mulayhm يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 11:52:37

(ياردەم )مالىيە،ئىقتىساد توغرىلىق ماڭا ھىسابلىشىپ بەرسە

قانداقلا مەسىلىگە يولۇقساق ئىزدىنىش مۇنبىرى ئارقىلىق ھەل قىلىپ كېلىۋاتىمىز ئەمدى. مەن مالىيە-ئىقتىساد توغرىلىق مۇنداق بىر ھىساباتنى ئايدىڭلاشتۇرۋالاي دىگەن. مەكتەپتە ھىسابنى دىگەندەك ياخشى ئۆگەنمىگىنىممۇ ياكى مۇشۇ سان سىفىرلار بىلەن ھەپىلەشكەندە زادى كاللام تورمۇزلىنىپ قالىدۇ دىسە.

مەن 2009-يىلى يىڭىدىن بىر بىنا ئۆي سېتىۋالغان. بىر كىۋادىراتى 1370 يۈەندىن .

بۇ ئۆينىڭ ئومۇمىي پۇل 132000 يۈەن بولغان. ئاندىن مەن ئۇنىڭ 20 پىرسەنتىنى تۆلەپ قالغان قىسمىغا تۇرالغۇ جامائەت فوندى (住房公积金) ئارقىلىق قۇرۇلۇش بانكىدىن 97000يۈەننى 15 يىللىق قەرز ئېلىپ بۇ ئۆينى سېتىۋالدىم. 2009-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەر ئايدا 730 يۈەندىن قەرز تۆلەۋاتىمەن . ئۆي 2010-يىلى 8-ئايدا پۈتۈپ ئاچقۇچ قولۇمغا چىقىپ بولدى.ئاچقۇچنى قولۇمغا بەرگۈچە يەنە بىر قىسىم ئۆي بېجى، ئۆي مۈلۈك خوجىلىق (物业) ھەققى دىگەندەك ئۆي پۇلىدىن سىرت تۆلەيدىغان سوممىلار قوشۇلۇپ يەنە 10 مىڭ يۈەن تۆلىدىم. ئۆينىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىزەلمىگەن قۇرۇق ئۆي ھالەتتە.

ئەمدىكى مەسىلە؛

مەن خىزمەت يۆتكىلىش سەۋەبلىك، ئۆينى سېتىۋالغان يەردىن باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈپ كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەمدى ئۆينى سېتىۋېتىشنى ئويلاشقانىدىم. ھازىر ئۆينىڭ باھاسى ئەسلىدىكىدىن خېلىلا يۇقۇرىلاپ كەتتى، شۇڭا بىر قىسىم ئۆي سېتىۋالىدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆيۇمنى ئەسلىدىكى باھاسىدىن 30مىڭ يۈەن يۇقۇرى باھادا ئالىدىغانلىقىنى ۋە پۇلنى بىر يولىلا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەنمۇ بەك تالىشىپ كەتمىدىم.

ئەمدىكىسى بۇ ئۆينىڭ ھىساباتلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، ئۆي مۈلۈك ئىگىدارلىق گۇۋاھنامىسىدىكى ئىسىمنى قانداق يۆتكەش قاتارلىق مەسىلىلەر بېشىمنى ئاغرىتقىلى تۇردى.

ئەگەر سىز مېنىڭ ئورنۇمدا ئۆي ساتقۇچى بولسىڭىز، ئۆي سېتىشتىن ئىلگىرى قايسى ئىشلارنى ئېنىقلىۋېلىپ، ھىساباتلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىز؟

ھازىرچە مەن ئۆزۈم ئويلاۋاتقان مەسىلىلەر:

مەن ئالدى بىلەن قۇرۇلۇش بانكىسىغا بېرىپ يەنە قانچىلىك قەرزىم قالغانلىقىنى ئېنىقلاپ، تۆلەپ بولغان پۇل ۋە يەنە تۆلەشكە تىگىشلىك پۇل قاتارلىقلارنى ئېنىقلايمەنمۇ؟

مۇمكىن بولسا مالىيە-ئىقتىساد، بانكىدىكى تورداشلار ماڭا ئېنىقراق چۈشەندۇرۇپ قويساڭلار. ھىساب كىتابنى زادى قانداق قىلغاندا خاتالاشماي مەنمۇ ھەم قارشى تەرەپمۇ رازى بولغۇدەك بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟

ئەسكەرتىش: بۇ ئۆي سېتىش ئېلانى ئەمەس، پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەسلىھەت سوراپ يوللانغان تېما، تورداشلار خاتا چۈشەنمىگەيسىلەر!

kizginix يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 11:56:20

ماۋۇ ئۆي سېتىش ئېلانى بولىدىكەن . <ئۆرنەك ئېلان> دىيىشكە بولىدىكەن .

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 13:11:35

بۇ يەردە سىز ھېساپلامىغۇدەكمۇ بىر مۇرەككەپ مەسىلە يوقكەنغۇ !

نەق پۇلغا ساتىدىغان بولغاندىكىن ، قالغان قەرزلىرىڭىزنى قايتۇرۋېتىپ ،ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىڭىزنى ئېلىپ، ئۆيىڭىزنىڭ نامىنى ئالغۇچى تەرەپكە يۆتكەپ بېرىپ كېتىپ قالسىڭىزلا بولىدىكەنغۇ ...

ئەمما بۇيەردە يەنە باج ، نامىنى يۆتكەش قاتارلىق ھالقىلاردا 2000 دىن كۆپىرەك پۇل تۆلەيدىغان ئىش بار، بۇنىمۇ ئوچۇق دىيىشىپ (كىم ئۈستىگە ئېلىش توغۇرلۇق) رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ ...

يەنە قانچىلىك قەرزىڭىز قالغانلىغىنى تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز سىز تۇرۇشلۇق ۋىلايەتنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى مەركىزىنىڭ تور بېكىتىگە چىقىپلا تەكشۈرسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ( بەيدۇدىن  *****地区租房公积金  ) دەپ كىرسىڭىزلا بولىدۇ .....

mulayhm يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 13:37:41

تورداش kizginix :

بۇ ئۆي سېتىش ئېلانى ئەمەس، بۇ ھىسابتا باشقىلار بىلەن كېلىشىپ ئاغزاكى پۈتۈشۈپ بولغان ئىش، قايتا سېتىلمايدۇ، شۇڭا بىرەرسى ياردەم سوراپ تېما يازسا، ئېلان بېرىدىكەن دىگەندەك ئاچچىق كىنايە قىلماڭ. خۇددى مەن تېما ئارقىلىق ماڭا سەمىمىي ياردەم بەرمەكچى بولغان تورداشلارنىڭ ھېسياتىنى ئالداۋاتقاندەك . ئەگەر مەن ئۆي سېتىش ئېلانى بەرمەكچى بولسام، بىۋاستە يازساممۇ بولىۋېرىدۇ. ئىزدىنىش مۇنبىرى ھەرقايسى ساھەدىكى كىشلەرگە ياردەم بېرىدىغان ماكان. سىز راستىنلا تەخەللۇسىڭىزنى توغرا تاللاپسىز \"قىزغىنىش\" .

تورداش ilyaruk
سىزنىڭ چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.

دىمەك مەن ئۆينى سېتىۋالماقچى بولغان كىشى بىلەن دىيىشىپ ئالدى بىلەن ئۆينىڭ ھازىرقى قەرزىنى تۈگىتىپ، ئۆينىڭ نامىنى قارشى تەرەپنىڭ نامىغا ئۆزگەرتىپ بەرسەملا بولىدىكەندە. ئۆي ساتقاندا يەنە رەسمىيەت بىجىرىشتىن سىرت باج تۆلەيدىغان ئىشلار بارمۇ؟  

90 كىۋادرتلىق ئۆي بولسا بۇنىڭ رەسمىيەت ھەققىي ۋە تۆلەيدىغان ئۆي بېجى قانچىلىك بولىدۇ؟ بۇنى ھىسابلىغىلى بولارمۇ؟

KALANDAR يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 18:21:29

30مىڭ يۇەن پايدا  چىققان بولسا زىيان چىقىپتۇپۇرسەت تەننەرقى بويىچە ھىساپلىساق...

مەنمۇ 220مىڭ يۇەنلىك ئۆينى 300مىڭغا ساتمىدىم..ساتسام زىيان چىققۇدەك...مەن ئەينى ۋاقىتتا بىر جىڭ ئلكترونلۇق ئالتۇننى 180يۇەندىن قايتۇرغان ،ھازىر 300يۇەن ...مۇشۇ تۇردىلام 60مىڭ يۇەن پەرق بار....

会计成本بىلەن 机会成本نىڭ پەرقىنى بىلۋىلىشىڭىز كىرەك....

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 18:21:49

1-بىنا ئۆي ساتماقچى بولسىڭىز،ئۆلچەملىك ئۆي ئېلىم-سېتىم توختامى تۈزۈسىز،بۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىم-سېتىم بېجى تۆلەيسىز،بىزنىڭ بۇ يەرلەردە پۈتۈشۈش سوممىسىنىڭ  10 نەچچە پىرسەنتى بويىچە باج تۆلەيدۇ.

2-ئۆي-مۈلۈك كېنىشكا نوپۇسىنى يۆتكەش ئۈچۈن،رەسمىيەت ھەققى كېتىدۇ،بۇ ئىككى رەسمىيەتكە سىزنىڭ باھايىڭىز بويىچە بولسا،يولنى جايىدا ماڭالىسىڭىز 2 تۈمەن ئەتراپىدا كېتىدۇ. سىز ئەڭ ياخشىسى ئورنىڭىزدىكى ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسىدىن ئۇقسىڭىز كۆڭلىڭىزدە تولۇق سان بولىدۇ.ھەرگىز ئاق ھۆججەتتەك ئادەتتىكى توختام تۈزمەي،ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ئىشلىتىدىغان ئۆلچەملىك توختام تۈزۈڭ.

3-سىز بانكىدىن ئالغان قەرىزگە،قەرىز بېجىرىش رەسمىيەت ھەققى، بانكا ئۆسۈمى بولۇپ،ئىككى يىل ھىساپلىساق كامىدا 5 مىڭدىن 8 مىڭغىچە ئۆسۈم تۆلەپ بولدىڭىز،بۇ قىممەت بانكا قەرىز ئالغان ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە مۇشۇ دائىرەدە بولىدۇ.

4-ئۆزىڭىز دىگەن باشقا چىقىمنى 1 تۈمەن دىدىڭىز،شۇنداق بولغاندا سىز ئۆيگە ئاللىقاچان ئەسلىدىكى 13 تۈمەندىن ئارتۇق ئانا پۇلدىن سىرىت،4تۈمەن پۇلنى ئۆيگە خەجلەپ بولغان بولىسىز،مېنىڭ دەۋاتقىنىم سودىنى قىپ بولغاندەك قىلىسىز،1-2-تۈردىكى رەسمىيەت ھەققىنى سىز تۆلىسىڭىز شۇنداق بولىدۇ،ئەگەر قارشى تەرەپ تۈلىسە سىز يەنىلا 2 تۈمەندەك پۇلنى ئۆيگە خەجلەپ بولغان بولىسىز.

5-قەرىز پۇلنى قايتۇرماقچى بولسىڭىز،بانكىغا بېرىپ سورىسىڭىزلا نەچچىلىك قالغانلىغىنى دەپ بېرىدۇ،بەلكىم ھازىر 9 تۈمەنگە يېقىنراق نەق پۇل بىلەن قايتۇراسىز،چۈنكى بانكىدا ئۆسۈمى، دىرى تەڭ تۇتىلىدۇ،دەسلەپتە سوممىسى يۇقىرى بولغاچ ئۆسۈم جىقراق،دېرى ئارزاق توغرا كېلىدۇ،چۈنكى ئومومى قايتۇرىدىغان پۇلنىڭ چېكى بېكىتىلگەن(ھەر ئايلىق)،ئادەتتە فوندا يېغىلما پۇلىڭىزنى قەرىزگە ياندۇرۇپ،يەتمىگىنىنى نەق پۇل بىلەن قايتۇرىسىز.

خۇلاسە ھازىرقى باھا پەقەت ئىزى بوپتۇ،1-2-تۈردىكى 2 تۈمەننى قارشى تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئەھۋال ئاستىدا،بولمىسا ئېنىق زىيان.

ئەڭ ياخشىسى يۇقارنى مەن دىگەنلەرنى ئورنۇڭلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئېنىق ئۇقۇپ بولۇپ،سودىنى بۇزماي دىسەڭلار،ئۆي سېتىۋالغۇچى تەرەپ ئۆزى رازى بولىدىغان پايدىنى بەرسۇن،ياكى ئۆي-زىمىن باھالاش مەخسۇس ئورۇنلىرى چىقارغان باھانامىغا ئىككىلىڭلار قېنى بولۇڭلار،زىيان سودىنى ھىچكىم خالىمايدۇ.

سودىڭىز بۇزۇلسا مېنى ئىزدەرسىز،سىزنى رازى قىلىپ ئالىمەن...

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 20:02:32

200000 لىك بىر ئۆينى مىسال قىلايلى:

评估费:200000×0.004=800×2=1600

ئىككى قېتىم باھالايدۇ

过户费:  100 ㎡× 6 =600

工本费:80

契税:200000 × 1.5=3000 元(建房时间不到5年的)

5 يىلدىن ئاشقانلاردىن ئالماسلىغى مۈمكىن)

*********************************************

ئالدى بىلەن شەھەر قۇرلۇش ئىدارىسىگە بېرىپ،توختامنامە ئېلىپ، ئىككى تەرەپ توختام تۈزۈشۈپ بولۇپ،قارشى تەرەپنىڭ نامىدىكى ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسىنى بەلگىلەنگەن ئۆي –مۈلۈك باھالاش شېركەتلىرىگە باھالىتىسىز،(قەرزنى جىقىراق ئالاي دىسىڭىز يوقۇرىراق باھالاتسىڭىز بولىدۇ،جىقىراق باھالاش ھەققى تۆلەيسىز شۇ،چۈنكى تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىن قەرز بېجىرسىڭىز باھالىغان سوممىنىڭ 80 پېرسەنتى  بويىچە قەرز بېرىدۇ،شۇڭا قانچە يوقۇرى باھالىسا شۇنچە جىق قەرز ئالالايسىز).

ناۋادا ئۆينى سالغان ۋاقىت 5 يىلغا توشمىغان بولسا1.5 پېرسەنىتلىك يەر-مۈلۈك بېجى تاپشۇرۇلدۇ .

باج تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، باج تالۇنىنى ھەم مۇناسىۋەتلىك ماترياللارنى ئېلىپ،شەھەر قۇرلۇش ئىدارىسىگە بېرىپ،ئۆينىڭ نوپۇسىنى سىزنىڭ نامىڭىزغا يۆتكەيدۇ.(ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەر-ئايال بولسا ئەر –ئايال بېرىپ بارماق باسىدۇ). بىر نەچچە كۈندىن كېيىن سىزنىڭ نامىڭىزدىكى ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى چىققاندىن كېيىن،يەنە ئۆي –مۈلۈك باھالاش شېركىتىگە 2-قېتىم باھالىتىسىلەر .باھالاش دوكىلاتى چىققاندىن كېيىن ، ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، باھالاش دوكىلاتى، كىملىك، توي خېتى، نوپۇس دەپتىرى دىگەندەك نەرسىلەرنى ( كونكىرىت ئىشلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بارغاندا ئېنىق سورىۋالسىڭىز بولىدۇ) ئېلىپ، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ،قالغان ئىشلارنى بېجىرسىز. يەنە سىز قارشى تەرەپكە ئالدىن تۆلىگەن پۇلنىڭ ھۆجىتىنىمۇ تاپشۇرسىز.( قاشى تەرەپ سىزگە يېزىپ بېرىدۇ). ئۇلار يوقۇرى دەرىجىلىك مەركەزگە سىزنىڭ ماتېرياللىرىڭىزنى ئەۋەتپ بېرىدۇ، ئۇلار تەستىقلىغاندىن كېيىن ،سىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى سىز ئالغان قەرز پۇلنى قارشى تەرەپنىڭ كارتىسىغا بانكا ئارقىلىق يۆتكەپ بېرىدۇ. ئىش تۈگەيدۇ.

200000 لىك ئۆينى ئالماقچى بولسىڭىز قارشى تەرەپكە ئەڭ ئاز بولغاندا 40000 يۇەن ئالدىن تۆلەيسىز ، ناۋادا مۇشۇ 40000 يۇەننىمۇ تۆلەشكە قۇربىڭىز يەتمىسە ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى چىقىرىپ ،ئالدىن پۇلنى تۆلەشكە ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.

قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 30 يىل بولىدۇ.

ئەسكەرتىش : مەنمۇ بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئەمەس، ئاساسەن ئۆزەمنىڭ بىر قېتىملىق بېسىپ ئۆتكەن جەريانىمنى سىزگە پايدىلىنىش قىممىتى بولىدۇ دەپ يوللاپ قويدۇم، بەزى تەپسىلاتلار ھەر قايسى رايونلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشاش بولماسلىغى مۈمكىن، كۆنكىرىتنى مەسىلىلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن بىۋاستە سورىسىڭىز بولىدۇ.

يەنە بىرمۇھىم ئىش ، سىز شۇ ئۆينى كېلىشكەن چاغدا قاشى تەرەپ بىلەن ئېنىق كېلىشىم تۈزىسىڭىز بولىدۇ،يەنى يوقۇرقى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى ھەم چىقىملارنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ.... دىگەن مەسىلە توغۇرلۇق.( بۇ ئىلگىرى بىر تورداش سورىغان مەسىلىگە يازغان ئىنكاسىم ئىدى، پايدىنلارسىز )

پايدا-زىيان ھېساۋاتىنى دىسەك سىز يەنىلا پايدا ئالغان بولمايسىز ، چۈنكى سىز دىگەندەك ھازىر ئۆي باھاسى ئۆستى، سىز بارماقچى بولغان جايدىن چوققۇم يەنە ئۆي سېتىۋالىسىز دىگەن گەپ ....

http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=38287

mulayhm يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 09:52:10

amanpahri بەرگەن مەسلىھەت بويىچە بولغاندا مەن ئويلىشىدىغان ئىشلار يەنە كۆپكەن. مەن بانكىدىكى قەرزنىڭ ئاۋال ئۆسۈمىنى تۆلەپ كېلىۋاتقانلىقىمنى راستىنلا ئويلاشماپتىمەن. دىمىسىمۇ مەن ساتماقچى بولغان ئۆينىڭ باھاسى مەن ھازىر كۆچۈپ كەلگەن يۇرتتىكى ئۆينىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن. مەن بۇرۇن تۇرغان ناھىيىدىن ئالغاندا ئېتبار باھا بىلەن ئىككىنچى قەۋەتتىن ھەر بىر كىۋادراتىنى 1370 يۈەندىن ئالغان. ئەمما مەن ھازىر كەلگەن بۇ يۇرتتا 4-،5- قەۋەتتىكىلىرىلا 2600يۈەندىن باھا باشلايدىكەن. .

مەن سىز ۋە ilyaruk ئېيتقاندەك، بانكىدىكى ھىساباتنى ئالدى بىلەن ئېنىقلىۋېلىپ ئاندىن ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن كۆرىشىپ مۇشۇ جەھەتتىكى رەسمىيەتلەر، قانۇنىي ھۆججەتلەر توغرىسىدا ياخشىراق بىر پىكىرلىشىپ باقسام بولغۇدەك.

ئەگەر سىلەر مەسلىھەت بەرمىگەن بولساڭلار مەن بۇ ئىقتىسادىي ئىشتا بېشىم ئاغرىتمايچۇ دەپلا تېزرەك بىجىرۋېتىشنى كۆزلىگەن بولسام ھەقىقەتەن ئىقتىسادىي زىيان چىقىدىكەن. رەھمەت سىلەرگە .

بەت: [1]
: (ياردەم)مالىيە،ئىقتىساد توغرىلىق ماڭا ھىسابلىشىپ بەرسەڭلار