zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 12:10:51

غۇلجا شەھەردىكى ئىككى مازارنىڭ تەغدىرى

1-تىرەك مازار:1969-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۇنى قىزىل قۇغدىغۇچىلار <تۇت كونىنى يۇقۇتۇش >ۋە <تۇت يىڭىنى تىكلەش >ھەركىتى قۇزغاپ ،شەھەردىكى قىسمەن مەسچىت ،چىركاۋ ،لاما ئىبادەتخانىلىرىنى چىقىۋەتتى ۋە تاقىۋەتتى شۇنىڭ ئىچىدە <تىرەك مازار ئىچىدىكى گۇمبەزلىك چۇڭ قەبرە ،مەسچىت ،دارۋازا ئۇستىدىكى پەشتاق ،مۇنارلار ئىغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى ،1971-يىلى بەيتۇللانىڭ خاتىپى ياسىن قارىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بارلىق قەبرىلەر قاردۇڭ قەبرىستانلىقىغا يۇتكەلدى ،قەبرىستانلىقنىڭ ئۇرنى غۇلجا شەھەر ئىچىنى ئاساس قىلغان سۇزۇك بۇلاق گۇڭشىسىنىڭ باشقۇرشىغا بىرىلدى ،1985-يىلىدىن كىيىن چۇڭ كوۋرۇك ئىشى باشقارمىسىنىڭ ماشىنا رىمۇنىت زاۋۇدى قىلىندى .
2-خەلپەم بۇزۇرۇكۋار مازىرى :
غۇلجا شەھرىنىڭ شەھەر -قۇرلوش پىلانى بۇيچە 1964-يىلى ھازىرقى غۇلجا سارىيىدىن ئىلى يۇڭ تۇقۇمچىلىق فابرىكسىنىڭ دەرۋازسىغىچە بۇلغان ئارلىقتىكى يۇل ئىلىنىدىغان بۇلوپ ،يۇل كىلىدىغان ئۇرۇندىكى قەبرىلەر يۇتكەلدى ،1965-يىلى يۇل ئىلىنىپ <ئىلى دەريا يۇلى >دەپ ئاتالدى ،بۇ يۇل خەلپەم بۇزرىكۋار مازرىنىڭ <تارانچى مازىرى >ئاتالغان قىسمىنى ئۇتتۇردىن ئىككىگە بۇلۋەتتى 1972-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ خەلپەم بۇزۇرۇكۋار مازرى ياسىن قارىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قاردۇڭ قەبرىستانلىقىغا كوچۇرۇلدى 1974-يىلى <ئىلى دەريا >يۇلىنىڭ كۇن پىتىشى تەرىپى ئۇبلاسلىق تەنتەربىيە مەيدانىغا ۋە ھازىرقى تۇلپار رادىيۇ ئىستانسىغا بۇلوپ بىرلدى ،كۇن چىقىشى تەرپى شەھەرلىك باسما زاۋۇت،شەھەرلىك پۇپايكا زاۋۇتىغا بۇلوپ بىرلدى ،<قەشقەر مازىرى >ئاتالغان ئۇرنى 4-دىۋىزىيە دۇختۇرخانسىنىڭ ئائىلىكلەر رايۇنى قىلىندى .
ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى 2008-يىل 3-ساندىن ..ئاپتۇرى ئابدىۋەلى مۇقىيت

nur يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 19:25:47

ياسىن قارىنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن....

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 21:45:17

شەھەر تەرەقىياتىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ، ئاقسۇدىكى ( قارا ساقالتام ) مازىرىنىڭ يېرىمى يۆتكىلىدۇ .

مەزكۇر مازارغا لۇتپۇللا ، مۇتەللىپ تۇنجى قېتىم مۇشۇ يەرگە قۇيۇلغان ، ھازىرغىچە مەقبەرىسى مۇشۇ جايدا بۇلۇپ ، بۇ قېتىملىق كۆچۈرۈش پىلانىغا كىرمەسلىكى مۇمكىن .

چۈنكى ، قارا ساقالتام مازىرىنىڭ يېرىمى  ، بېشى دولان ئىستىراھەت مەيدانىدىن ئۇدۇل چىقىپ ، ۋىلايەتلىك بىرىنجى ئوتتۇرنىڭ بېقىنى بىلەن ، ئۇدۇل مەدەنىيەت يۇلىغا تۇتىشىدىغان بولغاچ ، مەزكۇر مازارنىڭ يېرىمى يول قۇرىلىشىغا چىقىپ كىتىدىكەن .

ئىسىمدە قېلىشىچە ، لۇتپۇللانىڭ مەقبەرىسى ، مازارنىڭ كىرىش ئىشىكى باشلىنىش بۇلۇپ ، كۆچۈرۈش ئورنى بولسا ، ھازىرقى ئالتۇن كۆۋرۈل ( جىنچاۋ ) تاللا بازىرى تەرىپىدىكى بىرقىسىمىكەن .

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 22:22:50

بۇنداق يوقۇتۇشلارغا تۆۋەندىكى <<دېھقانچىلىك ئەقلى يوق ھاكىم>>لاردىن جاۋاب چىقىپ قالسا  ئەجەپ ئەمەس:

/forum.php?mod=viewthread&tid=39174

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 15:48:40

تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرىقىگە  جايلاشقان باغرى قەبرىستانلىقىمۇ ئېلىۋېتىلىش ئاستىدا  تۇرماقتا نۆۋەتتە قەۋرىستانلىقنىڭ ئىچىگە  ئاقسىزىقلار  سىزىلغان  بولغان بۇلۇپ مۇشۇ چاغاندىن كىيىن ئېلىۋېتىش ئىشى باشلىنىدۇ دىگەن گەپلەر بار  .

  ئوت يۈرەك شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ قەرىسىمۇ مۇشۇ قەبرىستانلىقتا  .

بەت: [1]
: غۇلجا شەھەردىكى ئىككى مازارنىڭ تەغدىرى