zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 17:26:10

قۇرغاس ناھيىسى 4-دىۋىزىيە 61-تۇەن پەۋقۇللادە زۇر ئۇت

]1977-يىلى چاغان ھارپىسى ،ۋەتنىمزنىڭ غەربى شىمالىي چىگىرىسىغا جايلاشقان شىنجاڭنىڭ قۇرغاس ناھيىسى 4-دىۋىزىيە 61-تۇەن مەيدانى زالىدا كىشىنى چۇچۇتىدىغان پەۋقۇللادە زۇر ئۇت ئاپىتى يۇز بەرگەن ئىدى  ئۇت ئاپىتىدە 697ئادەم ئولگەن بۇلوپ ئولگەنلەرنىڭ مۇتلەق كوپچىلىكى بالىلار ئىدى .
ۋەقەنىڭ سۋەبى مۇنداق ئىدى :چاغاننىڭ  ھارپا كىچىسى تۇەن مەيدان كىنۇچىلىق ئەترىتى زالىدا كىنۇ قۇيدى بۇ مەدىنىيەت تۇرمىشى يىتەرسىز يىللار بۇلغاچقا كىنۇ كۇرۇش پورسىتى ناھايىتى كەم كىلەتتى كىنۇ قۇيۇلدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان كىشىلەر ئۇرۇندۇقلىرىنى كوتۇرۇپ زالغا تۇپلانغان ئىدى ھەممەيلەن چاغان ئۇتكۇزۇش تەيارلىقى بىلەن ئالدىراش بۇلغاچقا كىنۇغا كوپىنچە تۇەن شتابى ،شۇنىڭدەك ئەتراپتىكى رۇتىلاردىكى بالىلاردىن كەلگەن ئىدى ،بالىلار تۇختىماي زالدا پوجاڭزا ئىتۋاتاتتى،بەزى بالىلار سەھنىگە چىقىپ يەر چاشقىنى ناملىق پوجاڭزىنى ئاتتى،سەھنە ماۋزىدۇڭنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرلەش ئۇچۇن قۇيۇلغان گۇلچەمبىرەكلەر بىلەن تۇلغان بۇلوپ پوجاڭزا گۇلچەمبىرەكلەر ئىچىدە پارتىلاپ ئۇت تۇتىشىپ بىر دەمدىلا تۇرۇسقا ياماشتى ،پاتپاراق بۇلغان كىشىلەر زال ئىشىكىگە يۇگۇردى بىراق ئىشىكنىڭ يىرىمى خىش بىلەن تۇسىۋىتىلگەچكە يۇپورلىپ كەلگەن كىشىلەر تۇپى چىقالماي بەزىلىرى ئىس تۇتەكتە تۇنجىقىپ ئولوپ كەتتى،بەزىلىرى كۇيۇپ كەتتى ،ئۇت ئاپىتى يۇز بەرگەندىن كىيىن چەت ئەل رادىيۇلىرى ناھايىتى تىزلا خەۋەر قىلدى بىراق ئىچكى قىسىمدىكى خەۋەرلەر قاتتىق قامال قىلىنىپ سىرىتقا قارىتا <بۇ سۇۋىت رىۋۇنىزىمچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ،سىنپىي دۇشمەنلەر قۇيغان ئۇت >دەپ تەشۋىق قىلىندى ،<بۇ سىنپى كورەش تۇتقا قىلىنىۋاتقان>يىللار بۇلوپ ھىچكىم راس گەپ قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايىىتى ،بۇ ئەينى چاغدا <سىنپىي كورەشنىڭ يىڭى يۇزلىنىش >دەپ قارىلىپ ،تۇەن مەيداندىن گۇماندارلارنى تۇتۇش تۇغرىسىدا بۇيرۇق كەلگەن ئىدى .مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە خەۋەرلەرگە قارغاندا 13يىشىدا ئىنقىلاپقا قاتناشقان 8-ئارمىيىنىڭ پىشقىدەم جەڭچىسى ،ئىلى بۇز يەر ئۇزلەشتۇرۇش ئىدارسى پارتىكومنىڭ سابىق شۇجىسى ماجى سەگەكلىك بىلەن ئۇتتۇرغا چىقىپ جىددى ۋەزىيەتنى پەسەيكەن ئىدى .

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى 2010-يىل5-نۇيابىر ساندىن

Erki يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 17:40:33

ئالدىرماڭلار، \"چوڭ\"لارغا يول بىرىڭلار.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 10:08:40

مەن تۇغۇلغان يىللىرى بولغان ئىشكەن بۇ!

بۇ ئىشنى ئەمدى خەۋەر قىلغىنى نېمىسى!؟

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 14:48:54

بۇ كىچىمىدىلا تولا ئاڭلايتىم بۇ خەۋەرنى ، ھازىرغا قەدەر يۇرتىمىزدا بۇ ئوت ئاپتى توغىرسىدا ئازتۇلا گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرمەن

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2011-2-12 15:15:03

چاۋشەندە  بۇلغان  ئىشمىكەن..........
بەت: [1]
: قۇرغاس ناھيىسى 4-دىۋىزىيە 61-تۇەن پەۋقۇللادە زۇر ئۇت ئاپىتى