tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 14:55:37

ياردەم ،كومپىيۇتىردىكى ۋىرۇسلارنى قانداق ئۆچۈرىمەن ؟

كومپىيۇتىرنىڭ ئېكران يۈزىدە"美女视频“,八卦色图”流行音乐,淘宝购物“قاتارلىق ئۆچۈرسىمۇ ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ۋىرۇسلار پەيدا بولۇپ قاپتۇ ،نەدىن پەيدا بولغىنىنى بىلمىدىم ،توردىن ئىزدىسەم "تىزىملاش جەدۋىلىدىن ئۆچۈرۈڭ "دەپتۇ ،

مۇشۇ تىزىملاش جەدۋىلىنىڭ ئىچىدىكى قانداق نەرسىلەرنى ئۆچرۋەتسەم ،بۇ ۋىرۇسلار يوقىلىدۇ ھەم يەنە قانداق نەرسىلەرنى ئۆچۈرۋەتسەم كومپىيۇتىردىكى ئەخلەتلەرمۇ تازىلىنىدۇ ?

سېستىمام ۋىن يەتتە.

ئالدىن رەھمەت !

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 16:19:25

مەن بۇنداق نەرسىلەرنى 360安全卫士 ئارقىلىق تازىلايمەن بەك ئۈنۈملۈك تازىلايدۇ   ئۈزىمىز قول سېلىپ تىزىملاش جەدىۋىلىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈشىمىزنىڭ ھاقىتى يوق.

Bihlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 16:24:52

بۇنداق ۋىرۇسلارنىڭ ئېنىق تازىلاش ئۇسۇلى يوق، ۋىرۇس تازىلاش دېتاللىرى پەقەت ئىككىلىك سىستېمىدىكى ياكى ياغاچ ئات ۋىرۇسلىرىنى ئۆچۈرىدۇ، تىزىملاش جەدۋىلىگە يېزىلغان تور بېكەت ئادېرىسى خاراكتېرلىك «ۋىرۇس»لارنى تازىلىمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن باشقا يۇمشاق دېتاللار كېرەك.

مەن ئەزەلدىن ۋىرۇسخور ئىشلەتمەيمەن، كومپيۇتېرىمدىمۇ ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.

ئەڭ ياخشىسى سىز ئالدى بىلەن سىستېمىنى نورمال قاچىلىۋېلىپ، تورغا چىققاندا ھەرخىل ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ماقۇل بولماڭ، مەسىلەن «پالانچى دېتالنى قاچىلىساڭ بۇ كىنونى كۆرەلەيسەن، پىستانى جاينى باسساڭ كۆرەلەيسەن».... دېگەندەك گەپ-سۆزلەرگە پىسەنت قىلماي، بىۋاستە ئۆچۈرۋېتىڭ ياكى «ياق» دەپ جاۋاب بېرىڭ. ئەگەر سىز كۆرۈۋاتقان تور بېكەت مۇنتىزىم، چوڭ شىركەتلەرنىڭ بولسا ھەمدە سىز شۇ دېتالنى چوقۇم قاچىلىمىسىڭىز بولمايدىغان شارائىتتا بىرنەچچىنى قاچىلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئادەتتىكى ئۇششاق-چۈششەك تور بېكەتلەرنىڭ قوشۇمچە دېتاللىرىنى قاچىلىسىڭىز ئاشۇنداق نورمالسىزلىقلار پەيدا بولىدۇ.

سىزنى ئىت چىشلىۋالسا ساقىيىشى مۇمكىن، ئەمما ئاسارىتى قالىدۇ. مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھەرقانچە تازىلىسىڭىزمۇ ۋىرۇسنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ بولغان بىرقىسىم ھۆججەت ۋە تىزىملاش جەدۋەللىرىنى ئەسلىگە قايتۇرالمايسىز، شۇڭا ھەرقانچە يامان ۋىرۇسخورنى قاچىلىسىڭىزمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سىستېمىڭىز بارغانسېرى ناچارلىشىشقا باشلايدۇ، ئاقىۋەت قايتىدىن قاچىلاشقا مەجبۇر بولىسىز.

مېنىڭچە سىز سىستېمىنى قايتا قاچىلىۋېتىڭ، ئاندىن تورغا چىققاندا مەن دېگەن ئىشلارغا دىققەت قىلسىڭىزلا بولىدۇ، ئەگەر بۇ ماقالىڭىز بىلەن بىرەر ۋىرۇس تازىلاش دېتالىغا ئېرىشكەن تەغدىردىمۇ يەنىلا مەن دېگەندەك ئاقىۋەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز، شۇڭا كېسەل يۇقتۇرۇپ داۋالىغاندىن كۆرە، كېسەلنى يۇقتۇرمىسىڭىزلا بولىدۇ. ئازراقلا دىققەت قىلسىڭىز ۋىرۇس يۇقتۇرماي ئىشلىتىشكە كۆنۈپ كېتىسىز.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 16:35:27

360安全卫士 نى قاچىلاپ، 360安全卫士نىڭ 常规 دىگەن يىرىنى چىكىپ،  查杀木马,清理插件,系统修复 دىگەن يەرلىرىنى چىكىپ بىر-بىرلەپ مەشخۇلات قىلسىڭىز يوقايدۇ، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلسا جەزمەن قايتا قوزغىتىڭ، بولمىسا پاكىز تازىلانمايدۇ.

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 16:59:05

مانى چۇشڭرڭپ قاچىلاپhttp://cu003.www.duba.net/duba/tools/dubatools/ksm3/ksm3.exe ،ئاندىن 查杀木马 دىگەننى تاللاپ ئاندىن 清理插件  دىگەن تاالاپ تەكشۇرۇپ بولشاندىن كىيىن يۇيىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 17:51:08

يېڭىدىن ئۆلچەملىك سىستېما قاچىلاپ بولغاندىن كېيىنلا چوقۇم زاپاسلىۋېلىش كېرەك، كېسەل بولغاندا زاپاسنى قايتۇرسىلا بولىدۇ، قايتا قاچىلاشقا ۋاقىت ئىسراپ بولمايدۇ. سىستېمىنى ئۆلچەملىك قاچىلاش دىگىنىمىز، ھەممە رايوندا Autorun.inf دىگەن ھۆججەت ۋە گۇمانلىق ئىجرا ھۆججەت، ۋىرۇسلارنى PE دا ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئاندىن سىستېما ۋە كېرەكلىكلەرنى قاچىلاپ (ئەلۋەتتە ۋىرۇسخورمۇ بار)، پۈتۈن دېسكىغا تازىلاش ماڭدۇرۇپ بولۇپ، ئاندىن سىستېما زاپاسلىۋېلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.

jahanger يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 18:24:56

360 نى ئىشلىتىڭ.  ئاندىن كومپىيوتىرىڭىز ساقىىيىپ يۈگرەپ شاش بوپ كەتكەن چاغدا ۋالاققىدە بەيدۇغا كىرىپ 一键GHOST نى چۈشۇرۇپ شالاققىدە سېستىمىنى بىر زاپاس قىلۋالىسىزدە ئۇنىڭدىن كېيىن ھېشكىم كومپىيۇتىرىڭىزنى بوزەك قىلالمايدۇ.

ئاچچىغىڭىزنى كەلتۈرگەندە ۋاسسىدە 一键还原 قىلۋەتسىڭىز جىق ئاۋارچىلقتىن قۇتۇلۇپ ئۇدۇللام شاش ۋاقتىڭىزغا قايتىسىز.....

ilhamiye يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 22:38:59

باياۋان دېگەندەك تازىلىسام پاك-پاكىزە ھەم ئۇچىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ،مەنمۇ رەھمەت ئېيتىۋالاي.
بەت: [1]
: ياردەم ،كومپىيۇتىردىكى ۋىرۇسلارنى قانداق ئۆچۈرىمەن ؟