ئەگەر مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى بولساڭلار
ئەگەر مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى بولسام:
1.مۇناسىۋەتلىك قانون نىزاملاردا چەكلەنگەن ھەر قانداڭ تېما-ئىنكاسى تەستىقلىمايىتتىم.
2.نەشىر،ئۈن-سىن ھوقوقىغا ئائىت تېما - ئىنكاسنى تەستىقلىمايىتتىم.
3.ئىجازەت بېرىلگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەسەرنى مۇنبەردە ئەسەر ئىگىسى بولغان ئاساستا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم،ئۇندا ق بولمىغاندا،ئەسەر ئىگىسىنىڭ،ئىنكاس ئىشتىراكچىلىرىنىڭ شەخسىتىيىگە،غورورىغا،قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋىتلىك ھەرقانداق ئىنكاسنى تەستىقلىمايىتتىم.
4.ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقاد،مەدىنىيەت،ئەخلاق،قىممەت قارىشىمىزغا يات بولغان تېما ئىنكاسلارنى تەستىقلىمايىتتىم.
5.روزدېستىۋا بايرىمى،ئاشىق-مەشۇق بايرىمى،مىننەتدارلىق بايرىمى،ئالداش بايرىمى قاتارلىق بىزگە يات بولغان بايراملارغا ئائىت ھەرقانداق تېما ئىنكاسنى تەستىقلىمايىتتىم.
6.تېما ئىنكاسلاردا دىنىمىز ئەھكاملىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرقارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولسا،"قۇرئان"،ھەدىس،ئالىملارنىڭ كىتاۋىدىن ئېنىق مەنبەنى كۆرسىتىپ ئىزاھ بەرمىگەنلەرنى تەستىقلىمايىتتىم.چۈنكى دىنىي ئالىملار سۆزلىگەندە،يازغاندا يۈرۈگۈدىن تىترەپ تۇرۇپ،ئەڭ توغرا بىلگۈچىنىڭ پەقەت ئاللاھ ئىكەنلىگىنى،ھەر كۆر قارىشىنى يازغاندا ئەسكەرتىپ تۇرۇپ يازىدۇ،سۆزلەيدۇ،بىزلەرگە ئوخشاش بەك يېنىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويمايدۇ،ئۇنداق قىلساق ئويلىمىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
7.ھەرقانداق تېما-ئىنكاسىتا ئۆز-ئارا ھۇجۇم قىلىش خارەكتىرىدىكى مەزمۇن شەكىللەنگەنلىرىنى تەستىقلىمايىتتىم.
8.ئېلان ھەققى تۆلىمەي تۇرۇپ ئېلان-تەشۋىقات خارەكتىرلىق تېما-ئىنكاسلارنى تەستىقلىمايىتتىم.
9.تورداشلارنى ئىتتىپاقلىققا،ياخشىلىققا ئۈندەپ،ئۇقۇشماسلىق،كۆز قاراشتا ئېغىر ئوخشىماسلىق سەۋەۋىدىن،چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن تورداشلارنى مۇنبەر يۈزىدە ئەمەس،ئايرىم ئۇچۇر يوللاش شەكلى بىلەن ئىتتىپاقلىققا ئۈندەيىتتىم،ئۆز-ئارا چاي قۇيۇشنى مۇنبەر يۈزىدە قىلاتتىم.
10.ئىزدىنىشتەك ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئالاھىدىلىكنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ،خاسلىقى ئارقىلىق ياخشى تەشۋىق قىلىپ،تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئەزالارنى يېغاتتىم.
قېپقالغانلىرى بولسا داۋاملىق يوللايمەن.
مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كاللامغا كەلگەننى ئوتتۇرىغا قويدۇم،تورداشلارنىڭ باشقۇرغۇچى بولسا نىمە قىلغۇسى بارلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا،بىر-بىرمىزنىڭ ئويلىغىنىنىڭ توغرا خاتالىغى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلماي،پەقەت ئۆزىمىزنىڭكىنى ئوتتۇرىغا قويساق،پايدىلانغۇدەك يېرى بولسا،مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىمىز سىناپ كۆرسە،بەلكىم ئازراق نەتىجە كۆرۈلۈپ قالار،ئەگەر يۇرۇشلەشكەن شېركەت بولغان بولسا،بۇلارنى مۇدىرىيەت يېغىنىدا قارار قىلاتتۇق،ھازىرچە ھەممەيلەننىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرايلى.
بۇ تېمامنى تەستىقلاپ بېرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىىمەن.
قىنى قاراپ باقىلىئۇيغۇردىن چاكىنىلاشمىغان سىزلا قالغان ئوخشايسىز!
غايىڭىز ئۇلۇغۋار ئىكەن!
مېنىڭ يۇقۇرق ئارزۇيىڭىزغا يەنە بىر قۇر قېتىپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ!
N-ئەگەر مەن مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى بولغام ، تېمىنى ماس بولغان ئورۇنغا يوللايتىم !
بۇ تىمىڭىزنى ئىزدىنىش مۇنبىرگە باشقۇرغۇچى بۇلۇش ئىلتىماسى دەپ ئويلىساق.
ياخشى باشقۇرغۇچى بولغىدەكسىز.. لىكىن باشقۇرغۇچى بولغاندىن كىيىن كۆپ بولسا بىر ئاي قىلالايسىز مۇشۇ ئىشلىرىڭىزنى..
ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قايسى بىرىنىڭ ئىلتىماس قىلىپ ئاندىن باشقۇرغۇچى بولغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.
باشقۇرغۇچى تەيىنلەشنى ئىزدىنىش مۇنبىرنىڭ مۇنبەر مەسئۇللىرى ۋە بىكەت قۇرغۇچىلىرى ئۇزۇندىن بۇيانقى ئىپادىسى ۋە گەپ سۆزلىرگە قاراپ بايقىيالايدۇ.
شۇڭا ئىزدىنىشقا يۇقارقىدەك ۋەدە ۋە ئىلتىماس قىلىپ باشقۇرغۇچى بۇلىمەن دىيىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.
مىنىڭ ئاخشام ئىلكىتاپ ئىزدەپ ياردەم سوراپ يازغان تىمام تەستىقلانمىدى، بىلمىدىم نىمە سەۋەپتىن تەستىقلانمايدۇ؟ ئەپسىز بولسا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق بىلدۇرۇپ قويۇلسا ، بۇنىڭدىن كىيىن تىما يازغاندا دىققەت قىلسام بوپتىكەن. خەت بېسىش سۈرئىتىمنىڭ ئاستىلىقىدا ئاران يازغان نەرسە مۇشتاقلار يوق بوپ كەتسە ئادەم ئاجايىپ بىر قىسما بولۇپ قالىدىكەن. تەستىقلانمايدىغانلىقىنى ئۇقسام ئۇنى يېزىپ ئاۋارە بولماي، ئۆزەم ئىزدەپ باقىتىم ئەمەسمۇ. باشقۇرغۇچى بولمىغان بولسام،ياكى باشقۇرغۇچى بولمىغان كۈنۈم كۆڭلۈمدە سان بار بىر نەچچەيلەن بار.تازا سوقىشىتىم
مېنىڭ پىكرىم پەقەت ۋە پەقەت ئۆزۈمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ،باشقۇرغۇچى بولۇش ئىلتىماسىممۇ ئەمەس،ئۇنىڭغا قۇربۇم،ۋاختىم يەتمەيدۇ.ھەم شۇنداقلا باشقۇرغۇچىلارغا قىلىنغان مۇراجەتمۇ ئەمەس،شۇڭا باشتا ئەسكەرىتكىنىمدەك تېمىدىكى خىيالىم ھەققىدە بىرنەرسە دىگۈڭلار كەلسە،كۆڭلىڭلاردا ساقلاپ قويساڭلار،تەڭ كېچىدە ئۇيقۇسى قېچىپ جۆيلىپتۇ دەپ ئويلىساڭلارمۇمەيلى،ئىچىڭلاردا بىلسەڭلار بەك خۇرسەن بولغان بولاتتىم.
لېكىن ئۆزۈڭلارنىڭ باشقۇرغۇچى بوپ قالسام نىمە قىلاتتىم دىگەن ھەققىدە خىيالىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويساڭلار،بولمىسا ئېزىپ كىرىپ قاپتىمەن دەپ تېمىدىن چىقىپ كېتەرسىلەر،ئەمەلىيەتتە بۇ تېمىدا تالاشقۇدەك بىر نەرسىمۇ يوققۇ.
يىلدا ئىزدىنىشتە بەزى سۆزلەر مودا بوپ قوياتتى،بۇ يىلقى بىرىنچى مودا بولماقچى بولغان سۆز \"چاكىنىلىشىش\" ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىمەن.
بىز مۇشۇنداق چاكىنىلىشىمىز

ما باللا چاكىنىلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلغىلى تۇرۇپتۇ-دە!
مەنمۇ چاكىنىلاشمىغاندىمەن ھە
مۇكەممەللىك ئەزەلدىن مەۋجۈت ئەمەس (بىر ئاللاھتىن باشقا) ھەممە نەرسە تەرەققىي قىلىدۇ، تەرەققىيات جەريانىدا مۇكەممەللىككە يۈزلىنىدۇ.
شەخسەن مەنمۇ تۈنۈگۈنگە قارىغاندا بۈگۈن مۇكەممەلرەك بولدۇم، ئەمما تۇلۇق مۇكەممەللىك يوق.
تۈنۈگۈنكى تەنتەكلىكىم بۈگۈنكى ئېغىر بېسىقلىقىمنىڭ سەۋەبچىسىدۇر.....
ruslan007:
گوشنىڭ ئەسكىسى توخىنىڭ تاشلىقى ، ئەدەمنىڭ ئەسكىسى مۇنبەر باشلىقى دەپ ئاڭلىمىغانما
رۇسلان خەلق ماقال تەمسىللىرىكەندە
ruslan007:
گوشنىڭ ئەسكىسى توخىنىڭ تاشلىقى ، ئەدەمنىڭ ئەسكىسى مۇنبەر باشلىقى دەپ ئاڭلىمىغانما
ما تەمسىل ماڭا لازىم ،

يىڭى مۇنبەردىن بىرسى بارلىققا كىلىدىغاندەك پۇراپ تۇرىدۇ.....
چاكىنا گۇيلار......