز كەممىسەكچا، پىشت بېسىپ كېتىدا جۇما سىلىنى! دېسە، ئا ئاكىمىز تەمكىنلىك بىلەن:

سىلىزەەەەە پىشت دارىسىكەنلىدە؟ دەپتىكىن قايناق بازادىكى ھەممە سەت كۈلىۋېتىپتۇدە ھېلىقى ئاچىمىز يۈزىنى ئوراپلا يولىغا راۋان بووپتۇ

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 00:06:25

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 00:12:49

rock يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 00:18:03

پىشت دارىسىغا دومىلىسام،  مۇساپىرنىڭ شىڭلىسىغا ئۆلۈپ قالغۇدەكمەن كۈلۈپ.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 00:27:05

رۇسلاننىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى بۈگۈن بىلىپتىمەن. بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمە ئەسلى

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-16 00:30:17

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 23:11:47

تازا كۈلۈۋاپتۇمەن. بۈگۈن 'پاسىباننىڭ ئېسىل ئىككى يازمىسىدىن ھوزۇرلاندۇقتە.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 23:22:11

بايا كۇلۇبىڭىزدا ئوقۇپ كۈلۈپ ئولتۇرغانتۇق..

xayda يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 23:54:04

مۇنداق ئىچىمىدىن كۈلۈپ باقمىغلى ئۇزۇن بوپتىكەن . قەشقەرلىكىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قەشقەرنى ئاجايىپ سېغنىدىم ..

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Boy يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 23:56:46

Pasiban:

بىر ئاغىينىمىز تاكسى شوپۇرى ئىدى. ئۆتكەندە بىر مەسنى كەچتە سوقىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق. گەرچە بۇ بىر ياخشى بولمىغان ئەھۋال بولسىمۇ ئاغىينە بالىلار ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دېگۈچە كۈلۈپ پەقەتلا ئاغزىغا گەپ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ ئاغىينىمىزنى چاقىرىپ كېلىپ ئۆزىدىن ئاڭلىدۇق:

ئۇ كۈنى كەچ يامغۇر يېغىۋاتقان، ماشىنىنى ئىككى خەنزۇ توستى. چىقىرىپ يۈەنفاڭ بازاردىن يېڭىشەرنىڭ يولىغا كېلىۋېتىپ ئەگىلىپلا بىر مەسنى كۆردۈم يولنىڭ قاق ئوتتۇرىدا. تورمۇزغا ئۈلگۈرمەيلا سوقاپ تاشلىدىم. ئاپلا مەن تۈگەشتىم دەپ ئويلاپ نېمە بولا ئەمدى دەپ ماشىنىدىن چۈشەي دەپ ئىشىكنى ئېچىشىمغا ئا مەس دەس قوپاپلا ماڭا قاراپ دەلدەڭشىپ كەلدى:

- ئوغاۋالوووووو! مۇشۇندا ھەيدەمتۇق ماشىنىنى؟

مەنمۇ نەدىن كەلدى ئۇ گەپ ئاغزىمغا، ئۆھتەملىك بىلەن دەپتىمەن:

- سىلىگىمۇ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا پوق بامىتى چەتتە ماڭماي؟

- ھىق (ئىچىگە قەشقەرچە بىر تارتىۋېتىپ) ! سوقاشنى سوقاپ بولاپ گەپ بەك يوغانغۇ!؟ دەپلا مەن تەرەپكە كەلدى. مەن قورقۇنچتا ماشىنىدىن چۈشمىگەنتىم. ماشىنىنىڭ كەينىدىكى 2 تەتەيمۇ بەك قورقۇپ كېتىپتىكەن، ئا مەس تەتەينى كۆرۈپلا:

- يوووووو! ماشىنىدا خۇجىنتاۋ بامىتى؟ نېماندا يوغان سۆزلەيدىكى دەيمە؟! ماڭسا غوجووووووم ماڭسا! دەپلا يولغا سەپ قويدى، كېتىۋەدىم. بۈگۈنگىچە ساق ھەيدەپ يۈرۈيمەن، بىرەسى ئىزدىمىدى، دىمەسما! نەدىن كەلدى بۇ كۈلكە! كۆزىمىزدىن ياش چىكىتىپتۇ كۈلۈپ ...

ئەسلى تېما ئادرېسى : http://www.pasiban.com/201102141072.html

   ھا ھا ھا

rock يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 23:58:04

مەس ئەمەسكەن ئاۋۇ.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 00:02:38

rock:
مەس ئەمەسكەن ئاۋۇ.

ياق، ئاۋۇ گەپدانلىق قاندا بار

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 07:34:27

ماشىنىدا خۇجىنتاۋ بامىتى؟

freeman يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 08:34:05

ئەڭ ئاخىرقىسى رەسمىي قىزىقارلىقكەن.
بەت: [1] 2 3 4
: «كىچىك قەشقەرلىك» نىڭ سېسىق گەپلىرى