arek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 21:10:49

تارىختا بۈگۈن (10-فېۋرال )

2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ يادرو سۇ ئاستى كېمىسى ياپونىيەنىڭ بېلىقچىلىق كېمىسىگە سوقۇلغان. بېلىقچىلىق كېمىسى چۆكۈپ كېتىپ، كېمىدىكى 35 كىشىنىڭ ھەممىسى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىش توغرىلىق ياپونىيەدىن كەچۈرۈم سورىدى. ياپونىيە مۇنداق دېگەن: ئەگەر بۇ ئىش ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەھتىد يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ياپونىيە خەلقىنىڭمۇ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېدى.

1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز نېگىرىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. نېگىرىيە ئافرىقىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، ئېنگلىز تىلى دۆلەت تىلى قىلىنغان. نېگىرىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان دۆلەت. نېگىرىيە 1472-يىلى پورتىگالىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدە، 1914-يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدە بولغان. 1960-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولغان.

1958-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ميۇنخېندا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ سەككىز ئەزاسى قازا قىلغان. مانچېستىر كوماندىسى يۇگۇسلاۋىيەدە ياۋروپا پۇتبۇل لوڭقىسى چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئويناش سالاھىيىتىگە كىرگەن. ئۇلار ۋەتىنىگە قايتىش سەپىرىدە ميۇنخېندا قونغان، ئىككى قېتىم ئۇچۇش غەلبىلىك بولمىغان، 3-قېتىم ئۇچقاندا ئايروپىلان ۋەقەسى چىققان.

1923-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋېللىيام كونراد رېنتىگىن ميۇنخېندا ئالەمدىن ئۆتكەن. 1896-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، بېرلىن فىزىكا ئىلمى يىغىنىدا رېنتىگىن نۇرىنىڭ رەسىملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان، بۇنىڭ بىلەن رېنتىگىن نۇرى ئاشكارىلانغان. بۇ ئۇلۇغ بايقاش تېزلا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. رېنتىگىن نۇرىنى گېرمانىيەنىڭ فىزىكا ئالىمى ۋېللىيام كونراد رېنتىگىن تەجىربە ئىشلەۋېتىپ تۇيۇقسىز بايقاپ قالغان. رېنتىگىن 1845-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيەنىڭ لېننېپ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. زۇرىك ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1888-يىلىدىن باشلاپ، ئۇنۋېرسىتېتتا فىزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىراففىسورى بولغان. 1901-يىلى تۇنجى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

-------------------------------------------------------------------------------

مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(10-فېۋرال)