XERIN0991 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 16:45:00

تېلىفۇننىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارلىرى

1 ئەگەر سىزنى بىرى ئاۋارە قىلغان ۋاقىتتا                        
   سىز تېلىفۇنىڭىزنى ئېتىۋىتىشنى خا لىمىسىڭىز ،ئۇنداقتا تېلىفۇنىڭىزنى بوش نومۇر قىلىۋىتىشنى خالامسىز؟
**21*999999# نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ ،تېلفۇن ئۇردىغان يېشىل كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، تېلىفۇنىڭىز دەرھال بوش نۇمۇر ھالىتىگە كىرىدۇ. ##21# كىرگۈزسىڭىز ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ. بۇنداق ئىقتىدارغا ھەق ئىلىنمايدۇ،بۇ پەقەت تېلىفۇننىڭ ئىقتىدارىدىكى بوشلۇق.
2 تېلىفۇن سۈپىتىنى سىناش
   *#06# نى كىرگۈزۈشىڭىزگە تېلىفۇنىڭىزدا بىر قاتار نۇمۇرلار ئەكىس ئېتىدۇ، شۇ نۇمۇرلارنىڭ يەتتە -سەككىزىنچى خا نە نۇمۇرىدىن سىزنىڭ تېلىفۇنىڭىزنىڭ سۈپىتىنى بىلىشكە بولىدۇ:
0،2 ياكى2،0 بولسا ناچار تېلىفۇن.
0،8 ياكى8،0 بولسا خېلى ياخشى تېلىفۇن.
0،1 ياكى1،0 بولسا ناھايىتى ياخشى تېلىفۇن.
0،0 بولسا سۈپىتى ئەڭ ياخشى ،شۇ ماركىدىكى تېلىفۇن.
1،3 بولسا ئەزەر بەيجاندىن چىققان ئەڭ ناچار تېلىفۇن.

3 تېلىفۇننىڭ يۇشۇرۇن باتارىيەلىنىش ئىقتىدارى
  تېلىفۇنىڭىزنىڭ مېيى قالمىغاندا سز ئۇنى داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز،  *3370#نۇمۇرنى كىرگۈزسىڭىز تېلىفۇنىڭىز قايتىدىن قوزغىلىدۇ ،بۇ ۋاقىتتا باتارىيەنىڭ 50% ئارتىپ قالغانلىقىنى كۆرسىز .

4 تېلىفۇنىڭىز ئوغۇرلانغاندا
بۇ چارىدە تېلىغۇننى ئوغرىمۇ ئىشلىتەلمەيدۇ . سىز ئالدى بىلەن *#06# نى كىرگۈزسىڭىز تېلىفۇنڭىزدا بىر قاتار نۇمۇر پەيدا بولىدۇ، بۇ نومۇر ھەر بىر تېلىفۇننىڭ پەقەت ئۆزىگە خاس بولغان رەت نومۇرى بولۇپ، بۇ نومۇرنى چوقۇم خاتىرلىۋىلىڭ، ئەگەر تېلىفۇنىڭىز راستىنلا يۈتۈپ كەتسە، بۇ نومۇرنى تېلىفۇن تارقاتقۇچى ئورۇنغا تەمىنلەپ بەرسىڭىز ئۇلار تېلىفۇنىڭىزنى تاقاپ قويىدۇ،بۇ ھالدا ئوغرى تېلىفۇننىڭ SIM كارتىسىنى ئالماشتۇرسىمۇ تېلىفۇنىڭىزنى ئىشلىتەلمەيدۇ.
5 تېلىفۇننى بىر تەرەپتىن توك قاچىلاپ بىر تەرەپتىن سۆزلىشىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ!
   ھىندىستاندىكى  31 ياشلىق بىر ئەر بىر تەرەپتىن توك قاچىلاپ بىر تەرەپتىن تېلىفۇن سۆزلىشىۋېتىپ، تېلىفۇنىغا كۆپ مىقتاردا توك ئىقىمى كىرىپ كەتكەنلىكتىن توك سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ قالغان.
6 تېلىفۇنىڭىزغا سۇ كىرىپ كەتسە
  تېلىفۇنىڭىزغا سۇ كىرىپ كەتسە، ھىچقانداق مەشغۇلات قىلماڭ،بولۇپمۇ ئىتىۋەتمەڭ، بولمىسا سۇ توك يولى ئارقىلىق تاراپ كېتىدۇ . توغرا ئۇسۇل دەرھال باتارىيەسىنى چىقىرىپ،توك مەنبەسىدىن ئۈزىۋىتىڭ!
7 باتارىيە يىڭىلاش
     تېلىفۇنڭىزنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، باتارىيەسىدىن مەسىلە كۆرۈلۈپ، توكى توشىمايدىغان بولۇپ قالسا، يىڭىدىن باتارىيە سېتىۋېلىشقا ئالدىرماي تۇرۇپ بۇ خىل ئۇسۇلنى سىناپ كۆرۈڭ:
  1 ، باتارىيەنى گېزىتكە ئوراپ،سىلىياۋ خالتىغا سېلىپ ئۈچ كۈن توڭلاتقۇدا توڭلىتىمىز.( گېزىت باتارىيەنىڭ ئارتۇقچە سۇلىرنى سۈمىرىدۇ)

2 ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ، ئۇنى ئېلىپ نورمال تېمپېراتۇرادا ئىككى كۈن تۇرغۇزساق، ئاندىن ئۇنى قايتا ئىشلىتەلەيمىز.

8 بىز تېلىفۇنىمىزدا باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە، دەل بىر مىنۇت   بولغاندا ھەق ھېسابلىنىدۇ ،دەپ قارايمىز. ئەمەليەتتە ئۇنداق بولماستىن بەلكى 0.55 سىكىنۇتتىلا بىر مىنۇتلۇق سۆزلىشىش ھەققى تۇتىۋېلىنىدۇ . 55   سىكۇنىتتىن كېيىن  ئىككىنچى  مىنۇتنىڭ ھەققى تۇتىۋېلىنىدۇ .

9 تېلىفۇنىڭىزنىڭ ئېكرانىدىكى قىرىلغان ئىزلارنى قانداق يوقىتىشنى بىلەمسىز؟
  چىش پاستىسىنى يۆل لاتىغا  سىقىپ، كۈچەپ سۈرتۈڭ، تېلىفۇنىڭىزنىڭ پاقىراپ يېڭىلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز.


Ay يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 17:38:12

Erktekin:

Bayawan:
بىرىنچىسى دىگەن چاقىرىشنى يۆتكەش كەسپى، خەۋەرلىشىش شىركىتى ئېچىپ بەرگەن كەسىپ، تېلىفۇننىڭ ئىقتىدارى ئەمەس،  ئادەتتە كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ كارتىسى بولسىلا بۇ مۇلازىمەت ئۇچۇق ھەم ھەقسىز بۇلىدۇ. كۆپىنچە تاغ-تۇرا تېلىفۇنلارنىڭ سۆزلىشىشنى تەڭشەش (通话设置) دىگەن يىرىدە چاقىرىشنى يۆتكەش دەپ تىزىملىك بار، شۇ تىزىملىككە كىرىپ خالىغان نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ چاقىرىشنى يۆتكەشكە بۇلىدۇ. يۇلتۇز كاتەكچە دەپ بىر-مۇنچە نومۇرلارنى كىرگۈزۈش ھاجەتسىز .

چاقىرىشنى  يۆتكەش  كەسپىگە  پۇل  ئالىدۇ ،بولۇپمۇ  باشقا  شەھەردە  ، بىر  قېتىملىغىغا 1 سوم

كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ چاقىرىشنى يۆتكەش كەسپىگە پۇل ئالىدۇ،چاقىرىشنى يۆتكەش ئىككى خىل بولىدۇ،بىرى شەرتسىز يۆتكەش يەنە بىرى شەرتلىك يۆتكەش.شەرتسىز يۆتكەش تېلىغونىڭىزغا كېلىدىغان بارلىق چاقىرىشنى شەرتسىز ھالدا يۆتكەشنى كۆرسىتىدۇ.(تېلىفونىڭىز قانداق ھالەتتە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بارلىق تېلىفون سىز يۆتكەپ قويغان نومۇرغا كېلىدۇ.)شەرتلىك يۆتكەش بولسا 3خىل يەنى ئۆزىڭىزنىڭ تېلىغونى ئېتىگلىك(关机(,ئالدىراش(遇忙(ياكى تېلىفوننى ئالىدىغان كىشى يوق (无应答(ھالەتتىكى يۆتكەشنى كۆرستىدۇ.(مەسىلەن 关机呼转قىلغان بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ تېلىفونى 关机بولغان ئەھۋالدا ئۇرۇلغان تېلىفونلار سىز يۆتكىگەن نومۇرغا كېلىدۇ.遇忙呼转قىلسىڭىز تېلىفونىڭىز ئالدىراش بوپقالغان ئەھۋالدا كەلگەن تېلىفون يۆتكىگەن نومۇرغا كېلىدۇ.无应答呼转قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ تېلىفونى سايراپ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا30 سېكۇنتقىچە تېلىفون ئېلىنمىسا سىز يۆتكىگەن نومۇرغا كېلىدۇ. )شەرتلىك يۆتكىگەندە ئەگەر تېلىفونىڭىزدا يۇقارقى关机,遇忙,无应答ئەھۋاللىرى بولمىسا تېلىفون ئۆزىڭىزنىڭكىگە كېلىدۇ،پەقەت شۇ ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئاندىن يۆتكىگەن نومۇرغا كېلىدۇ.

ئۆز رايونىڭىزدا تۇرۇپ تېلىفونىڭىزنى شەرتسىز يۆتكىگەندە:

ئۆز رايونىڭىزدىكى تېلىغونغا يۆتكىسىڭىز مىنۇتىغا 3 مودىن قوبۇل قىلىسىز.ئەگەر باشقا رايون تەۋەلىكىدىكى نومۇرغا يۆتكىسىڭىز چاقىرىشنى يۆتكەش ئاساسىي ھەققى3موغا ئۇزۇن يوللۇق تېلىغۇن ھەققى، سېكۇنت6 /0.07يۈەن قوشۇلۇپ مىنۇتىنى 1 يۈەندىن قوبۇل قىلىسىز.

ئەگەر رايون تەۋەلىكىڭىزدىن ئايرىلىپ باشقا رايوندا تۇرۇپ شەرتسىز يۆتكىگەندە:

تېلىفونىڭىزنى ئۆزىڭىز بارغان رايوننىڭ تېلىفولىرىغا يۆتكىسىڭىز بايىقىدەك ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە مىنۇتىنى بىر يۈەندىن قوبۇل قىلىسىز.ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلىدىكى رايون تەۋەلىكىڭىزدىكى نومۇرغا يۆتكەپ قويسىڭىز مىنۇتىنى 3مودىن قوبۇل قىلىسىز.ئەگەر ئۆزىڭىز بارغان رايون ياكى ئەسلىدىكى تەۋەلىكىڭىزگە يۆتكىمەستىن يەنە باشقا بىر ئۈچىنچى رايوننىڭ تەۋەلىكىدىكى تېلىفونغا يۆتكىگەن بولسىڭىز يەنە بايىقىدەك ئۆلچەم بويىچە مىنۇتىنى1يۈەندىن قوبۇل قىلىسىز.

ئۆز رايونىڭىزدا تۇرۇپ شەرتلىك يۆتكىسىڭىز:

ئۆزىڭىزنىڭ رايون تەۋەلىكىڭىزدىكى تېلىفونغا يۆتكىسىڭىز مىنۇتىنى 3مودىن،باشقا رايوننىڭ تېلىفونىغا يۆتكىسىڭىز مىنۇتىنى 1 يۈەندىن قوبۇل قىلىسىز.

رايون تەۋەلىكىڭىزدىن ئايرىلىپ باشقا رايوندا تۇرۇپ شەرتلىك يۆتكىسىڭىز:

ئۆزىڭىز بارغان رايوننىڭ تېلىفونلىرىغا يۆتكىسىڭىز چاقىرىشنى يۆتكەش ئاساسىي ھەققى 3موغا كەزمە ھالەتتىكى تېلىفون قوبۇل قىلىش ھەققى4 مو(被叫漫游费 (قوشۇلۇپ مىنۇتىنى 7 مودىن قوبۇل قىلىسىز.ئەگەر ئەسلىدىكى رايون تەۋەلىكىڭىزدىكى نومۇرغا يۆتكەپ قويسىڭىز چاقىرىشنى يۆتكەش ئاساسىي ھەققى3موغا(基本呼转费( كەزمە ھالەتتىكى تېلىفون قوبۇل قىلىش ھەققى4مو)被叫漫游费( ۋە كەزمە ھالەتتىكى تېلىفون ئۇرۇش ھەققى 6 مو)主叫漫游费( قوشۇلۇپ مىنۇتىنى 1يۈەن3مودىن قوبۇل قىلىسىز.ئەگەر ئۆزىڭىز بارغان رايون ۋە ئەسلىدىكى تەۋەلىكىڭىزدىن سىرت ئۈچىنچى بىر رايوننىڭكىگە يۆتكىسىڭىز يەنە مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە مىنۇتىنى 1يۈەن3مودىن قوبۇل قىلىسىز.

7281733 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 17:15:44

بارىكاللا   ياخشى  نەرسىلەرنى بىلۋالدىم

رەخمەت سىزگە

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 17:31:00

3 - خىل ئۇسۇل مېنىڭ تېلېفونۇمدا ئىشلىمىدىغۇ !

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 17:36:43

ئىككىنچىسى مېنىڭكىدە ئىشلىمىدى.

y.n.elqut يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 17:54:27

ھىچقايسىسى مىنىڭ يانفۇنۇمدا ئىشلىمىدى .  نوكىيا  N81 دا ئىشلىمەمدۇ - يا ؟!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 17:54:32

دەۋاتقانلىرىڭىز ھەر قانداق تېلېفونمۇ ياكى يانفونمۇ؟

يانفونغا ماس مەزمۇنلارنى يانفون، ھەممىگە ئورتاقلارنى تېلېفون دەپ ئالسىڭىز ياخشى بولاتتى ........

urdek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 18:08:35

1 -سى مىنىكىدەئىشلىمىدى

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 18:21:27

مۇشۇنداق ھۆنەرلىرىڭلار بولسا يەنە تۆكمەمسىلەر..

مەسلەن

توختاپ قالغان، سۆزلىشىۋاتقان،  سىگنال يوق،  يان تىلفۇن ياردەمچىسىگە ئۇلاپ قۇيۇش دىگەندەك.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 18:22:22

رەھمەت، سىناپ باقاي.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 18:35:03

بىرىنچىسى دىگەن چاقىرىشنى يۆتكەش كەسپى، خەۋەرلىشىش شىركىتى ئېچىپ بەرگەن كەسىپ، تېلىفۇننىڭ ئىقتىدارى ئەمەس،  ئادەتتە كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ كارتىسى بولسىلا بۇ مۇلازىمەت ئۇچۇق ھەم ھەقسىز بۇلىدۇ. كۆپىنچە تاغ-تۇرا تېلىفۇنلارنىڭ سۆزلىشىشنى تەڭشەش (通话设置) دىگەن يىرىدە چاقىرىشنى يۆتكەش دەپ تىزىملىك بار، شۇ تىزىملىككە كىرىپ خالىغان نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ چاقىرىشنى يۆتكەشكە بۇلىدۇ. يۇلتۇز كاتەكچە دەپ بىر-مۇنچە نومۇرلارنى كىرگۈزۈش ھاجەتسىز .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 19:01:44

بىرىنچىسى تېلېفوننىڭ ئىقتىدارى ئەمەس، **21* بولسا چاقىرىقنى يۆتكەس كەسىپىنى كەينىدىكى 999999 بولسا يۆتكەيدىغان نومۇرنى كۆرسىتىدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىش 999999 نى سېتىلمايدىغان نومۇر قىلىپ بېكىتكەن بولغاچقا، سىزنىڭ چاقىرىشنى بۇ نومۇرغا يۆتكىگىنىڭىز ئەمەلىيەتتە بىر قۇرۇق نومۇرغا يۆتكىگىگىنىڭىزگە باراۋەر. 999999 نىڭ ئورنىغا باشقا ھەرقانداق قۇرۇق نومۇر، توختاپ كەتكەن نومۇر، مۇلازىمەت رايونى سىرتىدىكى نومۇر ... لارنى ئىشلەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

زاپاس باتارىيىنى ئىشلىتىدىغان نومۇر، تېلېفوننىڭ توكى تولۇق تۈگىگەندە ئىشلەيدكەن، ياكى بۇ يالغان گەپ ئىكەن . مەن سىناپ باققان .

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 21:31:35

ئەگەردە بوش نومور قىلىۋىتىشنى خالىمىسىڭز **21*13999999999# غا چاقىرىقنى يۆتكەڭ ... بۇ ھالدا تىلفۇنىڭىز停机 بولىدۇ، سىزنى ئاۋرە قىلىدىغان ئادەم سىزنى ئىزدەپ تاپالمىسا تىلفۇنىڭىزغا پۇل قاچىلىشى مۇمكىن، تەلىيىڭىز بولسا بكارلىق سۆزلىشىش ھەققىگە ئىگە بوپقالىسىز .  

**21*099112536# غا يۆتكەپ قويسىڭىز تىلفۇن ياردەمسىگە يۆتكىلىدۇ . (تىلفۇن ياردەمچىسى كەسپىنى ئاچقۇزغان بولسىڭىزلا) قارشى تەرەپ سىزگە تىلفۇن قىلغان ۋاقىتتا سىزگە ئۇچۇر كىلىدۇ.

2. خىل ئۇسۇل تاغ تۇرا تىلفۇنلىرىغا ماس كەلمەيدۇ ...

ئەگەر تىلفۇنىڭز  ئەقلى تىلفۇن بولسا 3- خىل ئۇسولنى ئىشلەتمەڭ . بۇ دىگەن ئەقلى تىلفۇنلارنى  格式化  قىلىش نومورى ، قالايمىقان ئىشلەتسىڭىز تىلفۇندىكى بارلىق نەرسىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىز تىلفۇن دەپتىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ...

Istanbul يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 21:44:45

...

ئىنكاسىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي . لازىم بولغاندا تاللاپلا قىلىۋالسام بولغۇدەك ...

muntazir يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 22:48:50

ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي. تىلىگىرافنىڭ تىلىفۇنىدىمۇ ئىشلەمدۇ يا.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 22:57:59

Mehmut:

مۇشۇنداق ھۆنەرلىرىڭلار بولسا يەنە تۆكمەمسىلەر..

مەسلەن

توختاپ قالغان، سۆزلىشىۋاتقان،  سىگنال يوق،  يان تىلفۇن ياردەمچىسىگە ئۇلاپ قۇيۇش دىگەندەك.

ئەگەر سىزنىڭ يانفونىڭىز ئەقلىفون بولسا بۇنى يۇمشاق دىتال ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماق ئىنتايىن ئاسان،مېنىڭ يانفونىم نوكىيانىڭ ئەقلىفونى 手机360安全卫士نى قاچىلىغان،خالىغان نۇمۇرغا قارىتا توختاپ قالغان،تور يوق،ئېتىك دىگەندەكلەرنى تەڭشىگىلى بۇلىدۇ،بۇنداق بولغاندا ئۆزىڭىز ئېلىشنى خالىغان كىشىلەرنىڭ تىلىفونلېرىنى ئوخشايشلا ئېلىۋېرىسىز،خالىمىغان كىشىلەرنىڭ تىلىفونىنى ئالمايسىز.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 02:34:21

بولىدىغان چارىكەن.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 08:31:05

Bayawan:
بىرىنچىسى دىگەن چاقىرىشنى يۆتكەش كەسپى، خەۋەرلىشىش شىركىتى ئېچىپ بەرگەن كەسىپ، تېلىفۇننىڭ ئىقتىدارى ئەمەس،  ئادەتتە كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ كارتىسى بولسىلا بۇ مۇلازىمەت ئۇچۇق ھەم ھەقسىز بۇلىدۇ. كۆپىنچە تاغ-تۇرا تېلىفۇنلارنىڭ سۆزلىشىشنى تەڭشەش (通话设置) دىگەن يىرىدە چاقىرىشنى يۆتكەش دەپ تىزىملىك بار، شۇ تىزىملىككە كىرىپ خالىغان نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ چاقىرىشنى يۆتكەشكە بۇلىدۇ. يۇلتۇز كاتەكچە دەپ بىر-مۇنچە نومۇرلارنى كىرگۈزۈش ھاجەتسىز .

چاقىرىشنى  يۆتكەش  كەسپىگە  پۇل  ئالىدۇ ،بولۇپمۇ  باشقا  شەھەردە  ، بىر  قېتىملىغىغا 1 سوم

Tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 09:07:06

خەتكۈچ

forever يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 09:15:40

لازىم بولغاندا ئىزدىنىشقا كىرىپ قاتتىق بىر توۋلايمەن....
بەت: [1] 2
: تېلىفۇننىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارلىرى