Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 20:33:18

ئەزىز تورداشلىرىمنى توي چېيىمغا تەكلىپ قىلىمەن (amp

تەڭرىمنىڭ ئىلتىپاتى ۋە كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تىلەكلىرى بىلەن، ئۆتكەن يىل 12- ئايدا مۇقەددەس ئائىلەمنى قۇرۇۋالدىم، تەڭرى ھەممىمىزگە بەخىت يار قىلسۇن!

تويۇم ئۆز يۇرتۇمدا بولدى، ھەمراھىمنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرىدىغانلىقىدىن دوستلار خەۋەردار، ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە مىھرى ئىسسىق ئۈرۈمچىدە چاي بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن خوشال ھالدا، ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى قاتارلىق تورداشلىرىمنىڭمۇ دىدارىنى ئىستەپ، دوستلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋىلىشنى ۋە دوستلۇق زەنجىرلىرىنى ئۇلاشنى ئارزۇ قىلىپ، ھۆرمەتلىك تورداشلىرىمنى توي چېيىمىزنىڭ ئەزىز مېھمىنى بولۇشقا خوشاللىق بىلەن تەكلىپ قىلدىم، بارلىق ئەزىزلەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنى چىن كۆڭلۈمدىن ئارزۇ قىلىپ- باچكا.

ئورنى: ياشار رېستۇرانى، جەنۇبىي شىنخۇا يولى 243- نومۇر. ۋاقتى: 2-ئاينىڭ 13- كۈنى يەكشەنبە، كەچ سائەت 5 تە (ئەلۋەتتە ئۈرۈمچى ۋاقتى)

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 20:39:32

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇبارەك بولسۇن.ئاللاھ ئىككى دۇنيالىق بەخىت بەرسۇن

jahanger يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 20:41:14

مۇبارەك بولسۇن ! ئاللاھ بەرىكەت ۋە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن ! گۇل گۇلۇڭلار ئېچىلىپ پورەكلەپ كەتسۇن!

kuxkach يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 20:49:31

تويىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! ئۈرۈمچىدە بولغان بولساق، چوقۇم باراتتۇق. شۈنىسى ئۇزاقتا بولۇپ قالدۇق. گەرچە ئارلىقىمىز يىراق بولسىمۇ ئەمما كۆڭلىمىز يېقىن. ھۆرمەتلىك رەپىقىڭىزگە مەندىن تەبرىك سالام! ھازىرچە ئىزدىنىشتا بولسىمۇ تەبرىك سوغامنى سۇنغاچ تۇراي. رەپىقىڭىز كېيىنچە ئىستانبۇلدىن بىرەر نەرسە لازىم دەپ قالسا، ھايت دەۋەتەرسىز، قولۇم كۆكسۈمدە، خىزمىتىڭىزگە تەييارمىز. (ۋىندوۋس7 توغرىسىدىكى تېمىدا سىز چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلىگەن ھېلىقى دېتال ئۈچۈن ھازىرغىچە سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن.)

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 20:53:22

ھەي، مۇبارەك بولسۇن، ئارلىق يىراق بولسىمۇ شۇ چايغا بارغاندەك خۇش بولۇپ كەتتىم.

ھە راس، باردىغانلار ئۆزىنىڭ توردىكى نامىنى دەپ بېرىپ، بولسا خاتىرە كومپىيوتېردىن بىرنى قويۇپ ئىسپاتلىغاندىن كىيىن كىرەرسىلەر، بولمىسا بىكار تەلەپلەرنىڭ ھەممىسى بېرىپ ئىشنى تۈگەتمىسۇن يەنە (چاقچاق)

tvman يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 20:53:39

مۇبارەك بولسۇن ! چوقۇم بارىمىز ئىزدىنىشتىكى لۈكچەكلەر يەنە بىر يىغىلدىغان بولدى دە! بىزغۇ ئانچە مۇنچە يىغىلىپ تۇرىتۇق!

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 20:55:41

ئەتىما

arek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:08:18

باچكا ئەپەندىمنىڭ تويىغا  مۇبارەك بولسۇن!

توي قوشاقلىرى

ېشىڭلار باش، ئايىغىڭلار تاش بولسۇن، مەڭگۈ بەختلىك بولۇپ كېتىڭلار.

mux يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:13:36

كاساپەت   ئەتە تىخى پىچانغا بارماقچى  مۇشۇ پۇرسەتتە ئۆيىڭىزنى بىر يۇقلاپ كىلەي دىسەم غىپپىتە ئۈرۈمچىگە قاچاي دەپسزدە   بۇرادەر

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:14:05

ئەڭ ئالدى بىلەن سىزنى چىن دىلىمدىن مۇبارەكلەيمەن !

رەھمەتلەر بولسۇن ئۇكام ، چېيىڭىزغا ئۆزەم بارالمىساممۇ  ، گۈزەل تىلەكلىلىرىم بارسۇن !

بولسا   ئابىدە خانىم سۆزلىگەن پەرزەنىت تەربىيىسى ( پەقەت پەرزەنىت تەربىيىسىلا ئەمەس ، ئاتا-ئانا بولۇش تەربىيىسىمۇ بار ) توغۇرلۇق نۇتۇقىنى بىر ئاڭلىۋەتكەن بولساڭلار  دىگەن ئۈمۈدتىمەن !  

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:31:55

مۇبارەك بولسۇن !

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:43:36

رەھمەت، رەھمەت كۆپچىلىك..

نەچچە يىلدىن ئىزدىنىشتىكىلەر يىغىلدۇق دىسە ئىچىم قىزىپ ئولتۇراتتىم، دىدارلىشارمىز..

ئابىدە خانىمنىڭ نۇتقىنى نەدىن تاپىمىز؟ رەھمەت.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:48:38

مۇبارەك بولسۇن!

arek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:53:16


ئابىدە خانىمىنىڭ پەرزەنىت تەربىيىسى ھەققىدىكى نۇتىقى

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 22:21:16

مۇبارەك بولسۇن! ئاللاھ ئىككىڭلارنى بەختلىك قىلغاي!

ئۈرۈمچىدىن يۇرتۇمغا كۆچۈپ كېلىۋالغىلى 2 يىل بولاي دەپتۇ، ناۋادا ئۈرۈمچىدىكى چاغلىرىم بولسا، باغاق تەگمىسىمۇ، \"ئىزدىنىشتىكى مۇشۇ تېمانى كۆرگەندىكىن ھېساپ\" دەپلا ياشار رېستۇرانىغا باراتتىم!

خېنىلىق ئۈچۈن، سىلەرگە ئاللاھتىن تىلەپ، بىر دۇئا قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم!

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 22:23:42

http://u.115.com/?ac=my#ct=frame&ac=tempfile&aid=0&cid=0

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 22:25:24

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 22:42:27

ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن تويىڭىز بوپتۇ. مۇبارەك بولسۇن.

ئۇچۇم بولۇپ باچكاخۇن،

تېپىۋاپتۇ جۈپتىنى.

شۇڭا باغاق يوللاپتۇ،

دوستلىرىغا بۇ كۈنى.

ئاللاھ بەرسۇن بەختىنى،

ئىگىز قىلسۇن تەختىنى.

بۇزماي ئۆتسۇن بىر ئۆمۈر،

تويدا قىلغان ئەھدىنى.

سىزگە خوشلۇق تىلەيمىز،

بىزگە بولسۇن ئاشقىنى.

كېلەر يىلى كۆرەيلى،

بىر جۈپ يېڭى باچكىنى.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 23:17:02

كېلەر يىلى كۆرگەيمەن،

بىر جۈپ ئۇماق باچكىنى

مۇبارەك بولسۇن

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 23:42:17

ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ مېھمان كۈتىدىغانلار :ياخشىمۇسىز ،كىمنى ئىزدەيسىز؟

مەن : باچكىنى

@#@$#$%$^%^

@@$@#$#%%%

بەت: [1] 2 3 4
: ئەزىز تورداشلىرىمنى توي چېيىمغا تەكلىپ قىلىمەن ( باچكا)