igilik
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 17:37:13
ئىگىلىك تور ژورنىلى 2011-يىل 2-سان (ھەقسىز چۈشۈرۈڭ )
<div align=justify>
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، ئىگىلىك تورىمىزنىڭ كونا-يېڭى ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ! قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ سىلەرگە ئىگىلىك تورىدىن چوڭقۇر سالام ! ئۇيغۇر ئىگىلىك تور ژورنىلىنىڭ يېڭى بىر سانى يەنە سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى! بىزنىڭ بۇ كىتابنى تەييارلاپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىشىمىزدىن سىلەر ئازراق بولسىمۇ نەپكە ئېرىشسەڭلار بىز قىلغان خىزمەتلىرىمىزدىن ئالەمچە خوشاللىق ھېس قىلىمىز ! ھەمدە سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تور بېتىمىزنى تېخىمۇ قوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ! بۇ ئايدا چىقىدىغان ژورنالغا بۇرۇنقى "ئىگىلىك مۇنبىرى"دا ئېلان قىلغان سەرخىل ماقالىلىرىدىن تاللاپ ئېلكىتاپ قىلىپ تۈزۈپ چىقىلدى .ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ پائالىيىتىمىزنى قىزغىن قوللاپ بېرىشىنى ۋە ياخشى ، ئۈلگىلىك ماقالىلەر بولسا ئىگىلىك تورىدا ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ! ناۋادا سىز ماقالىڭىزنى تور ژورنىلىمىزغا چىقىرىشنى خالىسىڭىز يوللىغان ماقالىڭىزنى ئاستىغا "ئىگىلىك ژورنىلىغا ئەۋەتىلدى!" دەپ ئەسكەرتىپ قويغايسىز ! ماقالە يوللاش ئادېرىسى : http://www.igilik.net/add.aspx تۆۋەندىكىسى تور بېتىمىز ئېلان قىلغان 2011-يىل 1- ئايلىق" تور ژورنىلى "مىزنىڭ pdfنۇسخىسى . چۈشۈرۈپ پايدىلانغايسىلەر !(بۇ نۇسخىسى توردىن چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشقا سۇنۇلدى) http://www.igilik.net/Elkitab/igilik-2011-2.pdf flashنۇسخىسى توردىن بىۋاستە كۆرۈپ پايدىلىنىشقا سۇنۇلدى . ئادېرىسى : http://www.igilik.net/Elkitab/igilik-2011-2.swf بۇ تور ژورنىلىغا يوللانغان بارلىق ماقالىلەر تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىلدى . ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخىسنىڭ سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . بارلىق ھوقۇق "ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى"غا مەنسۇپ . مەزكۇر ھەقسىز تور ژورنىلىدىكى بارلىق ئېلان رايونلىرى كەڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىز ئۈچۈن ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ . قىزىققۇچىلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ! بۇ قېتىمقى تور ژورنىلىمىزنى "ئۈرۈمچى ئەلساپا سودا چەكلىك شىركىتى "ئالاھىدە قوللىغان . ئەسكەرتىش : سەۋىيىمىزنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى مەزكۇر تور ژورنىلىمىزدا بەزى سەۋەنلىكلەر ساقلانغان بولىشى مۇمكىن ، بىز تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز . كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىپ خاتالىقلارنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورايمىز ! تۆۋەندىكىسى تور بېتىمىز تۇنجى چىقارغان " تور ژورنىلى "مىزنىڭ بىر نەچچە سان نۇسخسى . چۈشۈرۈپ پايدىلانغايسىلەر !
ئىگىلىك تور ژورنىلى 2011-يىل 1-سان http://www.igilik.net/neirong.aspx?id=691 ئىگىلىك تور ژورنىلى 2010-يىل 12-سان http://www.igilik.net/neirong.aspx?id=615 2010-يىل 11-سان http://www.igilik.net/neirong.aspx?id=544 ئەڭ دەسلەپكى بىر قانچە سان ئىگىلىك تور ژورنىلى http://www.igilik.net/neirong.aspx?id=501 ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى تور ئادېرىسىمىز : http://www.igilik.net ئالاقە تېلېفونى : 15999114171 تور ئالاقە : 63676100 ئىلخەت ئادېرىسىمىز :igilik@sina.com |
</div>
Baqka
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 20:01:44
بەلگە.
نەشىر ھوقۇقىغا تاقىشىدىغان ئىش بولمىسۇن،..
oghul815
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 20:21:20
رەھمەت ،جاپا تارتىپسىلەر،ھەممنىنى چۈشۈرۋالدىم...
koktash
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 21:02:02
مۇنداق ژورناللارمۇ بار دەڭ،؟
بەك ياخشى ئويلاپسىلەر بۇنى !
Istanbul
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-13 12:21:54
ياخشى ئىشكەن .
rasheed
يوللانغان ۋاقتى 2011-2-13 13:14:37
رەھمەت، مۇشۇ تېمىغا بولسا ئاۋۇ تور ژورنىلىڭلارنىڭ مۇندەرىجىسىنى قوشۇپ يوللىغان بولساڭلا تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەنتۇق. مەن ئالدىرىماي كۆرۈپ باقاي. ئىقتىساد ھەممىمىزگە مۇھىم ....
hiyalqi
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 19:14:02
مەن ئالدىرماي كۈرۈپ باقاي
بەت:
[1]