64KB لىق 3D كارتون
64KB لىق 3D كارتون
تېمامنىڭ ماۋزۇسىغاقاراپ ئىشەنمەي قېلىۋاتىسىز ھەقىچان. قانداقتۇر مەن مۇبالىغە قىلىپ ياكى قىزىقتۇرۇپ شۇنداق قويۇپ قويمىدىم.ھەم تېمىنىمۇ خاتا سەھىيپىگە يوللاپ قويمىدىم.
بىزگە مەلۇم ئادەتتىكى كىچىك بىر JPG رەسىم30kb~40kbئەتىراپىدا بولىدۇ ، ئادەتتىكى MP3 ناخشا 4000kbبولىدۇ. ئەمما مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان 3D كارتون ئارنلا64kb كېلىدۇ. يەنە بىر قېتىم دەپ قوياي بۇ چاقچاق ئەمەس. سىز يېرىم سائەتلىك كۆرۈنۈش قايتىلانمايدىغان، سۈرەت ئۈنۈمى ۋە ئاۋاز ئۈنۈمى ناھايىتى سۈپەتلىك(سىترولۇق) ئەممە سىغىمى بىر رەقەملىك رەسىمدىنمۇ كىچىك بولغان 3D كارتون ۋە ئويۇننىكۆرەلەيسىز ۋە ئوينىيالايسىز. Warez گورۇپپىسىدىكلەر 1.9GB لىق سانلىق مەلۇماتلارنى (ئەمەلىيەتتە بۇ كارتونلارنىڭ ئەسلىي ھاسىلەپ چىقارغاندىكى چوڭلىقى 15GB) قىسىپ 64kb لىق بىر پروگىرامما شەكلىدىكى كارتون ۋە ئويۇننى ئىشلەپ چىقتى. دىمەك بۇ ئەسلىدىكى چوڭلۇق 15GB دىن ھازىرقى 64kb لىق ھالەتكە كەلدى. يەنى ئەسلىدىكىدىن 25مىڭ ھەسسە قىسىلدى. مانا بۇ پروگىرامما يېزىشىتىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بولۇپ دۇنيا پروگىرامما مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنى كۆرۈشتە سېستىمىڭىزغا directx9.0 قاچىلانغان بولىشى كېرەك. كونۇپكا تاختىسىدىكى Esc نى بېسىپ چېكىنىسىز.
كەسمە رەسىم:
fr-08: .the .product
project genesis
the prophecy – project nemesis
Heaven7
يەنىمۇ جېقنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
ئەڭ ئاخىردا مۇشۇ گورۇپپىدىكىلەرنىڭ ئىشلىگەن بىر ئويۇن سوۋغىسىنى تەۋسىيە قىلاي، ئوغۇللارغا بەك ماس كېلىدۇ. چوڭلىقى ئارانلا 95kb ئۈچ ئۆلچەملىك بىرىنچى شەخس تۇرىدىكى ئېتىشىدىغان ئويۇن. ئېسىڭلاردا بولسۇن فىلەش ئويۇن ئەمەس ،ئاۋاز ئۈنۈمى شۇندا سىترولۇق، كۆرۈنمە يۈزى چوڭ ئويۇنلاردىن پەرقلەنمەيدىغان ئويۇن.
كەسمە رەسىم:
بۇ پروگىرامما شەكلىدىكى كارتونلارنىڭ باش بېتى مانا
ئەسكەرتىش: يۇقارقى پروگىرامما ھەرگىزمۇ ۋىرۇس ياكى ياغاچ ئات ئەمەس. قورقماي ئىجرا قىلىۋىرىڭ.ئەمما ئۆزۈڭىزنىڭ كومپيوتىرىدا ۋىرۇس بار تۇرۇپ ۋىرۇس دەپ تۇرۋالسىڭىز بۇ بولمايدۇ، چۈنكى ۋىرۇس بولسا exe ھۆججىتىگە ئاسانلا ھۇجۇم قىلىدۇ.
راستىنلا ۋەھشىكەنغۇ بىر مىنۇت ماڭغاندىن كىيىن گۇمانلىنىپ تور سىمىنى چىقىرىۋەتتىم،بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىنمۇ يەنە مېڭىۋەردى،ئاخىرى ئىشەندىم. مەن چۈشۈرۈپ ئويناپ باقتىم راستىنلا ئىشەنمەي قالدىم ئۇنىڭدىكى ئۇيۇن سۆرەت ئاۋاز سۈپىتىمۇ شۇنداق ياخشىكەن . مۇشۇنچىلىك بىر ئۇيۇننى 97 kb غا قىسىش ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ ..
كومپيۇتېرىم غەلىتىلا بوپ قالدى ..
بۇ ئويۇننىڭ بىر خىل غەلىتە يەرلىرى بارمۇ نېمە ؟ ياكى مەن بىلىپ بولالمىدىممۇ ؟
بىر يەردە توختاپ قېلىپ پەقەت ماڭالمىدىم ...
ئالا شەرىڭنى ، كۆمەي تەرىڭنى ... نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ( كومپىيوتېرغا سويما چېغىمدا ) بۇ كۈرۈنۈش كومپىيوتېرىمدا باتتى ، ئىكران ئاسراش پىروگراممىسى بوپ قاپتىكەن ، شۇ چاغدا قاراپ سىغىمى ھەجەپ كىچىككىنە دەپ ئويلاپ قالغانتىم ، مۇشۇ نەرسە شۇكەن ....... 3D كۈرۈنۈش كۆرسەم كۆڭلۈم ئېلىشاتتى ، شۇ چاغدىمۇ كۆرۈپ ئۆچۈرەلمەي بېشىم قېيىپ قۇسىۋەتكىلى تاس قالغان .... OWQI312:
مەن چۈشۈرۈپ ئويناپ باقتىم راستىنلا ئىشەنمەي قالدىم ئۇنىڭدىكى ئۇيۇن سۆرەت ئاۋاز سۈپىتىمۇ شۇنداق ياخشىكەن . مۇشۇنچىلىك بىر ئۇيۇننى 97 kb غا قىسىش ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ ..
شۇنداق، ئەسلىي مەن بىر ھۆججەتنى كىچىك قىسىش ئۈچۈن توردىن ئىزدەنگەن تۇيۇقسىز مۇشۇ 64kb لىق كارتون ئائىت ئۇچۇرلا ئۇچراپ قالدى. دەسلەپ مەن پەقەت ئىشەنمىگەن. قارىسام توردا ئاللىقانداق بىرنەرسىلەرنى يېزىپ كېتىپۇ. شۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلسام دەرۋەقە شۇنداق.
بۇ ئويۇننىڭ سىغىمى 97kbئەمما قالغان كارتونلارنىڭ سىغىمى 64kb ئەمما بىر تەلەپ شۇكى كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ يۇقىرى بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
كومپيوتىر ساھەسىدە ئاجايىپ ئىشلار بولىدىكەن. ھەقىقي تېخنىكا دېسە بولغۇدەك. بۇ پروگىراممىلارنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى jpg گە ئۆزگەرتىپ رەسىم بوشلقىغا چىقىرىۋېلىپ ساقلىۋالسىمۇ بولىدىكەن تېخى.
بىر يېرىگە كەلگەندە ئالدىغا ماڭالمىدىمۇ قانداق؟ مەن ھازىرچە ساقلىۋالاي.. joshua:
بىر يېرىگە كەلگەندە ئالدىغا ماڭالمىدىمۇ قانداق؟
مەن ئويناپ تۈگىتىۋەتتىم. ئاخىرىدا to be continued دەپ چىقىدىكەن. ھېلىقى پەسكە چۈشىدىغان يەرگە چۈشسىڭىز بىر لىفت بار ئىكەن. بۇ ئويۇننىڭ ئاخىرىنى پات-ئارىدا ياسايدىكەن.
ھەقىقەتەن ياخشىكەن! ئۇچار ماشىنا ئويۇنىنى ئىشلىگەنلەر كۆرمەمدىغاندۇ مۇشۇنداق ياخشى نەرسىنى مەن ئوينىيالمىدىم مەنمۇ تۈگىتىپ بولدۇم. ھەقىقەتەن ئېسىل ئويۇنكەن ئەمدى باشلاپ بىر يېرىگە كەلسەم، بىر سۈزۈك تام پەيدا بولىۋالدى، قۇرۇتلار بۇياققا ئۆتەلمەيدۇ، مەن ئۇياققا، بومبا ئاتسام ئۆزۈمگە يېنىپ كەلدى، ئاچقۇچتەك بىرنېمە ئۇچرامدىكىن دەپ ئۆينى قېزىۋەتتىم بولمىسا. سىلەر دېگەن ئويۇننى بىر ئويناي دېگەن، تېمىدىن چۈشۈرەلمىدىم. تەمىنلىگەن ئادرېستىن پەقەت 3Dكارتوننىلا چۈشۈرەلىدىم.