25ياش،بويتاق،تۇرمۇشۇم
تىمىنى تۈزلا قويدۇم(بەدئىي تالانت كەم).
25ياش. ئىنسان ھاياتى تىلغا ئېلىنسا كۆپىنچە كىشىلار 18يېشىنى ئەسلىشىدىكەن. مەن 18 يېشىمدا نىمىلەرنى خىيال قىلغان بولغىيتىم؟ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىمۇ ياكى باشقا نەرسىلەرمۇ. بۇنى ئېنىق ئەسلىيەلمىدىم. ئېسىمنى يىغىپ ئوڭ-سولۇمغا قاراپ بولغۇچە ھاياتىمنىڭ سىتىرىلكىسى25نى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئېرىشكىنىم_ ئاسپىرانتلىق دىپلومى ۋە ئۇنىڭدىن ئىككى دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغان بېلىم. ياخشىلىققا يىتەكلەيدىغان دوستلۇرۇم. ئۆزۈمگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش. باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ئىسلامىيەت ساۋادى...يوقاتقىنىم_مەن ئارزۇ قىلغان ئادىل(ئۆزۈم). مەن كىچىكىمدە ھەۋەس قىلىدىغان، نالە قاقتۇرۇلغان ئۆتۈكنى كىيىپ مەھەلەدىن ئۆتكىنىدە ھەممە ئاياللار يۈزىنى تۆۋەن سېلىپ ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان ئىنايەت بوۋامدەك مەردانىلىق...
بويتاق. ھەۋا ئانىنى ئادەم ئاتىغا جۈپ قىلىپ ياراتقاندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى مەنىگە تولدى...مەن ياقتۇرغان تۇنجى قىز بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشقا چىقتىم. "قېنى بۇ يەردە ئولتۇرۇڭ". ئۇ ئورۇندۇقنى سۈرۈتكەن قەغەزنى كۆز ئالدىمدىلا پرقىرىتىپ يەرگە تاشلىدى. شۇ بىر قەغەز مېنى ئۇنىڭغا قايتا باھا بېرىشكە قىستىدى. ئۆزۈمنىڭ بۇ قەدەر نازۇك سۈپەتلىكىگە نەپرەتلەندىم. ئەمما..."كەچۈرۈڭ مېھراي". مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىپ كەلدىم، بۇرۇن تەخىتتە ئولتاغان ئەركەكلەرنىڭ ئەتراپىدە ئاياللار كۆپ بولسا، ھازىر باۋمادا ئولتاغانلارنىڭ ئەتراپىدا. شۇڭا، ئەگەر ئوغۇل بولساق لۇغەتتىن" مىشچانلىق"،"ھورۇنلۇق" دىگەن سۆزلەرنى چىقىرۋىتىش كىرەك...
تۇرمۇشۇم. "سۆيمەس سەدەفنى ھېچكىم دۇردانە بولمىغۇچە" _سەدائىي.
mastura:
ئۈرۈمچىدە ئىشلىمىسە بولمامدا؟ زىيالى ئاكام دەل چۈشىدىكەنتۇق باشقا شەرتلىرىگە.
مەن ئىلھام بېرىۋىتەيچۇ زىيالىجانغا..، تۇتقان ئۆيۈمنىڭ شەرق-غەرىپ تاملىرنىڭ ئارىلىقى 300 كىلومېتىرچە كېلىدۇ، قوقماڭ زىيالىي، يانماڭ..! (ما ئىپادىنى توغراقگۈل ماسكا تاتىۋاغان دەپتۇ، گاتار ئېغىزنى يوغان ئېچىپ كۈلگەننى كۆرپاقمىغان چىغىۋا)
زىيالى تېخى 30 غا كىرمىسە ، ئۆزىدىن چوڭ خپتۇن ئەپپەسەك ،ئەتە ئۆگۈن < مەن قاچان چوڭ بولىمەن خوتۇنۇم بىلەن تەڭ بولىمەن > دەپ ناخشا ئېيتىپ يۈرە ھەقاچان ئىزدىنىشتا!چىرايلىق قىزلارنىڭ نومۇسچان،ئەخلاقلىقى ئاز ئۇچۇراۋاتقان، نومۇسچان ئەخلاقلىق قىزلارنىڭ ئىچىدە چىرايلىق قىزلار ئاز ئۇچۇراۋاتقان، بۇ زىددىيەتنى قانداقمۇ ھەل قىلساق بولا؟ ھەي...
سەن كىچىككەنسەن ئۇكام، سەن مەندەك بولغان ئاندىن ئويلاشساڭ بولىدۇ، مەن مانا 25 كىرىمەن، ھازىردىن باشلاپ رەسمىي ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى قىزلارنى ئىزدەپ تېپىپ يۇرۈپ، ئالدىغانغا تەييارلىق قىلمىساق بولمايدۇ، توي دېگەن ئۆمۈرلۈك ئىش، شۇڭلاشقا چوقۇم ياخشى قىزلار بولۇش كېرەك، چىرايى مەن ياخشى كۆرگۈدەك بولسا بولدى.
30 غا كىرىپ قالدىم
بويتاق
تۇرمۇشۇم شۇ پېتى
ئەمما ئوتتەك 18 يېشىم بولغان
شۇ ۋاقىتتا ئاغىنىلىرىم ساراڭكەن ماۋۇ دىيىشكەن،ئۈزەممۇ سەل پۇشايمان قىلىپ قالغان بولساممۇ،بۈگۈنكى كۈنلۈكتە،ھەر نىمە بولسا باشقىلارغا ئوتتەك 18 يېشىم بولغان دىيەلەيدىكەنمەن. ھەر نىمە بولسا غازاڭدەك ئۆتكەن ياشلىقىمنىڭ ئارىسىدا ياپيىشىل ئۆسكەن بىر نەچچە تال يۇپۇرمىقى بار ئىكەن.
زىيالىنىڭ گەپلىرىدىن ئۆرگىلەي زىل تەلەپ ساپا ئۆستۈرىدۇ.مەن بىلەن بىرگە ئوقۇيدىغان بىر كوريەلىك بۇ يىل 38 ياشقا كىرىپتۇ.(ئەر)
ئۇنىڭدىن قاچان توي قىلسەن دەپ سورسام؟ مەن تېخى كىچىك ، توي قىلىشنى تېخى ئويلاشمىدىم دەيدۇ ..........
30 غا كىرەي دەپ قالدىمما
تېخى بويتاق نىمانچە جىق سان بۇ 30دىگەن ، بولماپتۇ بۇ!
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزغا قايتا باھا بېرىپ بولۇپ يول خېتىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئويلاپ باقسىڭىز ھازىرغىچە بويتاقكەنسىز ئىزدىنىشقا تېمىدىن بىرنى يېزىپسىزدە؟ ئەمما ئاۋۇ قىزنى ئويلاپ قالدىم،بەلكىم تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشقا چىققاچقا بەك تەمتىرەپ كىتىپ ئەقلى ھوشى جايىدا ئەمەس قەغەزنى يەرگە تاشلىۋەتكەنمىدۇ؟ ....تەربىيلىۋالسڭىز بوپتىكەن ئورۇندۇقنى سۈرتۈپ ئولتۇرغىنىدىن قارىغاندا خېلى پاكىز قىزكەنتۇقمانداق ئېلان بەرسىمۇ بولامدۇ نېمە؟
قارىغاندا بەكلا زىل ئوخشايسىز..
تېخى كېچىك بويتاقكەنسىز..
ما ئېزدىنىشتا زىيالىكامدەك بويتاقلار تۇرغان يەردە سىزگە نۆۋەت تەگمەسمىكىن بويتاقلىققا
كىچىك ۋاقىتلرىمدا 30لار ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى چوڭ ئادەم دەپ يۈرەتتىم، مانا بۈگۈن ئۆزۈم 30غا يىقىنلاپ قاپتىمەن، لىكىن ئۆزۈمنى پەقەت چوڭ ئادەمدەك ئويلىمايمەن. تىخىچە ياشلىق قىلىپ ئۇچۇپ، چۈشۈپ يۈرۈيمەن. بۇرۇنقى ياش ۋاقىتلىرىمنى ئويلىسام چىرايلىققا ئىنتىلىپ شۇنداق ئىسىل قىزلارنى ئۆمىتسىزلەندۈرۈپ يۈرگىنىمگە ئەپسۇسلىندىغانلىقىمدىن باشقا چوڭ ئۆكۈنۈش يوق. ھەي، شۇ قىزلارنىڭ قارغىشىغا كەتتىممىكىن تاڭ ئەمدى بويتاقلقتىن قۇتلالماي يۈرىيمەن. ئاشۇ قىزلاردىن بىرەرسى بويتاق بولسا ئىككىلەنمەي ئىزدەپ تىپىپ گۇناھىمغا تۆۋە قىلىپ ئۇنىمىسا ئۇنىماي تۇرمۇش قۇرۋالاي دەيمەن، لىكىن بۇ چاققىچە ھەممىسى توي قىلىپ ئانا بولۇپ بولدى ھە قاچان. ئەمدى بۇ ئىككى توك توك ئۇيغۇر بار يەردە ئۇنداق قىزلار ئۇچرامدۇ پەقەت خۇدا بىلىدۇ.يااۋۋۋۋۋۋۋۋ~~ يېېېېېېېېې باللا يىېېېېېېې. يىگىرمە بەشكە كىرىپ بويتاق يۈگەن مەنلاممىكىن دىسەم. قارا ما باللانىنڭ تىزىلىپ كەتكىنىنى.
ئۈمىتسىزلەنمە تەپەككۇرچى بۇرادەر، ۋەتەندىن ئايرىلىپ، ئەجنەبىنىڭ يۇرتۇدا نوم ئوقۇپ راھىپ بولاپ كەتكەنلەر سەنلام ئەمەس.
تەتىلدە بېرىپ يەنە كەلتۇرسەڭ بولدىغۇ.
مانا بىلىپ بىلمەي 26 گە كىرىپ قالدۇق
25 ياش تېخى كىرمىدىم (ئىككى يىل با).
بويتاق.ياراتقان ئىگەم ھەممىنى جۈپتى بىلەب يارىتىپتىكەن.ماڭىمۇ بىرنى نىسىپ قىلا!
تۇرمۇش.ئەمدى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن.لېكىن يەنە ئوقۇش نىيىتىم بار.تۇرمۇشۇمنى يېڭىلاي دەيمەن
_مەن ئارزۇ قىلغان ئادىل(ئۆزۈم)
ئەكىلىڭە قولىڭىزنى بىر كۆرىشىۋېتىلى ئىسىمداشكەنمىز.
ئىزدىنىشتە ئايپاتەمدىن چوڭ ئەيسا جىقكەن زىيالىكام ئەڭ قىرىسىمىكىن مەنچە
بۇنداق چاقچاقلارغا قوشۇلۇپ كىتەلەيدىغانلار يەنە مەن دىمەتلىك ياشتىكىلەر
مەندىن سەل چوڭلار بولسا،بۇنداق گەپلەردىن قېچىپ،بۇنداق تېمىغا يېقىن كىلەلمەيدىغان بوپ قالىدۇ
ياشقا مەندىن چوڭ يەنە بىر قانچسى بار.
بۇ ياشقا كىرگەندىغۇ،يەنە مەندىن چوڭ سەن بارغۇ دەيدىغان يەردىمۇ ئەمەس جۇما
ئىزدىنىشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى گۈللۈگكە بىلىم ئاشۇرغىلى ئەۋەتىش كېرەك. گۈللۈگدە ھەممە ئىزدىنىشلىقلار بارمۇ نېمە؟