arek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-13 19:41:25

تارىختىكى بۈگۈن (13-فېۋرال )

1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىنى «دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. ۋاشىنگتوندىكى خاتىرە مەيدانىدا ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيەلىنىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، 50 نەچچە شىتات ۋە 12 دۆلەتتىن كەلگەن 8288 ئەيدىز كېسىلى بىمارى بۇ يەرگە يىغىلدى.

بۇ ئەيدىز بىمارىنىڭ چىرايىنى قورقۇنچ، ئۈمىدسىزلىك قاپلىغان

1958-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مەركىزىي سىياسىي بيۇروسى بېيجىڭ يىغىنىنى ئاچقان. يىغىنغا 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. يىغىنىدا ئاساسلىقى نەننىڭ يىغىنى روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. نەننىڭ يىغىنى-بىر قىسىم مەركەز رەھبەرلىرى بىلەن بىر قىسىم يەرلىك رەھبەرلەرنىڭ يىغىنى. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى-1-بەش يىللىق پىلاننى خۇلاسىلاپ، 1958-يىلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان، دۆلەتنىڭ ئاتچوتى ۋە 2-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانىنى تۈزەش.

1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى بۇداپېشتنى ئىشغال قىلىۋالغان.

1928-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيەلىك دوختۇر فلېمىڭ پېنىتسىللىننى كەشىپ قىلغان. ئۇ بۇ نەتىجىسى بىلەن 1945-يىلىدىكى نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە تىببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1881-يىلى، ئالىكساندىر فلېمىڭ شوتلاندىيەدە تۇغۇلغان، 16 يېشىدا لوندونغا بارغان. لوندون ئۇنۋېرسىتېتىدا پراكتىكا قىلغان. 1906-يىلى تىببىي باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1928-يىلى لوندون ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ باكتىرىيە ئىلمى پىروفېسسورى بولغان.

------------------------------------------------------------------------------------------

مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

rock يوللانغان ۋاقتى 2011-2-13 20:12:17

ما مۇزىكا ...

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-13 20:17:35

1258-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ،موڭغۇل ئىمپىرىيسىنىڭ غەرپكە يۈرۈش قوشۇنى باغدادنى ئىشغال قىلغان ،شۇنىڭ بىلەن ئەرەپ ئىمپىرىيسى يوقالغان.
=700) window.open('http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/e/ea/Mongol_Empire_map.gif/350px-Mongol_Empire_map.gif');\" border=0 src=\"http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/e/ea/Mongol_Empire_map.gif/350px-Mongol_Empire_map.gif\" onload=\"if(this.width>'700')this.width='700';if(this.height>'700')this.height='700';\">
1575-يىلى بۈگۈنكى كۈندە،ھېنرى-3 فىرانسىيەنىڭ پادىشاھى بولغان ۋە شۇ كۈنى توي قىلغان.

1633-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ،گالىلىي رىمغا بېرىپ دىنىي سوتنىڭ سوتىنى قوبۇل قىلغان.
=700) window.open('http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/c/cc/Galileo.arp.300pix.jpg/225px-Galileo.arp.300pix.jpg');\" border=0 src=\"http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/c/cc/Galileo.arp.300pix.jpg/225px-Galileo.arp.300pix.jpg\" onload=\"if(this.width>'700')this.width='700';if(this.height>'700')this.height='700';\">
1689-يىلى بۈگۈنكى كۈندە،مارىيە-3 ۋە ئۇنىڭ ئېرى ۋىليامىس-3 ئەنگىلىيەنىڭ رەسمىي كېنەزى بولغان.
1692-يىلى بۈگۈنكى كۈندە گىلەنكو قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن.جامىس-2نى قوللاريدىغان شوتلاندىيلىك ماكدولنىز جەمەتىنىڭ 78نەپەر ئەزاسى ۋىليام-3نىڭ پۇيرۇقى بىلەن قىرغىن قىلىنغان.
1880-يىلى بۈگۈنكى كۈندە توماس ئېدىسۇن ئىدىسۇن ئېففىكتىنى بايقىغان.
1912-يىلى سۇن جوڭشەن جۇڭخۇا مىنگونىڭ ۋاقتلىق پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ يۈەن شىكەيگە ئورۇن بوشاتقان.
=700) window.open('http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/8/80/Sun_Yat-sen_2.jpg/160px-Sun_Yat-sen_2.jpg');\" border=0 src=\"http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/8/80/Sun_Yat-sen_2.jpg/160px-Sun_Yat-sen_2.jpg\" onload=\"if(this.width>'700')this.width='700';if(this.height>'700')this.height='700';\">
1981-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ،شەنتۇدا يەر تەۋرەپ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.

1929-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيلىك بىئولوگ فلىمىڭ پىنسىلىننى پايقىغان.
=700) window.open('http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/f/f5/Alexander_Fleming_1945.jpg/150px-Alexander_Fleming_1945.jpg');\" border=0 src=\"http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/f/f5/Alexander_Fleming_1945.jpg/150px-Alexander_Fleming_1945.jpg\" onload=\"if(this.width>'700')this.width='700';if(this.height>'700')this.height='700';\">

1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ،2-دۇنيا ئۇرۇشىدا  سۆۋىت ئارمىيسى بۇداپىشتىنى ئېگەللىگەن.
=700) window.open('http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/6/66/Budapest_from_Danube_river.JPG/300px-Budapest_from_Danube_river.JPG');\" border=0 src=\"http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/6/66/Budapest_from_Danube_river.JPG/300px-Budapest_from_Danube_river.JPG\" onload=\"if(this.width>'700')this.width='700';if(this.height>'700')this.height='700';\">
1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە،ئەنگىلىيە ،ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيلىرى گىرمانىيەنىڭ درېسدېنگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ 25مىڭ ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
1961-يىلى فىرانسىيە  ئالجىرىيەنىڭ ساخارا قۇملىقىدا تۈنجى ئاتۇم بومبىسىنى سىناق قىلىپ ئاتۇم بومبىسى بار تۆتىنچى دۆلەت بولۇپ قالغان.
1961-يىلى ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى قورال كۈچى ئارقىلىق گانگو جۇمھۇرىيتىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى توسۇماقچى بولغان.
1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە،ۋىيتنام ئۇرۇشىدا جەنۇبىي ۋىيتنام قوشۇنى ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن لائوسقا تاجاۋۇز قىلغان.
1974-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپايىغا ئېرىشكۈچى سۆۋىت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى ئالىكساندىر ئىسايىۋىچ سولژىنىتسىن Aleksandr Isayevich Solzhenitsyn سۆۋىت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن فىراتىپ گىرمانىيەگە قوغلانغان.
1984-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كونسىتانتىن ئۇستىرنوۋىچ چېرىنېنكو سۆۋېت كوممۇنىستىك بارتىيسينىڭ سېكىرتارلىقىغا سايلانغان.
1988-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ،ئامېرىكىنىڭ لىنكولىن ناملىق ئاۋىئاماتكىسى پۈتۈپ سۇغا چۈشۈرۈلگەن.
1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە شىياڭگاڭ ئاساسيى قانۇن لايىھىسى تۈزۈش كومتېتى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق يىغىننى ئۆتكۈزۈپ،«شىياڭگاڭ مەمۇرىي ئالاھىدە رايۇنى ئاساسىي قانۇنى »نى مەمىلىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىغا تاپشۇرغان.

1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ،ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى خۇببل ئالەم تېلېسكوپى(Hubble Space Telescope)نى ئوڭۇشلۇق ئۆزگەرتكەن.
=700) window.open('http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/3/32/Hubble_01.jpg/285px-Hubble_01.jpg');\" border=0 src=\"http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/3/32/Hubble_01.jpg/285px-Hubble_01.jpg\" onload=\"if(this.width>'700')this.width='700';if(this.height>'700')this.height='700';\">

2000-يىلى بۈگۈنكى كۈندە ،  ئامېرىكا داڭلىق چاتما ھەجۋىي رەسىم «يەر ياڭىقى (خۇاسىڭ ) ھەجۋىيلىرى»Peanuts ئاياقلاشقان.

2004-يىلى بۈگۈنكى كۈندە،ئامېرىكا خارۋىرد ئۇنۋېرسىتىتى ئاستىرنۇملىرى سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى پەتەك يۇلتۇز BPM 37093نى بايقىغان،ئۇنىڭ يادروسى دىئامېتىرى 4000كىلومېتىر كېلىدىغان ئالماس ئىكەن.
2008-يىلى بۈگۈنكى كۈندە،ئاۋېىتىرالىيە زوڭلىسى كېۋىن Kevin Michael Rudd ئاۋىستىرالىيە پارلامىنتىدا ،ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن«ئوغۇرلۇق دەۋرى(Stolen  Generations)»ئۈچۈن ئاۋىستىرالىيە يەرلىك ئاھالىسىدن رەسمىي ئەپۇ سورىغان.
=700) window.open('http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/5/51/RedfernApology2.JPG/300px-RedfernApology2.JPG');\" border=0 src=\"http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/5/51/RedfernApology2.JPG/300px-RedfernApology2.JPG\" onload=\"if(this.width>'700')this.width='700';if(this.height>'700')this.height='700';\">
ئوغۇرلۇق دەۋرى : ئاۋىستىرالىيە ئاق تەنلىكلەر ھۆكۈمىتى 1869-يىلدىن 1969-يلغىچە (بەزى جايلاردا 1970-يىلغىچە داۋام قىلغان)بولغان ئارىلىقتا يۈرگۈزگەن «ئاسسىملاتسىيە سىياسىتى» نىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان بىر ئەۋلاد بولۇپ ،ئەينى ۋاقتتىكى ھۆكۈمەت ئاۋىستىرالىيە يەرلىك ئاھالىسىنى «پەسكەش ،نادان يوقۇلىشى كېرەك »دەپ قاراپ ،100مىڭ قىز-ئوغۇل بالىلارنى ئاق تەنلىك ئائىلىسى ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قارىشىغا مەڭگۈلۈك ئەۋەتىپ ،يەرلىك  ئاھالىنى «ئاقلاشتۇرۇش» ئۈچۈن  يەرلىك ئاھالە بالىلىرىنى ئاتا-ئانلىرىدىن ئۇزاق مۇددەت ئايرىغان.يەنە شۇۋاقتتىكى ئاز بولمىغان ئاق تەنلىك ئاھالىلىرى ئۇلارنى كەمسىتىپ ،ئۇلارنى ئۇرۇپ  ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيتى ۋە تىلىنى ئۇنتۇشقا ،ئاق تەنلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغان ،جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچىرىغان،مائارىپ پۇرسىتى كەمچىل بولغانلىقتىن كۆپ قىسىم يەرلىك ئاھالە كەمسىتىلىشكە ئۇچىراپ  روھىي جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە دۇچ كەلگەن.

مەنبە:يۇلتۇزلار تورى

بەت: [1]
: تارىختىكى بۈگۈن (13-فېۋرال)