arek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 21:05:27

تارىختا بۈگۈن (7-فېۋرال )

1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت مەھكىمىسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك مۇدىرىيەت يىغىنى«نايروبى خىتابنامىسى» نى ئىمزالاپ، مۇھىت مەھكىمىسىنىڭ يەرشارى خارەكتىرلىق مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. خىتابنامىدا:1992-يىلى دۇنيا مۇھىت ۋە تەرەققىيات يىغىنى بېكىتكەن«21-ئەسىردىكى قارالما» تېزدىن ئەمەلىيلىشىشى كېرەك دېيىلگەن. بۇ قارالمىدا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ قارالمىنى ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن ئارتۇقچە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان.

1984-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانىيەت تۇنجى قېتىم ئالەمدە ماڭغان. شۇ كۈنى، ئىككى ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى «جەڭ ئېلان قىلغۇچى» ناملىق ئالەم ئايروپىلانىدىن ئەركىن ئۇچۇپ چىققاندىن كېيىن، تۇجى قېتىم ئىككى ئادەم سۈنئىي ھەمراسىغا ئايلاندى، ئۇلار تۇنجى قېتىم ئالەمدە 170 مېتىر ماڭغان.

1957-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز سېرىلانكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. سېرىلانكا جەنۇبىي ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى ھىندى ئوكيانغا جايلاشقان ئارال دۆلىتى. سېرىلانكا ئۆسۈملۈك باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، سانائىتى-يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە كان بايلىقىنى ئاساس قىلغان. سېرىلانكا 1505-يىلىدىن باشلاپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، پورتىگالىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدە بولغان. 1948-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقىل بولغان.

1914-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى پۇلنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1914-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يۈن شىكەي ھۆكۈمىتى «پۇل بىرلىكى نىزامى» نى ئېلان قىلىپ، كۈمۈش پۇل بىرلىكىنى يولغا قويغان.

----------------------

مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

بەت: [1]
: تارىختا بۈگۈن(7-فېۋرال)