rayila يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 09:56:07

سەرخىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر

                                                                                                     

سەرخىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر


‹‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا››دىن ھېكمەتلەر


1.ھەرقانداق بىر مەنىۋىي ئىنقىلاب ئۆزىنى بىلىش ۋە ئۆزىنى ئۆزىگە بىلدۈرۈشتىن باشلىنىدۇ.
2.مەدەنىيەت مەجبۇرلاشتىن ئەمەس ،ئادەمنىڭ ئىچكى قايىللىقى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
3.مۇھەببەت مېنىڭ مەنىۋىيىتىمنىڭ جەۋھىرى ،ھۆرمەت ئۇنىڭ پوستى.
4.سېنىڭ دىيانىتىڭ ئالدىڭدا تۇرغان يېتىمنىڭ  كۆز يېشىنى سۈتۈشۈڭدىن باشلىنىدۇ.
5.ئۆز قەۋمىدىن ياكى ۋەتىنىدىن كېچىپ تاپقان ئۇلۇغلۇقلارنىڭ ھەممىسى پۈچەكتۇر.
6.قولدىكى ئالامەت قول ئىگىسىنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
7.باشقا بىرى مەجبۇرلىمىسىمۇ ،تەبىئىي ئىجرا بولغان ئەخلاقنىڭ ئۆزى ھەقىقىي مەدەنىيەتتۇر.
8.بىر جەمئىيەتنى نوقۇل ھالدا ئەقىل ئەقىلگە تايىنىپلا ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ ،تارىخمۇ ھەم شۇنداق.
9.ھەسرىتى يوق ئايال يۈزەكى ئايالدۇر.
10.ئۆزىنى ئىپادىلەش بىر خىل ھۆرلۈك.

11.مۇساپىرلىقنىڭ خېمىرتۇرۇچىنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئېلىپ چىققان ئادەم باشقا ئەللەردىمۇ مۇساپىر.
12.ئانا تىلىڭ غورۇر ،مۇھەببەت ،ۋىجدان ،ئەقىدىنىڭ تىلى.ئۇ يىلىك ،مەرىپەت ،ھەقىقەت ،قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ.باشقا تىللار گۇۋاھنامە ،شاھادەتنامە ،كاپالەتنامە،ھوقۇقنامە تىللىرىدۇر.
13.شائىر ھايات ھېكمەتلىرىنى تەبىئەتتىن بايقايدىغان ئادەم.
14.شائىر دېگەن ئوت ،ئۇ يېنىپ تۇرمىسا ئۆچۈپ قالىدۇ ،يېنىپ تۇرغانىكەن ،ئۇنى ساقلىغىلى بولمايدۇ .كىشىلەر بۇ ئوتقا مۇھتاج تۇرۇپمۇ ئۇنىڭدىن قورقىدۇ.
.15سېغىنىش ___ ئەسلىمىدىكى ھاياتنىڭ بەرق ئۇرۇشى.
16.ساقلىقنىڭ قەدرى دوختۇرخانىدا،ۋەتەن قەدرى ۋەتەندىن ئايرىلغاندا بىلىنىدۇ.
17.ھەر بىر تاللاش كىشى تەقدىرىگە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.
18.بىز ئۆزگۈرىۋاتقان ماكان ئۇقۇمىدىكى يېڭى ئۆزلۈكىمىزنى بايقىشىمىز كېرەك.
19.كىملىك گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى بىلمەسلىك ئادەملىرىمىزدىكى گۇمراھلىقنىڭ تىپىك جۈملىسىدىندۇر.
20.تارىخى يېزىش ئارخېئولوگنىڭ  چىنە سۇنۇقلىرىنى پاياتلاش ھەركىتىگە ئوخشاپراق قالىدۇ.
21.بىر بولسا ئارتۇقچە ھاكاۋۇرلۇق ،بىر بولسا ئارتۇقچە كەمتەرلىك 22.ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان كىشىلەر ئىپادىلەيدىغان بىر-بىرىگە زىت ئىككى خىل پوزىتسىيە.
23.دىل دىلنى ،تىل تىلنى تونۇمىغان جايدا پاناھگاھنىڭ تېپىلىشى تەس.
24.بىر يازغۇچىنىڭ ھەسرىتىگە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ئىگە ئەمەس ،لېكىن ئۇنىڭ مېھنىتى ۋە شۆھرىتىگە خەلق ئىگە ،نادان ئەلنىڭ يازغۇچىسى تېخىمۇ شۇنداق ھالغا قالىدۇ.
25.ئىچىڭ سۆزلىگۈدەك نەرسىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەندە كىتاب ئوقۇغۇدەك رايىڭ قالمايدۇ.
26.قۇش ھەرقانچە ئېگىز ئۇچسمۇ ئۇنىڭ يەيدىغان دېنى زېمىندا بولىدۇ.
27.ئۆيۈم كىتاب بىلەن توشتى ،كاللام تەپەككۇر بىلەن .لېكىن ،كىتاب قويغۇدەك ئۆي ،گېپىمنى ئاڭلىغۇدەك ئۈلپەت يوق.
28.دىيارىمىزدىكى ۋاقىت كونا كېگىزگە ،شىۋاق باسقان قەبرىلەرگە ،تەكلىماكاندىكى قاقشال توغراقلارغا ئوخشايدۇ.
29.ھالال ئەقىدە ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئائىلە غەم-ئەندىشە ،تۈرلۈك ۋەھىمە بىلەن تولغان بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملىك  شىپاخانا ،ساغلام ئەقىل ۋە زەخمەتسىز بىلىم ئائىلىنى شەرت قىلغان ھالدا يېتىلىدۇ.
30.ۋەتەن ھەرگىزمۇ جۇغراپىيىلىك مەنىدىكى زېمىن ئەمەس، بەلكى  ئۇزاق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە مىللىي روھ.
31.قەيەرگە بېرىشىڭدىن قەتئىينەزەر ئۆز مەدەنىيىتىڭدىن ئۇچۇر بېرىدىغان روھ ۋە قىياپەتكە ئىگە بولۇشۇڭ كېرەك.

32.ئەقىدە بىرلىكى بولمىغان قانداشلىقتىن شۇمبۇيا ئۈنىدۇ.
33.زەي تام سۇۋاق تۇتمىغاندەك ،ساپاسىز ئادەم ئاز-تولا پۇلدارلىقنىمۇ ئۆزىگە ياراشتۇرالمايدۇ.
34.روھىي توقچىلىق مۇئەييەن ئىجتىمائىي تەربىيىنىڭ مەھسۇلى.
35.كىچىك بىر ئىشقا قىلىنغان مۇئامىلىدىن بىر ئادەمنىڭ ھەتتا بىر مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىنى بىلگىلى بولىدۇ.
36.ھەرقانداق ھوقۇقشۇناس ئالدى بىلەن بىر ئىنسانشۇناس بولۇشى كېرەك ،شۇندىلا ئۇ ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ئاياشنى بىلىدۇ.
37.خىجىلچانلىق تىل ئۆگىنىشنىڭ دۈشمىنى ،سىزنىڭ يۈزىڭىزنىڭ تىرىسى قەلەيدەك بولۇشى كېرەك.
38.تەپەككۇر ئىنكاس ۋە ئىنكاسقا ئىنكاس قايتۇرۇش يوللىرى بىلەن بېيىپ بارىدۇ.
39.ۋاقىت ئۆزىنىڭ دەل ۋاقتىدا قوبۇللانمىغان سوۋغىلىرىنى يىغىشتۇرىۋېتىشكە بەك ئۇستا.
40.تونۇتۇش ۋە تونۇش مىللىي كىملىكنىڭ تېشى ۋە ئەستىرى.
41.مەنبەسىدىن ئايرىلمىغان سۇ دۆڭدىنمۇ يول تاپىدۇ.
42.ئانا تىلىڭ ئۆز كۆزۈڭگە ئوخشايدۇ ،باشقا تىللار كۆز ئەينەك ،دۇربۇن ،تېلىسكوپ ،مىكروسكوپ ...دېگەنلەرگە ئوخشايدۇ .ئۇلار ھەرقانچا ئېسىل بولسىمۇ ،كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولۇشى كېرەك.
43.ئىشلىتىشتىن ئۆتمىگەن بىلىم ھەقىقىي بىلىم ئەمەس.
44. شەھەر بىر مىللەتنىڭ روھىي ھەيكىلى.

45.بىزگە ئىنسانلارنىڭ رەھمىتى ۋە سۆيۈنچىسى كېرەك ئەمەس ،بەلكى ئىنساب كېرەك.
46.ھەرقانداق تەلىم-  تەربىيە  ئىنسان توغرىسىدىكى قەدرىيەتتىن باشلىنىدۇ.
47.ئەجداد ۋە ئەۋلاد بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ قالسا ،ئۇلار يېتىمدۇر.ۋاھالەنكى ،ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە تىل ۋە مەدەنىيەتتۇر.



‹‹ئاي يامغۇرى›› رومانىدىن ھېكمەتلەر


48.بېشى يوغان بەگ بولىدۇ ،قولى يوغان قۇل بولىدۇ.
49.بۇ دۇنيادا دوستلارنى مەڭگۈ بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان نەرسە ــــ كۆڭۈل پاكلىقى بىلەن سەمىمىيەت.
50.يالغان گەپنىڭ پۇتى بولمىغان بىلەن قانىتى بار .
51.بىر ئادەمنى سىناش ئۈچۈن بىر تاغار تۇزنى بىللە يە!
52.ئېشەك ئۆزىنى تاغ ،سايىسىنى باغ ،سۈيدۈكىنى ياغ چاغلايدۇ.
53.ئۆكۈزنىڭ بوينىغا چۈشكەن بويۇنتۇرۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە موزاينىڭ بوينىغا چۈشمەي قالمايدۇ.
54.كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ گۈزەل بۇرچ ۋە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدىكى ئەڭ زور بەخت تېگى ـــ تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۆگىنىش.
55.ئىشىك پاكار بولغاندىن كېيىن ئېڭىشىپ كىرمەي نىمە ئامال!
56.قارىغۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشسەڭ گوداڭغا چۈشىسەن.
57.دوستلار زىنداندا ئەسقاتىدۇ ــ داستىخاندا ھەممە ئادەم دوست.
58.ئىچىڭنى تاماقتىن خالىي تۇت تاكى ئاڭا كىرەلىسۇن نۇرى-مەرىپەت.
بۇرنۇڭغىچە لىققىدە تۇرسا تائام قانداق سىغار ئۇنىڭغا ئىلىم مەرىپەت.
59.نادانلىق ،مەنىۋىي گادايلىق بەئەينى  ئىنسان  ئىنسان جىسمىدىكى مەڭگۈ يۇيۇپ بولمايدىغان كىرغا ئوخشايدۇ.
60.جاپا –ئازاپ چېكىپ ،ئىنسان ھۆر بولىدۇ.
سەدەپتە قامىلىپ ،قەترە دەۋر بولىدۇ.
61.كەپتەرنىمۇ چالا پوكان باقمىساڭ ،قاپاق شالدىرلاتقاندا ئۆگزىگە چۈشمەيدىغان بولىۋالىدۇ.
62.ئىتنىڭ ئېغىزى تەگكەنگە دەريا سۈيى بۇلغىنامتى .
63.شەخسىيەتچىلىك كىمدە يوق؟كىشى دېسە لەۋمۇ يۇمۇلمايدۇ .ئۆزۈم دەپ باقساڭ لەۋلىرىڭ بىر-بىرىگە يىملىشىپ كېتىدۇ.
64.چاشقان تۇتۇشنى بىلىدىغان مۈشۈك مىياڭلىمايدۇ.

‹‹تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە›› دىن ھېكمەتلەر

65.ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە زامان چۈشەنچىسىگە بولغان كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ھازىرقى زاماندىكى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ مۇھىم بەلگىسى .
66.شەھەر – مەدەنىيەتنىڭ بالىياتقۇسى .

67.پىسخىكا نورمالسىزلىقى كۆپ ھاللاردا ئادەمنىڭ ئۆز روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
68.تارىخى ھېچقاچان كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ ، ئۇنى پەقەتلا غالىبلار يېتەكلەپ ماڭىدۇ .
69.رېئاللىقنى ئىتراپ قىلىش ـــــ مانا بۇ بىزنىڭ مەيدانىمىزدۇر .
70.ئۆلۈم ـــ ھاياتلىقتىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان مۇقەررەرلىك ،ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇش ئىنساننىڭ ھەددى ئەمەس.
71.ئۆلۈم ــ- ھاياتلىق جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چېكىت .
72.ئۆلۈم ـــ ھالاكەت  ئېڭىنىڭ مەنبەسى .
73.ئۆلۈم بىر خىل تىراگىدىيە يۈكسەكلىكى .
74.ئۆلۈم تۇنجى بولۇپ  ئىنسانىيەتتىكى ئۈزۈل -كېسىل  تەپەككۇرغا مەجبۇر قىلغان ۋەھىمىلىك سىر .

‹‹يەھۇدىلارنىڭ سىرى›› دىن ھېكمەتلەر

75.بارلىق بىساتىڭنى سېتىپ بولسىمۇ ،قىزىڭنى ئۆلىماغا ياتلىق قىل ،ئۆلىمانىڭ قىزىنى ئېلىش ئۈچۈن  ،بارلىقىڭدىن ئايرىلساڭمۇ ئەرزىيدۇ .
76.خەلقنىڭ ساداسى ـــ خۇدانىڭ ساداسىدۇر .
77.كىشىلەر باشقىلارنىڭ بەدىنىدىكى يېنىك تىرە كېسەلىكلىرىگە سەپسالسا سەپسالىدۇكى ،ئۆزىدىكى ئېغىر كېسەلنى كۆرۈپ يېتەلمەيدۇ.
78.يالغان ئېيتقۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ ئېغىر جازا ،ئۇ راست گەپ قىلغاندىمۇ ئىشىنىدىغان ئادەم چىقماسلىق .

79.قابىلىيەتلىك  ئادەم بىلەن ئەقىللىق ئادەمنىڭ پەرقى شۇكى ،قابىلىيەتلىك ئادەم  ئەقىللىق ئادەم مۇتلەق چۈشۈپ قالمايدىغان قىيىن ئەھۋالدىن  ئەپچىللىك بىلەن قۇتۇلىدۇ.
80.ئۇچراشقانلىكى ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگەنگەن ئادەم دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەمدۇر.
81.باي ئادەملەر دېگىنىمىز ،دائىم خۇشال يۈرىۋاتقانلىقىغا قانائەت قىلىشنى بىلىدىغان ئادەملەردۇر .
82.دانالىقنىڭ يەتتە شەرتى
1.ئۆزىدىن قابىلىيەتلىكلەر بار سورۇندا سۈكۈت قىلىش.
2.باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتمەسلىك .
3.جاۋاب بەرگەندە تەمكىن بولۇش.
4.گەپ سورىغاندا ئېنىق سوراش ،جاۋاب بەرگەندە تەرتىپلىك جاۋاب بېرىش .
5.ئىش قىلغاندا مۇھىمى بىلەن مۇھىم ئەمەسلىرىنى جىددىي بىلەن جىددىي ئەمەسلىرىنى بىلىش.
6.بىلمەيدىغاننى بىلمەيمەن دېيىش ،ھەرگىزمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماسلىق .
7.ئەمەلىيەتنى ۋە ھەقىقەتنى ئېتراپ قىلىش.
83. دوستۇڭ ھەسەلدىن تاتلىق بولسىمۇ سەن ئۇنى پۈتۈنلەي يەپ تۈگىتىپ قويماسلىقىڭ كېرەك.

84.شەيتان ئىنسانلارنى يوقلاپ بېرىشقا ۋاقتى يەتمىگەندە ،شارابنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ.
85.بالاڭنى كىچىكىدە قاتتىق باشقۇر ،چوڭ بولغاندا ئەيىپلەۋەرمە.
86.پۇلنى شاراب ئىچىشكە ئەمەس بەلكى تىجارەت قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك.
87.مەكتەپ يوق شەھەر ئادەمنىڭ ماكانلىشىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
88.دۇنيادا كۆپ ئىشلىتىشكە بولمايدىغان نەرسە ئۈچ :خېمىر تۇرۇچ ،تۇز ۋە بىر قارارغا كېلەلمەسلىك .
89.ھەقسىز رېتسىپ يېزىپ بېرىدىغان دوختۇرنىڭ گېپىگە ئىشەنمە.
90.قېرىشنى تىزلىتىدىغان تۆت ئامىل بولىدۇ: قورقۇش ،غەزەبلىنىش ،بالا ۋە ئازازۇل خوتۇن.
91.سودىگەرلەرنىڭ ئۈچ پەرھىزى :
1.ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان مۇبالىغە .
2.بېسىمدارلىق بىلەن زور پايدا ئېلىش .
3.تارازىدا كەم بېرىپ خېرىدارلارنى ئالداش.



‹‹سەرسان روھ›› رومانىدىن ھېكمەتلەر

92.ۋەتەنسىزلىك ــــ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ زور يېتىملىق ،پاناھسىزلىق .
93.ۋەتىنىدىن ـــ خەلقىدىن ئايرىلغان ئادەم باشنىڭ  كېپىكىگە ئوخشايدۇ.

94.تەبىئەت تۇيغۇ بىلەن ياشىمايدۇ ،بىراق ئۇ ،ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە  ئاجايىپ تۇيغۇلارنى يارىتىدۇ !
95.كۆرۈنمەيدىغان قىر يوق ،ئېچىلمايدىغان سىر (يوق).
96.تۈگىمەندە تۇغۇلغان چاشقان گۈلدۈرمامىدىن قورقمايدۇ .
97.ئىنسان ئۆزى قىلغان ھەر بىر ئىشقا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .ئادەملەر ئارىسىدىكى ئارازلىق ياخشى ئىش ئەمەس.
98.ئادەم بۇ دۇنيادا پەشتاققا چىققان چاغدا يەنە يەرگە چۈشىدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپ ياشىمىسا بولمايدۇ.
99.ئادەم دېگەننىڭ بۇ دۇنيادىكى ئۆمرى يازدىكى باراڭ ،كۈزدىكى غازاڭدەكلا بىر ئىش.
چۈنكى ،ئۆلۈم ــ يوقلۇق ،زۇلمەت ئىچىدىكى بوش نەرسە!
100.ئادەم بالىسى كۆپرەك دۇنيا كۆرۈپ ،ئىمانىنى قۇۋۋەت تاپقۇزغان ياخشى .
101.ئەركىنلىكنىڭ ئۆزى ھاياتلىق ،ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان كىشى گويا ئۆلۈك ئادەم ، ئەركىنلىكى بولمىغان دۆلەت خۇددى مازار!
102.كىشىنىڭ يۇرتىدا پاختىدا ياتقاندىن ، ئۆز يۇرتۇڭدا تاختىدا ياتقان ئەۋزەل.
103.دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولمىسۇن ،مۇھەببەتسىز تۇرمۇش بولمايدۇ ،تۇرمۇش ئەزەلدىن مۇھەببەتنىڭ ئوچۇق ۋە يېپىق سەھنىسى بولۇپ كەلگەن.
104.ئادەم يۈرەكتىكى مېھىر-مۇھەببەتنى ئىزھار قىلىپ ،شۇنىڭغا چۇشلۇق  كۆڭۈلدىكىدەك جاۋابقا ئېرىشكەندە ،خۇشال بولىدۇ ،خاتىرجەم بولىدۇ !
105.دۇنيادا ۋەتەنسىز ئىنسان بولمايدۇ ،ۋەتەن سۆيمىگەن ئىنساندا ۋىجدان بولمايدۇ . ۋىجدانسىز ئىنساندا ئىمان بولمايدۇ.

‹‹تاشقا ئايلانغا كۆز يېشى›› ناملىق  كىتابتىن ھېكمەتلەر

106.پاك مۇھەببەت ۋىسالنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.
107.ئەي ،ئىنسانلار ،سىلەر ئالدى كەينىڭلارغا ئەمەس ،ئىككى يېنىڭلارغىمۇ قاراپ قويۇڭلار.
108.ئۆزى ئۇزۇندىن بۇيان تەلپۈنۈپ كېلىۋاتقان نەرسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكىنى سېزەلىگەن ئىنسان ھاياتنىڭ يېپيېڭى مەنزىلىگە يېتەلەيدۇ.
109.شېرىن چۈش ئېغىر ،كۆڭۈلسىز جۆيلۈشلەر سەۋەبلىك بۇزۇلىدۇ.
110.ھەر ئادەمنىڭ مۇقەددەس ماكانى  بولۇشى كېرەك ،مەيلى ئۇ ئېغىل بولسىمۇ.
111.تۇرمۇش ئادەمنىڭ بېشىدا ھەر ۋاقىت رەڭدار قامچىسىنى ئوينىتىپ تۇرسىمۇ ئەمما ،ئىنسان ھەرقانداق ئازاب -ئوقۇبەت  ۋە كۈلپەتلەرگە كۆنۈپ ئادەتلەنگەن ، بولۇپمۇ  ئۈمىدۋار ،ھاياتقا روبىرو تىكىلىپ تۇرالايدىغان ئادەملەر.


‹‹ئىزدىنىش››رومانىدىن ھېكمەتلەر


112.گۈلنىڭ سايىسى بىلەن بۇيىنىڭ سايىسى ئوخشاشلا قارا كۆرۈنگەندەك ،بەزىلەرگە ھەممىلا نەرسە قارا كۆرۈنىدۇ .
113.دۇنيادا ھەممىلا نەرسە ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە قاراپ يارالغان بولسىدى ،دۇنيادا خاپىلقى بولمىغان بولاتتى .
114.ئىنسان يىراقتا تۇرۇپ ئۈن-تىنسىز سىرداشسا ،بىر-بىرىگە قەدىرلىك بولىدۇ .
115.گۈلنىڭ ئېچىلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ ،ۋايىغا يەتكۈزمەي تۇرۇپ ئۇنى مەجبۇرىي ئېچىلدۇرىمەن دېسەڭ ئۆلتۈرىسەن .
116.قىيىن شارائىت ئىنسان ئىرادىسىنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم .
117.دۇنيادا مۇھەببەتتىنمۇ كۈچلۈكرەك نەرسىلەر بارغۇ.مەسىلەن ،مەغرۇرلۇق.
118.پەزىلەتلىك ئادەمنىڭمۇ ئەيىبى بولىدۇ .يېقىن دوستنىڭ بىرلا ئەمەس بىر قانچە ئەيىبىنىمۇ كەچۈرۈشكە بولىدۇ.
119.ئارتۇقچە مەغرۇرلۇق كىشىنىڭ باشقا  پەزىلەتلىرىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويىدۇ.
120.بىلىم خۇددى كىيىمگە قونغان چاڭدەك كۆرۈنمەي قونىدۇ.
121.ئەي ياشلىق ئەجەب گۈزەلسەن –ھە! خۇشاللىقىڭمۇ ،خاپىلىقىڭمۇ ئەجەب يارىشىملىق.
122.ياشاشتىكى مەقسىتىمىز ــ ئىنسانلارغا پايدا يەتكۈزۈش ۋە شان –شەرەپ ئۈچۈن  ئۆمۈر بويى ئىنتىلىش.
123.مۇز كۆڭۈللەرنى چوڭ قىلغانمۇ پۇل ،قوزىدەك مۆمىن يىگىتلەرنى خاراب قىلغانمۇ پۇل.
124.بەزىدە ھەسەلمۇ ئەمەن تېتىغانغا ئوخشاش ،ئەيىبلىك بولمىغان بىر گۈزەلمۇ جېنىغا تەگكىنى ئۈچۈن ئۆز گۈزەللىكىنى يوقاتقان سەت بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
125.دۇنيادا مۇھەببەتتىنمۇ لەززەتلىك بىر نەرسە بار ،ئۇ بولسىمۇ غايە يولىدا ئىزدىنىش .
126.ناچار تۇرمۇش ئىچىدىمۇ راھەتلىنىشنى بىلىش ــــ ئىنسانىي خىسلەت.
127.مۇھەببەت ،ئائىلە ــــ ئىنسان ھاياتىدا سەل قارىغىلى بولمايدىغان   مۇھىم نەرسە .لېكىن ،كۆڭلۈڭگە بىر ئۇلۇغ غايىنى  يۈكلىگەندە ئۇ ۋاز كەچسىمۇ بولىدىغان نەرسە .
128.ساپ مۇھەببەتلىك پاكىز يۈرەكنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ .
129.ھەر-ھەر ئېغىرچىلىققا بەرداشلىق  بېرەلەيدىغان ئادەملەر  ـــ ھامان خۇشاللىقنى كەلگۈسىگە بېغىشلىغانلار .
130.ئۈمۈدۋارلىق ـــ  ئەڭ چوڭ بايلىق ،كەڭ ئالىي پەزىلەت .
131.ئادەمنىڭ قەلبى ئەينەككە ئوخشايدۇ ،ئۇ بىرلا سۇنسا قاداق تۇتمايدۇ.
132.سوقۇشتا قورققان خوراز ھەتتا بىر- ئىككى ھەپتە چىللاشتىنمۇ قېپ قالىدۇ.
133.مېۋىلىك  دەرەخنىڭ شاخلىرى كۆپ سۇنىدۇ .سەۋەب ،كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆپرەك تاش ئاتىدۇ .
134.مۈشۈكنى قويلار ئارىسىدا باقسا مىياۋلاشنى ئۇنتۇپ ،مەرەيدىغان بولۇپ قالامدىكىن دەيمەن .

135.جانغا تېگىدىغان قوراي – چاتقاللىق ئىچىدىمۇ بەزىدە سېنى خۇش قىلىدىغان گۈللەر ئېچىلىدىكەن .
136.كەتمەننىڭ دەردىنى قول بىلىدۇ ،لەززىتىنى دىل.


ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەسەرلىرىدىن ھېكمەتلەر



ئۆستۈردى قوينىدا مېنى شۇ تۇپراق،
ئۆلسەممۇ ماڭا ئۇ بولغۇسى يۇمشاق،
شۇ ۋەتەن ئىشقىدىن ئۇلۇغ نېمە بار؟
سىغمايدۇ كۆڭۈلگە باشقا ئىشتىياق.

غېرىب دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا،
ۋىسال قەدرىنى ئاشىق گادادىن سورا،
ۋەتەنسىز ھاياتتا ،نە،مەنا ،نە،تەم،
بۇنى ئۆز ئېلىدىن جۇدادىن سورا!

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم.
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا ،
بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.

ئانا سۈتى ئاقارتقاي دىلىڭنى سېنىڭ ،
مەرىپەت يورۇتقاي يولۇڭنى سېنىڭ .
ۋەتەنگە مۇھەببەت ،كۈچ –ئۈمىد بېرىپ،
پەلەككە يەتكۈزگەي قولۇڭنى سېنىڭ.
تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھراسى ياخشى ،
مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.
مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمگە،
ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.


بىراۋلار ئەلگە قىلدى جانىنى قۇربان،
بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.
ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز -تاۋۇشسىز،
قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا مېكيان.

شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقىچە قول،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارغامچىسى بول.
تاجىدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغىچە،
كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.

بۇلبۇل ئېيتۇر:گۈلزارىمدىن ئايرىما،
لاچىن ئېيتۇر :قاناتىمدىن قايرىما،
مەن ئېيتۇرمەن: بېلىق سۇسىز نە قىلسۇن،
مېنى خەلقىم قۇچاقىدىن ئايرىما.

شېئىر ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا كىشىلەرنى تەربىيەلىگۈچى بەدىئىي  ۋاستە.

پىكىر يالىڭاچ ئېيتىلماي ،بەدىئىي ماھارەت بىلەن ،پوئېتىك ئۇسۇل بىلەن ئېيتىلسا ،كىتابخانغا قاتتىق تەسىر قىلالايدۇ.

ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار ،
ھەر باسقان قەدەمدە بىر ئىزىڭ قالار .
خاھ ماختان،خاھ ئۆكۈن ،ئۆزۈڭنىڭ ئىشى،
ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار.

بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۈلۈپ قويغىن ئاڭا سەن قىلما كايىش.
ئېشەكنىڭ بىر مەھەل ھاڭراپ تاشلىشى،
ئاتوم دەۋرىدىمۇ ،تۇرمۇشتا بار ئىش.

ئالتۇن ھەل يالاتساڭ، كېسەكتۇر كېسەك،
گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ ،تېزەكلەر ئېشەك.
كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرتىغا باق،
يەپ ئاددىي يوپۇرماق ،بېرىدۇ يىپەك.

ئەجەب بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
ئىلغۇدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.

گۈللا بولسا گۈل ئەمەس ،گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس ،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.
ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك بولۇپ،
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس ،ئادەم سىياقى بولمىسا.
ئادىمىنى ئادىمى ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس،
ھۆسنى بىر سۈرەت ئېرۇر دىلنىڭ چىراغى بولمىسا.
بېر مىسال:پانۇسنى كۆر،شام چىراغسىز يورۇماس،
نۇر چاچامدۇ شام چىراغ،پىلىك ۋە ياغى بولمىسا؟!

جاھان باقىي ئەمەس ،لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رۇمى ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كېلىپ-كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھېساب كارۋان.
ئۆتەر دۇنيا،كېچەر دۇنيا،پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى .

ھەر كىشى بولالىسا ئەينەك كەبى،
دېگۈلۈك شۇنداق كىشىنى چىن ئادەم.

تۇتمىسا ھەركىم بىلىپ ئەينەكنى دوست،
بولسىمۇ مىڭ دوستى ،دوستۇم كەم دېگەي.

شېئىر مارجان ئەمەس، يىپقا تىزىپ قويسا تۇرېۋېرىدىغان ياكى ئەزان ئەمەس ،قۇلاقنى تۇتۇپ ئېيتسا بولىۋېرىدىغان.

ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش  .
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك ،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر خار ئىش.

دۇئا قىلسا ھەر ۋاخ مۆمىن مۇسۇلمان ،
تىلەيدۇ دوزاختىن بولماقنى ئامان.
ۋە لېكىن دوزاخنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش،
‹‹مەن ئۆزەم قورقارمەن ناداندىن يامان››

بىلىم يۇرتى ھېچكىشىنى يەكلىمەس.

بىلىكتىن مەھرۇم كىشى گاس ھەم كوردۇر.

بۇ جان شۇ چاغلىق تەندە مىڭ بېقسىپ ئامانەت تۇرغۇچە ،كۈرەشچان كەڭرى مەيداندا جاراڭلاپ ۋايىغا يەتسۇن.
دۈشمىنىم كۆپەيدى دەپ ھەرگىز كۆڭۈلنى غۇبار قىلما ،
مېنىڭ ھېچ دۈشمىنىم يوق دەپمۇ ھەرگىز ئىپتىخار قىلما.

ئەقىلسىز تەلۋە دوستلاردىن زېرەك دۈشمەن ياخشى .
ياشلىقىم گۈل ئەمەسكەن  توزىسا يەنە ئاچىلغىلى ياكى كۈزدە تۇرنىدەك كەتسە، باھاردا  يانغىلى.
ئەگەر  ماڭا ئابىھاياتتىن بىر قەدەھ نېسىب بولسا ،ئۇنى ياشلىق سۇمبۇلى سۇلغاندا ئىچمەك نە كېرەك.
ساڭا دىلدار كېرەك بولسا ،كۆيۈكنى دىلغا جاھ ئەيلە .
ۋاپادار يار كېرەك بولسا ،ۋاپا لەۋزىنى ۋىجدان بىل.

كىشى ھەر نەرسىنى بىلمەككە ماھىر ،
بىلىپ بولماققا لېكىن ئۇ ئەمەس قادىر ،
ئارستوتىلدەك ھېكىممۇ ئېيتقان ئىدىكى،
بىلگەنسىرى بىلدىم بىلمەسلىكنى ئاخىر.

تىكەننىڭ زەھىرىدىن قورققان چىمەن ئىچرە كىرەلمەس.

ئاشىق ئەقىدە ساقلىسا ،جاپا ھەرگىز مەڭگۈلۈك ئەمەس.

تۇتى دوراش بىلەن ھېچقاچان بۇلبۇل بولالماس.

ساڭا ئەشئار كېرەك بولسا ،ئېلىڭنىڭ ئىشقىنى كۈيلە.
كىمىكى ئىشقىنى ۋەتەنگە مەڭگۈلۈك بىشەرت باغلىسا نى مۈشكۈل ئىمتىھانلارمۇ شۇنچە ئاسان بولۇر.

تەڭ ئىدۇق ئىككىمىز تەڭرى ئالدىدا،
ۋە لېكىن تەڭ ئەمەس دەۋر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن ،
تەڭ بولۇرمىز بىر كۈنى قەبرە ئالدىدا.


تىرىكتاپ قاغا-قوزغۇنغا جاھانسازلىق ھاۋا ياخشى ،
سەھەر گۈلشەنىدە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى.
كىرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غافىللار .
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى.
تېگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زەر تاۋار تونغا،
كى دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى.
قەسەم بىللا ،تەمەيىم يوق با ھەيۋەت قەسرى زىننەتتىن ،
پىشانەم تەرىدىن پۈتكەن بى مىننەت بورىيا ياخشى.
مېنىڭ تاجسىز ساياق باشىم ئۆزۈمگە  تاجى دۆلەتتۇر،
ئەركسىز پادىشاھلىقتىن جاھان كەشتى گاداي ياخشى.
نە ھاجەت جەننەتۇل مەئۋا ،ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت ،
بېلىق دەريادا ئەركىندۇر ،لاچىنغا كەڭ ساما ياخشى.
مالالەت يەتسىمۇ بەزەن ،دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا ،
بوسۇقتىن دالجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ ۋاپا ياخشى.

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 14:22:30

مەنمۇ ئادەتتە كىتاب ئوقۇغاندا ياخشى جۈملىلەرنى ئانچە مۇنچە كۆچۈرىۋېلاتتىم.....

rasheed يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 16:02:03

ياخشى تېما ئىكەن.

كىتاب ئوقۇشتىن خاتىرە يېزىش ياخشى ئادەت. لېكىن مەن تېخىچە ئەسكى ئادەتتە.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 16:04:24


ماۋۇنى ئاڭلىغاچ ئوقۇڭىزلەر

Jalzat0013 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 18:50:19

كۆپىنچىمىز ئۆزىمىزنىڭ دېگەن  پاساھەتلىك سۆزلىرىنى قالايمىقان تاشلاپ قويۇپ ياكى رەتلەپ قويماي ئەشۇ كۆڭلىمىزدىكىگە ئوخشاش گەپنى( ھېكىمەتلىك سۆزلەرنى) كۆرسەك ئاندىن خۇشاللىق بىلەن خاتىرلىۋالىمىز.

بەلكىم باشقىلار دەل جايىغا چۈشۈرۈپ دېيەلسە كۆڭلىمىزگە بەكرەك ياراپ قالىدىغاندۇ .

بىراق ئۆزىمىزنىڭ يوق . ھەرۋاقىت ئېسىمىزدە بولسۇنكى : بىزمۇ شۇلارغا ئوخشاش ئادەم .

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-14 21:30:51

مېنىڭ ھېكمەتلىرىم:دۇنيادا ھەممە ئىش-نەرسىنىڭ چىكى بۇلىدۇ،ھەتتا تەڭرىنىڭ سەۋىر-تاقىتىمۇ شۇنداق.......!ئۇنداق بولمىغاندا تەڭرى بىزگە قىيامەتنى كەلتۈرمىەەن بولاتتى
بەت: [1]
: سەرخىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر