Qunek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 17:54:06

مەن قەيەرگە كەپ قالدىم ؟؟؟

باللىرىم ... مەنغۇ قېرىپ قالدىم ، كاللاممۇ تازا تورمۇزى تۇتۇپ تۇماي دىگەندەك كېتىۋاتىمەن . لەڭپۇڭچىلىق قىلىپ تاپقان ئاقچامغا كومپىيەتۇر سېتىۋېلىپ ، ئىزدىنىش مۇنبىرىنى كۆرەي دىسەم ، ئىزدىنىش مۇنبىرى تازا قىززىماس بولۇپ قاپتۇ ئەمدى ، بۇ كومپىيەتۇردا يا لەڭپۇڭچىلىقنىڭ ئىشىنى قىلغىلى بولمايدىكەن . ماۋۇ قەدىناس ئاغىنەم ئوتۇنچىمۇ يوقاپ كەتتى ، ئاڭلىسام بۇ ئاغىنەمنىڭمۇ ھالى چاتاقمىش ، ئۆتۈن ئالغىلى كەلگەن چوكانلارغا كۆز قىسقىنىنى كۆرۈپ قالغان قۇشناچىم ، ئوتۇن كەسلەيدىغان پالتا بىلەن ئوتۇنچىنىڭ ھوشۇقىغا كېلىشتۈرۈپ تۆتنى قۇيۇپ ناكا قىلىپ قۇيۇپتۇ دەپ ئاڭلىدىم ، لىكىن يوقلاپ بېرىپمۇ بولالمىدىم . مۇشۇ قېرى ئاغىنەم ساق بولغان بولسىمۇ ئىزدىنىشنى قىززىتىپ تۇراتتى ، سىلەر ياشلارنى جۇشقۇن دىسەم سىلەرمۇ ، زىيالىغا ئوخشاش قىز غېمىغا چۈشتۈڭلارمۇ ۋە ياكى ئىزدىنىشتا ئادەمنى ماختىمايدىكەن دەپ تېما يازماس بولۇۋالدىڭلارمۇ ئۇنى بىلمىدىم .

مانا ، مانا .... كاللامنىڭ تورمۇزى تازا تۇتمايدۇ دېدىمغۇ سىلەرگە ، تاققا - تۇققا گەپ قىلغىلى تۇردۇم بىردەمدە . مەقسەتكە كەلسەم مەن تېما يوللاي دىگەن ، ئەمما نىمە دەپ تېما يوللاشنىمۇ بىلمەيمەن ، ئالدىنقى قېتىم مەۋە قىزىمنىڭ ئولتۇرۇشىنى يوللىسام تىللاپ كەتتىڭلار ، ئوماق قىزىمغۇ ئۇ ئىشلارنى قېتىغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ . يېقىندا تور ئارلاپ يۈرۈپ ئۇچراپ قالغان ئىككى ھەجىۋى رەسىم بىلەن بىر قانچە قوشاقنى يوللاپ تۇراي ، ئاخىرسىنى سىلەر بولغاندكىن داۋاملاشتۇرارمىز . قانداق دېدىم باللىرىم .

بىرنچىسى : ھەجىۋى رەسىم

ئىككىنچىسى قوشاق

يوقاپ كەتتىڭ ئوتۇنچى ،

ھالىڭ بەكمۇ خاراپمىش .

چوكانلارنىڭ دەردىدە ،

يۈرەك باغرىڭ كاۋاپمىش .

شىئېر يېزىپ ئىزدىنىش ،

چۈشەندۈرەر قەلبىنى .

ئۆچۈرۈپتۇ قايتىدىن ،

ھەيران قۇيۇپ ھەممىنى .

بىزنىڭ بويتاق زىيالى ،

قىز غېمىدا يۈرۈيدۇ .

ئۇخلىسىمۇ قىز دەپلا ،

بىلىپ بىلمەي جۆيلۈيدۇ .

مەتۇ باش بوپ ئۆيلەرمىش ،

قېرى بويتاق تورداشنى .

ساۋاپ تېپىپ زىيادە ،

ساقايتارمىش بۇ باشنى .

بىر زات ھەكىم ئالدىراش ،

كىرىپ قالار بەزىدە .

موتسىكلىتى نوچىكەن ،

ئۇچار ئاسمان قەرىدە .

رۇسلان ئاشىق بولۇپتۇ ،

ئاشۇ ئىسل موتوغا .

نەدە كۆرسە سۆزلەيدۇ ،

كۆيۈپ ئاشۇ قوتوغا (بىرزات ھەكىم رەنجىپ قالمىغاي يەنە)

ئاخىرسىنى تەڭ داۋاملاشتۇرايلى ھە ... ئىشىم چىقىپ قالدى ھېلى كىلىپ يەنە يازىمەن

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 23:34:42

جىكنىڭ ئاكىمىزنىڭ شۇنچە ئىلمى چۈشەندۈرگىنىگە يەنە قايىل بولمىغان بولسا(ئەگەشكۈچى تەرەپدارلار)،ھېلىقى قۇتقۇزىدىغانغا دورا يوق(无药可救)كەن دەپ ئويلۇدۇم.

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 00:05:39

بالام دەيدۇ قۇناخۇن،

تاغام سۈپەت بارمىدۇ؟

ئۆت-چۆپ چىشلەپ ھەر دائىم،

ئىچى-قارنى ساقمىدۇ؟

Qunek يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 17:06:04

نىمە بولدى باللىرىم ؟؟؟ مەن مەھەللىدە بولۇۋاتقان ئىشلارنى دەپ بەردىمغۇ ؟ ئاچچىقلاپ كەتكۈدەك ئىش يوقتۇ ؟؟؟

بىدار سىزىق قۇتلان بۇرادەر ،( ئۇف....... پويىزدەك تەخەللۇسىڭىز باردە سىزنىڭ ، ئالدىغا ئابدۇ كەينىگە ھاجىمنى قۇشۇۋەتكەن بولسىڭىزغۇ ئالامەت تەخەللۇس بولاتتىدە) . پەرەز قىلسام ئىككىمىزنىڭ يېشى جىق پەرقلەنمەيدۇغۇ دەيمەن ، پەرقلىندىغىنى ، سىز ئوقۇتقۇچى ، مەن بولسام كۈنلۈكۈمنى كۈنلۈك تېپىپ يەيدىغان لەڭپۇڭچى . شۇ سەۋەپلىك مېنى تۆۋەن كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ئۇقمىدىم .كەسپىمنى چىشلەپ تارتىپ سەن بەرىبىر لەڭپۇڭچىغۇ دىگەندەك ئادەم كەمسىتكەندەك قىلىۋاتىسىز . يەنە كىلىپ ھە ھۇچى ، گۇپپاڭچى ، ئۇنداقچى بۇنداقچى داقا دۇمباقچى دەپ يۈرۈپسىز . توغرا مەن شۇ ئادەتتىكى لەڭپۇڭچى ، سىزمۇ قىززىقكەنسىز ، مەندەك تۆۋەن كەسپىنى قىلىدىغان ئادەمنىڭ تېمىسىدا سىزگە نىمە بار دەيمەندە . سىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا ئىشتىياقىڭىز بولغاندىكىن . ھېلىقى جىدەل تېمىغا كىرىپ ئويناپ چىقسىڭىز بولاتتىغۇ ؟ سىزنىڭ يازغانلىرىڭىزنى كۆرۈپ ئازراق ئاچچىقىم كېلىپ قالدى لېكىن كۈلۈپ كەتتىم . قانداق قىلىمىز ، ئادەم سىز بىزلەرنىڭ يېشىغا بارغاندا ئالجىپ قالىدىغان ئوخشايمىز . سىزگە بىر يۇمۇر ئېيتىپ بېرىپ كۆڭلىڭىزنى ئۇتاي دىۋىدىم ، يۇمۇر يازساممۇ خاپولاپ كەتمىسۇن دەپ يازمىدىم . بىلىدىغان يۇمۇرلىرىڭىز بولسا يوللاپ قويسىڭىز ، ھەممىمىز كۈلۈۋالساق بوپتىكەن .

پەنگىيار بالام دادىڭىزدەك ئادەمنىڭ ساقىلىنى تارىماي ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ماقۇلمۇ ؟ بالامنىڭ بالىسىمۇ سىز بىلەن تەڭ چىقىدۇ . سىز ئەمدى بەك چوڭ بولسىڭىز ئىشتاننىڭ كاللسىىغا كىلەرسىز . شۇڭا مەن توغىرلىق قوشاق توقۇيمەن دەپ ئۆزىڭىزنى بەك چارچىتىپ كەتمىسىڭىز بوپتىكەن .

باللىرىم . مەنغۇ قېرىپ قالدىم ، قىلدىغان باشقا ئىشىممۇ يوق . مۇشۇنداق تاققا - تۇققا سۆزلەپ قويىمەن . مەنمۇ يېقىندا ئەل قاتارى نەزىريەدىن بىرنى ياساي دىگەنتىم قايسىڭلار ئۆگىتىپ قويىسىلەر ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 18:46:07

ئىزدىنىش يولى كاتۇ،

قوناخۇن قوشاق قاتۇ.

قوناخۇن قوشاق قاتسا،

ھەممە كىشى تاڭ قالۇ

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 18:54:50

قۇناخۇن شاش ....

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 19:14:30

ئاۋۇ ھەجىۋى رەسىم جايىنى تىپىپتۇ .......

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 19:34:55

قۇناخۇن لەڭپۇڭ ساتتى،

مۇنبەردە قوشاق قاتتى.

ھەجىۋى رەسىم تېپىپ كېلىپ،

بىر جەڭگە بومبا ئاتتى.

قۇناخۇن قوشاق قاتتى،

زىيالى بويتاق بالىتى.

ياپۇنيىدىن قايتىپ كەلسە،

غەيرەت قىلىپ خوتۇن ئالىتى.

ئىۋۇ ھەجۋى رەسىمنى تېخىمۇ بەك چۈشەنگۈڭلار بولسا مانا جىك بىلوگىدىكى بۇ تېمىنى تەپسىلى ئوقۇپ باقارسىلەر

http://jeckblog.com/el-echidiki-tetqiqatchilar-uyghurlarda/

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 21:20:25

قوشاق قاتتى قۇناخۇن،
بويتاقلارنى كەلتۈرۈپ.
كىچىك بالا ئەمەسمەن،
ئەمدى بۇلماق يىمەيمەن.!

قولۇمغا دەت كەلمىسۇن !

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-2-7 22:55:22

قوشاق قاتسا قۇناخۇن،

توغراقمۇ بوش كەلمەيدۇ.

قوشىقىدا مەن يوق دەپ ،

ھەرگىز خاپا بولمايدۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 08:26:17

قوناخۇننىڭ باش سۈرىتىمۇ زىيادە ھەجۋىكەنغۇ.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 10:24:26

ھا ھا، رەسىمگ يېزىلغان دىيالوگلارنى.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 10:39:46

قوناخۇن ئاۋۇ رەسىملەرنى سىز ئىشلدىڭىزما؟كاللىڭىز خېلە ئوچۇق ئىكەن. لەڭپۇڭچىلىق( داۋالغان گېپىڭىزمۇيا؟) سىزگە تۆۋەن بوپ قاپتۇ، مەخسۇس ساتىرىك ئوبوزرچى بولسىڭىز بولار ئىكەنتۇق ئەسلى.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 11:19:09

ھەجۋى رەسىم راسلا ئىسىل بۇپتۇ. بۇنى <<ئۇ>>كۆرسە قانداق بۇلۇپ كىتەر ھە..

uzchi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 12:18:06

يەنە باشلاپتۇ ... قۇشاقچىلار ...ئا ئوتانچى   دىگىنىراس لاشۇنداقبوپتىما ...؟ھەجەپ ئىسىل ئىشبوپتۇ ... بولمىسا ھەممە ئادەمنىڭ چاۋىسنى چىتقا يىيىپ بولغىلىتۇرغان ئۇ ...

otunchi يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 13:51:10

مەن يوق يەردە غەيۋىتىمنى قىلىۋاپ سەندە قۇناخۇن!

بازاغا ماڭغان بىر ھارۋا ئوتۇننى بىسىپ، يىرىم يولغا كەلگەندە ھارۋامنىڭ چاقى ئېتىلىپ كېتىپ رىمۇنتچىغا بىرىپ قويۇپ مۇشۇ تورخانىغا بىر كىرىپ باقاي دەپ كىرسەم ، ما ئىزدىنىش ئېچىلىپتۇ خۇداغا شۈكۈرى ، ئەمدە داۋاملىق كىرىپ تۇرىمەن ! ئېشىگىم ھاڭراپ كەتتى چىقىپ باقاي ،بىرە مىدىنىڭ كەينىدىن كەتمىسۇن يەنە ؟!

بازادىن يىنىپ كۆرىشىلى جامائەت!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 16:44:15

مەن پات پات قوشاققا قېتىلىپ قېلىندىغان بولۇپ قالدىم دىسە

خەلق ئكز قەھرىمانلىرىنى مەدھىيلەپ قوشاققا قاتىدىغان بولىدىغان

ئىزدا تارىتماي ،تارتىنماي

خەلقىمگە رەھمەت

kanat520 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 20:14:06

ھاھاھاھاھا   ئاۋۇ سول تەرەپتىكى شىلەپە كەيگەن يوغان قۇلاق جېك شۇما ؟ ھاھاھاھاھا   ، جېك ئەمدى ھېلىقى تىمىلارغا ئىنكاس يېزىشىڭىزنىڭ ئورنى قالماپتۇ .... ماۋۇ رەسىم بەك ئوبرازلىق بوپتۇ ... ھاھاھا چاغانلىق كۈلكە..........

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 21:29:18

قارىساملا كۈلۈپ سالىمەن-ھە، ئاۋۇ ھەجىۋى رەسىملەرگە

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2011-2-8 21:34:00

تىپىك 恶搞(نېمە دەيمىز بۇ گەپنى، ئېچىتىش؟) بوپتۇ. ئۇيغۇرلاردا 恶搞 يېقىندىن بېرى ئاينىپ قالغىلى تۇردى جۇمۇ، ھېلىقى توپ مۇسابىقىسى، باجىنىڭ سەرگۈزەشتىسى، ئاندىن ماۋۇ...
بەت: [1] 2 3
: مەن قەيەرگە كەپ قالدىم ؟؟؟