arek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 20:06:29

تارىختا بۈگۈن (11-فېۋرال )

1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «بايقاش» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى ئالەمگە چىقىپ،«خاببېل» ئالەم تېلىكسوپىنى ياسىغان. «خاببېل» ئالەم تېلىكسوپى ئالەمدە يەتتە يىل ئۇچقان. ياساش خىزمىتى بەش كۈن ئېلىپ بېرىلغان. ئامېرىكا «خاببېل» ئالەم تېلىكسوپىنى قويۇپ بەرگەن يەتتە يىلدىن بۇيان، 20 نەچچە دۆلەتنىڭ 2000 دىن ئارتۇق ئالىمى بۇ ئالەم كۆزى ئارقىلىق ئالەمنى 110 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆزەتكەن.

1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ رەھبىرى ماندېلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. ماندېلا 1918-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان. 23 يېشىدا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىككى ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇغان. 1950-يىلى ماندېلا ئافرىقا ئەللىرى ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1962-يىلى 11-ئايدا ماندېلا «ئىش تاشلاشقا كۈچكۈرتكەن»،«قانۇنسىز چېگرىدىن كىرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان، كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئايلانغان.

1975-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ماگىرىت ساچىر ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ تۇنجى ئايال باش ۋەزىرى بولغان. ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ماگىرىت ساچىر خانىم 1925-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئەنگلىيە ئوكسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىمىيە كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى، ئىجتىمائىي پەندە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1979-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى ئايال باش ۋەزىرى بولغان. 1983-يىلى سايلامدا يەنە ئۇتۇپ چىقىپ، ئۇدا باش ۋەزىر بولغان.

1936-يىلى چارلىز چاپلىننىڭ داڭلىق ئىجادىيىتى«مودا دەۋر» لوندۇندا قويۇلغان. 1977-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى دۇنيا قىزىقچى ئۇستىسى چارلىز چاپلىن ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇ كۈنى سەھەر سائەت تۆتتە، شىۋېتسارىيەدە 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. چارلىز چاپلىن پۈتۈن ھاياتىنى كىنو سەنئىتىگە بېغىشلىغان، 1889-يىلى چارلىز چاپلىن ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى كەمبەغەللەر رايونىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئارتىس ئىدى. دادىسى بالدۇر قازا قىلغان، ئاپىسىنىڭ نېرۋىسى ئاجىز بولغاچقا، چارلىز چاپلىن كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1913-يىلى ئۇ ئامېرىكىغا كېلىپ، كىنو ئىشلەش ھاياتىنى باشلىغان. چارلىز چاپلىن 1914-يىلى ئىشلىگەن «ۋېنىتسىيەدىكى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى» دا ياراتقان ئوبرازى ئارقىلىق، 70 يىللىق سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. پۈتۈن ئۆمرىدە 80 نەچچە فىلىم ئىشلىگەن. چارلىز چاپلىن ئامېرىكىدا 40 نەچچە يىل تۇرغان، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا مىكارسى ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. 1952-يىلى ئۇ بۇ ئۆچمەنلىك بىلەن ئايالى ۋە ئوغلىنى ئېلىپ ئەنگلىيەگە قايتىپ كەلگەن.

1847-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، توماس ئېدىسون ئوخايو شىتاتىدا تۇغۇلغان. 1931-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكىلىق داڭلىق كەشپىياتچى، كارخانىچى توماس ئېدىسون 84 يېشىدا ۋاپات بولغان. دۇنيا خەلقىگە چىراق، فاتىفون، كىنو قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق كەشپىياتنى تەقدىم قىلغان بۇ ئۇلۇغ كەشپىياتچى سەھەر سائەت ئۈچتىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يېڭى جېرسى شىتاتىدىكى ئۆيىدە ئۇيقۇدا بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان.

توماس ئىدىسسۇن

==================================================

مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:15:03

1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «بايقاش» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى ئالەمگە چىقىپ،«خاببېل» ئالەم تېلىكسوپىنى ياسىغان ئەمەس رىمونىت قىلغان

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:57:08

2010-يىلى مۇشۇ كۈندە ماڭا 3dلاتارىيەسىدىن 1000 سوم چىققان .

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 22:55:47

2011-يىلى موشۇ كۈن، مىسىرنىڭ ئوتتۇز يىللىق پرىزدېنتى ھۆسنى مۇبارەك ئىستپا بەردى.
بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(11-فېۋرال)