zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 22:20:22

سىيىت نوچى ئىلىغا كەپتىكەن~.

سىيىت نوچى 1906-يىلى غۇلجىغا چىقىپ كونا ئات بازىرىدا بىر ساماۋارخانا ئاچقان ئىدى ،بۇ چاغلاردا ئىلىدا تاران گاڭگۇڭلىرىدىن نودەر، پوخە دېگەن نوچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەينىدە بەش -ئوندىن چاپىنىنى كۆتۈرىدىغانلار ئۈزۈلدۈرمەي يۈرەتتى، سىيىت نوچى تاران گاڭگۇڭلىرى بىلەن ئەپ ئىدى، ئۇ كۆپرەك تۇڭگان چامباشچىلىرى بىلەن تۇتۇشۇپ قالاتتى، سىيىت نوچى كۈچتۈڭگۈر ،گۇمپىسى بار داڭلىق چامباشچى بولۇپ ئۆزى يالغۇز 7-8 ئادەمدىن تاياق يېمەيدىكەن، لېكىن ئۇ كىشى ئاجىزلارنى بوزەك قىلمايدىكەن، ئەمما بىگۇناھ كىشىلەرگە زورلۇق -زومبۇلۇق قىلىدىغان لۈكچەكلەرنىڭ ئەدىبىنى بېرىدىغان نوچى ئىدى، بىر كۈنى ئۇ خوشنىسى گۇرەكەشنىڭ يولسىزلىقىغا چىدىماي، ئۇراي دىسە قولى بارماي، بېلىدىن تۇتۇپ بىر ئاتقان ئىكەن، گۇرەكەش  ئۆز دۇكىنىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ كېتىپتۇ.
بىر كۈنى سۈيدۈڭگە بارغان ئىدىم، سىدىق بوۋام بىلەن كوچىدا كېتىۋاتساق ئالدىمىزغا سىيىت نوچى چىقىپ قالدى، ئۇ كىشى بوۋام بىلەن تونۇشىدىكەن. سىيىت نوچى بوۋام بىلەن مېنى ئاشپۇزۇلغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ چاغلاردا مىس يارماق چىققان ئىدى .
كېيىن ئاڭلىساق يەتتە سۇ تەرەپكە كېتىپتىكەن، ئۇ يەردىمۇ رۇسلارنىڭ نوچىلىرى بىلەن مۇشتلىشىپ شۆھرىتى چىقىپتۇ. ئەمما، ئۇنى لۈكچەكلەر بىرلىشىپ ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەندە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر قاچۇرىۋېتىپتۇ، ئۇ 1925-يىلى ئۇچتۇرپاندا پارتلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپتىكەن، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىپتۇ، ئاقسۇ دوتىيى يېزىپ بەرگەن ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى بىلمەي دوتەيگە ئاپىرىپ شۇ يەردە قەتلى قىلىنىدىكەن .
ئىلى دەرياسى ژۇرنىلىدىن ئىلىندى، 2008-يىلى 3-ساندىن. ئاپتۇرى: ئابدىۋەلى مۇقىيت .

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 23:42:49

ھەئە. فۇندىڭ پۇلىنى خالىس ھاجىملار بەرگەن.. ئابدۇۋەلى مۇقىيت  بارلىق ئېشلىرىغا مەسئۇل بولغان..

تەشكىللىگەن دېگىنىمدە  ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىنى كۆزدە  تۇتقانىدىم.. شۇ جەمئىيەتنى كۆزدە  تۇتقاندەك بوپ قاپتۇ ھە

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 23:49:26

سىيىت نوچى خەن يىزىقىنى بىلەمدىكەن ياكى بىلمەمدىكەن ؟   ما ئەمەلدار نىڭ قەشقەر دوتىيىغا يازغان خىتى ئىنىقلا خەن يىزىقىدا يىزىلغان خەت.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 22:56:07

بۇنىڭدا تارىخى ئىگىز پەسلىك بار ، سىيىت نوچىنىڭ غۇلجىغا بارغان ۋاقتى 1910-يىلىدىن بۇرۇنغا توغرا كەلمەيدۇ .

mastura يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 23:15:33

ئىملا خاتالىقلىرى زىيادە كۆپكەن، تۈزىتەلىگىنىمچە تۈزىتىپ قويدۇم. سىزدىكى ئىملادىكى مەسىلىلەرنى دەپ بېرەي، كېيىنكى قېتىم دىققەت قىلارسىز.
1. ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ دىن ئىبارەت تۆت سوزۇق تاۋۇشنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرمەي يېزىۋېرىدىكەنسىز. مەسىلەن ئۇزىنىڭ ئۇلۆم خېتىنى، سىيىت نۇچى، كۇچىدا، بۇۋا....دېگەندەك. قارىغاندا كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغان ئوخشايسىز، كىتابتا قانداق يېزىلغىنىغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ. ئۇيغۇر يېزىقىدا ئاغزىمىزدىن نېمە چىقسا كۆپ ھاللاردا شۇنى يازىمىز، ئېغىزىمىزدا ھېچقاچان سىيىت نۇچى دېمىگەن ئىكەنمىز، يازغاندا ھەم سىيىت نۇچى دەپ يېزىلمايدۇ.
2. ئې بىلەن ئى نىمۇ پەرقلەندۈرىۋېلىڭ. مىنى، سىنى...دېگەندەك سۆزلەرمۇ جىق ئۇچرايدىكەن.
3. ئادەتتە، بىر تىنىش بەلگىسىدىن كېيىن بىر بوش ئورۇن قويۇلۇپ كېيىنكى جۈملە ياكى جۈملە بۆلىكى باشلىنىدۇ.
گۇرەكەش دېگەن نېمە گەپلىكىنى پەرقلەندۈرەلمىدىم. يەنە ئېسىمگە كەلسە تۈزىتىپ قوياي.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 23:26:47

mastura:

تەشەككۈر سىزگە .

گۇرەكەش دېگىنى گۆرەكەش دېگىنى.  ھاجەتمەنلەرنىڭ مېلىنى گۆرەگە ئېلىپ قەرز بەرگۈچى.

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 04:11:22

گۆرۈخانا، گۆرۈكەش دەيدىغاندۇ؟

ئابدۇۋەلى مۇقىيتنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تېلەيمەن..بەك ھۆرمىتىم بار  مائارىپچې ئادەم

تېخى < قوش تىل > مائارىپى دېگەن  نەرسە يوق ۋاقىتلارغۇ دەيمەن. بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپكە بېرىش  مودا  بوپ كەتكەندە. ئاتا- ئانىلارغا.<  ئەتە  ئۆگۈن ئۇيغۇرچە ئوقۇتىمىز دېسەڭلار  تاپالماي قالىسىلەر،> دەپ سۆزلەپتىكەن. تولۇقسىز ۋاقىتلىرىمدا  مەكتەپتە  كۆرەتتىم..شۇ ۋاقىتلاردا <ئابلىمىت ھاجىم خالىس فوندى جەمئيىتى> نى تەشكىللەپ. خېلى بالىلارنى چەتئەلگە ئوقۇشقا  چىقارغان ئېدى...نوتۇق قابىلىيتى بەك  ئۈستۈن.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 08:25:51

بۇ بىر مىكرو تارىخى ئەسەركەنغۇ

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 12:12:19

مەن ئىملا  خاتالىغىمنى چۇقۇم تۇزتىتىپ چۇڭ بۇلغاندا <ياخشى>ئادەم بۇلىمەن^+^

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 12:40:05

zimin00:
مەن ئىملا  خاتالىغىمنى چۇقۇم تۇزتىتىپ چۇڭ بۇلغاندا <ياخشى>ئادەم بۇلىمەن^+^

مۇشۇ ئىنكاسىڭىزدىنلا قانچىلىك تۈزىتىپ، قانچىلىك <ياخشى> ئادەم بولىدىغانلىقىڭىز چىقىپلا تۇرىدۇ!

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 12:55:20

zimin00:
مەن ئىملا  خاتالىغىمنى چۇقۇم تۇزتىتىپ چۇڭ بۇلغاندا <ياخشى>ئادەم بۇلىمەن^+^

ئوماق ، ئوماق! ئۆيدىكى ئۇكامنى ئەسلەپ قالدىم!

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 12:57:47

ئايتۇغ قېرىندىشىم، \"ئابلىمىت خالىس ھاجىم فوندى جەمئىيتى\" نى ئابدۇۋەلى مۇقىيت تەشكىللىمىگەن، ئابلىمىت خالىس ھاجىم ئۆزى تەشكىللىگەن، ئابدۇۋەلى مۇقىيت شۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى بولۇپ، ئومۇمىي ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 08:47:31

ruslan007:
سىيىت نوچى خەن يىزىقىنى بىلەمدىكەن ياكى بىلمەمدىكەن ؟   ما ئەمەلدار نىڭ قەشقەر دوتىيىغا يازغان خىتى ئىنىقلا خەن يىزىقىدا يىزىلغان خەت.

راس، بۇنى ھەجەپ ئويلاپ باقماپتۇق ھە..  يىللاردىن بىرى سىيىت نوچىغا ئۇۋال قىلىپ قويدۇقمۇ نىمە؟؟

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 18:04:33

ئابدۇۋېلى مۇقىيىت دىگەن كىم ئادەم بۇلىدۇ. بىر تىمىدا سىيت نوچىنى كۆرۈپتىكەن،بىر تىمىدا غېنى باتۇرنى كۆرۈپتۇ،يەنە ئىنكاستا خالىس ڧوندى جەميىتىدە ئىشلەپتۇ.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 18:09:23

رۇسلاننىڭ گېپى ھەقىقەتەن مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئويلاۋاتقان گەپ بولدى، بۇ توغۇرلۇق مېنىڭ پەلسەپەلىرىمنى تېما قىلىپ يازغاندا توختىلاي دىگەن، رۇسلان چاققان چىقىپتۇ، دىمىسىمۇ ئۇ ۋاقىتلاردا ھازىرقىدەك قوش تىل مائارىپى يوق بولغاندىكىن سىيىت نوچىنىڭ خەنزۇچە خەتنى بىلمەسلىكى تەبىئى. ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئەكەلگەندىن بىر ئىككىسىنى كۆردۈم، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ چالا تەرجىمانلار تەرجىمە قىلغان خەتنى تۈزۈتۈپ تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئېلىپ كەتتى.

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 18:22:21

ھېلىغۇ شۇ زامانكەن ،ھازىرمۇ ئەمەلداردىن بىرسى خەنزۇچە ئەمەس ،ئۇيغۇرچە يېزىپ ،لىپاپقا سېلىپ ،<مانىڭ ئاغزىنى ئاچماي ،ئېلىپ بېرىپ ،پالانىغا تاپشۇرۇپ بەر> دىسە سىيىت نوچىنى نادان ،ساۋاتسىز دەپ يوغان سۆزلىگەنلەر  غىڭ قىلماي قوش قوللاپ ئاپىرىپ بېرىدۇ، بەلكىم سىيىت نوچى مەرتلىكنى ئەزىز بىلگەچ لىپاپنى ئاچمىغاندۇ ........

PARYAT يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 11:42:27

ئۇ دىگەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى زامانلىرى تۇرسا ،،مېنىڭچە سۇلالە يېزىقىمىكىن،،،،مانجۇ يېزىقى دىمەكچىمەن

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 14:15:16

Jeck:
ئابدۇۋېلى مۇقىيىت دىگەن كىم ئادەم بۇلىدۇ. بىر تىمىدا سىيت نوچىنى كۆرۈپتىكەن،بىر تىمىدا غېنى باتۇرنى كۆرۈپتۇ،يەنە ئىنكاستا خالىس ڧوندى جەميىتىدە ئىشلەپتۇ.

ئابدۇۋەلى مۇقىيت غۇلجىدىكى بىر پىشقەدەم زىيالىي، جامائەت ئەربابى. ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا بولسۇن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بولسۇن خېلى كۆپ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغان. بۇ يازمىدا بېرىلگەن پارچە ئابدۇۋەلى مۇقىيتنىڭ «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2008  - يىللىق 3 -سانىغا بېرىلگەن «بوۋام بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرىلىرى » دېگەن ماقالىسىدىن ئۈزۈپ ئېلىنغان. بۇ ماقالىدا مەزمۇنلارنى ئابدۇۋەلى مۇقىيىتنىڭ بوۋىسى يۈسۈپ زاھىدى  ئابدۇۋەلى مۇقىيەتقا 1973  - ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ياتقان ۋاقىتتا دەپ بەرگەنىكەن. ئابدۇۋەلى مۇقىيىتنىڭ بوۋىسى غۇلجىدا ئۆتكەن چوڭ زىيالىيلارنىڭ بىرى ئىكەن. تېما يوللىغۇچى بىر ماقالىدىكى بىرنەچچە كىچىك مەزمۇننى ئايرىم - ئايرىم يوللىغاچقا تورداشلاردا ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قاپتۇ.

bardam يوللانغان ۋاقتى 2011-2-15 18:16:59

ئەلۋەتتە سىيىت نوچىغا ئۇيغۇرچە يېزىپ بەرمەسلىگى ئېنىق ،بۇ تارىخى داستاننىڭ چىقىشىغا نوقۇل خەت مەسلىسى سەۋەپ بولماستىن مەردانىلىك ۋە ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ۋىجدانىنى يوقاتماسلىقتەك بىزگە نامەلۇم باشقا بىر ۋەقەلەر سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن،

karahan0998 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 22:49:48

15- قەۋەتتىكى flashboyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھېلىغۇ شۇ زامانكەن ،ھازىرمۇ ئەمەلداردىن بىرسى خەنزۇچە ئەمەس ،ئۇيغۇرچە يېزىپ ،لىپاپقا سېلىپ ،<مانىڭ ئاغزىنى ئاچماي ،ئېلىپ بېرىپ ،پالانىغا تاپشۇرۇپ بەر> دىسە سىيىت نوچىنى نادان ،ساۋاتسىز دەپ يوغان سۆزلىگەنلەر  غىڭ قىلماي قوش قوللاپ ئاپىرىپ بېرىدۇ، بەلكىم سىيىت نوچى مەرتلىكنى ئەزىز بىلگەچ لىپاپنى ئاچمىغاندۇ ........

ما گەپنىڭ جىنى با
بەت: [1]
: سىيىت نوچى ئىلىغا كەپتىكەن~.