arek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 12:00:11

تارىختىكى بۈگۈن (12-فېۋرال )

2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئالىملار تۇنجى قېتىم ئىنسانلارنىڭ گېن سخېمىسىنى ئېلان قىلغان. ئالتە دۆلەتنىڭ ئالىملىرى بىرلىكتە قاتناشقان خەلقئارا ئىنسانىيەت گېن گۇرۇپپىسى ئىنسانلارنىڭ گېن گۇرۇپپىسى سخېمىسىنى ئېلان قىلىپ، ھاياتلىق ئىلمىدىكى «ئايغا چىقىش پىلانى» تەتقىقات تۈرىدە زور نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇ ئىنسانلارنىڭ سىرىنى ئېچىشقا ئاساس سالدى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق ئالتە دۆلەت ئىنسانلارنىڭ گېن گۇرۇپپىسىدىكى 23 جۈپ خروموسومدىكى DNA نىڭ تەرتىپىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ گېن گۇرۇپپىسىدا 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاقسىلنىڭ گېننى كودلاشتۇرۇدىغانلىقىنى بايقىغان.

1954-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى چەتئەل پۇتبول كوماندىسى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان. ۋېنگرىيە كوماندىسى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، بۇ كوماندا ئالدى كەينى بولۇپ بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن قاتارلىق شەھەرلەردە مۇسابىقە ئېلىپ باردى، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئازاد بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارەتتە بولغان چەتئەل دۆلىتى.

1934-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فرانسىيە خەلقى فاشىستلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرغان. 1930-يىلىدىن كېيىن، فرانسىيە ئىقتىسادىدا كىرىزىس يۈز بەردى. سىياسىي ۋەزىيەتتە تەۋرىنىش بولدى. «ئوت كىرىست ئەترىتى»،«ۋەتەنپەرۋەر ياشلار» ئەترىتى قاتارلىق فاشىست ئەترەتلىرى قۇرۇلغان. فرانسىيە ئىشچىلىرى جۇمھۇرىيەت پارلامېنتى تۈزۈمىنى قوغداپ، فرانسىيە فاشىستلىرى بىلەن پارىژ كوچىلىرىدا توقۇنۇشتى. فرانسىيە خەلقى «بىر تۇتاش ھەرىكەت» ئېلىپ بېرىپ، فرانسىيە فاشىستلىرىنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىپ، جۇمھۇرىيەتنى قوغداپ قالدى.

1809-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى لىنكولىن دۇنياغا كەلگەن. ئابراھام لىنكولىن كىنتاكى شىتاتىدا ياغاچچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1834-يىلى ئىللىنوي شىتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، سىياسىي ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ«قۇللۇق تۈزۈم»نى بىكار قىلىپ، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى، 1860-يىلى ئۇ زۇڭتۇڭ بولغان. 1862-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى لىنكولىن دۇنياغا داڭلىق ئەسەر«مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلغان. جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشىدا ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى شىمالىي ئامېرىكا قىسمى 1865-يىلى غەلىبە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن لىنكولىننىڭ نامى خەلق ئارىسىدا تېخىمۇ تارقالدى. 1864-يىلى ئۇ يەنە زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى، بىراق 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى لىنكولىن ۋاشىنگتوندىكى فورد تىياتىرخانىسىدا قەستكە ئۇچراپ، ۋاپات بولدى.

---------------------------------------

مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 15:46:45

لىنكولىن ھەقىقەتەن ئاقكۆڭۈل ھەم جەسۇر ئادەم، چىرايىدىنلا نامراپ ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلىقى، نۇرغۇن جاپا- مۇشەقەتلەرنى تارتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ھەقىقەتەن ھۆرمىتىم بار بۇ شەخىسكە!
بەت: [1]
: تارىختىكى بۈگۈن (12-فېۋرال)